مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1035|ئىنكاس: 19

20 يىلدىن كېيىن، سىز ھازىرقىدىنمۇ بەختلىك بۇلالامسىز؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85730
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 60
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 9 سائەت
تىزىم: 2012-10-5
ئاخىرقى: 2012-10-9
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
20 يىلدىن كېيىن، سىز ھازىرقىدىنمۇ بەختلىك بۇلالامسىز؟

ئېسىمدە قىلىشىچە، مەن كېچىكىمدە تېزرەك چوڭ بولۇشنى بەكمۇ ئارزۇ قىلاتتىم. چۈنكى چوڭ بولسام، ئاتا–ئانام مېنى باشقۇرالمايدىغاندەك ھېس قىلاتتىم. مۇزدەك سۇ ئىچكىم كەلسە مۇزدەك سۇ ئىچىمەن، چۈشلۈكى ئۇيقۇم كەلمىسە ئۇخلىمايمەن، بۇنداق بولسا قانداق بەختلىك بولغان بولاتتىم-ھە!
دەرۋەقە مەن چوڭ بولدۇم، ئاتا–ئانام ھەقىقەتەن مېنى باشقۇرالمىدى، ئەمما مەن بۇرۇن ئويلىغان بەختلەر كەلمىدى. چۈنكى، گەرچە ھېچكىم مېنىڭ سوغۇق سۇ ئىچىشىمنى باشقۇرمىغان بولسىمۇ، ئەمما مەن بۇرۇنقى ئارزۇلىرىمنىڭ تىلغا ئالغۇچىلىقىمۇ يوقلۇقىنى بايقىدىم. ھالبۇكى، بۇ تىلغا ئالغۇچىلىقى يوق ئەركىنلىككە ئېرىشىش بىلەن بىرگە، مېنىڭ ھاياتىمدا يەنە تېخىمۇ يېڭى، تېخىمۇ چوڭ چەكلىمىلەر پەيدا بولدى. مەسلەن، ئەتىگەن سائەت 8 دە خىزمەتكە بارىمەن، ناۋادا بىر نەچچە مىنۇت كىچىكىپ قالسام، باشلىقىمنىڭ قاپاقلىرى تۈرۈلۈپ، چىرايىدىن مۇز ياغاتتى. ئۇنىڭ چىرايىنىڭ رەڭگى، كىچىك ۋاقتىمدىكى ئاتا–ئانامنىڭ قاتتىق ئاچچىقى كەلگەندىكى چىرايىدىن، نەچچە ھەسسە كۆرۈمسىز بولۇپ كېتەتتى.
شۇڭا، ئەكىسچە مەن كىچىك ۋاقتىمدىكى ئاشۇ غەم–ئەندىشىسىز، خۇشال كۈنلەرنى سېغىنىشقا باشلىدىم، ھەتتا ئۇ چاغلارنى بەختلىكتەك ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالدىم. شۇنىڭ بىلەن مېنىڭدە يەنە يېڭى ئارزۇ–ئىستەكلەر پەيدا بولۇشقا باشلىدى: قاچانمۇ بىر ئەركىنىرەك ئىشلەيدىغان خىزمەت تاپالارمەن، قانچىلىك ئۇخلاش، قاچان ئورنىدىن تۇرۇش، قۇڭغۇراقلىق سائەت ئەتىگەندىكى شېرىن چۈشلەرنى بۇزۇۋەتمەيدىغان، يەنە يۈزۈمنىمۇ يۇيماي، ھەتتا پايپىقىمنىمۇ كىيىشكە ئۈلگۈرمەي، ئىشخانىغا