مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 812|ئىنكاس: 13

تاگور نەسىرلىرىدىن 10 پارچە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85453
يازما سانى: 75
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 308
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 86 سائەت
تىزىم: 2012-9-26
ئاخىرقى: 2013-11-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-6 11:43:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئاسىيالىق تالانىتلىق شائىر تاگورنىڭ نوبىل ئەدەبىيات موكاپاتىغا ئېرىشكەن ئەسىرى

گىتەنجالى

(ئىلاھىي ھاياتلىق ناخشىسى)

[ھىندىستان] رابىندىرانت تاگور (Rabhndiranath.tagore)

ئاپتۇرنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇش

رابىندىرانت تاگور (1861-1941) ھىندىستانلىق شائىر،ئەدىب،پەيلاسوپ ۋە ھىندىستانلىق مىللەتپەرۋەر.1913-يىلى نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بولۇپ،نوبىل ئەدەبىيات موكاپاتىغا ئېرىشكەن تۇنجى ئاسىيالىقتۇر.تاگورنىڭ شىئېرلىرى ھىندىستاندا كىسسىك داستانلاردەك ئورۇن تۇتىدۇ.ئۇنىڭ ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن «گىتەنجالى»،«ھىلال ئاي»،«باغ»،«قۇشلار» قاتارلىقلار بار.

مەزمۇننى قىسقىچە تونۇشتۇرۇش

«گىتەنجالى»-تاگورنىڭ 1913-يىلى نوبىل ئەدەبىيات موكاپاتىغا ئېرىشكەن ئەسىرى،«گىتەنجالى» بىنگال تىلىدا «تەقدىم ئىتىلگەن ناخشا» نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى.كىتابتا تاگورنىڭ يىنىك،راۋان قەلىمى ئارقىلىق ھاياتنىڭ ئاچچىق-چۈچۈكلىرى،رىئال تۇرمۇشنىڭ خۇشاللىق ۋە ئازاپلىرى كۆيلەنگەن،غايىۋى دۆلەتكە بولغان ئىنتىلىش،ھاياتلىققا بولغان غەمخورلۇق ئىپادىلەنگەن.ئەدىبنىڭ تىلى ئۆتكۈر،تىل يېڭىلىقى ۋە گۈزەللىكىگە ئىگە شىئېرلىرى ئۇنىڭ شىئېر بالقىغان ماھارىتىنى نامايان قىلىپ،تولۇپ تاشقان شئېرى ھىسىياتقا ئىگە ئىدىيىسىنى غەرب ئەدەبىياتىنىڭ بىر قىسىمىغا ئايلاندۇرغان.مانا بۇ 1913-يىلى نوبىل ئەدەبىيات موكاپاتىغا ئېرىششتىكى سەۋەبتۇر.

1

سەن مىنى ئاپىرىدە قىلدىڭ،سەن مۇشۇنداق قىلىپ خۇشاللىق تاپىسەن.بۇ ئاران قالغان قەدەھنى سەن تۇختىماي تۆكىسەن،قۇرۇقدايسەن،يەنە توختىماي يېڭى ھاياتلىق بىلەن تولدۇرۇپ تۇرىسەن.

بۇ-كىچىككىنە قومۇش نەي،سەن ئۇنى ئېلىپ تاغ-داۋانلاردىن ئاشىسەن،ئۇشبۇ نەيدىن ئەبەدىي كۈيلەر ئاڭلىنىدۇ.

نازۇك بارماقلىرىڭ بىلەن چالغاندا،كىچىكىنە يۈرۈكۈم چەكسىز خۇشاللىق ئىچىدە ئېرىپ،سۆز بىلەن ئىپادىلەپ بولمايدىغان ئاھاڭ تارايدۇ.

سىنىڭ چەكسىز ئىنئاملىرىڭ پەقەت مىنىڭ كىچىككىنە ئالقانلىرىمغا سىرغىيدۇ.دەۋىرى ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ،سەن يەنىلا ھەدىيە قىلماقتىسەن،لىكىن مىنىڭ ئالقانلىرىم يەنە تولدۇرۇشۇڭنى كۈتۈپ تۇرىدۇ.

2

سەن ماڭا ناخشا ئېيتىشنى بۇيرۇغان چېغىڭدا،يۈرۈگۈم ئىپتىخارلىق ئىلكىدە گويا پارتىلايدىغاندەك قىلاتتى؛مەن ساڭا قارىدىم،كۆز ياشلىرىم چاناقلىرىمدا لىغىرلاپ قالدى.

ھاياتىمدىكى بارلىق چىگىش زىدىيەتلەر يۇغۇرلۇپ شىرىن ئاھاڭغا ئايلاندى-دە،مىنىڭ كۈيلىرىم خۇشاللىق كەپتىرىگە ئوخشاش قاناتلىنىپ، پايانسىز ئوكيانغا شۇڭغۇدى.

بىلىمەن،مىنىڭ كۈيلىرىمنى ياخشى كۆرىسەن،بىلىمەن،مەن بىر كۈيچى بولۇش سۈپىتىم بىلەنلا سىنىڭ ئالدىڭغا بارالايمەن.

مەن كۈيلىرىمنىڭ پەرلەنگەن قاناتلىرى ئارقىلىق سىنىڭ بىر جۈپ پوتلىرىڭنى تاپتىم،ئەمما ئۇ چاغدا پۇتلىرىڭنى تېپىشنى خىيال قىلمىغان ئىدىم.

ناخشا ئېيتىۋىتىپ ئۆزۈمنى يوقاتتىم،سىنىڭ ئەسلى مىنىڭ تەڭرىم ئىكەنلىكىڭگە،مىنىڭ سىنىڭ دوستۇڭ ئىكەنلىكىمگە مەستۇن بولدۇم.

3

ئې تەڭرىم! سىنىڭ مەدھىيىنى قانداق ئېيتىدىغانلىقىڭنى بىلمەيمەن،ئەمما مەن ھەمىشە ھەيرانلىق ئىلكىدە تىنىچ ئولتۇرۇپ ئاڭلايمەن.

سىنىڭ مۇزىكىلىرىڭنىڭ نۇرى دۇنيانى نۇرلاندۇرىدۇ.سىنىڭ مۇزىكىلىرىڭنىڭ مۇڭى پۈتۈن ئالەمگە تارايدۇ.سىنىڭ مۇزىكىلىرىڭنىىڭ بۇلاقتەك سۈيى تۇسقۇن تاشلاردىن بالقىپ ئۆتۈپ،مەنزىل تامان تاشىدۇ.

يۈرگۈم سىنىڭ بىلەن بىرگە ناخشا ئېيتىشنى ئىستەيدۇ،لىكىن جان تالاشقاندەك ئاۋازىم چىقماي قالىدۇ.ناخشا ئېيىتماقچى بولىمەن،لىكىن سۆزلىرىم ناخشا بولماي قالىدۇ،توۋلىيالمايمەن.ئىگەم كايىمىغىن! سەن ئەسلى يۈرۈگۈمنى مۇزىكىلىرىڭنىڭ چەكسىز تورىغا مەپتۇن قىلىۋاپتىكەنسەن ئەمەسمۇ.

4

سەن مىنىڭ ھاياتىم،مەن ىنىڭ مەڭگۈ پاك بولۇشۇڭنى ئىستەيمەن،چۈنكى مەن سىنىڭ ھاياتىمنى پەپىلىشىڭ بىلەن سىنىڭ بىلەن كۆرۈشۈش پۇرسىتىگە نائىل بولدۇم.

مەن ھىسلىرىمدىن ساختا نەرسىلەرنى مەڭگۈ چىقىرىپ تاشلاشنى ئىستەيمەن،چۈنكى مەن سىنىڭ قەلبىمدىكى كۈۋەجەۋاتقان ئىدراك يالقۇنلىرىڭنىڭ ھەقىقىتىنى كۆردۈم.

مەن سۆيگۈ گۈللىرى ئارقىلىق قەلبىمدىكى بارلىق رەزىللىكلەرنى چىقىرىپ تاشلاشنى ئىستەيمەن. چۈنكى،مەن سىنىڭ قەلبىمنىڭ چۇڭقۇر يەرلىرىدە ئورۇن ئالغانلىقىڭنى بىلىمەن.

مەن بارلىق ھەركىتىمدە سىنى نامايان قىلىشنى ئىستەيمەن،چۈنكى مەن سىنىڭ ھەيۋىتىڭگە،مىنىڭ ھەركىتىم ئۈچۈن مادار بىرىدىغانلىقىڭغا ئىشىنىمەن.

5

ئارام ئېلىشىمغا رۇخسەت قىل،سىنىڭ يېنىڭدا بىردەم ئولتۇراي.قولۇمدىكى ئىشلىرىمنى سەل تۇرۇپ ئاندىن قىلاي.

سەن ئالدىمدا بولمىساڭ،ۋۇجۇدۇم نىمىنىڭ تىنىچلىق ۋە ئارام ئىكەنلىكىنى بىلمەيلا قالىدۇ،ئىشلىرىم چەكسىز ئالۋان دېڭىزىدىكى تۈگىمەس ئالۋانغا ئوخشاپ قالىدۇ.

بۈگۈن پىژغىرىم ئىسسىق مىنىڭ ئىشىكىمنى چىكىپ يىنىك شىۋىرلىدى،توپ-توپ ھەسەل ھەرىلىرى گۈللەر ئېچىلغان تەنھا كۈلبەمدە قانغۇچە مەدھىيە ناخشىلىرىنى ياڭراتتى.

6

بىر تال گۈل ئۈزۈلۈپ،ئاپپرىپ تاشلىنىپتۇ،ئۇنداق قىلمىغىن! مەن ئۇنىڭ بۇنچە بالدۇر خازان بولۇشىدىن،يەرگە تاشلىنىپ قېلىشىدىن قورقىمەن.

ئۇ سىنىڭ گۈل تاجىڭغا خوپ كەلمەسلىكى مۈمكىن،لىكىن سەن ئۇنى ئۈزۈۋەرگىن،سەن ئۇنى ئۈزگەندىكى قايغۇ-ھەسرىتىڭ ئارقىلىق ئۇنىڭغا يورۇقلۇق ئاتا قىلغىن.مەن ھىسلىرىمدىن بۇرۇن قۇياش نۇرىنىڭ غايىپ بولۇشىدىن،پارلايدىغان ۋاقىتلىرىنىڭ ئۆتۈپ كىتىشىدىن قورقىمەن.

گەرچە ئۇنىڭ رەڭگى قېنىق بولمىسىمۇ،ھىدى خۇشپۇراق بولمىسىمۇ،سەن يەنىلا ئۇنى ئىستىقامەت ئۈچۈن ئىشلەتكىن،ئۇنىڭ تاشلىۋىتىشكە يەنە ۋاقتى بارلىقىنى ئونتۇپ قالمىىن،ئۈزۈپ تاشلاۋىرىپ يەنە قولدىن بىرىپ قويمىغىن.

7

ناخشىلىرىم ئۇنىڭ گىرىملىرىنى بۇزۇۋەتتى،ئۇنىڭ كىيىم-كىچەك ۋە زىبۇ-زىننەتلىرىنىڭ ئۆڭسۆلى ئۆچتى.گىرىم بىزنىڭ ئارىمىزدىكى بىر داغقا ئايلاندى؛بۇنداق نەرسىلەر ئىككىمىزنىڭ ئارىسىنى توستى،بۇ نەرسىلەرنىڭ تاراڭ-تۇرۇڭ ئاۋازلىرى سىنىڭ نازۇك تىۋىششلىرىنى يالماپ يۈتۈپ كەتتى.

مىنىڭ شائىرانە شۆھرىتىم سىنىڭ سەرىپىڭ ئالدىدا خىجالەتتىن ئۆلدى.ئاھ مەلىكىششۇئەررا ،سەن ئاللاقاچان ئۆز پۇتلىرىڭنىڭ تۈۋىگە باش قويدۇڭ.مىنىڭ بۇ ھاياتىم ئاددى،ئەمما سادىق بىر نەيگە ئوخشايدۇ،كەل،ساڭا ئۆزۈم ياقتۇرىدىغان مۇزىكىلىرىڭنى چېلىپ بىرەي.

8

شاھانە تون ۋە ئۈنچە-مارجانلارنى ئېسىۋالغان ھېلىقى بالا ئويۇن ئويناۋاتاتتى، ئۇ توساتتىن بارلىق خۇشاللىقلىرىنى يوقاتتى؛كىيىملىرى ئۇنىڭ قەدەملىرىگە پۇت قويماقتا ئىدى.

ئۇ كىيىم-كېچەكلىرىنىڭ يىرتىلپ كىتىشىدىن قورقۇپ،دۇنياغا قەدەم قويۇشقىمۇ قۈرئەت قىلالمىدى،ھەتتا ئاددى ھەركەتلەرنىمۇ قىلىشقا پېتىنالمايتى.

ئانا،بۇنىڭ قىلچە پايدىسى يوق،ئەگەر سىزنىڭ گۈزەل لاتاپىتىڭىز ئاياقلاشقىنىدا ئىدى-ئادەملەر ۋە زىمىندىكى ساغلام تۇپراق تامام بولغان،كىشىلەر كۈندۈلۈك تۇرمۇشتەك كاتتا سەھنىگە كىرىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم بولغان بولاتتى.

9

ھەي،ئەخمەق،ئۆزۈڭنى ئۆزۈڭ كۆتۈرۋالغۇڭ كىلىۋاتامدۇ! ھۇ قەلەندەر،ئۆزۈڭنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا تىلەپ يىگىن!

سىنىڭ يۈدۈۋالغىنىڭ ئەشۇ بىر جۈپ ھەممىنى ئۈستىگە ئالالايدىغان قولۇڭدا بەربات بولغان،مەڭگۈ ھىسداشلىق قىلىشقا بولمايدىغان ئاچچىق ئەسلىمە.

سىنىڭ نەپسىڭ بارلىق ئارزۇ-ئارمانلىرىڭنى چىراق يالقۇنىغا كۈچەپ ئىتتىرىپ ئۇنى ئۆچۈردى.ئۇ ناپاك كىشىگىمۇ چۈشەندۈرۈپ بولمايدىغان قولۇڭ بىلەن سوۋغا ئالمىغىن.پەقەت مۇقەددەس مۇھەببەت بىلەن ئاتا قىلىنغان نەرسىلەرنىلا قوبۇل قىلغىن.

10

بۇ سىنىڭ كۇرسەڭ،سەن ئەڭ پېقىر،ئەڭ گاداي،بارلىق نەرسىلىرىدىن مەھرۇم بولغان ئاۋام بىلەن قانائەت تاپىسەن.

مىنىڭ ساڭا تازىم ئەتكۈم كىلىدۇ،لىكىن مىنىڭ سالىمىم سەن ئارام ئېلىپ ياتقان جاينىڭ پىھانلىرىغا  -ئەڭ پېقىر،ئەڭ گاداي،بارلىق نەرسىلىرىدىن مەھرۇم بولغان ئاۋام ئارىسىغا يىتىپ بارالمايدۇ.

سەن ئەنە شۇنداق جۇل-جۇل كىيىملەرنى كىيىپ  ،ئەڭ پېقىر،ئەڭ گاداي،بارلىق نەرسىلىرىدىن مەھرۇم بولغان ئاۋام ئارىسىدا ماڭسەن،تۇرىسەن،تۈنەيسەن،بىزنىڭ بۇ يەرلەرگە مەڭگۈ يېقىن يولىماسلىق بىلەن خاتىرجەمسەن.

سەن ئاۋۇ ھىچنىمىسى يوق بارلىق نەرسىلىرىدىن مەھرۇم بولغان كىشىلەرگە ھەمراھ سەن،تەلپۈنىمەن،لىكىن قەلبىم مەڭگۈ ئۇنداق جاينى ئىزدەپ تاپالمايدۇ.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-10-7 02:18 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85453
يازما سانى: 75
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 308
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 86 سائەت
تىزىم: 2012-9-26
ئاخىرقى: 2013-11-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-6 11:49:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ 10 پارچە نەسىرنى مەن تاگورنىڭ گىتەنجالى دىگەن كىتابىدىن تەرجخمە قىلىپ باققان،تورداشلار سەمىمى پىكىرىڭىزلەرنى بەرگەيسىز.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84867
يازما سانى: 70
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 216
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 15 سائەت
تىزىم: 2012-9-8
ئاخىرقى: 2012-12-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-7 11:23:40 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشمۇسىز . تۇرداش  ،تەرجىمە ساھەسىدە ئوتۇق قازنىشڭىزغا  تىلەكداشمەن !  داۋاملىق تىرششىڭ!مەن تاگۇرنىڭ ئەسەرلىرنى ئانچە -مۇنچە ئۇقۇپ قۇيمەن . ۇەنە تەرجىمە ئەسەرلىرىڭىزنى يۇللاپ تۇرۇشنى ئۇنۇتمغايسىز !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76946
يازما سانى: 229
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3710
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 105 سائەت
تىزىم: 2012-3-4
ئاخىرقى: 2015-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-7 03:08:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى نەسىرلەر

مەن ھامان پارتىلايمەن!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82909
يازما سانى: 3026
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 5927
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2528 سائەت
تىزىم: 2012-7-24
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-8 12:42:28 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توگورنىڭ بىر شېئىرى بارغۇ، ئۇيغۇرچىگە تەرجىمە قىلىنغان، ئۇنى سەنۇبەر تۇرسۇن ناخشا قىلىپ ئۇقاتتى، مەزمۇنىمۇ بەك ياخشىكەنتۇق ئۇ ناخشىنىڭ

باشقىلار ئادەمنىڭ تەغدىرى پىشانىسىگە پۈتۈلگەن بولىدۇ دەيدۇ،لېكىن مەن تەغدىرىمنى ئۆزۈم يېزىپ چىقىمەن !!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79364
يازما سانى: 414
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8922
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 707 سائەت
تىزىم: 2012-4-26
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-8 12:56:38 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەي تەڭرىم،خالىغان بولساڭ مىللىتىمىز ئوغۇل-قىزلىرىنىڭ تەغدىرى ۋە يۈرىكىنى بىرلەشتۈرىۋەتكىن!
                           
         (رابىندىرانات تاگور: «گىتەنجالى»دىن)

يول ئېلىنغان يەردە يولدىن ئازغىشىپ قالدىم.
بىپايان دېڭىزدا،تىنىق ئاسماندا،يولدىن ئەسەريوق. قۇشلارنىڭ قاناتلىرى،ئىمىر-چىمىر يۇلتۇزلار،يىل بويى ياشناپ تۇرىدىغان گۈل-گىياھلار يوللارنى توسۇۋالغان.

شۇڭا يۈرىكىمدىن سورىدىم:قاناتلىرىڭدا ئاشۇ غايىبانە يولنى تاپالىغۇدەك ئەقىل بارمۇ؟...


(رابىندىرانات تاگور:«مېۋىزار»دىكى  6-پارچە)


كىتابىنى يېمەيدىكەن دەپ كىتاب  قۇرتى،
ئەخمەق دەيدۇ تەئەججۈپتە ئادەملەرنى.


(رابىندىرانات تاگور:«مايقۇڭغۇزى»دىن)
                                                                                                                                    
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   baywetqe تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-10-8 01:04 AM  


مەنىۋى تەرەققيياتنىڭ ئۈچ شېخى:ئىلىم-پەن،پەلسەپە،دىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79364
يازما سانى: 414
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8922
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 707 سائەت
تىزىم: 2012-4-26
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-8 01:17:45 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
alamdarjan يوللىغان ۋاقتى  2012-10-6 11:49 PM
بۇ 10 پارچە نەسىرنى مەن تاگورنىڭ گىتەنجالى دىگەن كىتابى ...


مەيلى قانداق بولسۇن تاگورئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلىشنىڭ ئۆزى ئىنتايىن زور كۈچ سەرپ قىلىدىغان  ئەمگەك. ئەجرىڭىزگە رەھمەت،سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن!ئەگەر خاتالاشمىسام«گىتەنجالى» توپلىمى بۇنىڭدىن بۇرۇن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىپ كىتاپ قىلىپ بېسىلغانغۇ دەيمەن. تەكرار ئەمگەكتىن ساقلىنىش ئۈچۈن بۇ نۇقتىنى ئەسكەرتكىنىمنى ئەپۇ قىلارسىز.
خەنزۇچىدىن تەرجىمە قىلدىڭىزمۇ،ئۇيغۇرچىدىنمۇ؟ياكى باشقا تىلدىن؟
ئەسلىسىنى قوشۇپ يوللاش مۇمكىن بولسا تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك بولاركەن.

تاگورئەسەرلىرىنى ئۇيغۇر كىتابخانلىرىغا ئۇچراشتۇرۇش ئۈچۈن قان-تەر ئاققۇزغۇچى تەرجىمانىمىز ئەركىن ئىبراھىم ئەپەندىنىڭ  تاگور نەسىرلىرى ھەققىدىكى بايانى:

«ئۇمۇمەن تاگور نەسىرلىرى مەنىۋى مۆھتاجلىققا گىرىپتار بولغان،سەنئەتتىن مۇئەييەن دەرىجىدە زوقلىنىش سەۋىيسىگە يەتكەن ئادەمگە تاشقى دۇنيا بىلەن ئىچكى دۇنيانىڭ بىرىكىشىدىن ھاسىل بولغان تەسىرلىك مۇھىتنى ھەدىيە قىلىدۇ»    -ئەركىن ئىبراھىم(«مېۋىزار»دىن)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   baywetqe تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-10-8 01:27 AM  


مەنىۋى تەرەققيياتنىڭ ئۈچ شېخى:ئىلىم-پەن،پەلسەپە،دىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85453
يازما سانى: 75
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 308
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 86 سائەت
تىزىم: 2012-9-26
ئاخىرقى: 2013-11-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-8 12:34:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىشلىرىم ئالدىراش بوپ قېلىپ،ئىككى كۈندىن بۇيان تورغا چىقالماي قالدىم،كەچۈرگەيسىلەر،بۇ 10 پارچە نەسىرنى مەن مۇشۇ يىلى دۆلەت بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن خۇنەن نەشىرىياتى نەشىر قىلغان تاگورنىڭ كىتابى ئاساسىدا تەرجىمە قىلىپ باققان،بۇرۇن تەرجىمە قىلىنغانلىقى خاتىرەمدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتكەن ئىكەن،ئەمدى يادىمغا كىلىۋاتىدۇ،تورداشلارنىڭ ئەسكەرتكىنىڭلارغا رەھمەت.
بەلكىم مەن ئۇنىڭدىن تېخىمۇ ياخشى تەرجىمە قىلىپ چىققاندىمەن،دەپ ئويلايمەن.تەرجىمەمدە خاتالىق بولۇپ قالماسلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ مۇشۇ 10 پارچە نەسىرنىڭ خەنزۇچىسىنى كەچتە يوللايمەن.خەۋەردار بولغايسىزلەر! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   alamdarjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-10-8 12:39 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85453
يازما سانى: 75
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 308
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 86 سائەت
تىزىم: 2012-9-26
ئاخىرقى: 2013-11-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-8 12:38:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ كىتابنى خەنزۇ يازغۇچىسى بىڭ شىن خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلغان ئىكەن.مۇشۇ ئەسەر يوللاشنىڭ ئالدىدا مۇشۇ 10 پارچە نەسىرىنىڭ خەنزۇچىسىنى تەرجىمە ئىھتىياجى بىلەن كومپىيۇتېرغا ئۇرۇپ چىققان ئىدىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85453
يازما سانى: 75
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 308
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 86 سائەت
تىزىم: 2012-9-26
ئاخىرقى: 2013-11-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-8 12:42:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
baywetqe توردىشىمىزنىڭ ئىلھام بەرگىنىگە كۆپ رەھمەت،2012-يىلى دۆلەت بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن نەشىر قىلىنغان بىڭ شىن تەرجىمە قىلغان خەنزۇچە تەرجىمىسىنى ئاساس قىلىپ تەرجىمە قىلىپ باققان.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش