سولاشقان گۈللەرگە يىغلايدۇ بۇلبۇل
سولاشقان گۈللەرگە يىغلايدۇ بۇلبۇل،
كۆزىدىن ياش ئەمەس قانلار ئاقىدۇ.
كۈلپىتى يۈرەكنى قىلىدۇ چۇل-چۇل،
پىراقى ئەلەمگە چوغلار چاچىدۇ.
گۈللەرنىڭ ھەسرىتى باھار كەلگۈچە،
بۇلبۇلنىڭ ھەسرىتى تاكى ئۆلگۈچە.
گۈللەرنىڭ ئاھ- زارى باغرىدىن تاشقان،
قەلبىنى تاتىلاپ يىغلايدۇ بۇلبۇل.
كۆز ياشلار دەريانى باغرىغا باسقان،
زىمىستان ھۆكىرەپ كەلمەكتە ئۇدۇل.
گۈللەرنىڭ ھەسرىتى باھار كەلگىچە،
بۇلبۇلنىڭ ھەسرىتى تاكى ئۆلگىچە.
باھارنىڭ قەدىمى كەتمەكتە ئۇزاپ،
يېقىنلاپ كەلمەكتە قىشنىڭ قەدىمى.
جۇدالىق ئىچىدە كۆيمەكتە ھەممە،
ھەر جاندا ، گېياھتا باھارنىڭ غېمى.
گۈللەرنىڭ ھەسرىتى باھار كەلگىچە،
بۇلبۇلنىڭ ھەسرىتى تاكى ئۆلگىچە.
ئاقماقتا شاقىراپ غۇنچىلار قېنى،
ئوت بولۇپ كۆيمەكتە جۇدتا يۈرەكلەر.
بۇقۇلداپ يىغلايدۇ قۇشلار بۇقۇلداپ،
كۈل بىلەن كۆمۈلگەن چوغدەك تېلەكلەر.
گۈللەرنىڭ ھەسرىتى باھار كەلگىچە،
بۇلبۇلنىڭ ھەسرىتى تاكى ئۆلگىچە.
بىر ئوت بار يۈرەكتە ، يۈرەكلەردە ھەم،
تاپاندىن ، مىڭىدىن كىرگەن ئۇ ، ئۇدۇل.
يىرتىلغان باغرىنى خوخىغا سۈركەپ،
سولاشقان غۇنچىغا يىغلايدۇ بۇلبۇل.
گۈللەرنىڭ ھەسرىتى باھار كەلگىچە،
بۇلبۇلنىڭ ھەسرىتى تاكى ئۆلگىچە.