قاراپ ئۇچقاندەك چاپمىسام، قانداق ياخشى بۇلاتتى! ئەگەر شۇنداق بولغان بولسا، قانچىلىك بەختلىك بولغان بۇلاتتىم. نەچچە يىللاردىن كېيىن، مەن ئويلىغاندەك خىزمەتكىمۇ ئېرىشتىم. ئىدارىدە نۇپوزلۇق زات بولغاچقا، سائەت قانچىدە ئىشقا بارغۇم كەلسە، شۇنچىدە بارسام بولاتتى، ئىشخانىدىمۇ ھېچكىم ئارتۇق گەپ قىلمايتتى. ئەمما، مەن دەسلەپتە كۈتكەن ۋە ئۈمىد قىلغان بەخت نەلەرگىدۇر ئىز-دېرەكسىز يۇقالغان ئىدى. چۈنكى، ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، قۇڭغۇراقلىق سائەت بولمىسىمۇ، ئەمما ئەتىگەنلىكى ھورۇنلۇق قىلىپ يىتىۋالسىمۇ بولىدىغان، ئۇ بەخت ئەمدى يوق ئىدى. ھەتتا تاڭ يورۇماستىنلا ئويغىنىپ كىتىپ، ھېچ ئىش قىلماستىن، تاڭ ئېتىشىنى كۈتۈپ ئولتۇرىمەن. گەرچە ھېچكىم مېنىڭدىن ئىشقا ۋاقتىدا بېرىشنى تەلەپ قىلمىسىمۇ، بىراق ئادەتلىنىپ كەتكەن. بۇ خىل ئەركىن خىزمەت بىلەن بەختىنىڭ نېمە ئالاقسى بولسۇن!
نەچچە ئون يىللىق خىزمەت تەجرىبەمنى ئەسلەپ باقسام، مەن ھەر قېتىم بىر خىزمەت ئورنىغا بارغاندا، بىرەر قېرىشقاق رەھبەر، مېنىڭدىن قۇسۇر ئىزدەپ ئاۋارە قىلىدۇ. شۇڭا، مەن ھەمىشە «بۇ رەھبەرلەرنى يۆتكەپ ئېلىپ كەتسىكەن» دەپ ئۈمىد قىلاتتىم ھەمدە «پەقەت مۇشۇ ئادەمنى يۆتكەپ ئېلىپ كەتسىلا، چوقۇم خىزمىتىم ناھايىتى كۆڭۈللۈك بولغان بۇلاتتى» دەپ ئويلايتتىم. نەچچە قېتىم ئۇلار كەتمەي، ئەكىسچە مەن كېتىپ قالدىم. بۇ يەردە باشلىق بۇلالمىغاندىن كېيىن، باشلىق بولۇش ئىمكانىيىتى بار جايلارغا بېرىشقا تىرىشتىم. ئەمما ، ھەر قېتىم مەيلى قەيەرگىلا بارماي، مەن بىلەن قارشىلىشىدىغان رەھبەرلەر، ماڭا سايىدەك ئەگىشىپ ماڭدى. شۇڭا، يەنە يېڭى ئارزۇلارنى ئۈمىد قىلىشقا باشلايتتىم: «ئەگەر بىر كۈنى ئۆي ئوچاقلىق بولۇپ، خۇتۇن ئالسام، ئۇ چاغدا مېنىڭ دېگىنىم ھېساپ بولىدۇ، دائىم رەھبەرلەرنىڭ تەنقىدىنى يىمەيمەن، ئۇنداق بولسا چوقۇم بەختلىك بولىدۇ» دەپ ئويلايتتىم.  
نەچچە يىللار ئۆتكەندىن كېيىن، ئاخىرى مەنمۇ باشلىق بولدۇم. ئۆزۈم باشلىق بولغاندىن كېيىن، سۈرلۈك ۋە تەككەببۇرلۇق بىلەن، باشقىلارغا ئۆزۈمنى تازا كۆرسىتىپ قويماقچى بولدۇم. ئەمما، مەن دەسلەپتە ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتكەن بەخت يەنىلا كەلمىگەن ئىدى. چۈنكى، گەرچە ھېچكىم ماڭا غۇتۇلدىمىسىمۇ، ئەمما مەن ھەممە مەسئۇلىيەتنى زىممەمگە ئىلىپ، چوڭ-كىچىك ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بىكىتكەچكە، ھەمىشە بەك چارچاپ كىتەتتىم. ئەمما، ئەتراپىمدىكى كىشىلەر نېمىشقا شۇنچىۋالا ساختا قىياپەتكە كىرىۋالىدىغاندۇ؟ ئۆزى بىرنى ئۇسسۇرۇپ قويسىمۇ، باشقىلارنىڭ ھەممىسى مېززىلىك ئىكەن دىيىشىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن كۈندە يىغىن، مېھماندارچىلىق، دۇكلات ئاڭلاش، خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش ھەلەكچىلىكى بىلەن، ئالدىراشچىلىقتا خۇددى نۇردەك چۆگىلەپ يۈردۈم، شۇڭا مېنىڭدە يەنە يېڭى ئارزۇ-ئىستەكلەر پەيدا بولدى: قاچانمۇ ئەركىن-ئازادە بولۇپ، ئۇنچىلىك كۆپ ئىشلارنى باشقۇرىمەن دەپ يۈرمەسمەن، بېلىق تۇتقۇم كەلسە بېلىق تۇتۇپ، قارتا ئوينۇغۇم كەلسە قارتا ئويناپ، ئۇنداق يالغان كۈلكە، ساختا قىياپەتلەرنى يەنە كۆرمىسەم، ئادەمنىڭ قوۋروغسىنى ئېگىدىغان گەپلەرنى يەنە ئاڭلىمىسام، ئاشۇ مەنىسى يوق ھۆججەتلەرنى كۆرمىسەم، قانچىلىك بەختلىك بولغان بولاتتىم.
ۋاقىت خۇددى ئاتقان ئوقتەك ئۆتۈپ، كۆزنى يۇمۇپ-ئاچقۇچە مەن دەم ئىلىشقا چىقتىم. ئەمدى ھەقىقەتەن ھېچكىم مېنىڭدىن يەنە نۇرغۇن مەسئۇلىيەتلەرنى ئۈستۈمگە ئېلىشنى تەلەپ قىلمىدى، دەسلەپتە ئادەمنى بىزار قىلىپ، تۇختىماستىن جىرىڭلايدىغان تېلېفۇن، ئەمدى سۆكۈتكە چۆمۈپ، ئىشىك ئالدى ۋە ھويلا-ئاراملار چۆلدەرەپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما ھەممە ۋاقىت ئۆزۈمگە تەئەللۇق بولدى. بىراق، مەن دەسلەپتە ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتكەن بەخت نەدىمۇ ئۇنداق بەخت بولسۇن، پەقەتلا ئادەم كەتسە چاي مۇزلاپ قالغاندەك، ئايىقى چىقماس يالغۇزلۇقنىڭ دەردىنى تارتىشقا باشلىدىم.
شۇنىڭ بىلەن يالغۇز بىر ئادەم كەچكى شەپەقتە، كىشىلىك ھايات توغرىسىدا ئويلاندىم: مەن بۇ ئۆمۈرۈمدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغىچە، چوڭ بولۇپ قېرىغىچە، ئەگەر قانداق بولسا، ئەتىكى بەختكە ئېرىشكىلى بولىدىغانلىق توغرىسىدا ئويلىدىم. بىراق ئارزۇلىرىم بىر-بىرلەپ ئەمەلگە ئاشقاندىن كېيىن، نېمە ئۈچۈن بەخت يەنىلا قۇچىقىنى ئاچمايدۇ؟ بۇ ۋاقىتتا، مەن ئەمدىلىكتە ھەقىقەتەن بىر جۈملە سۆزنى چۈشەندىم: «ئۆتمۈش بىر چۈش، كەلگۈسى بىر خيال». ئەمەلىيەتتە، سېنىڭ بارلىقىڭ كۆز ئالدىڭدا تۇرغان بولىدۇ.
ئەگەر سەن ھازىر ئۆزۈڭنى بەختلىك ھېس قىلمىساڭ، ھەمىشە ئۆزگەرتىشنى ياكى ئۆتمۈشنى بەخت دەپ ھېس قىلساڭ، ئۇنداقتا، ئېھتىمال سېنىڭدە بىر ئۆمۈر ھەقىقىي بەخت تۇيغۇسى بولماسلىقى مۇمكىن.
شۇنداق ئەمەسمۇ؟ كەلگۈسى تېخى كەلمىدى، ئۆتمۈش ئاللىقاچان ئۆتۈپ بولدى. ئەگەر بىز كۆز ئالدىمىزدىكى پۇرسەتلەرنى تۇتالمىساق، ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلمىساق، ھەمىشە كۆرۈش - كۆرەلمەسلىك نىسپى بولغان ئەتە ياكى بىزدىن ئاللىبۇرۇن يىراقلاپ كەلمەسكە كەتكەن تۈنۆگۈننى ئويلاپ ئولتۇرساق، بىزنىڭ تۇرمۇشىمىز مەڭگۈ جىددىيچىلىك، ھەسرەت-نادەمەت ۋە غەم-قايغۇ ئىچىدە ئۆتىدۇ. ھاياتلىق شام چىرىقىنىڭ ئاستا-ئاستا ئۆچۈشىگە ئەگىشىپ، بىزگە ئەڭ ئاخىرىدا پەقەت ئۈچلا خەت قالىدۇ: «قۇرۇق ھەسرەت چىكىش».
شۇڭا، ئەگەر 20 يىلدىن كېيىن بەختلىك بولۇش-بولماسلىقنى بىلىشنى ئويلىساڭ، سېنىڭ روھىي-ھالىتىڭگە قاراپ ھازىرلا بىلگىلى بولىدۇ: ئەگەر سەن ئۆزۈڭنى ھازىر بەختلىك ھېس قىلساڭ، 20 يىلدىن كېيىنمۇ بەختلىك بولالايسەن؛ ئەگەر سەن بەك كۆپ ئارزۇ-ئىستەكلەرنى ئەتىگە ھاۋالە قىلىپ قويساڭ، 20 يىلدىن كېيىن، بۇ ئارزۇ-ئىستەكلەر ئەمەلگە ئىشىش-ئاشماسلىقىدىن قەتئىينەزەر، سەن يەنىلا ھەقىقي بەختنى ھېس قىلالمايسەن.
قائىدە ناھايىتى ئاددى، ئارزۇ-ئىستەك ئەزەلدىن بەختىنىڭ مەنبەسى ئەمەس، بەلكى بارلىق ئازابلارنىڭ مەنبەسى. بىر ئارزۇ ئەمەلگە ئاشسا، دەرھال يېڭى ئارزۇ پەيدا بولىدۇ، خۇددى ماڭا ئوخشاش، گەرچە خالىغاندا مۇزدەك سۇ ئىچىش ئارزۇيۇم ئەمەلگە ئاشقان بولسىمۇ، يەنە كۆپرەك ئۇخلاش ئارزۇسى، ئاندىن دەۋرىلىك ھالدا، پۈتمەس-تۈگىمەس يېڭى ئارزۇ ئىستەكلەر پەيدا بولدى.
شۇڭا، يۇقىرىقى ساۋاقلارنى ئەستە چىڭ تۇتقىن، بەخت دەل كۆز ئالدىڭدا، سېنىڭ قۇلۇڭدىكى ھەر بىر كۈندە، ھەتتا ھەربىر دەقىقىدە، ھالبۇكى ھەرگىزمۇ ئۆتمۈشتە ياكى كەلگۈسىدە ئەمەس.

(«بېيجىڭ ئىجتىمائىي پەنلەر گېزىتى» نىڭ 2008-يىلى 9-ئاينىڭ 16-كۈنىدىكى سانىدىن ئېلىندى)


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
زاغرا + 39 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 39   باھا خاتىرىسى

بۇ جاھان ئۆتنە جاھان

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25046
يازما سانى: 244
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8179
تۆھپە نۇمۇرى: 549
توردا: 4365 سائەت
تىزىم: 2011-1-5
ئاخىرقى: 2012-10-9
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق توغرا،مەنمۇ شۇ ھىسياتتا!!!

خۇشال ياشاش كېرەك!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81862
يازما سانى: 52
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3128
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 26 سائەت
تىزىم: 2012-6-20
ئاخىرقى: 2012-10-9
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
«غۇنچە  ئالدىرايدۇ  گۈل بولۇشقا  شۇنچە،  گۈل  يىغلايدۇ  بولالماي  قايتىدىن  غۇنچە.»                  
بەخت دەل كۆز ئالدىڭدا، سېنىڭ قۇلۇڭدىكى ھەر بىر كۈندە، ھەتتا ھەربىر دەقىقىدە، ھالبۇكى ھەرگىزمۇ ئۆتمۈشتە ياكى كەلگۈسىدە ئەمەس.


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40939
يازما سانى: 429
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2088
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2377 سائەت
تىزىم: 2011-5-16
ئاخىرقى: 2012-10-9
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىنساننىڭ ئاجىزلىقى ئەنە ئاشۇنداق ئىنسانغا بىلدۈرۈلۈپ تۇرۇلىدۇ .

راست سۆزلىگەن كىشى نېمىدىگەن سۆيۈملۈك كىشى ھە !

ئۈمىدسىزلىك يىرىم ئۆلۈم.

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60672
يازما سانى: 215
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4065
تۆھپە نۇمۇرى: 339
توردا: 498 سائەت
تىزىم: 2011-10-15
ئاخىرقى: 2012-10-10
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھايات دىگەن مۇشۇنداق.

ئىنسان قىغان ياخشى-يامان ئېشلىرىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرگۈچىدۇر.

ياۋا ئات

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11290
يازما سانى: 692
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7870
تۆھپە نۇمۇرى: 1267
توردا: 2195 سائەت
تىزىم: 2010-9-23
ئاخىرقى: 2012-10-9
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
20 يىلدىن كىيىن بەخىتلىك بولۇش بولماسلىق ئۆزىنىڭ تېرىشچانلىقىغا باغلىق، ھەم بەخىت دىگەن ئۇقۇمغا بولغان چۈشەنچىسىگە باغلىق. بەزىلەر كۆپ پۇل تېپىپ خاندەك ياشاشنى بەخىت دەپ بىلىدۇ، بەزىلەر جاناننىڭ ۋەسلىگە يېتىشنى بەخىتلىك دەپ بىلىدۇ، يەنە بەزىلەر ئۆزى ۋە ئۆز قوۋمىدىكىلەرنىڭ ھەقىقىي ئىنساندەك ياشىشىنى كۆرۈشنى بەخىت دەپ بىلىدۇ ۋە شۇنىڭ ئۈچۈن كۆرەش قىلىدۇ.......

ئاق چاشقان، قارا چاشقان، مۆشۈككە تۇتۇلۇپ قالمىغان ياخشى چاشقان.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75434
يازما سانى: 211
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3396
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 108 سائەت
تىزىم: 2012-2-11
ئاخىرقى: 2012-10-6
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توغرا        ئويلاپسېز   دېگېنېڭېز  توغرا   مەنمۇ  شۇنداق  ئويلايتېم  لېكېن  ئەمدې  نېمە  پايدېسې   

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57398
يازما سانى: 324
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4625
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 210 سائەت
تىزىم: 2011-9-21
ئاخىرقى: 2012-10-8
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتى توغرا ئېيتىلىغان گەپلەرگەن رەھمەت سىزگە!!!

ھويلامىنى بىزەپ قويدۇم.كۈرۈپ بىقىڭلار (كۈلگەن  چىراي ئىپادىسى )

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82806
يازما سانى: 363
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3617
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 83 سائەت
تىزىم: 2012-7-21
ئاخىرقى: 2012-10-9
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇ ۋاقىتلارغىچە جىنىمىز بارمۇ يوقمۇ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85702
يازما سانى: 63
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 73
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 12 سائەت
تىزىم: 2012-10-4
ئاخىرقى: 2012-10-9
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۈتكەن كۈنلەر كەلگەندەك ئەمەس،كەلگەن كۈنلەر كۈتكەندەك ئەمەس!!!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش