مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3163|ئىنكاس: 70

دېھقانلار، «دىباۋچىلار»، ھەقسىز ھاشار   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50850
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3468
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 4 سائەت
تىزىم: 2011-8-7
ئاخىرقى: 2012-10-8
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ يەردە سۆزلىمەكچى بولغىنىم دېھقانلارنىڭ ھەقسىز ئەمگەكلىرى، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئالىدىغانلار دۇچ كەلگەن بېسىملار ھەققىدىكى ئىككى كارتىنا...

دۆلەت بايرىمىدىكى  ئالتۇن ھەپتىلىك ئارام ئېلىش مەزگىلىدە، ئائىلىنىڭ قىشلىق تەييارلىق ئىشلىرىنى قىلىۋېتىپ، ئالدىراش ئۆيگە مېڭىش ئالدىدا بايرامنىڭ 2-كۈنى (10-ئاينىڭ 2-كۈنى) كۆپ ساندىكى دېھقانلارنىڭ بازارلىق ھۆكۈمەتنىڭ كۆتىرە بەرگەن ئاممىۋى پائالىيەت سورۇنىدا ھەقسىز ئەمگەك قىلىۋاتقانلىقىنى كۈرۈپ، كۆڭلۈم بىر قىسمىلا بۇلۇپ قالدى. ئەجىبا دېھقانلارنىڭ دۆلەت بايرىمىدىكى ئارام ئېلىش مەزگىلىدە بايرام قىلىش ھوقۇقى يوقمىدۇ؟
ئاساسى قاتلامدىكى زېددىيەتلەرنى پەسەيتىش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشتىن ئىبارەت بۇ چىرايلىق نام ئاستىدىكى خىزمەت ئەترىتىدە ئىشلەپ، ئاساسى قاتلام دېھقانلار ۋە ئۇلارنىڭ ھەقىقى تۇرمۇشى بىلەن ئۇچرىشىۋاتقىنىمغىمۇ مانا ھەش پەش دېگۈچە 6 ئايدىن ئېشىپتۇ...
نۇرغۇن ئائىلىلەرگە كىردىم، نۇرغۇن قانۇن سىياسەتلەرنى تەشۋىق قىلدىم. بايلىرى باي، نامراتلىرى تام يۆلەپ، كوچا يۆلەپ قۇرۇق پاراڭلار بىلەن ئولتۇرۇشقان «دېھقان»لارنىمۇ تالاي كۆردۈم. ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى دەقىقىلىرىنى تۇرمۇشنىڭ ئېغىر قاتتىقچىلىقلىرى ئىچىدە ئېگە چاقىسىز، يۆلەنچۈكسىز ئۆتكۈزۈۋاتقان بوۋاي-مومايلار تۇرمۇشىنى كۆردۈم.
دېھقانلىرىمىز ھەقىقەتەن باي بوپتۇ. ئىشلىگەنلىرى، ئەقىل ئىشلەتكەنلىرى، تىنىم تاپمىغانلىرى ھەقىقەتەن باي بوپتۇ.. تۇرمۇشى ياخشىلىنىپتۇ.
بازىرىمىزنىڭ مەركىزى قىسمىدا ئەسلى بىر تەنتەربىيە مەيدانى ۋە بىر كىنوخانا بار ئىدى. ئاممىنىڭ مەدەنىي تۇرمۇشى مانا مۇشۇ ئورۇن بىلەن تازا جانلىناتتى. ئەپسۇسكى، يېڭىدىن تەشكىللەنگەن رەھبەرلىك بەنزىلىرى بۇ تەنتەربىيە مەيدانىنى بازار ئىچىدە كۈرۈمسىز بۇلۇپ قالدى دەپ ئويلىدىمۇ ياكى ھازىرقى باشلىقلار مەدەنىيەت تەنتەربىيەنىڭ دېھقانلارغا، ئاۋام پۇقرالارغا پۇلدىنمۇ مۇھىم ئۇزۇق ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالدىمۇ قانداق، بۇلارنى بۇزۇۋېتىپ، ئىزىغا خەلق پائالىيەت مەيدانى (گۇاڭچاڭ) سېلىش تەييارلىقىنى ئىشلىدى. ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تور بېتىدە ھەتتا بۇ قۇرۇلۇشقا خېرىدار چاقىرىش ئۇقتۇرۇشىنىمۇ كۆرگەن ئىدىم. ئىقتىسادى تەرەققىياتقا ئەگىشىپ، شەھەرلىشىش قەدىمىنى بېسىۋاتقان بازىرىمىز ئۈچۈن بۇمۇ بىر ياخشى بولغان ئەلرايى قۇرۇلۇشى ئىدى. ئاخىرى بۇ قۇرۇلۇشمۇ ھۆددىگە بېرىلگەن چېغى ، نەدىن كەلدىنكىن بىر قۇرۇلۇش ئەترىتى تۈرلۈك تۈمەن يوللار ۋە ۋاھاكازالارنى ئىشلەشكە كىرىشتى. ئەپسۇس ، 10-ئاينىڭ 2-كۈنىدىكى دۆلىتىمىزنىڭ ئۇلۇغ بايرام كۈنىدە، گوۋۇيۈەن، ئاپتونۇم رايون، ۋېلايەت، شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى قىزىل باشلىق ھۆججەت ئارقىلىق ئېلان قىلغان دۆلەت بايرىمى كۈنىدە ، دېھقانلار بۇ يەردىكى ئورەكلەرنى رەتلەش، توپا توشۇشتەك ھەقسىز ئەمگەكلەرنى قىلىۋاتاتتى. ئەسلى قائىدە بويىچە ھۆددىگە بېرىلگەن ئىكەن، قۇرۇلۇش شىركىتى ئۆزى قىلىشى كېرەكقۇ؟

