«سېنى سۆيىمەن» تىلۋ
ىزىيە فىلىمى توغرىسىدا فىلىم مۇدىرى-نامان رەھمىتوللا، رىژىسۇر-ئەنىۋەر تۇرسۇن ئاساسلىق روللاردا: ئېرشات-نەبىيجان.رەيھان-رۇشەنگۇل مەمەتئېلى ھېكىم-نامان رەھمىتوللا. نۇرۇنسا-زۇلپىيە ئىبرايىم قاتارلىقلار فىلىمنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى: بۇ فىلىمدە ھېكىم ئايالى نۇرۇنسا بىلەن بىرلىشىپ، يېڭىدىن گېزىتخانىغا خىزمەتكە چىققان ئوغلى-ئېرشاتنىڭ تويىنى قىلىشقا ئالدىراپ، ئۇنىڭغا دوستى-تۇراخۇن جىڭلىنىڭ قىزىنى ئەپ بېرىشكە ئالدىرايدۇ. ھەمدە بۇ ئىشنى ئوغلى-ئېرشاتقا ئېيىتقاندا ئېرشات بۇ قىز بىلەن توي قىلىشقا قوشۇلمايدۇ. دەپ شۇ پەيىتتە گېزىتخانا رەھبەرلىگى ئېرشاتنى قارامايغا مۇخبىرلىققا ئىبەرتىدۇ. ئېرشات قارىمايغا كەلگەندىن كىيىن بىر كۈنى توساتتىن يول ئۈستىدە بىر كىچىك بالىنى ماشىنا ھادىسىدىن قۇتقۇزۇپ قالغان ئاقكۆڭۈل قىز رەيھان بىلەن دوقۇرشۇپ قېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن تونۇشۇپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن رەيھاننى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ. ئېرشات ھەر كۈنى رەيھان ئېچىۋاتقان دۇككاندىن كەمپۇت، پىچىنە-پىرەنىك قاتارلىق نەرسىلەرنى سېتىۋىلىشنى بانا قىلىپ، رەيھان بىلەن ئۇچۇرشۇشنى توختۇتۇپ قويمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىككى ياش ئوتتۇرسىدا چىن مۇھەببەت پەيدا بولىدۇ. ئېرشات قارىمايدىكى خىزمىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئۈرۈمچىگە كەلگەندىن كىيىن ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى توي ئىشىغا تۇتۇش قىلىپ، توي تەييارلىقىنى پۈتتۈرىدۇ. بىراق ئېرشات بۇ تويغا قوشۇلماي، رەيھاننى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. بۇ گەپنى ئاڭلىغان ھېكىم قارىمايغا يوشۇرۇنچە بېرىپ، رەيھاننىڭ ئائىلسىنى تېپىپ،قىزنىڭ ئاچىسىغا يالغان گەپلەرنى قىلىپ،،بۇ ئىككى ياشنى بىر-بىرىدىن يىراقلاشتۇرىۋىتىدۇ. ئېرشات رەيھان بىلەن خەت ئارقىلىق كۆرشۈپ، رەيھانغا ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېيتىپ، رەيھاننى خاتىرجەم قىلىدۇ. ئېرشات بىلەن جىڭلىنىڭ قىزىنىڭ تويى ئاتا-ئانىسىنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن بولىدۇ. دەل توي كۈنى نىكاھ ئوقۇۋاتقان پەيىتتە رەيھان توي ئۈستىگە كېلىپ، ئېرشات بىلەن كۆرۈشۈپ، توينى بۇزۇپ،بۇ ئىككى ياش ئۆيدىن چىقىپ قېچىپ كېتىدۇ.بۇ ئىشتىن ئېرشاتنىڭ ئاتا-ئانىسى تۈگىمەس پۇشايمانغا قالىدۇ. بۇ فىلىمدە ئوغۇل-قىزلارنىڭ نىكاھ ئىشىدا ئاتا-ئانىلارنىڭ چات كىرىۋالماسلىقىنى، باللىرىنىڭ تاللىغان لايىقىنى ھۆرمەت قىلىشنىڭ لازىملىقىنى تەسۋىرلەپ بېرىدۇ. تەييارلىغۇچى-ئابدۇمىجىت مۇھەممەتئېلى 2012-يىلى 5-ئۆكتەبىر.
|