مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 587|ئىنكاس: 6

ئويلاشنىڭ ئالتە قالپىغى(1) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85783
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2 سائەت
تىزىم: 2012-10-6
ئاخىرقى: 2012-10-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-6 10:55:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئويلاشنىڭ ئالتە قالپىغى(1)

ئەركىن سىدىق،

2010-يىلى 1-ئاينىڭ 12-كۈنى

      دۇنياغا مەشۇر فىزىكا ئالىمى ئالبېرت ئېينىستېين (Albert Einstein، 1879-1955) مۇنداق دېگەن: «بىز ھازىرغىچە بەرپا قىلغان بۇ دۇنيا بىزنىڭ تەپەككۇرىمىزنىڭ مەھسۇلاتىدۇر. شۇڭلاشقا ئۆزىمىزنىڭ تەپەككۇرىنى ئۆزگەرتمەي تۇرۇپ، بۇ دۇنيانى ئۆزگەرتەلمەيمىز.» 19- ئەسىردە ياشىغان ئىككى قېرىنداش «William Hare» بىلەن «Charles Hare» مۇنداق دېگەن: «ئادەم بىر يەلكەنلىك كېمە، بىلىم كېمىنى ھەيدەش بولۇپ، تەپەككۇر بولسا ئاشۇ يەلكەنلىك كېمىنى ئىتتىرىدىغان شامالدىن ئىبارەتتۇر.» يېقىنقى بىر قانچە ئەسىردىن بۇيان ئۇيغۇرلار ئانچە كۆپ ئويلانمايدىغان مىللەتلەر قاتىرىدا ياشاپ كەلدى. بولۇپمۇ ياپونلۇق ۋە يەھۇدىلارغا ئوخشاش ھازىر تەرەققىي تاپقان مىللەتلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ھازىرقى ئۇيغۇرلارنى كۆپ ئويلايدىغان مىللەت ئەمەس، كۆپ ئوينايدىغان مىللەت، دەپ قاراشقا بولىدۇ. ئەمما، ئادەمنى خوشال قىلىدىغان بىر ئىش شۇكى، يېقىندىن بۇيان ھەر خىل مەسىلىلەر ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلاش، چوڭقۇر تەپەككۇر قىلىش جەھەتتە ئۇيغۇرلاردا يېڭىدىن ئويغۇنۇش ۋە زور ئىلگىرلەشلەر بولىۋاتىدۇ. كىشىلەر ھازىر ئويلاۋاتقان ۋە ئىزدىنىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ ئىچىدە مىللەتنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەقدىرىنىڭ قانداق بولىدىغانلىغى قاتارلىق چوڭ-چوڭ ئىشلارمۇ بار. ئالىي مەكتەپ ئوقۇشىدا بىر قانچە كەسىپلەر ئىچىدىن بىرنى تاللاشتەك پەقەت بىر ئادەمنىڭ ئۆز تۇرمىشى ۋە ئۆز ھاياتى بىلەنلا مۇناسىۋەتلىك بولغان، بۇنىڭدىن كېيىن مېڭىشقا بولىدىغان بىر قانچە يولنىڭ ئىچىدىن بىرىنى تاللاشتەك ئىشلارمۇ كۆپ. مەيلى بىر ئادەم بولسۇن، بىر گۇرۇپپا ئادەم بولسۇن، ياكى بىر تەشكىلات بولسۇن، مەلۇم بىر ئىش ئۈستىدە ئويلۇنۇپ، چوڭقۇر تەپەككۇر يۈرگۈزۈپ، ئاخىرىدا بىر قارارغا كېلىش، ناھايىتى مۇرەككەپ بىر جەرياندۇر. مەن ئۇيغۇر دىيارىدىكى ياشلارنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن بىر مۇۋاپىق كەسىپ تاللىۋىلىشىغا بىر ئاز ياردىمى بولسۇن ئۈچۈن، «ئومۇرلۇك كەسىپنى قانداق تاللاش كېرەك؟» دېگەن بىر يازمىنى تەييارلىغان ئىدىم. مۇشۇ يازمىنى ئەستايىدىل ئوقۇپ چىققان ياشلارنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىملىرى ئۆزلىرى ئۈچۈن بىر مۇۋاپىق كەسىپ تاللاشتا ياردەم قىلىشىمنى سوراپ ماڭا يەنىلا داۋاملىق ئېلخەت يېزىۋاتىدۇ. مانا بۇ بىر ئىش ئۈستىدە ئويلۇنۇپ قارار چىقىرىش بىر ئىنتايىن مۇرەككەپ ۋە ئىنتايىن قىيىن جەريان ئىكەنلىگىنىڭ بىر مىسالىدۇر. ھازىر ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بىر يېڭى شىركەت قۇرۇش، ئۆز شىركىتى ئۈچۈن بىر يېڭى مەھسۇلات تېپىش، بىر ياكى بىر گۇرۇپپا ئادەم ئۆزلىرىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ماڭىدىغان يولىنى ياكى يېتىدىغان نىشانىنى تاللاشقا ئوخشاش ئىشلاردا ئويلۇنۇپ قارار چىقىرىش جەريانىغا بۇرۇنقىدىن كۆپرەك ۋە كەسكىنرەك ھالدا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. ھەقىقەتەنمۇ ئۇيغۇرلار ھازىر چوڭقۇر ئويلانمىسا بولمايدىغان بىر دەۋىرگە قەدەم قويدى، دىيىشكە بولىدۇ.

      مەن يېقىندا ئۆز ئىدارەمدە ئويۇشتۇرۇلغان «ئويلاشنىڭ ئالتە قالپىغى» (ئىنگلىزچە « Six thinking hats ») دېگەن ئىككى كۈنلۇك دەرسكە قاتناشتىم. بۇ ئەسلىدە بىر پاراللېل ئويلاش ئۇسۇلى بولۇپ، غەرب ئەللىرىدە ئۇ بىر ئىلىم بولۇپ ھېساپلىنىدىكەن. بۇ پاراللېل ئويلاش ئۇسۇلىنى دوكتۇر ئېدۋورد دە بونو ئەپەندى ئۆزىنىڭ 1985-يىلى تۇنجى قېتىم نەشىر قىلىنغان «ئويلاشنىڭ ئالتە قالپىغى» دېگەن بىر كىتاۋىدا ئوتتۇرىغا قويغان. ئاپتور ئەنگلىيەدىكى ئوكسفورد (Oxford)، كامبرىج (Cambridge) ۋە لوندون ئۇنىۋېرسىتلىرىنىڭ ۋە ئامېرىكىدىكى خارۋورد (Havard) ئۇنىۋېرسىتىنىڭ پروففىسسورى بولۇپ ئىشلىگەن، ھەمدە نۇرغۇن دۇنياغا داڭلىق چوڭ شىركەتلەرگە مەسلىھەتچى بولغان. دە بونونىڭ بۇ كىتاۋى 1999-يىلى 2-قېتىم نەشىر قىلىنغان بولۇپ، شۇنىڭغىچە بولغان 14 يىل جەريانىدا دە بونونىڭ بۇ پاراللېل ئويلاش ئۇسۇلىنى IBM ، NASA ، DuPont ، NTT (ياپونىيە)، Shell ، BP ، Statoil (نورۋىگىيە)، Marzotto (ئىتالىيە) ۋە Federal Express غا ئوخشاش دۇنياغا داڭلىق چوڭ شىركەتلەرنىڭ نۇرغۇنلىرى قوبۇل قىلىپ، ناھايىتى زور ئۈنۈمگە ئېرىشكەن. مەسىلەن، مۇشۇ پاراللېل ئويلاش ئۇسۇلىنى قوللۇنىشقا باشلىغاندىن بۇيان، IBM نىڭ ھەر بىر باشلىقلار يىغىنىنىڭ ۋاقتى %75 قىسقارغان. توك چىقىرىش ۋە ئاپتوماتلاشتۇرۇش تېخنىلوگىيەسى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئابب شىركىتى بۇرۇن ھەر بىر يېڭى پروجەكت يىغىنى ئۈچۈن 20 كۈندەك ۋاقىت سەرىپ قىلىدىغان بولۇپ، دە بونونىڭ پاراللەل ئويلاش ئۇسۇلىنى قوللانغاندىن بۇيان ئۇنداق يىغىننى پەقەت ئىككى كۈندىلا تاماملايدىغان بولغان. گەرمانىيەدىكى 400،000 دىن ئارتۇق خادىمى بار، يىللىق سودىسى 60 مىليارت دوللاردىن ئاشىدىغان سىەمەنس شىركىتىدە ھازىر مەخسۇس ئۆز خادىملىرىنى ئاشۇ «ئويلاشنىڭ ئالتە قالپىغى» بويىچە تەربىيىلەيدىغانلاردىن خادىملاردىن 37 كىشى بار ئىكەن.

      ھېلىقى ئىككى كۈنلۇك كۇرۇس جەريانىدا، بىزگە مەشىق سۈپىتىدە ئىدارىمىزنىڭ ماشىنا توختىتىش ئورۇنىنىڭ يېتىشمەسلىگىدىن ئىبارەت بىر جىددىي مەسىلىسىنى ھەل قىلىش پىلانىنى تۈزۈپ چىقىش ۋەزىپىسىنى بەرگەن ئىدى، بىز ئاشۇ پاراللېل ئويلاش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ، ئىككى سائەت ۋاقىت ئىچىدە بىر مۇكەممەل پىلاننى تۈزۈپ چىقتۇق. بۇ پىلان خېلى يوقۇرى سەۋىيەلىك بىر پىلان بولۇپ چىققاچقا، بارلىق ئوقۇغۇچىلار ئۇنى رەتلەپ، دوكلاد قىلىپ تەييارلاپ، ئىدارە رەھبەرلىگىگە يوللاشنى قارار قىلدۇق. شۇنىڭدىن باشلاپ، بۇنىڭدىن كېيىن مەن ئۆزەم قاتنىشىدىغان بارلىق قارار چىقىرىش يىغىنلىرىدا ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە مۇشۇ پاراللېل ئويلاش ئۇسۇلىنى قوللۇنىش قارارىغا كەلدىم.

      دە بونونىڭ دىيىشىچە، مۇشۇ ئالتە قالپاق بويىچە ئويلاش ئۇسۇلىنى 1999-يىلىغىچە بولغان ئالدىنقى 230 يىلنىڭ ئىچىدە ئىنسانلارنىڭ تەپەككۇر قىلىش ئۇسۇلىدا يۈز بەرگەن ئەڭ مۇھىم ئۆزگىرىش، دەپ قاراشقا بولىدىكەن. مەن ئىككى كۈنلۈك دەرس ئارقىلىق مۇشۇ ئۇسۇلنى ئوگەنگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن پايدىلىق ئىكەنلىگىنى ھېس قىلدىم. شۇنىڭ بىلەن مۇشۇ يازمام ئارقىلىق بۇ ئۇسۇلنى ئۇيغۇرلارغا قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ بېرىش قارارىغا كەلدىم. ئالتە قالپاق بويىچە ئويلاش ئۇسۇلى دە بونونىڭ «ئويلاشنىڭ ئالتە قالپىغى» دېگەن 173 بەتلىك بىر كىتاۋىدا تەپسەلىي بايان قىلىنغان بولۇپ، ئىنگلىزچە بىلىدىغان ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئاشۇ كىتاپنى بىر قېتىم ئوقۇپ چىقىشىنى، شۇنداقلا ۋەتەندىكى قىزىققان قېرىنداشلارنىڭ بۇ كىتاپنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ نەشىر قىلدۇرىشىنى تەشەببۇس قىلىمەن (بۇ كىتاپ ئىنتايىن ئاددىي تىل بىلەن يېزىلغان بولۇپ، مېنىڭچە تەرجىمە قىلىش ئانچە قىيىنغا توختىمىايدۇ。(

      مېنىڭ ئالدىن ئەسكەرتىپ قويۇدىغىنىم، تۈزۈلىشى ۋە مەزمۇنى جەھەتتىن قارىغاندا ئەسلىدىكى كىتاپ ۋە ئۇشبۇ يازما بىر ئاز «قۇرۇق» بولۇپ، ئوقۇرمەننى ئاسانلىقچە چوڭقۇر جەلىب قىلالماسلىغى مۇمكىن. لېكىن بۇ ئىلىمنىڭ پايدىسى ناھايىتى زور. شۇڭلاشقا مەلۇم بىر مۇھىم ئىش توغرىسىدا قارار چىقىرىشقا ھازىر دۇچ كەلگەن ياكى كەلگۈسىدە دۇچ كېلىدىغان بارلىق شەخسلەر ۋە گۇرۇپپىلارنىڭ ئۇشبۇ يازمىنى ئەستايىدىل ئوقۇپ ئۆزلەشتۈرىۋېلىشىنى سەمىمىيلىك بىلەن تەشەببۇس قىلىمەن.

    1. ئالتە قالپاق بويىچە ئويلاش ئۇسۇلى توغرىسىدا ئومۇمىي چۈشەنچە

      غەربلىكلەرنىڭ تەپەككۇر قىلىش ئۇسۇلى توغرىسىدىكى ئاساسىي ئىدىيە بۇنىڭدىن 230 يىل ئىلگىرى گرىكلەردىن تەركىپ تاپقان بىر «ئۇچ كىشىلىك گوروھ» تەرىپىدىن لاھىيىلەنگەن بولۇپ، ئۇ بەس-مۇنازىرە تەرىقىسىدە تەپەككۇر قىلىشقا ئاساسلانغان. «سوقراتلار» دەپ ئاتالغان بۇ گوروھ دىئالېكتىكا بىلەن بەس-مۇنازىرىنى ناھايىتى يوقۇرى دەرىجىدە تەكىتلىگەن. پلاتونىڭ يازمىسىغا ئاساسلانغاندا، ئۇ قاتناشقان، بەس-مۇنازىرە تەرىقىسىدە ئېلىپ بېرىلغان دىئالوگنىڭ 80 پىرسەنتىدىن ھېچ قانداق ئىجابىي نەتىجە چىقمىغان. ئۇ چاغدىكى غەرىپلىكلەرنىڭ تەپەككۇر قىلىش ئۇسۇلى «بۇ نىمە؟» (ئىنگلىزچە «what is») دېگەن تەرىقىدە بولۇپ، بۇ سوئالنىڭ جاۋابى ئانالىز قىلىش، ھوكۈم چىقىرىش ۋە بەس-مۇنازىرە قىلىش ئارقىلىق بەلگىلەنگەن.

       ئەمما، تەپەككۇر قىلىشنىڭ پۈتۈنلەي باشقا بىر تەرىپىمۇ بار بولۇپ، ئۇ «بۇ نىمە بولالىشى مۇمكىن؟» (ئىنگلىزچە «what can be») دېگەن تەرىقىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ، ھەمدە ئۇ ئىجابىي ئويلاش، يېڭىلىق يارىتىش تەرىقىسىدە ئويلاش ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئالغا ئىلگىرلەش يولىنى لاھىيىلەش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

      بۇرۇن ياشىغان بىر ئادەم ماشىنىسىنىڭ يېرىمىنى ئاق، يېرىمىنى قارا سىرلىۋاپتۇ. ئۇنىڭ دوستلىرى ئۇنىڭدىن نىمە ئۈچۈن ئاشۇنداق غەلىتە ئىشنى قىلغانلىغىنى سورىسا، ئۇ «بۇ مەن ئۈچۈن بىر ناھايىتى ياخشى كۆڭۈل ئېچىش بولىدۇ: ھەر قېتىم مەن بىر ماشىنا ۋەقەسىگە ئۇچراپ سوتقا بارسام، ئىسپاتلىغۇچىلارنىڭ بىر-بىرىگە قارىمۇ-قارشى سۆزلىگىنىنى ئاڭلايمەن» دېگەن. بۇ بەس-مۇنازىرىدە داۋاملىق كۆرۈلۈپ تۇرىدىغان بىر ئەھۋال بولۇپ، بەس-مۇنازىرىدە ھەر ئىككى تەرەپنىڭ دىگىنى توغرا، لېكىن ئۇلارنىڭ كۆزدە تۇتقىنى مەلۇم بىر ئەھۋالنىڭ ئۆز-ئارە ئوخشاشمايدىغان باشقا-باشقا تەرەپلىرى بولىدۇ.

      ئۇنداقتا «پاراللېل ئويلاش ئۇسۇلى» دېگەن نىمە؟ ئۇشبۇ يازمىدا «پاراللەل ئويلاش ئۇسۇلى»، «ئويلاشنىڭ ئالتە قالپىغى» ۋە «ئالتە قالپاق بويىچە ئويلاش ئۇسۇلى» دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئوخشاش بىر نەرسىنى، يەنى دە بونو ئوتتۇرىغا قويغان پاراللېل ئويلاش ئۇسۇلىنى كۆرسىتىدۇ. ئويلاش ياكى تەپەككۇر قىلىش ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ئاساسىي بايلىقلىرىنىڭ بىرى، ۋە ئىنسانلارنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىقتىدارى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. ئويلاشتىكى ئاساسىي قىيىنچىلىق قالايمىقانچىلىقتۇر. ئويلاش جەريانىدا بىز نۇرغۇن ئىشلارنى تەڭلا قىلىشقا ئۇرۇنىمىز. بىر ئىش ئۈستىدە ئويلانماقچى بولغىنىمىزدا ھېسسىيات، ئۇچۇر، لوگىكا، ئۈمىد ۋە يېڭىلىق يارىتىشچانلىق قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى مېڭىمىزگە تەڭلا كىرىۋالىدۇ. بۇ خۇددى بىر مۇنچە توپنى ئاسمانغا تەڭلا ئېتىپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى تۇتىۋالماقچى بولغانلىق بىلەن باراۋەر. سىز داۋازچىلارنىڭ ئۈچ، بەش ياكى يەتتە دانە توپ ياكى باشقا بىر نەرسىنى ئاسمانغا بىردىن-بىردىن تەرتىپ بويىچە ئېتىپ، ئۇلارنى يەنە تەرتىپ بويىچە تۇتىۋالىدىغان ئويۇنلىرىنى كۆرگەن بولىشىڭىز مۇمكىن. «ئويلاشنىڭ ئالتە قالپىغى» دېگەن كىتاپتا ئوتتۇرىغا قويۇلغىنى بىر ئاددىي ئۇقۇم بولۇپ، ئاشۇ ئۇقۇم بويىچە ئىش كۆرگەندە، بىر تەپەككۇر قىلغۇچى بىر ۋاقىتتا پەقەت بىرلا ئىشنى قىلىدۇ. مانا بۇ «ئويلاشنىڭ ئالتە قالپىغى» ئۇقۈمىدىن ئىبارەتتۇر. مۇشۇ قالپاقنىڭ مەلۇم بىرسىنى كىيىش مەلۇم بىر خىلدىكى ئويلاشنى بەلگۈلەيدۇ. دە بونونىڭ كىتاۋىدا ئاشۇ ئالتە ئالتە قالپاقنىڭ ھەر بىرسىنىڭ ماھىيىتى ۋە قوشىدىغان تۆھپىسى تەسۋىرلەنگەن.

      پاراللېل ئويلاشنىڭ تۈپ ماھىيىتى شۇكى، مۇشۇ ئۇسۇل بويىچە بولغاندا، ھەر قانداق بىر ۋاقىتتا يىغىنغا قاتناشقۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئوخشاش بىر يۆنىلىشكە قارايدىغان بولۇپ، ئويلاشنىڭ يۆنىلىشىنى كۆرسىتىدىغان بەلگە ئۈچۈن باشقا كىيىدىغان «قالپاق» ئىشلىتىلگەن. تەپەككۇر قىلغۇچىلار قاراپ چىقىدىغان يۆلىنىشنىڭ كۆپ خىلى بولىدۇ. مانا شۇ ئوخشىمىغان يۆنىلىشلەر ئۈچۈن ئوخشىمىغان رەڭدىكى قالپاق ئىشلىتىلىدۇ. يەنى بۇ يەردىكى «قالپاق» بىر سىمۋولدىنلا ئىبارەت بولۇپ، ئوخشىمىغان رەڭدىكى قالپاق ئوخشىمىغان رولغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. بەزى يىغىنلاردا كىشىلەر مەخسۇس ئويلاش ئۈچۈن تەييارلانغان قالپاقلارنى كىيىۋالىدىغان بولسىمۇ، كۆپۈنچە ئەھۋالدا بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان «قالپاق» بىر خىيالىي نەرسىدىنلا ئىبارەت بولىدۇ.

      ئويلاشنىڭ ئوخشىمىغان يۆنىلىشلىرىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان قالپاقتىن جەمى ئالتە رەڭلىگى بار: ئاق، قىزىل، قارا، سېرىق، يېشىل ۋە كۆك. بۇ ئالتە قالپاق تۆۋەندىكىدەك ئويلاش يۆنىلىشىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ:

ئاق قالپاق: ئاق رەڭ نېيترال ۋە ئوبيېكتىپ كېلىدىغان بولۇپ، ئاق قالپاق ئوبيېكتىپ پاكىتلار ۋە سان-سىپىرلارغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.

قىزىل قالپاق: قىزىل رەڭ ئاچچىقلىنىشقا، غەزەپكە، ۋە ھېسسىياتقا ۋەكىللىك قىلىدىغان بولۇپ، قىزىل قالپاق مەلۇم بىر ئىش توغرىسىدىكى ھېسسىياتنى ياكى ھىسسىي كۆز-قاراشنى ئىپادىلەيدۇ.

قارا قالپاق: قارا رەڭ قايغۇلۇققا ۋە كەسكىنلىككە ۋەكىللىك قىلىدىغان بولۇپ، قارا قالپاق ئېھتىياتچانلىقنى ۋە ئەستايىدىل بولۇشنى ئىپادىلەيدۇ. ئۇ مەلۇم بىر ئىدىيەدىكى ئاجىزلىقلارنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

سېرىق قالپاق: سېرىق رەڭ يورۇق ۋە ئىجابىي كېلىدىغان بولۇپ، سېرىق قالپاق ئۈمىدۋارلىققا، ئۈمىدلىك ۋە ئىجابىي ئويلاشقا ۋەكىللىك قىلىدۇ.

يېشىل قالپاق: يېشىل رەڭ ئوت-چوپلەرنى، ئوسۇملۇكلەرنى، كۆپلۇكنى ۋە ھۇسۇللۇق ئۆسۈشنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، يېشىل قالپاق يېڭىلىق يارىتىش ۋە يېڭى ئىدىيەلەرگە ۋەكىللىق قىلىدۇ.

كۆك قالپاق: كۆك رەڭ سالقىنلىقنى ھەمدە ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان ئاسماننىڭ رەڭگىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، كۆك قالپاق كونترول قىلىش، ئويلاش جەريانىنى تەشكىللەش، ھەمدە باشقا قالپاقلاردىن مۇۋاپىق پايدىلىنىشقا ۋەكىللىك قىلىدۇ.

يەنى، «ئويلاشنىڭ ئالتە قالپىغى» دىگىنىمىز قارار قىلماقچى بولغان بىر مەسىلىگە قاراپ چىقىشنىڭ ئالتە ئوخشىمىغان تەرەپلىرىدىن ئىبارەتتۇر. ئاق قالپاق بويىچە ئويلىغان ۋاقىتتا، كىشىلەر پاكىتلارنى تىزىپ چىقىدۇ. قىزىل قالپاق بويىچە ئويلاش ۋاقتىدا كىشىلەر مەلۇم بىر ئىشقا نىسبەتەن قانداق ھېسسىياتقا كەلگەنلىگىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. قارا قالپاق باسقۇچىدا كىشىلەر بىر قارارنىڭ سەلبى تەسىرلىرى ئۈستىدە توختىلىدۇ. سېرىق قالپاق باسقۇچىدا كىشىلەر بىر قارارنىڭ ئىجابىي تەسىرلىرىنى تېپىپ چىقىدۇ. يېشىل قالپاق باسقۇچىدا كىشىلەر قىلماقچى بولغان ئىشنى ۋۇجۇتقا چىقىرىشتا پايدىلىنىشقا بولىدىغان باشقا يوللىرى ئۈستىدە توختىلىدۇ. كۆك قالپاق باسقۇچىدا بولسا گۇرۇپپا باشلىغى كىشىلەرگە شۇ ۋاقىتتا قايسى خىلدىكى ئويلۇنۇشنى ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىغىنى كۆرسۇتۇپ بېرىدۇ. قىسقىسى، مۇشۇنداق ئوخشىمىغان ۋاقىتتا بىر ئىشنىڭ ئوخشىمىغان تەرىپى توغرىسىدا ئويلۇنۇش ياكى تەپەككۇر يۈگۈزۈش، ھەر بىر ئادەمنىڭ بارلىق تەجرىبىلىرىنى ۋە ئەقلىنى ئويلاشنىڭ ھەممە يۆنىلىشلىرى ئۈچۈن ئىشقا سېلىش ئارقىلىق، ئۆز-ئارا ئالاقىلىشىش، ئويلاش ۋە قارار چىقىرىش جەريانىنىڭ ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە يوقۇرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ.

      ئويلاشنىڭ ئوخشىمىغان يۆنىلىشى ئۈچۈن ئالتە خىل رەڭنى ۋە ئالتە خىل رەڭلىك قالپاقنى ئىشلىتىشنىڭ مەلۇم ئىلمىي ئاساسى بار. مەسىلەن، سىز بىر كىشىدىن مەلۇم بىر ئىشقا نىسبەتەن قانداق ھېسسىياتتا بولىۋاتقانلىغىنى سورىسىڭىز، سىز ئۇنىڭدىن بىر سەمىمىي جاۋابقا ئېرىشەلمەسلىگىڭىز مۇمكىن. بۇنىڭ سەۋەبى نۇرغۇن كىشىلەر ھېسسىياتچان بولۇشنى، ھېسسىياتقا تايىنىپ ئىش كۆرۇشنى خاتا دەپ ھېساپلايدۇ. لېكىن «قىزىل قالپاق» دېگەن سۆز نېيترال بولىدۇ. سىز بىرسىدىن ھازىرچە بەك ئېھتىياتچان بولۇپ كەتمەسلىكنى تەلەپ قىلغانغا قارىغاندا، «ھازىرچە قارا قالپاقنى كەيمەي تۇرسىڭىز» دەپ تەلەپ قىلىش كۆپ ئاسانغا توختايدۇ. يەنى، رەڭنىڭ نېيتراللىغى سىزنىڭ باشقىلارنى ئوڭايسىزلاندۇرماي تۇرۇپ ھەر خىل قالپاقلارنى ئىشلىتىشىڭىزنى، نەسىھەت ۋە ئەيىپلەشلەرنى ئارلاشتۇرماي تۇرۇپ ئويلاش جەريانىنى مەلۇم قائىدە-تەرتىپ بويىچە ئېلىپ بېرىشىڭىزنى ئىمكانىيەتكە ئىگە قىلىدۇ. مەسىلەن، سىز تۆۋەندىكىدەك سۆزلەرنى ناھايىتى ئاسانلا قىلالايسىز:

       – ھازىر ھەممىڭلار قارا قالپىغىڭلارنى ئېلىۋەتىڭلار.

       – كېيىنكى بىر قانچە مىنۇت ئىچىدە ھەممىمىز قىزىل قالپىغىمىزنى كىيەيلى.

      تۆۋەندە مەن ئويلاشنىڭ ئالتە خىل رەڭلىك قالپىغى توغرىسىدا ئايرىم-ئايرىم توختۇلىمەن.

      (1     ئاق قالپاق

       بىر پارچە ئاق قەغەزنى ۋە بېسىپ چىقارغان بىر ۋاراق يازمىنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۇرۇپ بېقىڭ. ئاق قالپاق ئۇچۇر توغرىسىدا بولۇپ، ئۇنى ئىشلەتكەندە ھەممە ئادەم ئۆز زېھنىنى ھەر خىل مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارغا مەركەزلەشتۇرىدۇ.  سىز بېشىڭىزغا ئاق قالپاقنى كېيگەندە، تۆۋەندىكى سوئاللارغا جاۋاب تېپىشقا تىرىشىسىز:

       – بىزدە ھازىر قانداق ئۇچۇرلار بار؟

       – بىزگە يەنە قانداق ئۇچۇرلار كېرەك؟

       – بىزدە قانداق ئۇچۇرلار كەمچىل؟

       – بىز ئۆز-ئۆزىمىزدىن قانداق سواللارنى سورىشىمىز كېرەك؟

       – بىزگە زۆرۈر بولغان ئۇ ئۇچۇرلارغا بىز قانداق ئېرىشىمىز؟

       بۇ يەردە كۆزدە تۇتۇلغان ئۇچۇر توغرا-خاتالىغىنى تەكشۇرۇپ ئېنىقلىغىلى بولىدىغان ئېنىق پاكىت بىلەن سانلىق مەلۇماتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇنداقلا پىكىر ۋە ھېسسىياتقا ئوخشاش يۇمشاق ئۇچۇرلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.  ئەگەر سىز ئۆزىڭىزنىڭ ھېسسىياتىنى بايان قىلسىڭىز، ئۇ قىزىل قالپاققا تەۋە بولىدۇ.  ئەمما سىز باشقىلار تەسۋىرلىگەن ھېسسىياتنى بايان قىلسىڭىز، ئۇ ئاق قالپاققا تەۋە بولىدۇ.

     ئاق قالپاق باسقۇچىدا ئەگەر ئىككى پارچە ئۇچۇر بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان بولۇپ چىقىپ قالسا، ئۆز-ئارا مۇنازىرلىشىشكە يول قويۇلمايدۇ.  ھەر ئىككى ئۇچۇر ئوخشاش دەرىجىدە مۇامىلە قىلىنىپ، ئۇچۇرلار جۇغلانمىسىغا كىرگۇزىلىدۇ.  پەقەت بۇ ئىككى ئۇچۇردىن بىرنى تاللاشقا مەجبۇرى بولۇپ قالغاندىلا ئۇلاردىن بىرسى تالللىنىلىدۇ.

       ئاق قالپاق بىر ئويلاش جەريانىنىڭ ئەڭ دەسلىۋىدە كىيىلىدىغان بولۇپ، بۇنىڭدىن كېيىن ئېلىپ بېرىلىدىغان ئاشۇ بىر ئويلاش جەريانىنىڭ ئارقا كۆرىنىشى بولۇش رولىنى ئوينايدۇ.  ئاق قالپاقنى بىر ئويلاش جەريانىنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا چىقىرىلغان قارارلارنى باھالاپ كۆرۇش ئۈچۈن ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ.  مەسىلەن، سىزنىڭ تەكلىپلىرىڭىز ھازىرغىچە يىغىلغان ئۇچۇرلارغا ئۇيغۇن كېلەمدۇ؟

      ئاق قالپاق نېيترال كېلىدىغان بولۇپ، ئۇ شۇ چاغدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان دۇنيا ئۈستىدە دوكلات بېرىدۇ.  ئاق قالپاق يېڭى ئىدىيىلەرنى بەرپا قىلىشقا ئىشلىتىلمەيدۇ.  لېكىن ئۇنى ھازىر ئىشلىتىلىۋاتقان ياكى بۇرۇن ئىشلىتىلىپ باققان ئىدىيىلەرنى دوكلات قىلىشقا ئىشلەتسە بولىۋېرىدۇ.

      ئاق قالپاقنىڭ ئەڭ مۇھىم بىر قىسمى كەمچىل بولغان ۋە زۆرۈر بولغان ئۇچۇرلارنى تېپىپ چىقىشتىن ئىبارەت.  ئۇ سورۇلۇشقا تىگىشلىك بولغان سوئاللارنى ئېنىقلاپ چىقىدۇ.  شۇنداقلا زۆرۈر بولغان ئۇچۇرلارنى قولغا كەلتۇرۇشنىڭ ۋاستىلىرىنى تېپىپ چىقىدۇ.  ئاق قالپاق زۆرۈر بولغان ئۇچۇرلارنى تېپىپ چىقىش ۋە تىزىپ چىقىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.

     ( 2   قىزىل قالپاق

    قىزىل رەڭ ئادەمگە ئوت، ئىسسىقلىق ۋە ھېسسىياتنى ئەسلىتىدۇ.  قىزىل قالپاق باسقۇچىدا، كىشىلەرگە ئۆز ھېسسىياتى، كەيپىياتى ۋە بىۋاستە تۇيغۇسىنى ئەركىن ئىپادىلەشكە پۇرسەت بېرىلىدۇ.  بىر نورمال خىزمەت مۇزاكىرىسىدە سىزنىڭ ھېسسىياتىڭىزنىڭ ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مۇزاكىرە بىلەن ئارلىشىپ كېتىشىگە يول قويۇلمايدۇ.  بىر قارار چىقىرىش يىغىنىدا قىزىل قالپاقنى كېيگەندە بولسا، سىز ئۈچۈن ئۆز ھېسسىياتىڭىز، كەيپىياتىڭىز ۋە بىۋاستە تۇيغۇلىرىڭىزنى ئەركىن-ئازادە ئوتتۇرىغا قويۇدىغانغا بىر مەخسۇس پۇرسەت يارىتىپ بېرىلىدۇ.

     بىۋاستە تۇيغۇ نۇرغۇن ئەمىلىي تەجرىبىلەرگە ئاسانلانغان بولىشى مۇمكىن.  ھېسسىيات، كەيپىيات ۋە بىۋاستە تۇيغۇلارنى ئىپادىلەشنىڭ مۇنداق مىساللىرى بار:

     – مېنىڭچە ماۋۇ كىشى مۇشۇ ۋەزىپىگە ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدۇ.

     – مېنىڭچە بۇ ئىشتا تەۋەككۇلچىلىك بەكلا ئېغىر.

     – مېنىڭ ھېس قىلىشىمچە بۇنداق چۈشەندۈرۈش بەك مۇرەككەپ بولۇپ كېتىدۇ.

      يوقۇرقىدەك ھېسسىياتلارنىڭ پايدىسى بار. لېكىن بىۋاستە تۇيغۇنىڭ دائىم توغرا بولۇشى ناتايىن.  دۇنياغا مەشۇر ئېينىشتېيننىڭ بىۋاستە تۇيغۇسىمۇ ھېيسېنبېرگنىڭ ئېنىقسىزلىق پرىنسىپىنى ئىنكار قىلغاندا خاتا بولۇپ چىققان ئىدى.

      قىزىل قالپاقنى كىيگەندە ھەر بىر ئادەم ئۆزىنىڭ بىر قاتار ھېسسىياتىنى ئىپادىلىسە بولىدۇ. ئاشۇنداق ھېسسىياتنى ئىپادىلەشكە ئىشلىتىدىغان سۆزلەردىن مۇنداقلىرى بار:

     – مېنىڭ بۇ ئىشقا ناھايىتى يوقۇرى قىزغىنلىغىم بار.

     – مەن بۇ ئىشنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىمەن.

     – مەن بۇ ئىشقا نىسبەتەن نېيترال پوزتسىيىدە بولىمەن .

     – مەندە بۇ ئىشقا نىسبەتەن بىر ئېنىق ئىدىيە يوق.

     – مەن بۇ ئىشقا دېگەندەك ئىشەنچ قىلالمايمەن.

     – مەن بۇ ئىشقا نىسبەتەن بىر مۇرەككەپ تۇيغۇدا بولىۋاتىمەن.

     – مەن بۇ ئىش ئۈچۈن ئانچە خوشال ئەمەس.

     – مەن بۇ ئىشنى ئانچە ياخشى كۆرۈپ كەتمەيمەن.

     – مەن بۇ ئىشقا ناھايىتى ئۆچ، ۋە باشقىلار.

     ھېسسىياتنى ئىپادىلەش ئۇسۇلى ئوخشىمىغان مىللەت ۋە ئوخشىمىغان مەدىنىيەت ئۈچۈن ئوخشاش بولمايدۇ.  مەسىلەن، ياپونلۇقلار ئۆز ھېسسىياتىنى “مەن بۇ ئىش توغرىسىدا چوقۇم بىر ئويلۇنۇپ باقمىسام بولمايدۇ.” دېگەندەك سۆزلەر بىلەن مۇلايىم ئىپادىلەيدۇ. ئامېرىكىلىقلار بولسا ئۆز ھېسسىياتىنى “بۇ بىر ناھايىتى قاملاشمىغان پىكىر ئىكەن.” دېگەندەك سۆزلەر بىلەن كۇچلۇك ھالدا ئىپادىلەيدۇ.  ئۇيغۇرلاردا بولسا ئۆز ھېسسىياتىنى ئەينەن ئىپادىلىمەيدىغان ئەھۋاللار خېلىلا ئېغىر.

     قىزىل قالپاقنى كېيگەندە، ئۆز ھېسسىياتىنى چۈشەندۈرۈش ياكى ئۆز ھېسسىياتىنىڭ توغرىلىغىنى ئىسپاتلاشنىڭ ھاجىتى يوق. ئۇنىڭ ئەكسىچە، يىغىن باشقۇرغۇچى ئۇنداق ئەھۋاللارنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.  ئۇنداق قىلمىغاندا كىشىلەر پەقەت توغرا ئىكەنلىگىنى ئىسپاتلىيالايدىغان ھېسسىياتنىلا ئوتتۇرىغا قويۇپ، باشقا ھېسسىياتنى دىگىلى ئۇنىمايدۇ.  شۇڭلاشقا مۇزاكىرىنىڭ بۇ باسقۇچىدا ھەر بىر ئادەم ئۆز ھېسسىياتىنى ئەينەن ئوتتۇرىغا قويىشى كېرەك.

      قىزىل قالپاقنى بىر قارار چىقىرىش يىغىنىڭ ئەڭ ئالدىدا بىر قېتىم ۋە ئەڭ ئاخىرىدا بىر قېتىم ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ.  ئەڭ دەسلەپتە ئىشلەتكەندە قىلماقچى بولغان ئىشقا نىسبەتەن ھەر بىر ئادەم ئۆزىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ھېسسىياتىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا بولسا كىشىلەرنىڭ ھېسسىياتىدا ئۆزگىرىش بولغان-بولمىغانلىغىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

      قىزىل قالپاق دائىم بىر ئالاھىدە ئىدىيە ياكى بىر ئالاھىدە ئەھۋالغا قارىتا ئىشلىتىلىدۇ.  شۇڭا قىزىل قالپاقنى ئىشلەتكەندە، ئۇنىڭ نىمىگە قارىتا ئىشلىتىلىۋاتقانلىقى ناھايىتى ئېنىق بولىشى كېرەك.

      قىزىل قالپاق بىلىم تەلەپ قىلىدىغان ھېسسىياتلارغىمۇ قوللىنىلىدۇ. مەسىلەن:

       – مېنىڭچە بۇ ئىدىيەنىڭ خېلى زور يوشۇرۇن كۈچى بار.

       – بۇ ئىدىيە ناھايىتى قىزىقارلىق ئىكەن.

       – بۇ ئىدىيە ناھايىتى ئۆزگىچە ئىكەن.

     قىزىل قالپاقنى ئىشلەتكەن ۋاقىتتا، يىغىنغا قاتناشقۇچىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆز ھېسسىياتىنى بايان قىلىش مەجبۇريىتى بار بولۇپ، ھېچ كىمنىڭ “بىرسى ئۆتۈپ كەتسۇن” دىيىشىگە يول قويۇلماسلىغى كېرەك.  قىزىل قالپاقنىڭ مەقسىدى شۇ ۋاقىتتا مەۋجۇت بولغان ھېسسىياتنى ئەينەن بايان قىلىش بولۇپ، مەلۇم بىر ھۆكۈمنى چىقىرىشقا مەجبۇرلاش ئەمەس.

    (3   قارا قالپاق

     قارا قالپاق ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان ۋە ئەڭ مۇھىم قالپاق بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.  ئۇ ئېھتىياتچانلىق ۋە پەخەسلىككە ۋەكىللىك قىلىدۇ.  ئۇ بىزنى قانۇنسىز، خەتەرلىك، پايدا يەتكۈزمەيدىغان، ھاۋانى بۇلغايدىغان ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلارنى قىلىشتىن توسايدۇ.

      قارا قالپاق ئۆزىنى ساقلاپ قېلىش (ئىنگلىزچە «survival») قالپىغى بولۇپمۇ ھېساپلىنىدۇ.  ھەر بىر ھايۋان قايسى يىمەكلىكنىڭ زەھەرلىك ئىكەنلىگىنى، يىرتقۇچ ھايۋاننىڭ ئۆزىگە كەلتۈرىدىغان خەتىرىنىڭ ئىشارەتلىرىنى كۆرۈپ چۈشىنىدىغان بولىشى كېرەك.  بىز ئۆزىمىزنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئېھتىياتچان بولىشىمىز كېرەك.  قانداق ئىشلاردىن ساقلىنىش كېرەكلىگىنى، قايسى ھەركەتنىڭ ئۈنۈم بەرمەيدىغانلىغىنى بىلىشىمىز كېرەك.  بىز مانا مۇشۇنداق قىلىش ئارقىلىق ئۆزىمىزنى ساقلاپ قالىمىز.  ئۆزىمىزنىڭ تەسەۋۋۇرغا قانچىلىك باي بولىشىمىزدىن قەتئى نەزەر، بەزىدە بىرەر ئەخمىقانە خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويۇش بىلەن ئۆزىمىزنى پۈتۈنلەي بەربات قىلىۋىتىشىمىزمۇ مۇمكىن.

      قارا قالپاق تەنقىدىي ئويلاشنىڭ ئاساسى بولۇپ، غەرب مەدەنىيىتىنىڭمۇ ئاساسى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.  ئۇ نىمىنىڭ ئۆزىمىزنىڭ بايلىق مەنبەسىگە، بىزنىڭ سىياسىتىمىزگە، بىزنىڭ ئىستراتىگىيىمىزگە، بىزنىڭ خىزمەت ئەخلاقىمىزغا، ۋە بىزنىڭ قىممەت قارىشىمىزغا مۇۋاپىق كەلمەيدىغانلىغىنى كۆرسۈتۈپ بېرىدۇ.

      ئالتە قالپاق بويىچە ئويلاش ئۇسۇلىنىڭ بىر ئالاھىدىلىگى، قارا قالپاق كىيىلگەندە، ئويلاش جەريانىغا قاتنىشىۋاتقان ھەممە ئادەملەرگە ئەڭ يوقۇرى دەرىجىدە ئېھتىياتچان بولىدىغان ۋە ئەڭ يوقۇرى دەرىجىدە تەنقىدىي پۇزۇتسىيەدە بولىدىغان بىر ۋاقىت ياكى پۇرسەت يارىتپ بېرىلىدۇ.  ئەمما بېرىلگەن بۇ ۋاقىتنىڭ سىرتىدا بولسا ھەر بىر نۇقتا ئۈستىدە تەنقىدىي پۇزۇتسىيەدە بولۇشقا يول قۇيۇلمايدۇ.

      قىسقىسى، قارا قالپاق ئېھتىياتچانلىقنى كۆزدە تۇتىدۇ.  بىر تەكلىپ ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىپ مەلۇم بىر باسقۇچقا كەلگەندە، بىز ئۇنىڭ تەۋەككۇلچىلىگى، خەتىرى، توسقۇنلىقى، يۇشۇرۇن مەسىلىسى ۋە پايدىسىز تەرىپى ئۈستىدە ئويلۇنىشىمىز كېرەك.  بىر تەكلىپنىڭ قاراڭغۇ تەرىپى توغرىسىدا تولۇق ئويلانماي تۇرۇپ ئۇنى ئىجرا قىلىش بىر ئۇچىغا چىققان ئەخمەقلىك بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.  قارا قالپاق بىزنى خەتەر ۋە قىيىنچىلىقتىن ساقلاپ قالىدۇ.  ئۇ بىزگە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

       ( 4   سېرىق قالپاق

          سېرىق رەڭ بىزگە قۇياش نۇرىنى، ئۈمىدۋارلىقنى ئەسلىتىدۇ.  بىر تەپەككۇرچى سېرىق قالپاقنى كىيگەندە پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن بېرىلگەن تەكلىپنىڭ بارلىق پايدىلىق تەرىپىنى تېپىپ چىقىشقا، قانداق قىلغاندا بۇ بىر ئىدىيەنى ئەمىليەتكە ئايلاندۇرغىلى بولىدىغانلىغىنى ئويلاپ چىقىشقا تىرىشىدۇ.

       سېرىق قالپاقنى ئىشلىتىش قارا قالپاقنى ئىشلىتىشكە قارىغاندا سەل تەسراق.  ئادەم مېڭىسىدە بىزنىڭ خەتەردىن ساقلىنىشىمىزغا ياردەم بېرىدىغان بىر تىببىى مىخانىزم مەۋجۇت بولىدۇ.  ئەمما سېرىق قالپاق ئۈچۈن بۇنداق مىخانىزم مەۋجۇت ئەمەس.  شۇڭلاشقا كۆپ ساندىكى كىشىلەر سېرىق قالپاققا قارىغاندا قارا قالپاقنى ئىشلىتىشكە ئۇستىراق كېلىدۇ.

       بىز ئۆزىمىزدە «قىممەت سەزگۈرگىلى» نى يېتىلدۇرىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ.  بۇنىڭ مەنىسى بىز قىلغان ئىشىمىزنىڭ خەتىرىگە قانچىلىك سەزگۈر بولغان بولساق، ئۇنىڭ قىممىتىگىمۇ شۇنچىلىك سەزگۈر بولىشىمىز كېرەك، دېگەندىن ئىبارەت.  بۇنداق ئادەتنى ئەمىلىيەت جەريانىدا يىتىلدۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ.

       سېرىق قالپاقنىڭ قىممىتى ناھايىتى يوقۇرى بولۇپ، ئۇ كىشىلەرنى قىلماقچى بولغان ئىشىنىڭ قىممىتىنى بىر قېتىم دەڭسەپ كۆرۈشكە مەجبۇرلايدۇ.  بەزىدە سىز ئۈچۈن ئۇنچىۋالا قىزىقارلىق كۆرۈنمىگەن بىر ئىش ناھايىتى يوقۇرى قىممەتكە ئىگە بولۇپ چىقىپ قالىدۇ.  ئەگەر بىز قاتتىق ئىزدىنىدىغان بولساق، كىشىلەرنى ئانچە جەلپ قىلالمىغان ئىددىيىلەرنىڭ ئىچىدىنمۇ بەلگۈلۈك قىممەتكە ئىگە ئىددىيىلەر چىقىپ قالىدۇ.

       سېرىق قالپاقنىڭ لوگىكىلىق ئاساسى بولىشى، يەنى ھەر بىر ئىدىيىنىڭ قىممىتى بەلگۈلۈك ئاساسلار ئارقىلىق مۇەييەنلەشتۇرىلىشى كېرەك.  ئۇنى ئىشلەتكەندە، مۇنداق سوئاللارغا جاۋاب تېپىش كېرەك:

        * ئۇنىڭ قىممىتى نىمە؟

        * ئۇ كىم ئۈچۈن؟

        * ئۇ قانداق شارائىت ئاستىدا پايدا بېرىدۇ؟

        * ئۇنىڭ قىممىتى قانداق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ؟

        * ئۇنىڭ باشقا قىممەتلىرىمۇ بارمۇ؟

          قىسقىسى، سېرىق رەڭ قۇياش نۇرى، يورۇقلۇق ۋە ئۈمىدۋارلىقنىڭ سىمۋولى بولۇپ، سېرىق قالپاق بويىچە ئويلاش ئىجابىي ۋە پايدىلىق تەرەپلىرىنى ئويلاشنى كۆرسىتىدۇ.  خۇددىي قارا قالپاق بىر تەكلىپنىڭ سەلبىي تەرەپلىرىنى باھالاپ چىقىشنى كۆرسەتكەندەك، سېرىق قالپاق بىر تەكلىپنىڭ ئىجابىي تەرەپلىرىنى، يەنى قىممىتىنى ۋە پايدىسىنى تېپىپ چىقىشنى كۆرسىتىدۇ.

     (5   يېشىل قالپاق

       يېشىل رەڭ يېڭى يوپۇرماق ۋە يېڭى شاخلارنىڭ رەڭگى بولۇپ، ئۇ ئادەمگە زىرائەتلەرنى، ئۆسۈشنى، ۋە ئېنېرگىيىنى ئەسلىتىدۇ.  ئۇ ئادەمنىڭ ئىجاتكارلىقىغا ياكى يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.  يېشىل قالپاقنى كىيگەندە، بىز يېڭى ئىدىيىلەرنى ئىلگىرى سۈرىمىز. بىز ئۈچۈن مەۋجۇت بولغان بارلىق تاللاشلارنى ئوتتۇرىغا قويىمىز.  تەكلىپ قىلىنغان ئىدىيىلەرنى ئۆزگەرتىمىز ۋە ياخشىلايمىز.

       يېشىل قالپاقنىڭ بىر ئالاھىدىلىگى، بۇ قالپاق كىيىلگەن ۋاقىتتا، يىغىنغا قاتناشقان بارلىق كىشىلەر ئۈچۈن مۇزاكىرە قىلىنىۋاتقان ئىش ئۈستىدە مەخسۇس يېڭىلىق يارىتىش پەللىسىدە تۇرۇپ ئويلاش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىلىدۇ.  بۇ ۋاقىتتا ھەر بىر ئادەم ئۆزى ئويلاپ تاپقان يېڭى ئىدىيىلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.  ئەگەر يېڭى ئىددىيىسى بولمىسا ئاۋاز چىقارماي جىم ئولتۇرىدۇ.  ئادەتتە كىشىلەر ھېچ ئىش قىلماي جىم ئولتۇرۇشنى ئانچە خالاپ كەتمەيدۇ. شۇڭا ئۇلار ئۆزىنىڭ ئىجاتكارلىغىنى ئىشقا سېلىپ، يېڭى ئىددىيىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش يولىدا توختىماي تىرىشىدۇ.  يېڭىلىق يارىتىش تەپەككۇر قىلىشنىڭ مۇھىم بىر تەركىۋىي قىسمى بولغاچقا، يېشىل قالپاق ئويلاش قالپاقلىرىنىڭ ئىچىدە ئىنتايىن مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ.

          كىشىلەر باشقىلار ئۆزىدىن ئۈمىد قىلغان ئىشلارنى قىلىشقا بەكراق ئىنتىلىدۇ.  يېشىل قالپاق كېيىلگەن ۋاقىتتا، يىغىنغا قاتناشقان بارلىق كىشىلەردىن يېڭىلىق يارىتىش تەرىقىسىدە تەپەككۇر قىلىش ئۈمىد قىلىنغان بولغاچقا، ھەممەيلەن يېڭىلىق يارىتىشقا تىرىشىدۇ.  نەتىجىدە بۇرۇن ئۆزىنى ئانچە يېڭىلىق ياراتقۇچى ھېساپلىمايدىغان كىشىلەرمۇ بىرەر يېڭى ئىددىيىنى ئويلاپ چىقىشقا پۈتۈن كۇچى بىلەن تىرىشىدۇ.  شۇنىڭ بىلەن ئۆز-ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىمۇ كۇچىيىپ، بىر دەمدىن كېيىن ئۇلارمۇ باشقىلاردەكلا يېڭىلىق يارىتىشقا ماھىر كىشىلەردىن بولۇپ قالىدۇ.

         يېشىل قالپاق كېيىلگەندە، كىشىلەرنىڭ ھەممە مۇمكىنچىلىكلەرنى ئوتتۇرىغا قويىشىغا يول قويىلىدۇ.  مۇمكىنچىلىكنىڭ تەپەككۇر قىلىشتىكى رولى ئىنتايىن چوڭ بولۇپ، بۇنى كىشىلەر ئاسانلىقچە تونۇپ يېتەلمەيدۇ.  مۇمكىنچىلىك بولمىسا ئالغا ئىلگىرىلەش بولمايدۇ.  ئىككى مىڭ يىلنىڭ ئالدىدا جۇڭگونىڭ تېخنولوگىيەسى غەرىپنىڭكىگە قارىغاندا جىق تەرەققىي قىلىپ، ئاندىن ئۇلارنىڭ تەرەققىياتى پۈتۈنلەي توختاپ قالغان.  كۆپۈنچە كىشىلەر بۇنداق بولۇشنىڭ سەۋەبى جۇڭگولۇقلار ئىلمىي پەرەزلەرنى تەرەققىي قىلدۇرماسلىقتىن بولغان، دەپ چۈشەندۈرىدۇ.  ئىلمىي پەرەز ۋە مۇمكىنچىلىكلەر روھىي يۇمشاق دېتاللارنىڭ ئەڭ ئاچقۇچلۇق بىر قىسمى بولۇپ، ئەگەر ئۇلار بولمايدىكەن تەرەققىياتمۇ مۇمكىن بولمايدۇ.

          بىر ئىشنى ئېلىپ بېرىشتىكى قەدەم-باسقۇچلار ئۈستىدىكى تەكلىپلەرمۇ مۇشۇ يېشىل قالپاق باسقۇچىدا ئوتتۇرىغا قويىلىدۇ—“بىز ماۋۇ ئىشنى، ياكى ماۋۇ ئىشنى، ياكى ماۋۇ ئىشنى قىلالايمىز.”  قارا قالپاق باسقۇچىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بىر قىسىم قىيىنچىلىقلارمۇ مۇشۇ يېشىل قالپاق باسقۇچىدا ھەل قىلىنىدۇ.  يەنى يېشىل قالپاق باسقۇچىدا بەزى قىيىنچىلىقلاردىن ساقلىنىش ئۈچۈن بەزى ئىدىيىلەرنى ئۆزگەرتسە بولىدۇ.  يېشىل قالپاق باسقۇچىدا بۇرۇنقىدىن باشقا يېڭى ئىدىيىلەرگە بولغان ئىھتىياجنى تەشەببۇس قىلسىمۇ بولىۋىرىدۇ.

       ئەگەر يېشىل قالپاق ناھايىتى كۆپ يېڭى ئىددىيە ۋە مۇمكىنچىلىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا، يېشىل قالپاق باسقۇچىدا ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىشقا ۋاقىت يېتىشمەسلىگى مۇمكىن.  بۇنداق ئەھۋالدا قىزىل قالپاقتىن پايدىلىنىپ، مەلۇم بىر ئەھۋالغا ئەڭ ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىدىيىلەرنى تاللاپ بىكىتسىمۇ بولىدۇ.

        قىسقىسى، يېڭىلىق يارىتىش تەرىقىسىدە تەپەككۇر قىلىش مۇنداق ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

          * يېڭى ئىددىيە، يېڭى چۇشەنچە ۋە يېڭى ئۇقۇم.

          * يېڭى ئىددىيىلەرنىڭ مەقسەتلىك ھالدا ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈلىشى.

          * پايدىلىنىشقا بولىدىغان باشقا يول ۋە باشقا ئۇسۇللار.

          * ئۆزگىرىشلەر.

          * بىر مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ يېڭى ئۇسۇللىرى.

         يېڭىلىق يارىتىش دىگىنىمىز قابىلىيەتمۇ، تالانتمۇ، ياكى كىشىلىكمۇ (ئىنگلىزچە «personality»)؟  بۇ سوالنىڭ توغرا جاۋابى، يېڭىلىق يارىتىش دېگەن قابىلىيەت، تالانت ۋە كىشىلىكنىڭ بىرىكمىسىدىن ئىبارەتتۇر.  ئەگەر سىز ئۆزىڭىزنىڭ يېڭىلىق يارىتىش قابىليىتىنى ئۆستۈرۈشكە تىرىشمىسىڭىز، ئۇ پەقەت سىزنىڭ تالانتىڭىز بىلەن كىشىلىك مىجەزىڭىزگە باغلىق نەرسە بولۇپ قالىدۇ.  شۇڭلاشقا سىز ئۆزىڭىزنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىڭىزنى ئۆستۈرۈش يولىدا مەقسەتلىك ھالدا تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىڭىز كېرەك.  شۇنىمۇ ئەستە تۇتۇش كېرەككى، بەزىلەرنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى باشقىلارنىڭكىن ئۈستۈنرەك بولىدۇ. بۇ خۇددى بەزىلەر مۇز تېيىلىشتا باشقىلاردىن ئۇستۈنرەك تۇرغىنى بىلەن ئوخشاش.  ئەمما مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىلەر مەخسۇس تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىقىتىدارىنى ئۆزىنىڭ ئىھتىياجىدىن چىقالايدىغان دەرىجىگىچە ئۆستۈرەلەيدۇ.  بۇ جەھەتتە «پاراللېل ئويلاش» ئۇسۇلى ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدىغان بولۇپ، قىزىققان ئوقۇرمەنلەر مېنىڭ «ئوڭ مېڭە بىلەن سول مېڭە» دېگەن يازمامنى بىر قېتىم ئوقۇپ باقسا بولىدۇ.

       كىشىلەر قالايمىقان سۆزلەر ئارقىلىق يېڭى ئىددىيىنى ئويلاپ تېپىش ئۇسۇلىنىمۇ تېپىپ چىققان.  بۇ ئۇسۇلنى ھەر قانداق ئويلاش جەريانىدا ئىشلەتسە ئۇنۇم بېرىدىغان بولۇپ، مەلۇم بىر يىغىندا كىشىلەر يېڭى ئىدىيە تېپىشتا قىينالغان ۋاقىتتا تېخىمۇ ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ.  مەسىلەن، سىز شىركىتىڭىزنىڭ بىر رەھبەرلەر يىغىنىدا ئۆز شىركىتىڭىز ئۈچۈن بىر يېڭى مەھسۇلات ئويلاپ تاپماقچى.  بۇنىڭ ئۈچۈن سىز ئالدى بىلەن يىغىنغا قاتناشقۇچىلاردىن 20-30 دانە قالايمىقان سۆزلۈكلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى سورايسىز، ھەمدە ئۇ سۆزلۇكلەرنى بىر قەغەز تاختايغا يېزىپ چىقىسىز. بۇ سۆزلۇكلەر مۇنداق سۆزلۈكلەر بولىشى مۇمكىن: سوپۇن، كۆمۈر، بۈركۈت، چاشقان، تۆگە، تاكسى، بۇلۇت، خاتىرە، ۋاھاكازالار.  ياكى بۇ سۆزلۇكلەرنىڭ ھەممىسى ئوخشاش بىر ھەرىپ بىلەن باشلىنىدىغان بولسىمۇ بولىدۇ. مەسىلەن، بۈركۈت، بۇلۇت، بۆشۈك، بۇغداي، بوۋاق، ۋاھاكازالار.  بۇ سۆزلۈكلەر بىر تاختايغا يېزىلىپ بولغاندىن كېيىن، ھەممەيلەن ئاشۇ سۆزلۈكلەرگە قاراپ تۇرۇپ، يېڭى ئىددىيىلەرنى ئويلاپ تاپىدۇ.

    تەھرىرلىگۈچى: مەرىپەت تورى meripet.org

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-10-7 02:32 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84867
يازما سانى: 70
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 216
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 15 سائەت
تىزىم: 2012-9-8
ئاخىرقى: 2012-12-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-7 11:37:34 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇرداش ياخشمۇسىز . بىزگە تەپەككۇر تۇغرسىدا ئىسل  ھىكىمەتلەرنى  سۇۋغا قىلغنىڭزغا رەخمەت !     «بىز ھازىرغىچە بەرپا قىلغان بۇ دۇنيا بىزنىڭ تەپەككۇرىمىزنىڭ مەھسۇلاتىدۇر. شۇڭلاشقا ئۆزىمىزنىڭ تەپەككۇرىنى ئۆزگەرتمەي تۇرۇپ، بۇ دۇنيانى ئۆزگەرتەلمەيمىز!» مانا مۇشۋۇ  سۆز كۇپايە.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78095
يازما سانى: 579
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3550
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 217 سائەت
تىزىم: 2012-3-29
ئاخىرقى: 2013-5-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-7 12:07:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت سىزگە قەلىمىڭىز ھارمىغاي

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78095
يازما سانى: 579
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3550
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 217 سائەت
تىزىم: 2012-3-29
ئاخىرقى: 2013-5-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-7 12:07:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت سىزگە قەلىمىڭىز ھارمىغاي

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15527
يازما سانى: 1241
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13439
تۆھپە نۇمۇرى: 353
توردا: 5935 سائەت
تىزىم: 2010-10-28
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-7 03:27:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەپەككۇر توغرىسىدا يەنىمۇ ياخشى ئەسەرلەرنى يوللىشىڭىزنى بۇ نىڭ  خەلقىمىزنى تەپەككۇر مىللىتىگە ئايلاندۇرۇش يولىدىكى  كىچىك بىر قەدەم ،ياخشى باشلىنىش بولىشىنى ئومۇد قىلىمەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81046
يازما سانى: 68
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3814
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 205 سائەت
تىزىم: 2012-6-3
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-7 03:46:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تورداش سىزگە كۆپ رەخمەت!!!!!!!!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5565
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32172
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3370 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-7 09:59:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەپەككۇر قىلىش پىكىر قىلىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى،

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش