مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 874|ئىنكاس: 21

ئالاھىدە پەتنۇس...(119) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15765
يازما سانى: 365
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11817
تۆھپە نۇمۇرى: 914
توردا: 263 سائەت
تىزىم: 2010-10-31
ئاخىرقى: 2012-10-10
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

«ئالاھىدە پەتنۇس»


(ھېكايە)

ئابدۇرۇسۇل ئۆمەر




- قاسىم ئاخۇن، شەنبە كۈنىدىكى چېللاقنى ئۇنتۇپ قالمىغانلا؟

- ياق، ئۇنتۇمىدىم.

- ئەمىسە، مۆرىمەي يۈرىلىغۇ؟

- قانداق قىلسام بولاتتى، قويلارنى قوتانغا سولاپ قويدۇم. گۈرۈچ، سەۋزىلەرنى ئەكىلىپ قويدۇم. قالغىنىنى ئۆزلىرى ئەھۋالغا قاراپ بىر ئىش قىلماملا؟

- مەن چىللاقتا ئېتىدىغان ئاشنىڭ خۇرۇچىنى دەۋاتمايمەن، مېھمانلارغا تىزىدىغان پەتنۇسنى قانداق قىلىمىز دەۋاتىمەن.

- پەتنۇسنى ئەل قاتارى قىلىۋەرمەملا، بۇ ئايال خەقنىڭ ئىشىغۇ...

زەينەپخان ئېرىنىڭ بىپەرۋالىقىغا قاراپ چېچىلىشقا باشلىدى:

- ئەل قاتارى قىلىمىشمەن تېخى، قۇدىلىرىمىز سابىر ھاجىم، ياقۇت خېنىملار ئادەتتىكى ئادەملەرما؟ قول-ئىلكىدە بار، ئابرويلۇق مۇنداق قۇدىلارنى چىللىغاندا، ئادەتتىكى پەتنۇس ئەمەس، ئالاھىدە پەتنۇس راسلايمىز.

- ئالاھىدە پەتنۇس؟

- شۇنداق، ئالاھىدە پەتنۇس.

- ئالاھىدە پەتنۇس دېگەنلىرى قانداق؟

- ھازىرغىچە ھېچكىم راسلاپ باقمىغان پەتنۇس. مەسىلەن، خەق تىزمىغان نەرسىلەرنى تىزىمىز، قويمىغان نەرسىلەرنى قويىمىز.

- قېنى، ئېيتىپ باقسىلا، نېمىلەرنى تىزاي دەۋاتىلا؟

- ئىككى كۈندىن بېرى ئۇيان ئويلاپ-بۇيان ئويلاپ پەتنۇسقا تىزىدىغان يېمەكلىك، تاتلىق-تۇرۇم ۋە باشقا نەرسىلەرنى تىزىملاپ چىقتىم. قۇلاقلىرىنى دىڭ تۇتۇپ ئاڭلاپ تۇرسىلا.

- قېنى ئوقۇسىلا، قۇلىقىم سىلىدە.

- قىممەت باھالىق ھەسەلدىن بىر قۇتا (250گىرام)، ئارمان قۇۋۋەت تالقىنىدىن بىر خالتا، ئىخلاس فېرىمادىن بىر خالتا، قەنت، ئالفىننا، پەشمەت، باقالى، بال پىرەنىك، ئېرىس كەمپۈت، بولكا قاتارلىق يېمەكلىك ۋە تاتلىق-تۇرۇملارنى تىزىپ ئۈستىگە بىردىن ئاياللانىڭ ئېسىل شارپىسىنى قويىمىز.

- شۇنچە كۆپ نەرسە پەتنۇسقا قانداق سىغىدۇ؟

- سىغدۇرىمىز، پەتنۇسنىڭ يوغىنىنى تاپىمىز، مېۋە-چېۋىلەرنى كىچىك تەخسىلەرگە تىزىمىز. بۇنىڭ بىلەن سىلىنىڭ كارىلىرى بولمىسۇن.

- بەك چەكتىن ئاشۇرۇۋەتتىڭلىغۇ دەيمەن، خەق نېمە دەپ قالىدۇ؟

- خەق بىلەن نېمە كارىم، سىلى ماڭا بانكىدىكى پۇلنى ئەكىرىپ بەرسىلىلا بولدى.

- قانچە پەتنۇس راسلاي دەۋاتىدىلا؟

-توپتوغرا 40 پەتنۇس، يىگىت تەرەپتىن كېلىدىغان ئاياللار 30، قولۇم-قوشنىلار بىلەن تۇغقانلار10، جەمئىي 40 پەتنۇس راسلايمىز. تولا ئەزمىلىك قىلماي قوپسىلا، پۇلنى ئەكىرسىلە. مەن دېگەندەك بولسۇن، قىلىدىغان ئىشلىرىم

چېچىمدىن تولا مېنڭ،ھە ماڭسىلا...



قاسىم ئاخۇن ئەمدى گەپ قىلىشنىڭ ھاجىتى يوقلۇقىنى ھېس قىلدى-دە، ئورنىدىن تۇرۇپ بانكىغا ماڭدى. مەھەللە دوقمۇشىدىكى مېۋە-چېۋە دۇكىنى قاسىم ئاخۇننىڭ ئىدى. ئۇنىڭ مېۋىلىرى سەر خىل بولغاچقا، سودىسى ھەر ھالدا يامان ئەمەس ئىدى. قىزى مېھرىبان ماگىزىندا ئىشلەيتتى، ئائىلە ئىقتىسادى ئانچە باياشات بولمىسىمۇ، يامان دېگىلى بولمايتتى. لېكىن زەينەپخان ئاتتىن چۈشسىمۇ ئۈزەڭگىدىن چۈشمەيدىغان، داغۋاز، ئابرويپەرەس خوتۇن ئىدى. ئۇ يۇرتتىكى باشلىقلارنىڭ، باي ۋە مۆتىۋەر زاتلارنىڭ خوتۇنلىرى بىلەن قويۇق ئارىلىشاتتى. ئۇ تولا دەككە بېرىۋېرىپ، قاسىم ئاخۇننىمۇ ئىزىدىن چىقماس قىلىۋالغانىدى. شۇڭا قاسىم ئاخۇننى مەھەللىدىكىلەر «پاختەك» دەپمۇ قويۇشاتتى.

- بۇ قېتىم تەلىيى ئوڭدىن كېلىپ مەھەللىدىكى چوڭ باي سابىر ھاجىم زەينەپخاننىڭ قىزىغا ئەلچى كىرگۈزگەندە، ئۇنىڭ گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ كەتتى. سابىر ھاجىمنىڭ ئوغلى ئىچكى ئۆلكىلەردە ۋە چەت ئەللەردە سودا قىلاتتى، كۈيئوغۇلمۇ زەينەپخاننىڭ ئويلىغان يېرىدىن چىققانىدى. ھەر ئىككى تەرەپتە ئۆتكۈزۈلگەن توي ناھايىتى ھەشەمەتلىك، داغدۇغىلىق بولدى. مۇشۇ شەنبە كۈنى قىز تەرەپ ئوغۇل تەرەپنى ئۆيگە چىللىماقچى بولۇۋاتاتتى.

چىللاققا كەلگەن ئاياللار ئالدىدىكى پەتنۇسقا قاراپ ھەيران قېلىشتى. پەتنۇستىكى يېمەك-ئىچمەكلەر، تاتلىق-تۇرۇملار كۆزنىڭ يېغىنى يەيتتى. يېمەكلىكلەرنىڭ ئۈستىگە قويۇلغان ئېسىل شارپا ئاياللارنىڭ كۆزلىرىنى چاقنىتىۋەتتى. ئاياللار بىر-بىرىنى نوقۇشۇپ پەس ئاۋاز بىلەن كۆڭلىدىكى گەپلىرىنى قىلىشاتتى:

- زەينەپخان ئېسىل يەر بىلەن قۇدىلاشقاچقا، پەتنۇسنىمۇ قالتىس راسلاپتۇ-دە...

- ئانچە باي بولمىسىمۇ سېخىي، قولى ئوچۇق ئايال-دە...

- بولسا قىلغانغا يېتەمدۇ؟

- ئۆزىنى بىر كۆرسىتىۋاپتۇ-دە، مۇشۇنىڭ بىلەن ئابرويى تېخىمۇ ئۆسىدىغان بولدى.

- بارىدا پولدۇرۇڭ-پولدۇرۇڭ، يوقىدا قاراپ ئولتۇرۇڭ، دېگەن شۇ... بىر پەتنۇسقا قانچە پۇل كەتكەندۇ؟

- ئاز بولغاندا 300 يۈەن خەجلىگەندۇ.

- مەن ئىنچىكە ھېسابلاپ باقتىم، - دېدى مەھەللىدىكى مال ساتقۇچى ئايال، - تاتلىق-تۇرۇم، يېمەكلىكلەرگە 150 يۈەن، شارپىغا 100 يۈەندىن ئارتۇق پۇل خەجلەپتۇ.

- ئۇنداق بولغاندا 40 پەتنۇسقا 10 مىڭ يۈەن خەجلەپتۇ-دە.

- بىر پەتنۇسقا 50 يۈەندىن بولغاندا، 40 پەتنۇسقا 2000 يۈەن يېتەتتى.

- قالغان 8000 يۈەننى يېتىم-يېسىرلارغا، ئىقتىسادتىن قىينىلىپ ئوقۇشسىز قالغان بالىلارغا ياردەم قىلسىچۇ؟!

- شۇنداق قىلغان بولسا خەق زەينەپخاننى بېشىدا كۆتۈرمەمتى.

- ساۋابنىڭ چوڭىنى ئالاتتى دېسىلە...

- مۇشۇنداق ھەشەمەتچىلىك، داغۋازلىق قاچانمۇ تۈگەر؟

چېللاققا كەلگەن ئاق-قارىنى ئايرىيالايدىغان ئاقكۆڭۈل ئاياللار زەينەپخان راسلىغان بۇ «ئالاھىدە پەتنۇس» مەھەللىدە دورامچىلىق، ھەشەمەتچىلىكنىڭ يامراپ كېتىشىگە سەۋەب بولۇپ قالىدۇ دەپ ئەنسىرىشەتتى. چۈنكى«ئۆرۈك ئۆرۈكنى كۆرسە ئالا بولىدۇ»دە... ئاياللار ئادەت بويىچە يوغان پەتنۇسنىڭ ئاستىدىكى يوغان سۇلياۋ خالتىغا پەتنۇستىكى تاتلىق-تۇرۇملارنى، ئېسىل شارپىنى ۋە تەخسىدىكى مېۋە-چېۋىلەرنى سېلىپ ئېلىپ كېتىشتى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئوغۇل تەرەپمۇ «ئالاھىدە پەتنۇس» راسلاپ زەينەپخاندىن ئاشۇرۇۋېتىپتۇ. «ئالاھىدە پەتنۇس»ھەققىدىكى سۆز–چۆچەكلەر ئېغىزدىن-ئېغىزغا تاراپ ھەشەمەتچىلىكنى تەنقىد قىلىدىغان يۇمۇرغا ئايلىنىپ قاپتۇ.



   مەنبە:شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى ،2012-9-27 سان



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   dartman119 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-10-6 02:35 PM  


ھېسىيات جىنايەتكە باشلايدۇ،شەيتانلارچە كۆز بولسا خىيانەتكە باشلايدۇ، چېن ئەقىل بولسا ھىدايەتكە باشلايدۇ....(دەرتمەن119)

بۇ جاھان ئۆتنە جاھان

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25046
يازما سانى: 244
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8179
تۆھپە نۇمۇرى: 549
توردا: 4365 سائەت
تىزىم: 2011-1-5
ئاخىرقى: 2012-10-9
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزدە بۇنداق «ئالاھىدە ئىشلار » ئىنتايىن كۆپقۇ ............

خۇشال ياشاش كېرەك!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17334
يازما سانى: 139
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7570
تۆھپە نۇمۇرى: 391
توردا: 160 سائەت
تىزىم: 2010-11-12
ئاخىرقى: 2012-10-8
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆز-كۆز قلىپ، بۇنداق ئىشلار ئىقتىسادغا خىلى زور سىلىق سىلىۋاتىدۇ،باي كەمبەغەل ھەممىگە ئىغىر كىلىدۇ بولمىسا،،لىكىن يانىلا تۇگىمەيۋاتىدۇ.!

-شۈكرې اللە بەرگەن ھەربېركۈنلرېڭگە!دەرت-ئەلەمدېن ھەرۋاقېت يېراق قېل

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85394
يازما سانى: 26
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 69
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 36 سائەت
تىزىم: 2012-9-25
ئاخىرقى: 2012-10-9
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
«。。。يوق ، ئىتىم مارجان بۈۋى» دەپ . بەلەن بوپتۇ ، ئويلىنىپ قالىمەن ،  مۇشۇنداق بەسخور داغۋاز قۇرۇتلارنىڭ يامرىشىنىڭ تۈپ سەۋەبى زادى نىمە  

سىنى ئۆزىدەك كۆرىدىغانلار بەك ئاز...

ئۈچ مىىر چوڭقۇرلىقتىكى سۇ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76177
يازما سانى: 340
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6807
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 150 سائەت
تىزىم: 2012-2-18
ئاخىرقى: 2012-10-6
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاۋۋال ئۆزىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن  بىرسى باشلايدۇ. كىيىن يەنە بىرسى بەسلىشىدۇ. بەسلىشىدىغانلار ئاۋۇغانسىرى ئۆلچەم بوپ قالىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا قائىدە-ئۆرىپ-ئادەت بوپ قىلىشىمۇ مۇمكىن. يىسابلاپ كەلسەك قىپقىزىل ئىسراپچىلىق

ئۈچ مىتىر چوڭقۇرلىقتىكى سۇ

دىھقاننىڭ مۇڭدىشى-كەتمەن

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3572
يازما سانى: 739
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13014
تۆھپە نۇمۇرى: 804
توردا: 5223 سائەت
تىزىم: 2010-7-8
ئاخىرقى: 2012-10-10
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  ئېشەك-ئېشەكتىن قالسا قولىنى كەس دەپ مۇشۇنداق ئىسراپچىلىق ۋە باشقا ئىشلاردا رىقابەت ئېڭىمىز ئاجايىپ كۈچلۈك بولۇپ كېتىدۇ دىسە .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20520
يازما سانى: 167
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6379
تۆھپە نۇمۇرى: 303
توردا: 61 سائەت
تىزىم: 2010-12-3
ئاخىرقى: 2012-10-9
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەركىم  يوتقانغا  بېقىپ  پۇت  سۇنغان  ياخشى.  خەقلەرنى  دورايمەن، مەن  خەقتىن  قالامتىم  دەپ  بەسلەشكەن  بىلەن  ئاقىۋەت  زىيان  تارتىپ ‹ۋاي...ئىسىت›  دەپ  قالىدىغان  ئادەم  يەنىلا  ئۆزىمىز  بوپ  قالىمىز.  بۇ  ئەقەللىي  ساۋات.
خەق  نېمە  دېسە  دەۋەرمەمدۇ.  ‹ئاتىسى  ئەركەك،  ئاپىسى  چىشى.  ئۇ  خەق  بىلەن  كىمنىڭ  ئىشى›  دەپ  ئۆزىنىڭ  تۇرمۇش  يولىدا  ماڭغان  ياخشى.  باشقىلارنىڭ  ياخشى  تەرىپىنى  ئۈلگە  قىلىشقا  بولىدۇكى،  يامان  تەرەپنى  دوراشقا  ھەرگىز  بولمايدۇ. خەق نېمە  بولسا  ئۆزىگە  ،  بىزمۇ  شۇ.  ئاشۇ  ئاۋۇيخو  ئادەملەرمۇ  دەردىنى  ئۆزى  ئىچىدە  بىلىشىدۇ.

ھەممە رەزىللىكلەرنى،يامانلىقلارنى ئۆزىمىز قىلىپ ئاندىن‹رەھىمسىز دۇنيا›دەپ قويىمىز.رەھىمسىزلىكلەرنى ئۆزىمىز قىلمىساق بۇ دۇنيانىڭ قولىدىن نېمە رەھىمسىزلىك كەلسۇن؟!...

باشقلارىنى ھۆرىمەتلەشىنى ئۈگەن

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41729
يازما سانى: 2979
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6759
تۆھپە نۇمۇرى: 101
توردا: 3064 سائەت
تىزىم: 2011-5-22
ئاخىرقى: 2012-10-10
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يوتقاندا قاراپ پۇت سۇنغۇلۇق ..شۇ قۇدسى ئادەم چىقسغۇ مەيلى ھايۋان چىقىپ قالسا چاتاق

ئادەم ھامىنى ئۆلىدۇ ،بىراق شۇ ئۆمۈر چەكلىك بولغاچ خوشاللىق ۋە قايغۇ ئورتاق مەۋجۇتتۇر!

ھايۋاننىڭ ئالىس

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18426
يازما سانى: 499
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8553
تۆھپە نۇمۇرى: 303
توردا: 2419 سائەت
تىزىم: 2010-11-21
ئاخىرقى: 2012-10-8
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
gulsumay يوللىغان ۋاقتى  2012-10-6 04:33 PM
ھەركىم  يوتقانغا  بېقىپ  پۇت  سۇنغان  ياخشى.  خەقلەرنى  د ...

راس دەيسىز

ئىي ئۇلۇغ اللە ئۆمرۈمنڭ ئۇزۇن

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45524
يازما سانى: 984
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5610
تۆھپە نۇمۇرى: 189
توردا: 157 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2012-10-9
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇ  ھەممىسى شۆھرەتپەرەسلىك

شۇنچلىك تاتلق سۆيۈش سۆيۈلۈشنىڭ ئارقىسىدا جان تەن چىدىغۇسىز قىسمەتلەر بولدىكەن
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش