ئەسسالام ئەزىز تورداشلار،تۆۋەندىكى ئەسەرنى تەرجىمە قىلىپ باققانىدىم،كۆپ جايلىرىنى ياخشى قىلالماي قالدىم،ياخشى پىكىر -تەكلىپلەرنى بېرىشىڭلەرنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن!
سۆيگۈ؟ مۇھەببەت ؟
ئىسىمدە قىلىشچە بىر كىشى مۇنداق دىگەن : مەن ھاكاھۇرلارچە تەنھا ئۆتۈشكە رازىمەنكى، ھەرگىز پەسلەرچە مۇھبەتلەشمەيمەن.مۇھەببەت، ئۇ،ھەر قانداق ئادەم باشتىن ئۆتكۈزىدىغان مۇساپە.
ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆز مۇھەببەت كۆز قارىشى بولىدۇ،مۇھەببەت سىزگە قۇچاق ئاچقاندا ،سىز قانداق قىلىسىز؟ئىلگىرىكى بىر مەزگىللىك گۈزەل مۇھەببەت ئەسلىمىسى كۆز ئالدىمدا نامايەن بولدى.بۇ مۇھەببەت مېنى كۆپ نەرسىلەردىن ئايرىدى،ئەمما ئەرزىيدىغىنى شۇكى ،ئېرىشكىنىم مۇھەببەت قارىشىنىڭ ئۆزىگىرىشى بولدى.مۇھەببەت ،ئەلمىساقتىن تارتىپ يازغۇچى-شائىرلارنىڭ ھىسياتنى ئىزھار قىلىدىغان، مەدىھيلەيدىغان تېمىسى بۇلۇپ كەلدى.«ئۆكۈنمەسمەن گەر ئايلنساممۇ مۇردىغا،يايرىم ئۈچۈن جەبىر-جاپا چېكىش يولىدا»،لىيۇۋيوڭنىڭ ئخلاسمەنلىكى ئادەمنى تەسىرلەندۈرمەي قالمايدۇ؛«ئالەمنىڭ چېتى بار،سېغىنىشنىڭ چېكى يوق»يەنشۇ سېغىنىشلىرىنى يارقىن لىرىكىلار بىلەن ئىپادىلىگەن؛«پەلەك قېرىماس،مىھرىم ئۈزۇلمەس.قەلبىم گوياكى قوش يىپەك،ئىچىدە باردۇر مىڭلىغان تۈگۈن.»جاڭ شىيەن ھەسرەتتىن-ناداماتتىن ئىچى باغرى ئۆرتەندى.
مۇھەببەت،ئۇ تۇلىمۇ سىرلىق !
ھەربىر ئادەمنىڭ مۇھەببەتكە ئىنتىلىش ھوقوقى بار ، ھەربىر ئادەمنىڭ مۇھەببەتكە ئېرىشىىش ھوقوقى بار،ھەربىر ئادەم ئۆز شارائىتىغا ئاساسەن ئۆزىگە تەئەللۇق بولغان مۇھەببەتكە ئېرىشىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ،بىز ھەرگىز نىشانىمىزدىن ئادىشىپ، مۇھەببەتنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ قالماسلىقىمىز ،قارشى تەرەپنى تۇرمۇشىمىزنىڭ بىردىنبىر نىشانى،ھاياتىمىزنىڭ بارلىقى قىلۋالماسلىقىمىز كېرەك.
ئالىي مەكتەپكە چىقىشتىن بۇرۇن مۇنداق بىر گەپ ئاڭلىغان ئىدىم:ئالىي مەكتەپ ئەمىليەتتە بىر نىكاھ تۇنۇشتۇرۇش ئورنى.ئالىي مەكتەپكە كەلگەندىن كېيىن ، بۇ گەپنىڭ ئاساسسىز ئەمەسلىكىنى بايقىدىم،يوللاردا،ئوقۇتۇش بىناسىدا،كۇتۇپخانا،گۈللۈكلەردە،ھەممە يەردە بىر جۈپ-جۈپ ئوقۇغۇچىلار،بىر جۈپ-جۈپ ئاشىق-مەشۇقلار،شۇ چاغدا ئويلاپ قالدىم:ئەجىبا ئۇلار ھەممىسى يالغۇزلۇقتىن غېرىپ-سىنىپ قالغانلارمىدۇ؟بىر مەزگىل ئۆتۈپ،بەزى ئىشلارنى ئاڭلىغاندىن كېيىنلا،ئالىي مەكتەپتە مۇھەببەتلىشىش ناھايىتى نورمال بىر ئىشكەن دەپ ئويلىدىم،ئالىي مەكتەپتە مۇھەببەتلىشىشنىڭ سەۋەبلىرى بەك كۆپ،ئارىسىدا ئۆز-ئارا رىغبەتلەندۈرۈپ ئاسپىرانتلىققا تەڭ ئۆتكەنلەرمۇ بار.مەن بۇرۇن مۇنداق بىر ]مىسالنى بىلگەنىدىم:3-چى يىللىقتا ئوقۇيدىغان بىر ئۆگۈنىش نەتىجىسى ئالاھىدە ياخشى ئاچاش بولۇپ ،ھەريىلى]ئوقۇش مۇكاپاتىنىڭ ئېرىشكۈچىسىكەن،ئۇنىڭ ئوغۇل دوستىنىڭ نەتجىسىمۇ يامان ئەمەس بولۇپ،ھەرقېتىملىق]نەتىجسى ئالدىنقى ئۈچنىڭ ئىچىدىكەن . ئوخشاشلا ،ھەريىلدا ئوقۇش مۇكاپاتى ئالالايدىكەن، ئادەتتە ئۇلار ]ئۆگۈنۈشتە ئۆزئارا رىغبەتلەندۈرۈپ،تۇرمۇشتا ياردەملىشىدىكەن.ئۇلارنىڭ نىشانى بولسا،بىرلىكتە ئوخشاش بىر مەكتەپنىڭ ئاسپىرانتلىقىغا ئۆتۈش،كېيىن ئورتاق تەرەققىي قىلىشكەن.ئەمما بۇنداق مىساللار كۆپ ئۇچىرىمايدۇ،كۆپ ساندىكى سىتۇدېنتلار مۇھەببەت سەۋەبىدىن ئۆگۈنۈشكە تەسىر يەتكۈزۈپ قويىدۇ،ئۇلارنىڭ ھەركۈنلۈك ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى قارشى تەرەپكە ھەمراھ بولۇپ ئويناش ، نەتىجىدە ئىككىسى خىزمەت ئىزدىگەندە قابىليەتسىزلىك ياكى كەسىپ نەتىجسىسى دىگەندىكىدەك ياخشى بولماسلىق سەۋەبلىك ھەرجەھەتتىن ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرايدۇ،ئاخىرىدا كۆڭۈلسىزلىك بىلەن ئايرىلىدۇ.ھازىر مەكتەپتىكى كۆپلىگەن ئوقۇغۇچىلار بۇ خاتلىقنى تەكرارلىماقتا،لېكىن يەنىلا ۋاز كېچەلمەي ،داۋاملاشتۇرۋاتىدۇ.ئۇلار راستىنلا زېرىكىشتىن بىراۋلارنىڭ ھەمراھ بولىشىنى ئويلامدۇ؟ ئويلايمەنكى مەيلى قاچان ،مەيلى قەيەردىلا بولسۇن،بىر پىرىنسىپنى ئۇنۇتماسلىقىمىز كېرەك:مەسىلەرنى يىراق كەلگۈسىدىن بايقىمىقىمىز لازىمدۇر.مەڭگۈ ئەستە تۇتىشىمىز لازىمكى: بەدەل تۆلەش بولغاندىلا ئېرىشىش بولىدۇ،ئەگەر ھازىر ھەمىشە ئۇيۇن-تاشا بىلەن بولساق ،ئېرىشىدىغىنىمىز نۆل بولىدۇ.
بىر ئادەم بۇلۇش سۈپىتى بىلەن ،غېرىبلىققا سەبىر-تاقەت قىلماق جاھىزدۇر.شۇ چاغدىلا غېرىبلىق كەينىگە يۇشۇرۇنغنى مەنىۋىيەتكە باي ھەم كۈچەيگەن ئۆزىمىزدۇر،ئېرىشكىنىمىز زېرىكىش سەۋەبلىك يۇقاتقىنىمىزدىن كۆپتە كۆپتۇر،شۇڭا زېرىكىشكە ،غېرىبلىققا بەرداش ئادەملەر ، ھەمىشە چوڭ ئىشلارنى قىلالايدىغان ئادەملەردۇر. جوڭگودا مۇنداق بىر گەپ بار:جاپا ئالدىدا ،ھالاۋەت كەينىدە.ئويلاپ كۆرسەك ،ئەگەر سىز ھازىر ئۆز تىرىشچانلىقىڭىزغا تايىنىپ تېخىمۇ كۆپ بىلىم دەسمايىگە ئىگە بولسىڭىز،بىر ياخشى پۇرسەتكە ئۇچراشقىنىڭىزدا، ئۆزىڭىزنىڭ ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىسىز يوق بۇنى مۇەييەنلەشتۈرەلمىگەن تەقدىردىمۇ،بۇ پۇرسەت لىللا سىزنىڭ بولىدۇ؛ ئەگەر بىر ھەققىي مۇھەببەتكە ئۇچۇرغىنىڭىزدا ،سىز ئېرىشىشكەجۈرەت قىلالمىسىڭىزمۇ،ئۇ سىزگە تەقدىم قىلىنىدۇ. شۇنداق قىلىپ ،سىز مۇھەببەت ۋە خىزمەتتە قوش مول -ھوسولغا ئېرىشەلەيسىز .ئۆز كۆرەش تارىخىڭىزنى ئەسلەپ قالغىنىڭىزدا بۇنىڭدىن ئۆكۈنەمسىز؟
دائىم مۇنداق مىساللارنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ:بىر قىز ئايرىلىش سەۋەبىدىن دەرياغا سەكرىۋاپتۇ،بىر ئوغۇل قىز دوستى تەرىپىدىن تاشلىنىپ بىنادىن سەكرەپتۇ.... ،
مۇھەببەتنى ھاياتىنىڭ بارلىقى ،تۇرمۇشنىڭ بىردىنبىر نىشانى قىلۋېلىش ، بۇنداق ھايات مەنىسىز تۇيۇلمامدۇ!بۇنداق تۇرمۇش تەمسىز بولمامدۇ!بۇنداق تەقدىر ئېچىنىشلىق ئەمەسمۇ!مۇھەببەت ،ئۆ دۇنيادىكى ئەڭ شېرىن ،ئەڭ رومانتىك،تۇيغۇدۇر،شۇنىڭ بىلەن بىر بىرگە ھاياتىمىزنىڭ ناھايىتى مۇھىم بىر قىسمى ھىسابلىنىدۇ،بىز ئۇنىڭ قەدىر-قىممىتىنىڭ يوقۇلىشىغا چىدامدۇق؟
مۇھەببەت قۇچاق ئاچقىنىدا ،ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىڭ، مۇھەببەت خوشلاشقىنىدا ،كۈلۈپ تۇرۇپ ئۇزۇتۇپ قويۇڭ......
يى شىياۋ خۇا
مەنبەسى:http://www.alma.cn/bbs/read.php?tid=2396
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا tapalmidim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-10-6 12:04 AM