سەممىيمى ئەسكەرتېش: مۇنبەر كەيپىياتىنى ئاز-تولا بولسىمۇ كۆتۈرەي دەپ
مۇنبەرداشلارغا يۇمۇرى چاقچاق قىلىپ كەلدىم ،
بۇ پەقەت چاقچاق توغرا چۈشۈنىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن.....
چۈشۈپ قالغانلارنى ئېنكاس ئارقىلىپ كەلتۈرۈپ بىرەي....
كۆپ چىقىپ كېتىش
مېسرانىم ئاكاشقا ۋە ئۇيغۇرۇم007گە چاقچاق:
مېسرانىمكامنىڭ تونۇشى بولغان
ئۇيغۇرۇم007
ئەپەندى مىسرانىمكامغا بىرخۇشخەۋەرنى يەتكۈزۈپتۇ :
-ئاڭلىدىڭىزمۇ ؟ يېقىندا يەنە مېسرانىم مۇنبىرىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 5 يىللىقنى تەبرىكلەش پائالىيتى ئۆتكۈزىدىكەن دەپتۇ. -بۇنى ئاڭلاپ مېسرانىمكام ئاپلا دەپتۇ.
ھەيران بولۇپ قالغان ئۇيغۇرۇم007 ئەپەندى مېسرانىمكامدىن سوراپتۇ،
خوشال بولماقتا يوق ئاپلا دەيسىزغۇ ؟ دېسە
مېسرانىمكام چۈشەندۈرۈپ:
-بۇ پائالىيەت يەنە ئۆتكۈزۈلسە بىزنىڭ ماۋۇ مېسرانىمدا نادىر ئەسەرلەر بىر يەدە قېلىپ
نادىر ئېلانلار كۆپ چىقىپ كېتتەرمىكى دەپتۇ...
Abdusalam508 غا چاقچاق
لىق قومۇش بېسىلغان ھارۋىنى ھەيدەپ شەھەرگە ماڭغان Abdusalam508ئەپەندىمنى
ئىلى دەرياسىنىڭ كۆۋرۈكىدە قېزىل قوغدىغۇچىلار تۇتۇۋاپتۇ.
« ماۋجۇشىنىڭ ئۈزۈندىسىدىن بىرنى يادىلاپ بەر، بولمىسا ئۆتكۈزمەيمىز» دەپتۇ،
ئۇلار Abdusalam508 غا ھەيۋە قىلىپ.
Abdusalam508 ئەپەندىبېشىنى قاشلاپ بىردەم تۇرۇپ كېتىپ مۇنداق دەپتۇ.
« ئەڭ ئالى يوليورۇق!! دانا داھىمىز ماۋجۇشى مۇنداق دەپ تەلىم بەرگەن:
دۇنيا سىلەرنىڭ ، شۇنداقلا بىزنىڭ. چاپچال سىلەرنىڭ، قومۇشى بىزنىڭ.» دەپتۇ.
قېزىل قوغدىغۇچىلار ئۇنىڭ ھارۋىسىنى گەپ قىلمايلا ئۆتكۈزىۋېتىپتۇ.
فاتىمە ھەدەم بىلەن ئابىدەگە چاقچاق:
بىر كۈنى فاتىمە دوستى ئابىدە بىلەن ئۆيىگە كەچ قايتىپ كەپتۇ.
بۇلار ئۆيىگە يېقىن كەلگەندە دوستى ئابىدە فاتىمەگە:
-ئاداش قارا ئۆيۈڭگە ئوغرى كىرىپ كىتىۋاتىدۇ،-دەپتۇ،-ماڭە ۋاي بىزنىڭ ئۆيگە ئوغرى كىرمەيدۇ،-دەپتۇ.
-راست دەۋاتىمەن قارا ئۈيۈڭگە كىرىپ كىتىۋاتىدۇ، دېسە -
-فاتىمە :ئۇنداق بولسا ناھايتى ياخشى! يولدىشىم ظۇ،ئوغرىنى ماڭا ئوخشىتىپ راسا ئۇرىدىغان بولدى
خاتىرجەم بول ئاداش دەپتۇ....
foormat:چاقچاق
ئاسان چارە
foormatنىڭ داۋاملىق كېيىم -كېچەكنىڭ جېدىلىنى قىلىپلا يۈرىيدىغان ياسانچۇق ئايال
قوشنىسىfoormatتىن سوراپتۇ ؛
-تۈنۈگۈن بىر كۆڭلەك ئالغان ئىدىم ، چوڭ كېلىپ قالدى ، مەسلىھەت بېرىڭا ، قانداق قىلسام بولار ؟
- بۇنىڭ چارسى ئاسان ،- دەپتۇ foormat
- سىزگە قايتىدىن فورماتلاش خىزمىتى ئىلىپ بەرسەكلا بولىدۇ.دەپتۇ.
ئايچىنغا ۋە مارشالغاچاقچاق:
ئايچىن ئوقۇۋاتقان چېغىدا مارشال ئەپەندى ئۇنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئىكەن.
مارشال ئەپەندى ئايچىننى دوسكىغا چىقىرىپتۇ ،ۋە ئايچىنغا
« داۋاملاشتۇرىۋاتىدۇ »دېگەن خەتنى يېزىشقا بۇيرۇپتۇ . ئايچىن ناھايتتى يوغان قىلىپ
<<داۋاملىشىۋاتىدۇ>>دەپ يېزىپتۇ .
مارشال ئەپەندى تېركىپ ،-مۇشۇنداق ئاددى خەتنىمۇ توغرا يازالمامسىز ؟
قاراڭ «داۋاملاشتۇرىۋاتىدۇ »دېگەن خەتنى بىر چىشى چۈشۈپ قالغاندەكلا يازدىڭغۇ ھە؟
دېسە --
ئايچىن مارشال مۇئەللىمگە مەن قېرىپ قالغان ئوخشايمەن دېگۈدەك
ssqiغا ۋە شاتئايغا چاقچاق:
-ئوكۇل سالماقچى بولغان سىستىراشاتئاي قېز- ssqiغا دەپتۇ ،كۆڭلىكىڭىزنى تەتۈر كىيۋاپسىزغۇ ؟
، ئوكول سېلىنغان يانپىشىنىڭ ئاغرىقىغا ئاران چىداپ تۇرغان ssqi چاقچاق قىلىپ مۇنداق دەپتۇ.
- ھېلىغۇ كۆڭلەكنى تەتۈر كېيىپ قاپتىمەن ، شاتئاي سىزنىڭ ئوكۇل سېلىشىڭىز مۇشۇنداقلا بولىدىغان بولسا
ئىشتاننىمۇ تەتۈر كېيىپ قېلىشىم مۇمكىن ،-دەپتۇ ssqi.
rziwangul0995غا
ۋە مەلىكە
گە چاقچاق:
تۇتقۇزۇش
rziwangul0995 توي قىلىپ بىر نەچچە كۈنلەردىن كېيىن مەلىكەم ئۇنى يوقلاپ بىرىپ
قايتاشىدا مۇنداق دەپتۇ - ماڭا قاراڭ سىڭلىم ، ئەر كېشىگە باشتىن تارتىپلا زادى تومۇرىڭىزنى تۇتقۇزماڭ !
سىز يېڭىلا توي قىلدىڭىز شۇڭا تومۇرىڭىزنى تۇتقۇزۇپ قويسىڭىز ياخشى بولمايدۇ ، دەپتۇ.
مەلىكەمنىڭ گپنى ئاڭلاپ قالغان rziwangul0995 نىڭ يولدىشى مەلىكەمگە- دەپتۇ :
-خاتىرجەم بولۇڭ ھەدە ، ئۇ ماڭا تومۇرىنى تۇتقۇزمىدى، بىلىكىنى تۇتقۇزدى....
ۋاقىت مۇناسىۋېتى بىلەن مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتۇراي
چۈشۈپ قالغانلارنى ئېنكاس ئارقىلىپ يوللىۋىتەي ....
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا كەپتەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-10-7 12:37 PM