دۆلىتىمىز ئەمگەك قانۇنىنىڭ 3-ماددىسىدا مۇنداق دېيىلگەن:
3 – ماددا ئەمگەكچىلەر باراۋەر ئاساستا ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە كەسىپ تاللاش ھوقۇقى، ئەمگەك ھەققى ئېلىش ھوقۇقى، دەم ئېلىش ھوقۇقى، ئەمگەك بىخەتەرلىكى ۋە ساقلىقنى ساقلاش مۇھاپىزىتىگە ئېرىشىش ھوقۇقى، كەسپىي ماھارەت تەربىيىسى ئېلىش ھوقۇقى، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ۋە پاراۋانلىقتىن بەھرىمەن بولۇش ھوقۇقى، ئەمگەك تالاش – تارتىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشنى ئىلتىماس قىلىش ۋە قانۇندا بەلگىلەنگەن باشقا ئەمگەك ھوقۇقلىرىغا ئىگە.

ئەمگەك قانۇنىنىڭ 40-ماددىسىدا مۇنداق دەپ بەلگىلەنگەن:
40 – ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئەمگەكچىلەرنى تۆۋەندىكى ھېيىت – بايرام كۈنلىرىدە قانۇن بويىچە دەم ئېلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك:
 (1) يېڭى يىل بايرىمى؛
 (2) باھار بايرىمى؛
 (3) خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمى؛
 (4) دۆلەت بايرىمى؛
 (5) قانۇن – نىزاملاردا دەم ئېلىش بەلگىلەنگەن باشقا ھېيىت – بايرام كۈنلىرى.
دېھقان دېسەك ئەڭ ئەۋال كۆزىمىزگە كەتمەن تۇتقان ، ئەمگەك قىلدىغان ئادەملەر توپى كۆز ئالدىمىزغا كېلىدۇ.
يۇقارقى قانۇن بويىچە بولغاندىمۇ، ھېچ بولمىغاندا، ۋەتەنپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن ئېيتقاندىمۇ، دېھقانلار دۆلەت بايرىمىدىن مەھرۇم قىلىنماسلىقى، ئەكسىچە، ئۇلارغا تۈرلۈك پائالىيەتلەر ئۇرۇنلاشتۇرۇلۇپ، دۆلەت بايرىمى ئۇلارغا تونۇتۇلۇشى كېرەك؟

ئەمدىكى گەپ، ھەممەيلەنگەن تۇنۇش بولغان «دىباۋ» ئائىلىسى. بۇنىڭ ئۆلچەملىك ئاتىلىشى تۆۋەن كىرىملىك ئائىلە دېگەنلىك بولىدىكەن.
مەن ئاساسى قاتلامدا ئىشلەش جەريانىدا، ئائىلە ئىقتىسادى ياخشى نۇرغۇن كىشىلەر توپىنىڭ بۇ توپقا قۇشۇلۇۋالغانلىقىنى، ئىگە چاقىسىز، تېرىلغۇ يېرى يوق، ياكى ئىنتايىن ئاز، تۇرمۇشى جاپادا ئۆتۈۋاتقان يەنە نۇرغۇن كىشىلەر توپىنىڭ بۇ ياخشى سىياسەتتىن بەھىر ئالالمايۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم.
بىر كۈنى بازارلىق خەلق ئىشلىرى ئىشخانىسىغا كىرىپ، مۇشۇ ھەقتە پاراڭلاشقاندىن كېيىن، بۇ ھەقتىكى قىزىل باشلىق ھۆججەتنى كۆپەيتىۋالدىم دە، كەنت ئىشخانىسىگە كېلىپ، ھۆججەتنى تەرجىمە قىلىپ چىقتىم.
ھۆججەتتە دېيىلىشىچە، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئالىدىغان كىشىلەرنىڭ ئاساسلىق شەرتى، بىرى 60 ياشتىن ئاشقانلار، ئىككىنچىدىن ئايلىق كىرىمى 80 يىۋەندىن تۆۋەن بولغانلار ئىكەن....
سىز بىر ئادەمنىڭ 80 يىۋەن تۇرمۇش پۇلى بىلەن بىر ئاي ياشىيالامسىز؟
بازاردىكى كۆكتات، گۆش، ئۇن، گۈرۈچ باھاسىنى نەزەرگە ئالغاندا، بۇ پۇلغا پەقەت بىر خالتا ئۇن كېلىدۇ. ناۋادا كۈندە 3 ۋاق بىر يۈەنلىك گىردە نان يېسە، تېخى 27 كۈن يېتىپ، يەنە ئۈچ كۈن ئاچ قورساق يۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. بىراق ئىنسان نان يەپلا ياشىيالمايدۇ دە....
دېمەكچى بولغىنى، ھۆكۈمەتنىڭ بەرگىنى ئاز بوپ قالدى دېگەنلىك ئەمەس. ئەنە شۇ ئايدا بېرىلىدىغان ئازغىنە «دىباۋ»پۇلىنى باشقۇرىدىغان ئەمەلدارلارنىڭ چەكتىن ئاشقان ھوقۇقى مەسلىسى.
مەن خەلق ئىشلىرى ئىشخانىسىدا ئىش بېجىرىش، تۆۋەن قاتلامدىكى كىشىلەر ئەھۋالىنى يەتكۈزۈش جەريانىدا 80-90 ياشلىق بوۋاي مومايلار، ئېغىر كېسەل دەردىدىن جېنى ھازىرلا چىقىپ كېتىدىغان ھالغا كېلىپ قالغان كىشىلەرنىڭ ھەر ئايدا بىر قېتىم بۇ يەرگە كېلىپ، بۇ پۇلنى ئۆز قولى بىلەن ئىمزا قۇيۇپ ئالىدىغانلىقىنى بىلدىم.
تۇرمۇش ھەقىقەتەن رەھىمسىز ئىكەن. ئەنە شۇ قېرى بوۋاي مومايلار شۇ 100 يىۋەن پۇل ئۈچۈن يېقىنى نەچچە يۈز مېتىر، يىراقراقى نەچچە ئون كېلومېتىر يولنى ناھايتى تەستە بېسىپ كېلىدىكەن. يەنە تېخى نەچچە سائەت يىغىن ، ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى ئاڭلىمىسا، يوقلىمىدا «بار» دەپ توۋلىيالمىسا بولمايدىكەن. قارىغاندا يېزا ئاساسى قاتلاملاردا «دىباۋ»پۇلى «سۈرە ياسىن»غا ئوخشاش خاسىيەتلىك رولغا ئىگە بۇلۇپ قاپتۇ.
خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، يېڭى ئىستىل تىكلەش، ھۆكۈمەت ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش تەكىتلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، شۇ قېرى چۆرە،كېسەل، مېيىپلاردىن نەچچە مىڭ كىشىنى بۇ يەرگە يىققۇچە، نەچچە كىشى كەنىتلەرگە بېرىپ، شۇ پۇلنى تارقاتقان بولسىمۇ، بۇ سېپى ئۆزىدىن سوتسىيالىزىمنىڭ كادىرلىرى قىلىدىغان، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش بولغان بولاتتى دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە...
بىر كۈنى بازىرىمىز كوچىلىرىدا يەنە شۇ «دىباۋچى» توپىنىڭ توك يولى ئۆرىكىنى كولاۋاتقانلىقىنى كۈرۈپ، ئىچىم ناھايتى ئاچچىق بولدى. قېرىپ ھالىدىن كەتكەن ئەنە شۇ  كىشىلەرنىڭ  توك يولىغا ئۆرەك كولىيالىغۇدەك ھالى بولسا،  100 يىۋەن ئۈچۈن بۇ يەرگە كېلىپ تەلمۈرۈپ، سىرتتا ئاپتاپ، سوغۇق يەپ ئولتۇرارمىدى؟ ئەسلى توك يولى ئۆرىكىنى شۇ ئىشنى كۆتىرە ئالغان ، توك چىراق ئورنىتىدىغان شىركەت ئۆزى كولىشى كېرەكتە.....
ئاساسى قاتلامدىكى بىر قىسىم ھۆكۈمەتلەرنىڭ بۈگۈنكى  يېڭى دەۋىردىمۇ دېھقانلارنى، ھۆكۈمەتنىڭ ئەۋزەل سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتقان «دىباۋچى»لارنى،  ھەقسىز ئەمگەكچى قاتارىدا كۈرۈپ، ئۇلارنىڭ كۈچىدىن قالايمىقان پايدىلىنىشى ، رايونىمىزدا تېخىچە بىر قىسىم رەھبىرى كادىرلارنىڭ ئىلمى تەرەققىيات، ئادەم ئامىلى، يېڭى شىنجاڭ قۇرۇشتەك بىر قاتار سىياسى نەزىريەلەردە كاللىسىنىڭ قاتماللىقىنى ئىپادىلەپ بېرەمدۇ قانداق؟
يېقىندا بىر دېھقان تونۇشۇم مەلۇم بىر كەنتتە ، خەلق سايلىغان شۇجى ھۆكۈمەت ئەمگەككە ئۇرۇنلاشتۇرسا، « دېھقانلارغا ھەق بەرسەڭ ئاچىقىمەن ،بولمىسا، دېھقانلار ئۆزىنىڭ ئىشىنى قىلىشى كېرەك » دەپ تۇرۋالغانلىقىنى، كېيىن بۇ شۇجىنى ئەمەلدىن قالدۇرۋەتكەنلىكىنى ئېيتىپ بەردى.
ھازىرغىچە نېمىشقا نامراتلار تۈگىمەيدۇ؟
گەپ، كادىرلارنىڭ نامراتلارنى ئۇنتۇپ قالغانلىقىدا....
ھازىرغىچە نېمىشقا دېھقانلارنى قالايمىقان ئىشقا سېلىش تۈگىمەيدۇ؟
گەپ، كادىرلارنىڭ قانۇننى ئۇنتۇپ قالغانلىقىدا....
مەيلى پۇقرا بولايلى، مەيلى كادىر بولايلى، مەيلى ئەمەلدار بولايلى، قانۇنغا خىلاپ، ئاممىنىڭ مەنپەتىگە خىلاپ ئىشلاردا قورقماي تۇرۇپ «ياق» دەيلى....
مەنبە: مەشئەل تورى
http://www.Xjmaxal.cn


ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
mantapaz + 11 تەپەككۇرى كۈچلۈك
kulpat + 99 قەشقەردە بار
alei + 300 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 410   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1322
يازما سانى: 508
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9888
تۆھپە نۇمۇرى: 350
توردا: 1748 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2012-10-9
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھوقۇقنى نازارەت قىلىدىغان مۇستەقىل بىر ئورگان بولمىغاندا ھوقۇقنى خالىغانچە ئىشلىتىش ئەھۋالىنى يىلتىزىدىن يوقاتقىلى بولمايدۇ ......

بايتۇرا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7093
يازما سانى: 352
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7907
تۆھپە نۇمۇرى: 364
توردا: 6020 سائەت
تىزىم: 2010-8-20
ئاخىرقى: 2012-10-8
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋايييييييي بۇرادەر ، بۇنداق ئىشلار ساماندەك ،
بۇنداق ئىشلار خەن سۇلالىسىدىمۇ بوپتىكەن، تاڭ سۇلالىسىدىمۇ بوپتىكەن، چىڭ سۇلالىسىدىمۇ بوپتىكەن، ئۇلۇغ كومىنىستىك پارتىيە زامانىدىمۇ بوپتىكەن...
ھەممىنى ۋاقىت ھەل قىلىدۇ.

ھامان بىر كۇنى گېنرال بولىمەن!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45093
يازما سانى: 198
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3083
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 504 سائەت
تىزىم: 2011-6-21
ئاخىرقى: 2012-10-9
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سۆزلەپ كەلسەك ناھەقچىلىق ھەقىقەتەن كۆپ،بولۇپمۇ بىزنىڭ يۇرت تەرەپتە كۆپمىكىن دەپمۇ ئويلاپ قالىمەن خەۋەر كۆرۈۋاتقان ۋاقىتلىرىمدا.
بىزنىڭ يۇرتتا ھاشار بۇرۇن كۆپ ئىدى،ھازىرمۇ كۆپ،كېيىن قانداق بولاكىن،ئاددىيغىنىسى رامىزان كىرىش ئالدىدىلا بەش كۈنلۈك ھاشارغا ئورۇنلاشتۇرغان،چىقماي پۇل تۆلىسە مەيلى دەپچۇ،ئاڭلىسام مۇشۇنداق پەيتتە كەنتنىڭ كىرىمىنى تولۇقلىماق ئاسان توختايدىغان چېغى،كەنتتە تېخى مەشرەپ قىلىپ بەردۇق دەپلا تۈگەتكەن قورسىقى يوغان-يوغان باشلىقلارنى چاقىىرىپ قويۇپ،ئامال يوقتە بەزىلەرنىڭ «ئۇلى پۇختا»بولغاندىكىن، نىم دېگۈلۈك...

ھىجرانىم تامچىلاپ ئاخىر بولدى كۆل،
ياشلىق مەۋسۇمى ئۇ توزۇغان بىر گۈل.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1033
يازما سانى: 289
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10241
تۆھپە نۇمۇرى: 408
توردا: 3210 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2012-10-5
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەق گەپ،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12462
يازما سانى: 1280
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15905
تۆھپە نۇمۇرى: 2246
توردا: 7007 سائەت
تىزىم: 2010-10-2
ئاخىرقى: 2012-10-10
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھەقچىلىق دىيارىمىزنى  قاپلىدى . بىزمۇ خان نىمە دىسە ماقۇل دەيمىز ..

ئۇيغۇرسەن مىللەتتىن  تانما ،
ئوغۇزسەن كەينىڭگە يانما .
قوشقاردىگەن ھايۋان  ئۇ .
سەن ئىنسان ئۇنى دورىما .
70% ئۇيغۇر يوققا ھىساپ ، پەقەت 30 پىرسەنتى ھايات بولسىلا .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77213
يازما سانى: 233
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3401
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 62 سائەت
تىزىم: 2012-3-10
ئاخىرقى: 2012-10-9
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنداق سېلىقلار ھەممە يەردە بار. بىرىشى موچەن ئېلىشى كوچەن.

سالام ئانا ۋەتەن

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8827
يازما سانى: 868
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12162
تۆھپە نۇمۇرى: 831
توردا: 1005 سائەت
تىزىم: 2010-9-1
ئاخىرقى: 2012-10-9
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھامان بىر كۈنى بۇ ئىشلارنىڭ تۈگىشىگە ئىشىنىمەن

بىر-ئىككى -ئۈچ! ئىتتىپاقلىق كۈچ! سالام ئۇيغۇر ئوغلانلىرى

http://qintax.33591.cn

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 824
يازما سانى: 663
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12892
تۆھپە نۇمۇرى: 1124
توردا: 6431 سائەت
تىزىم: 2010-5-26
ئاخىرقى: 2012-10-10
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئەزا چەكلەندى!سۆز قىلىش ئەركىنلىكى يوق !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74767
يازما سانى: 109
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3934
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 65 سائەت
تىزىم: 2012-2-4
ئاخىرقى: 2012-10-10
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دېمىسىمۇ دېھقانغا چۈشكەن ناھەقچىلىق بەكلام ئېغىر 21-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىغا قەدەم قويىۋاتىمىز بىزنىڭ شىنجاڭدا  دېھقاننى بوزەك قىلىدىغان ئىشلار  تۈگەش ئۇياقتا تۇرسۇن ئەۋىج ئىلىپ كىتىپ بارىدۇ. بۇ ئىشلار شىنجاڭ خەلقىنىڭ كۆڭلىگە بەش قولدەك ئايان...بۇ ئىشلارنى زادى قانداق قىلىش لازىم؟.....

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش