مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 8796|ئىنكاس: 50

خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار ۋە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74767
يازما سانى: 296
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5092
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 346 سائەت
تىزىم: 2012-2-4
ئاخىرقى: 2013-8-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-6 01:22:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار ۋە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار

  23-نويابىر،سەيشەنبە،ھاۋا تۇتۇق.

  بېيجىڭنىڭ سوغۇق شاماللىق كۈنلىرى باشلاندى.ھەممە يەرنى ھەريان ئۇچۇپ يۈرگەن سارغايغان غازاڭلار قاپلىدى.ئوقۇشۇم بىر ئىزدا كېتىۋاتىدۇ.ئەتراپىمدىكى ئوقۇش موھېتىغا دېققەت قىلغانچە، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بىلەن خەنزۇ ئوقۇغۇچىلارنى سېلىشتۇرىدىغان بولۇپ قالدىم.ئۇلارنىڭ پەرقى،ئارتۇقچىلىقى ۋە كەمچىلىكلىرى،ئۈگىنىدىغان تەرەپلىرىنى ئۆزەمچە يەكۈنلەپ چىقتىم.

  خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار كىچىكىدىن باشلاپ مۇنتىزىم، سىستېمىلىق،ئەتراپلىق،قاتتىق سۆڭەكلىك بىلەن ئۈگىنىش ئادىتىنى،قاتتىق تۈزۈم ئىچىدە ياشاش ئېرادىسىنى يېتىلدۈرگەن.كۆپ قىسىملىرى ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى،دەرىستىن سىرتقى كۇرۇس،كۈچەيتمە تەكرار سىنىپلىرى،كومپىيۇتىر قاتارلىق ۋاستىلەرنىڭ ئىمكانىيىتىدە پۇختا ئۈگىنىش ئاساسىغا ئىگە بولغاچقا،دەرسلەرنى ئۆزلەشتۈرىشى ياخشى،تەبىئىي پەن ئاساسى پۇختا كېلىدىكەن.ئۇنىڭ ئۈستىگە،ئۆز ئانا تىلى خەنزۇ تىلىدا ئوقۇيدىغان بولغاچقا،ئالىي مەكتەپتە ئانچە قېينىلىپ كەتمەيلا دەرسلەرنى ئېلىپ كېتىدىكەن.

  خەنزۇ ئوقوغۇچىلار ئىنتايىن ئىرادىلىك، ۋاقىت قارىشى كۈچلۈك بولۇپ،قىلچە بوشىشىپ قالماي،كېچە-كۈندۈز ئۈگىنىدىكەن.ئەتتىگەن سائەت بەشتىن تارتىپ،كېچە سائەت بىرلەرگىچە مەكتەپلەرنىڭ ھەممىلا يېرىدە جىددى ئۈگىنىش قىلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى كۆرگىلى بولىدىكەن.مەيلى تاماق يەۋاتقان بولسۇن،ئاپتۇبوستا كېتىۋاتقان بولسۇن قولىدىن كىتاب، ماتېرىيال چۈشمەيدېكەن.ۋاقىتنى ئىنتايىن قەدىرلەيدىكەن.

  خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار ناھايىتى ئاڭلىق، ئىنتىزامچان بولۇپ، مەدەنىيەتلىككە ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىدىكەن.مەكتەپنىڭ قائىدە تۈزۈملىرىگە،جامائەت ئەخلاقىغا، كىشىلىك مۇناسىۋەتكە قاتتىق رىئايە قىلىدىكەن.ھاراق شاراپ ئىچىدىغان،ۋارقىراپ-جاقىرايدىغان،جىدەل چىقىرىدىغان ئىشلارنى ئاساسەن سادىر قىلمايدىكەن.جىمچىت ھالدا ئۆز ئىشى بىلەن مەشغۇل بولۇپ،ئارتۇقچە ئىشلارغا ئارلاشمايدىكەن.

  نەزەر دائىرىسى كەڭ، بىلىم قۇرۇلمىسى پۇختا ، ئەتراپلىق ئىكەن.ئۇلارنىڭ گېزىت ژورنال،ئىنتىرنىت تورى،ھەرخىل ئەھمىيەتلىك پائالىيەتلەرگە داۋاملىق قاتنىشىپ تۇرغاچقا،ئىجتىمائىي بىلىمى، جەمىيەت بىلىمى بىرقەدەر ئەتراپلىق ئىكەن.دۇنيا ۋەزىيىتى،دۆلەت ئەھۋالى ،ھەرخىل ئىقتىسادى،ئىجدىمائىي مەسىلىلەر ھەققىدە چوڭقۇر بىلىمگە ئىگە ئىكەن،ئەتراپلىق مۇلاھىزە يۈرگۈزەلەيدىكەن.

  مەن ئۇلاردا مۇنداق كەمچىلىكلەرنى ھىس قىلدىم:ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى يالغۇز پەرزەنت،ئائىلىدە ئەتىۋارلىنىپ چوڭ بولغان بولغاچقا،جاپاغا چىداش ئىرادىسى،سىناقلارغا بەرداشلىق بېرىش كۈچى ئاجىز،ئەركە،ئۆزۈمچىل،شەخسىيەتچى،ھەققانىيەت تۇيغۇسى كەمچىل كېلىدىكەن.ئۇلار ئۆزىگىلا پۇختا ئىكەنكى، كوللىكتىپنىڭ،ئەتراپتىكى موھىتنىڭ نىمە بولىۋتقانلىقىغا ئانچە پەرۋا قىلمايدىكەن.يېنىدا ئىككى ئادەم ئۇرىشىۋاتسا ،پەرۋاسىز تۇرۇپ تاماشا كۆرىدىكەن.بىر ئادەم ھادىسىگە،قىيىنچىلىققا ئۇچرىسا<<ئۆزۈمگە ئاۋارچىلىق تېپىۋالماي>>دەپ كۆرمەسكە سالىدىكەن.

  خەنزۇ ئوقۇغۇچىلاردا يۇرت،قېرىنداشلىق مۇھەببىتى،ئەنئەنە ئۆرۈپ ئادەت،ئەدەپ-ئەخلاق قارىشى قاتارلىقلار ناھايىتى سۇس ئىكەن. بېيجىڭ ئونۋىرسىتىتىدا ئوقۇۋاتقان بىر ئۇيغۇر قىز ئوقۇغۇچى خەنزۇ ياتاقداشلىرى ھەققىدە مۇنۇلارنى سۆزلەپ بەردى:<<ماڭا ئاتا-ئانامدىن ،ئائىلەمدىن تېلىفۇن كەلسە،ئىنتايىن خوشال بولۇپ ، ئۇلار بىلەن قانماي مۇڭدېشىپ كېتىمەن.خەنزۇ ساۋاقداشلىرىم بولسا ، ئائىلىسىدىكىلەردىن تېلېفۇن كەلسە سوغۇقلا مۇئامىلە قىلىدۇ.<پۇل ئەۋەتمېدىڭلار> دەپ دوق قىلىدۇ.ھەتتا بەزىلىرى <ئادەمنى ئاۋارە قىلىپ تېلېفۇن ئۇرىۋېرىدېكەنسىلەر > دەپ ئاچچىقلىنىدۇ. بىر كۈنى بىر ياتاقدېشىم تېلېفۇندا سۆزلېشىپ بولۇپلا ، مىشىلداپ يىغلاپ كەتتى. مەن ئائىلىسىدە بىرەر ئىش بولغان ئوخشايدۇ دەپ سورىسام،ئۇنىڭ ئۆيىدىكى ئامراق مۆشىكى ئۆلۈپ قاپتۇ.ئەسلىدە شۇنىڭغا يىغلىغانىكەن! ئادەمنى ئەڭ ئەپسۇسلاندۇرىدىغىنى ئۇلار ئوغۇل دوسلىرىنى قىلچە ھېيىقماستىن ياتاققا ئېلىپ كىرىپ،بىللە قونىۋىرىدۇ.كۆپىنچە قىز ئوقۇغۇچىلار تاماكا چېكىدۇ،ھەممىسىنىڭ دېگۈدەك ئوغۇل دوستى بار.>>

  مەن يەنە خەنزۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ چەت ئەلگە پۇتۈن نىيىتى بىلەن ئىنتىلىدىغانلىقىنى،پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن چەت ئەلگە چىقىشقا تىرىشىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ قالدىم.ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى بىلىم ئىگەللەشنى مەقسەت قىلسىمۇ، بىر قىسىملىرى شۇ يەردە قېلىپ ياخشى شارائىتقا ئېرىشىشنى ئويلايدىكەن.

  ئاپتۇر بۇ كۈندىلىك خاتىرىنى يازغىلى ئارىدىن بىر نەچچە يىل ئۆتۈپ كەتتى. بىزنىڭ مىللىتىمىز بۇلارنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى قوبۇل قىلىۋاتامدۇ ياكى كەمچىلىكلىرىنى قوبول قېلىۋاتامدۇ دېگەننى ئويلاپ باقساق بولىدۇ.

  خوش،ئەمدى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارچۇ؟ ئەڭ ئالدى بىلەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئەقىللىق ، زېھنى ئۆتكۈر، كاللىسى ئوچۇق،چېچەنلىكى بىلەن خەنزۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ، ساۋاقداشلىرىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىپتۇ.ئۇلار ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئانا تىلىدا ئوقۇغان بولسىمۇ، خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار بىلەن خەنززۇ تىلىدىكى دەرىسلەرنى تەڭ ئۆزلەشتۈرۈپ ماڭىدىكەن، ھەتتا بەزىلىرى سىنىپتا ئالدىنقى قاتاردىكى ئوقۇغۇچىلاردىن بولۇپ قالىدىكەن.ئىنگىلىز تىلىنىمۇ ناھايىتى تېز سۈرئەتتە ئۆگىنىپ بولىدىكەن.بۇ تەرىپىگە خەنزۇ ئوقۇغۇچىلارمۇ قايىل ئىكەن.

  ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ شارائىتقا ماسلىشىشچانلىقى كۈچلۈك،ئاكتىپ،جۇشقۇن،كۆڭلى كۆكسى كەڭ ئىكەن.خېلى ئېغىر قىيىنچىلىقلارنى ، ئىقتىسادى بىسىملارنى ۋايسىماي يېڭىپ كېتىدىكەن.ھەرخىل پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتتىشىدىكەن.سودا،مۇستەقىل ئېگىلىك تىكلەش ئېڭى گەۋدىلىك بولۇپ،ئازراق تىل ئۈگىنىۋالسىلا ھەرخىل كۇرۇسلارنى ئېچىپ ياكى دەرىستىن سىرتقى ۋاقىتلاردا ئاشخانىلارغا ياردەملىشىش دېگەندەك ئىشلارنى قىلىپ ئىقتىسادىنى كاپالەتكە ئېگە قىلىدىكەن.

  بىر-بىرىگە مىھرىبان، ھەققانىيەت تۇيغۇسى كۈچلۈك بولۇپ،باشقىلار قىيىنچىلىققا ئۇچرىسا ، تەشەپبۇسكارلىق بىلەن ياردەم بېرىدىكەن.يۇرت،قېرىنداشلىق مۇھەببىتى چوڭقۇر ئىكەن.

  ئەدەبىيات-سەنئەت، مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىدىكى تەبىئي تالانتى بىلەن ئۆزلىرىنى تونۇشقا ماھىر ئىكەن.

  خوش، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەجەللىك ئاجىزلىقى ھاراق ئىچىپ جىدەل چىقىرىدىغان،ھورۇن،يېرىم يولدا بەل قويىۋىتىدىغان،شارائىتتىن چوڭ ئۈمىد كۈتىدىغان تەرەپلەردە ئىپادىلىنىدىكەن.بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار ئالىى مەكتەپكە يېڭى كەلگەندە ناھايىتى قىزغىنلىق بىلەن ئۈگىنىدىكەنىيۇ،خەنزۇ ئوقۇغۇچىلارغا يېتىشەلمەي قالسىلا،<<بولدىلا،مەن بەرىبىر ئۇلار بىلەن تەڭ بولالمايدىكەنمەن>> دەپ ئۆزىنى تاشلىۋىتىدىكەن.ئۆزلىرىنىڭ باشقىلارغا تەغدىم قىلغىنى بىلەن ھېساپلاشمايدىكەنىيۇ،ھە دەپ ھۆكۈمەتنىڭ مەكتەپنىڭ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزلىرىگە بەرمىگىنىدىن نارازى بولىدىكەن.بىر ئەۋزەل شارائىتتىن پايدىلىنىشنىڭ ئورنىغا ،يوق نەرسىلەرنى تەما قىلىدىكەن.<<مەكتەپ كۆڭۈل بۆلمەيدۇ،مۇئەللىمنىڭ كارى يوق،دەرس بەك ئېغىر،تۈزۈملەر بەك بوش>>دېگەندەك يوقىلاڭ باھانىلەرگە يۈكلەپ،ئۆزىنىڭ ئارقىدا قالغانلىقىنى مەلۇم ئاساسقا ئېگە قىلماڭچى بولىدىكەن.بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار ناھايىتى ھورۇن بولۇپ،چۈشكىچە دەرسكە چىقماي ئۇخلايدىكەن، دەرس ئۈگىنىش تېخى خوش ياقمايدىكەن.كېچىلەپ ھاراق ئىچىپ ياتمايدىكەن.

  ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەرخىل قائىدە يۇسۇن ئارتۇق ئىشلىرى تولا بولۇپ، يوقىلاڭ ئىشلار ئۈچۈن نۇرغۇن ۋاقتىنى سەرپ قىلىۋىتىدىكەن.

  ئۈگىنىش جەھەتتە ئىجدىمائىي پەنلەردە ياخشى،تەبىئىي پەن ئاساسى ئاجىز،ئىزچىل تۈردە بېسىپ ئولتۇرۇپ ئۈگىنىش ئادىتى يېتىلمىگەن.كىتابى بىلىمى مول،جەمئىيەت بىلىمى ئاجىز ئىكەن.

       ئۆمەرجان سىدىقنىڭ <<بەرگەن ۋەدىمىز ۋەدە>> دېگەن كىتابىدىن ئۈزۈندە...( فىليەتۇن ۋە ئەدەبىي خاتىرىلەر)

25.gif

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74767
يازما سانى: 296
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5092
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 346 سائەت
تىزىم: 2012-2-4
ئاخىرقى: 2013-8-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-6 10:54:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بېيجىڭدا ئوقىۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا باھا

hekmat-uyghur بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-7 12:32:08 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6916
يازما سانى: 99
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9358
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 103 سائەت
تىزىم: 2010-8-19
ئاخىرقى: 2015-2-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-7 12:49:04 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇرلىرىمىز ئەسلىدىن ھەرقانداق بىر مىللەت تەرپىدىن ئىتراپ قىلىنىدىغان مىللەت ئىدى
بىراق بەزى بىر قىسىم ئاتالمىش مەدەنىيەتشۇناسلىرىمىز تەرىپىدىن ئاز تولا  ھاقارەتلەرگە قالدى
باشقىلارنىڭ ئىلغار مەدەنىيەتلىرىنى قوبۇل قىلىش ئەلۋەتتە دەۋىرنىڭ ئىھتىياجى  بىراق  بەزى كىشىلىرىمىز مەدەنىيەت دىگەن بۇ ئۇقۇمنى كىڭەيتىۋەتتى يامىنىمۇ مەدەنىيەت ياخشىسىمۇ مەدەنىيەت
مەيلى قانداقلا بولسۇن باشقىلاردىكى ئىلغارلىقلارنى قوبۇل قىلىشىمىز  شۇنداقلا شۇلادىن قوبۇل قىلغىنىمىزغا ئوخشاش ئۆز مىللىتىمىزدىكى باشقىلاردا بوپ باقمىغان خاس مەدەنىيەتلەر نى تونۇتۇپ شۇلارغىمۇ سىڭدۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىشىمىز كىرەك
باشقىلاردىن ئۈگەنگەن بىلەنلا تونۇلۇپ بولماس باشقىلارغا ئۆزىنى ۋە ئۆز خاسلىقىنى تونۇتالىغاندىلا ھەقىقى تونۇلغىلى بولىدۇ

ئەقىللىق كىشىلەر ئۈچۈن ئۆلۈم ئەڭ ياخىشى نەسىھەتتۇر..

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74767
يازما سانى: 296
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5092
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 346 سائەت
تىزىم: 2012-2-4
ئاخىرقى: 2013-8-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-7 12:49:05 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسلىدە بۇ ئەسەرنىڭ بېشى باتتى، لىكىن بېشىنى قېتىپ يوللىسام باشقۇرغۇچىلار تەستىقلىمەپتۇ.ئامالسىزلىقتىن بېشىنى كېسىپ ئېلىۋىتىپ ئاخىرىنى يوللىدىم.ئەسەر بېشىدا ئۇ يەردە ئوقۇۋاتقان خەنزۇ ئوقۇغۇچىلارنىمۇ باھالاپ يېزىپتىكەن. ئەسلى تېمىسى‹‹خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار ۋە ئۇيغۇر ئوقۇچىلار››ئىدى.
مەن ئۇلارنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى ئىنكاس شەكلىدە ئەۋەتىپ قوياي.
خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار كىچىكىدىن باشلاپ مۇنتىزىم، سىستېمىلىق،ئەتراپلىق،قاتتىق سۆڭەكلىك بىلەن ئۈگىنىش ئادىتىنى،قاتتىق تۈزۈم ئىچىدە ياشاش ئېرادىسىنى يېتىلدۈرگەن.كۆپ قىسىملىرى ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى،دەرىستىن سىرتقى كۇرۇس،كۈچەيتمە تەكرار سىنىپلىرى،كومپىيۇتىر قاتارلىق ۋاستىلەرنىڭ ئىمكانىيىتىدە پۇختا ئۈگىنىش ئاساسىغا ئىگە بولغاچقا،دەرسلەرنى ئۆزلەشتۈرىشى ياخشى،تەبىئىي پەن ئاساسى پۇختا كېلىدىكەن.ئۇنىڭ ئۈستىگە،ئۆز ئانا تىلى خەنزۇ تىلىدا ئوقۇيدىغان بولغاچقا،ئالىي مەكتەپتە ئانچە قېينىلىپ كەتمەيلا دەرسلەرنى ئېلىپ كېتىدىكەن.
  خەنزۇ ئوقوغۇچىلار ئىنتايىن ئىرادىلىك، ۋاقىت قارىشى كۈچلۈك بولۇپ،قىلچە بوشىشىپ قالماي،كېچە-كۈندۈز ئۈگىنىدىكەن.ئەتتىگەن سائەت بەشتىن تارتىپ،كېچە سائەت بىرلەرگىچە مەكتەپلەرنىڭ ھەممىلا يېرىدە جىددى ئۈگىنىش قىلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى كۆرگىلى بولىدىكەن.مەيلى تاماق يەۋاتقان بولسۇن،ئاپتۇبوستا كېتىۋاتقان بولسۇن قولىدىن كىتاب، ماتېرىيال چۈشمەيدېكەن.ۋاقىتنى ئىنتايىن قەدىرلەيدىكەن.
  خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار ناھايىتى ئاڭلىق، ئىنتىزامچان بولۇپ، مەدەنىيەتلىككە ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىدىكەن.مەكتەپنىڭ قائىدە تۈزۈملىرىگە،جامائەت ئەخلاقىغا، كىشىلىك مۇناسىۋەتكە قاتتىق رىئايە قىلىدىكەن.ھاراق شاراپ ئىچىدىغان،ۋارقىراپ-جاقىرايدىغان،جىدەل چىقىرىدىغان ئىشلارنى ئاساسەن سادىر قىلمايدىكەن.جىمچىت ھالدا ئۆز ئىشى بىلەن مەشغۇل بولۇپ،ئارتۇقچە ئىشلارغا ئارلاشمايدىكەن.
  نەزەر دائىرىسى كەڭ، بىلىم قۇرۇلمىسى پۇختا ، ئەتراپلىق ئىكەن.ئۇلارنىڭ گېزىت ژورنال،ئىنتىرنىت تورى،ھەرخىل ئەھمىيەتلىك پائالىيەتلەرگە داۋاملىق قاتنىشىپ تۇرغاچقا،ئىجتىمائىي بىلىمى، جەمىيەت بىلىمى بىرقەدەر ئەتراپلىق ئىكەن.دۇنيا ۋەزىيىتى،دۆلەت ئەھۋالى ،ھەرخىل ئىقتىسادى،ئىجدىمائىي مەسىلىلەر ھەققىدە چوڭقۇر بىلىمگە ئىگە ئىكەن،ئەتراپلىق مۇلاھىزە يۈرگۈزەلەيدىكەن.
كەمچىلىكلىرىنى ئەۋەتمىسەممۇ بولىدىغان ئوخشايدۇ قارىغاندا.ئۇلارنىڭ كەمچىلىكلىرى ھەممىمىزگە ئايانغۇ.
ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى يالغۇز پەرزەنت،ئائىلىدە ئەتىۋارلىنىپ چوڭ بولغان بولغاچقا،جاپاغا چىداش ئىرادىسى،سىناقلارغا بەرداشلىق بېرىش كۈچى ئاجىز،ئەركە،ئۆزۈمچىل،شەخسىيەتچى،ھەققانىيەت تۇيغۇسى كەمچىل كېلىدىكەن.ئۇلار ئۆزىگىلا پۇختا ئىكەنكى، كوللىكتىپنىڭ،ئەتراپتىكى موھىتنىڭ نىمە بولىۋتقانلىقىغا ئانچە پەرۋا قىلمايدىكەن.يېنىدا ئىككى ئادەم ئۇرىشىۋاتسا ،پەرۋاسىز تۇرۇپ تاماشا كۆرىدىكەن.بىر ئادەم ھادىسىگە،قىيىنچىلىققا ئۇچرىسا<<ئۆزۈمگە ئاۋارچىلىق تېپىۋالماي>>دەپ كۆرمەسكە سالىدىكەن.
ئاخىرىنى ئۆزەڭلا تېپىۋىلىڭلار

پەقەت ئارزۇيۇم ئۈچۈن ياشايمەن!

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60399
يازما سانى: 861
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 1737
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 3114 سائەت
تىزىم: 2011-10-14
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-7 12:58:06 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئۈمەرجان سادىق چوغلان ئاكىنىڭ يازمىسىمۇ ؟ تازا بىرتەرەپلىمە بولۇپ قاپتۇ ، يۈزەكى قاراشلار ، بىرتەرەپمىلىك كۆپ بولۇپ كىتىپتۇ.

بۇلبۇللار تۇتقىن بولدى يۇرتنى بۇلغىدى قاغا ،
كىم بولسا ۋەتەنپەرۋەر بىر كۈن ئىسىلۇر دارغا .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74767
يازما سانى: 296
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5092
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 346 سائەت
تىزىم: 2012-2-4
ئاخىرقى: 2013-8-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-7 01:04:04 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
esyankar75 يوللىغان ۋاقتى  2012-10-7 12:58 AM
بۇ ئۈمەرجان سادىق چوغلان ئاكىنىڭ يازمىسىمۇ ؟ تازا بىرت ...

ھەئە، ئۇ بېيجىڭدا بىلىم ئاشۇرۇش جەريانىدا كۈندىلىك خاتىرە شەكلىدە يېزىپتىكەن.مەنچە بولغان چاغدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ خارەكتىرىنى ياخشى يورۇتۇپ بېرىپتۇ دەپ قارىدىم.لىكىن سىز نىمىگە ئاسەسەن بۇنداق دېدېگىز بۇنى بىلمىدىم،ئەسكەرتىش بىرگەن بولسىڭىز،ئاساسىڭىزنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باقسىڭىز ...

يەزر=ئۇيۇش=ئۇيغۇر!

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36940
يازما سانى: 1875
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4862
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2047 سائەت
تىزىم: 2011-4-8
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-7 01:10:24 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يۇقۇردا  دىيىلگەن  كەمچىللىكلەرنىڭ تۈزىلىشى تەس  ،   بۇ بىرخىل يامىراپ كەتكەن جەمىيەت ھادىسىسى ،  مەلۇم بىركىشىنىڭ  نۇقۇل كەمچىللىكى ئەمەس ، بۇنىڭغا يا بىر تۇتاش مائارىپ تۈزۈلمىسىدىن  يابولمىسا   پۈتكۈل ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ چوڭ كۈلەملىك  ھەركەتكە كىلىشىدىن چىقىش يۇلى تېپىش مۇمكىن .

مائارىپ تۈزۈلمىسىنىڭ ئۆزگىرىشىدىن ئۈمىد يوق ، شۇڭا  ئاتا ئانىلارنىڭ ۋاستىلىك باشقۇرۇشى بەكراق ئۈنۈم بىرەمدىكىن .

لىكىن بۇنداقتا ئىككى بۈلەك ئۇقۇغۇچىلار مەيدانغا كىلىدۇ ، بىر بۆلىكى ئاتائانىسىغا ۋاپاسى يوق ، بىر بۆلىكى مىھىرلىك ھەم ۋاپاسى بار ....كەينىدىكىسى مىللەتكە تۆۋرۈك بۇلالايدىغانلار دۇر.

ئۈلپىتىڭ قاغا بولسا يىيىشىڭ پوق !

پەقەت ئارزۇيۇم ئۈچۈن ياشايمەن!

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60399
يازما سانى: 861
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 1737
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 3114 سائەت
تىزىم: 2011-10-14
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-7 01:33:59 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
qidax يوللىغان ۋاقتى  2012-10-7 01:04 AM
ھەئە، ئۇ بېيجىڭدا بىلىم ئاشۇرۇش جەريانىدا كۈندىلىك خ ...

تىما قىلىپ يوللىغان بۆلەكتە ، ئاپتۇرنىڭ دىمەكچى بولغىنى مىنىڭچە ‹‹نەيزە بىلەن قالقان›› دىگەن مەسەلگە ئوخشاپ قاپتۇ ، ئۇنداق ئاجىزلىق كۆپ ئوقۇغۇچىلاردا ئاپتۇر باشتا ئىيتىپ ئۆتكىنىدەك ئۇنداق ئارتۇقچىلىلارنىڭ تىپىلىشى تەس ، ھەممىسى قىسمەنلىككە ئىگە ئەمدى ئىنكاس شەكىلدە يوللانغىنىغا قارىساق خەنزۇ ئوقۇغۇچىلارنى ھەددىدىن زىيادە ماختىۋېتىپتۇ ، ئەھۋال ھەرگىزمۇ ئاپتۇردىگەندەك ئەمەس ،
ئاددىيسى ئۇلارنىڭ تولۇق ئوتتۇرا، تولۇقسىز سىنىپلىرى دەرىستە ياخشى ،ياخشى ئەمسلىكىگە قاراپ بۆلىنىپ كەتكەن ، كوزىر سىنىپتكى نەتىجىسى ئەڭ تۆۋەن بالا ئادەتتىكى سىنىتىكى ئەڭ ئۇستا بالىدىن ئۇستا بولىدۇ،ھىسابلاپ باقساق ئۇلارنىڭ ئۇلارنىڭ بىر يىللىقتا 10 ~30غىچە سىنىپى بار ، بىر يىللىقتە كوزىر سىنىپتىىن2~5 كىچە بولىدۇ ئەمدى بۇلارنىڭ نىسپىتىنى سىلىشتۇرۇپ باقساقلا بولىدۇ ، ئالىي مەكتەپ ئىنتىھانىدا يۇقىرى نۇمۇر ئالىدىغانلىرى كۆپ بولسىمۇ ئۇمۇمىي بالىغا نىسپەتلەشتۈرسەك ھىس قىلىمىز .
ئالىي مەكتەپكە كەلسەك ،كومپىيىتىر ئويۇننىڭ ئىچىگە كىرىپ كەتكەنلىرى ئىنتايىن كۆپ ، ئۇلار تولۇق ئوتتۇرىدا بەك بىسىم ئىچىدە ئوقۇغاچقا ئالىي مەكتەپكە چىقىپ ئۆزىنى بەكلا تاشلىۋىتىدۇ ، ئاددىي مىسال بىزنىڭ سىنىپتا ئالىي مەكتەپ ئىنتىھانىدا ماتىماتىكىدا 100 دىن يۇقىرى نۇمۇر ئالغانلار ئىنتايىن كۆپ لىكىن ئالىي مەكتەپتىكى مەۋسۇملۇق ئىنتىھاندا 20دىن تۆۋەن ئالغان خەنزۇ ئوقۇغۇچىلارمۇ ئىنتايىن كۆپ ،ئۇلار ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا قارىغاندا ھەقىقەتەن ئۇچۇرلىشىشى يۇقىرى (ئىقتىسادىي ئامىل) لىكىن پىكىر قىلىشى مىنىڭچە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا يەتمەيدۇ  كىچىككىنە بىر نەرسە يازسىمۇ بەيدۇغا چىقىپ كۆچىرىدۇ، يەنە مەدەنىيەت جەھەتتە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن خىلىلا ئارقىدا ، چۈنكى ئۇلار تازلىققا بەكلا ئەھمىيەت بەرمەيدۇ ، ئاشخانىلاردىمۇ ، سىنىپلاردىمۇ بۇرنىغا قەغەز تۇتۇپ مىشقىرىدۇ ،ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ھەرگىزمۇ ئۇنداق قىلمايدۇ ياتىقىنىڭ تازلىقىنى دىمەيلا قوياي ، ئەگەر تەكشۈرمىسە ئەخلەت بەلكىم كارۋاتقا تاقىشىپ قالىدۇ ،ياتىقىدىن بىر خىل پۇراق چىقىدۇ.  بىزنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى بىردىنبىر توسۇپ قويۇۋاتقىنى تىل ئامىلى ،ئەگەر ھەممە دەرس ئانا تىلىدا بولسا ئۇلاردىن ئىشىشپ كىتىدۇ ،تىل ئامىلىنى دىمىسەممۇ ھىس قىلىپ يىتەلەيمىز .

بۇلبۇللار تۇتقىن بولدى يۇرتنى بۇلغىدى قاغا ،
كىم بولسا ۋەتەنپەرۋەر بىر كۈن ئىسىلۇر دارغا .

پەقەت ئارزۇيۇم ئۈچۈن ياشايمەن!

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60399
يازما سانى: 861
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 1737
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 3114 سائەت
تىزىم: 2011-10-14
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-7 01:37:37 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭچە بۇ ھەقىقەتەن كۈندىلىك خاتىرىكەن ، ئاپتۇرنىڭ نادىر ھىكايە - رومانلىرىنى سېغىنىپ قالدۇق .

بۇلبۇللار تۇتقىن بولدى يۇرتنى بۇلغىدى قاغا ،
كىم بولسا ۋەتەنپەرۋەر بىر كۈن ئىسىلۇر دارغا .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش