كىچىك ئوقۇغۇچىنىڭ ئىجادىيىتى
سوۋۇغان تەنلەر
كەڭ دالانى قار-مۇز قاپلاپ قويدى زۇلمەتتە،
تۈن قاراڭغۇسى يىپىلغان تەنھا تۈنلەردە.
غىرىپ بەندە نام -نىشانسىز ئۆتكەن ئۆيىدە .
ئەزرائىلمۇ رەھىم قىلماي يىتىپ كەلمەكتە.
زۇلمەت كەبى قىلىن قارلار ھۆكۈمدار بولۇپ،
نە نىشانسىز ياققان قارلار ئۆتۈكتىن ئۆتۈپ.
ساپ قەلىپلەر، سوغۇق قولار يۈرەكنى تۇتۇپ،
ئازاپ ئۈچۈن مۇسىبەتتە ياش تۆكمەك بولۇپ.
مۇسىبەتتە ياش تۆكۈلدى چاناقلار ئارا ،
تەشنالىققا قانالمىدى بەندىلەر يانا.
سوغۇق تۈنلەر قىلىن قارلار بولۇپ سايىپخان،
بىر بەندىنى ئۆز قوينىغا ئالدىغۇ مانا.
بالا-چاقىلار سەبرىدىن تاۋۇتلار ياساپ،
ئازاپلانغان قەلىپلەرگە گۈل دەستە تاقاپ.
ئۇچۇپ قايىتقان قۇشلار كەبى يىراققا قاراپ،
تەسەللىدىن ئۆز-ئۆزىنى توختىماي ئالداپ.
مەنبە:غۇلجا شەھەر بايانداي 17 -ئوتتۇرا مەكتەپ 8 -يىللىق 5 -سىنىپ ئوقۇغۇچىسى پاتىمە ئۆمەر
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا elijan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-10-6 07:29 PM