سىــز بـۇلارنى قىلالىـدىـڭىزمــۇ ؟
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم سۆيۈملۈك تورداشلار ھەر ۋاقىت سالامەت ،خۇشھال يۈرۈشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ سىلەرگە مەدەتكار بولسۇن . يۈرىكىمنىڭ چوڭقۇر قاتلىرىدا جۇش ئۇرۋاتقان بىر خىل مۇقەددەس مۇھەببەت مېنى مۇشۇ تېمىنى يېزىشقا مەجبۇر قىلدى . باش چۆكۈرۈپ ئويلاپ بېقىشىڭلارنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن . بۇ جەمئىيتىمىزدىكى دائىم ئۇچراپ تۇرىدىغان ئاز بىر قىسىم كىشلىرىمىزدىكى روھى كەمتۈكلۈك.« شاكىلىنى چىقىرىپ تاشلاپ ،مېغىزىنى قۇبۇل قىلىشىڭلارنى سورايمەن »
سىز ئاللاھنىڭ بىر ئاجىز بەندىسى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن كىشلىك تۇرمۇشىڭىزدا نۇرغۇنلىغان ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىدىڭىز . نۇرغۇن كىشلەردىن ياردەم تەلەپ قىلدىڭىز ،بويۇن قىسىپ يىلىندىڭىز .سىز مۇشۇ چاغدا سىزگە ئەڭ ياردەم قىلالايدىغان ،ئەڭ مېھرىبان ئاللاھنى ئۇنتۇپ قالدىڭىز .شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ سىزنى ئەنە شۇنداق كىشلەرگە ھاجەتمەن قىلىپ قويدى. سىز مۇشۇ چاغدا ئەشۇ ئاجىز بەندىنى ئۇنتۇپ ئاللاھنى ياد ئېتىش كېرەكلىكىنى ئەستىن چىقاردىڭىز ... جەينامازدا يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ ئاللاھقا يىلىنىش كېرەكلىكىنى،تولىمۇ ئەپسۇس ئۇنتۇپ قالدىڭىز . . .
سىز بىر ئوقۇغۇچى ئىدىڭىز . ياغلىق ئارتىش ،ناماز ئوقۇش ،قۇرئان ئوقۇش چەكلىنەتتى. سىز بۇنىڭغا چۇقۇم كۆنۈشىڭىز ،ئۇنى شەرتسىز ئادا قىلىشىڭىز كېرەك ئىدى. ئۆزىڭىزچە بولسا قەلب ئەڭ مۇھىم ئىدى. توغرا قەلىب ئەڭ مۇھىم ،بىراق ئۈستىڭىزدىكى ئاللاھنىڭ ،سىزنى ياراتقان ئىگىڭىزنىڭ سىزگە چۈشۈرگەن پەرزىزلىرىنى ئۇنتۇپ قالدىڭىز . شەرەت ئارقىلىق بولسىمۇ ،نامازنى ئادا قىلىشنى ،سەل ئۇزۇنراق كىيىم كىيىپ بولسىمۇ ئالدىڭىزدىكى بۇ مۈشكۈللۈكتىن قۇتۇلىشنى ئويلاپ باقمىدىڭىز. باشقىلار چاچلىرىنى ھەرخىل ياساتسا ،بويىسا سىزنىڭمۇ قىلىپ باققىڭىز كەلدى. ئىسلامىيەتكە يات تار،ئۇچۇق كىيىملەردىن ئېلىپ كەيدىڭىز .سىز بۇرۇن بەكمۇ ھايالىق ئىدىڭىز ... ئاستا-ئاستا بۇلار قەلبىڭىزدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتتى. ئەتراپىڭىزدىكى مۇھىت سىزنى شەيتاننىڭ قىلىتىقىغا دەسسىتىپ قويدى. پەرىشتىڭىز بۇنى كۆرۈپ ياش تۈكەتتى . . . ئىسىت دەيتى. سىز ئۆزگىرىپ كىتىشىڭىزنى ئەتراپتىكى مۇھىتقا ئارتىپ قويدىڭىز ،ئاگاھ بولۇڭ مۇھىت سىزگە تەسىر كۆرسىتەتتى ... لېكىن سىزنىڭ قەلبىڭىزنى ھەرگىز ئۆزگەرتەلمەيتى. سىز ئەشۇ ئىشلارنى يەنى ،پەرىز نامازلارنى ئادا قىلىپ ،ھايالىق ،ئىمانلىق يۈرۈشنى بىر مەزگىل ئۇنتۇپ قالدىڭىز ،ئۆگىنىشنىڭ ئالدىراشچىلىقىغا ، چەكلىمىگە ئارتىپ قويدىڭىز بۇ ھەرگىزمۇ قىلىشقا تىگىشلىك ئىشنى قىلماسلىققا سەۋەب بولالمايتى،قېرىندىشىم !!!
سىز ھۆكۈمەت خادىمى ئىدىڭىز . سىز ئۆزىڭىزنىڭ قەلبىڭىزدىن چىقىرىپ تۇرۇپ ئىمان ئېيتقانلىقىڭىزغا ئىشىنىپ مۇسۇلمان دەيتىڭىز-يۇ ،ئەمەلىي ھەركىتىڭىزدە مۇسۇلمانغا خاس قىياپەت كەم بولسىمۇ ئۆيىڭىزدىمۇ ھەممە ئىشلار قانۇن بويىچە چەكلىمە ئىچىدە دەپ ئويلايتىڭىز . تۆت تام ئىچىدە پەقەت سىز قالاتتىڭىز ...سىزنى يالغۇز ئاللاھلا مۇھاپىزەت قىلىدىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالدىڭىز ... شۇنداق ،سىز ئاللاھنى ئۇنتۇدىڭىز ،بىراق باشلىقىڭىزنىڭ سىزنى خىزمەتتىن ھەيدەيدىغانلىقىنى ،مۇئاشتىن كۇرۇق قالدىغانلىقىڭىزنى ئۇنتۇپ قالمىدىڭىز . سىز ھاياتىڭىزدىكى نامازغا كېتىدىغان بىر سائەتنى ئۇنتۇپ قالاتتىڭىز -يۇ، چاي ،توي ئولتۇرۇشقا بارىدىغان ۋاقىتنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايتىڭىز .شۇنىڭ بىلەن ئىزىڭىزنى بېسىپ ئىمانى قەلبىدە بار ھەركىتى ۋە تىلىدا يوق بىر قىسىم ئەۋلادلار مەيدانغا كەلدى .خەنزۇچىنى شاما قىلىپ سۆزلەيتى-يۇ ، «ئەلف» دېگەن بىر ئېغىز سۆزگە تىلى كەلمەيتى. سىز بالىڭىزغا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئۆگىنىشكە تىگىشلىك ئەڭ مۇھىم بىلىملەرنى ئۆگىنىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قىلىدىڭىز . شەنبە -يەكشەنبە قېنىپ ئۇخلايدىغان ، تويغا بارىدىغان كۈن ئىدى. بۇ سىزنىڭ قارشىڭىز ئىدى. ئەسلى شۇ كۈنى سەھەر تۇرۇپ ئۇرۇق-تۇققانلار ،بالا -چاقىڭىزغا ئىنساپ تىلەپ ناماز ئۇقۇشنى ،قۇرئان ئۇقۇشنى ئۇنتۇپ قالدىڭىز . . . تويغا باردىڭىز ،ھاراق ئىچتىڭىز ،نامەھرەم بىلەن تانسا ئويناۋاتقاندا نۇرغۇن گۇناھقا پېتىپ قالغانلىقىڭىزنى ، دوزاخقا بىر قەدەم يېقىنلىشۋاتقانلىقىزنى ئويلاپ قويمىدىڭىز. ئايالىڭىز باشقىلار بىلەن تانسا ئوينىسا ،ئۆتە بۇياققا دېمەي كۈنلەپمۇ قويماي سىزمۇ خەقنىڭ خۇتۇنى بىلەن تانسا مۇزىكىسى ئاستىغا غەرق بولدىڭىز. . .
سىز بىر تىجارەتچى ئىدىڭىز.. . سودا -سېتىقىنى دەپ نامازنىڭ ۋاقتىنى ئۆتكۈزۋەتتىڭىز ھەم بەزىدە ناماز ئوقۇشنى ئۇنتۇپمۇ قالاتتىڭىز . چارچىغانلىق بۇنىڭ سەۋەبى ئىدى. ئويلاپ قالدىم . ئارىمىزدا نامازنى قانچە ئادەم ھەقىقي ئوقۇيدۇ ،قانچە ئادەم شەرت ئۈچۈن ئوقۇيدۇ ؟ «ناماز » دېگەن سۆزنى تەتۈر ئوقۇسىڭىز «زامان » بولىدۇ. سەن زامانغا كەلدىڭ ،چۇقۇم ناماز ئوقۇشۇڭ شەرت دېگەنلىك بولىدۇ. ئۇقۇماسلىققا يەنە باھانىڭىز بارمۇ ؟ مۇھەممەت مۇستافا سەللاھى ئەلەيھى ۋەسسەلەم مۇنداق دېگەن:« ئۆيىڭلارنىڭ ئالدىدا بىر ئۆستەڭ بولسا ،ھەر كۈنى بەش ۋاق يۇيۇنساڭلار سىلەردە كىر قالامدۇ ؟ ساھابىلەر <قالمايدۇ> دېگەن . شۇنداق ناماز مۇ شۇنىڭغا ئوخشايدۇ. ھەركۈنى بەش ۋاق ناماز ئوقۇساڭلار روھىڭلاردا كىر قالمايدۇ. گۇناھىڭلار يۇپۇرماقتەك تۆكۈلۈپ كېتىدۇ. ناماز سىلەرنى توغرا يولغا باشلاپ ،يامان يولدىن توسىدۇ.»
تاڭ سەھەردە ئورنۇمدىن تۇرۇپ بامدات نامىزىنى ئوقۇۋېتىپ ماڭا يىغا ئولاشتى ،يۈرىكىم تىتىرەپ كەتتى . دېرىزە ئالدىغا كەلدىم .شەھەر يەنىلا بىغەم ئۇيقۇسىنى ئۇخلىماقتا ئىدى.قايسى ئۆينىڭ چىرىغى يۇرۇقتۇ دەپ بېشىمنى دېرىزىدىن چىقىرىپ ئەتراپقا سوزدۇم . بىراق ، ئىككى -ئۈچ ئائىلىدىن بۆلەك ھېچقانداق ئۆيدىن سادا چىقمىغان ئىدى. ئىچىم ئاچچىق بولدى. «كىمىكى قايسى قەۋمنى دورىسا ،قىيامەت كۈنى شۇ قەۋىم قاتارىدىن قوپىدۇ.» ئىنشائاللاھ بىزنى ئاللاھىم كاپىر قەۋىمدىن قىلمىغىن،ئۆز-ئۆزۈمگە پىچىرلىدىم . قايتا جەينامازغا كېلىپ كۈندىلىك قىلىدىغان دۇئايىمنى يەنە قىلدىم .
«ئېھ مېھرىبان ئاللاھىم پۈتكۈل دۇنيادىكى مۆمىن مۇسۇلمان ئەر -ئاياللارنىڭ ،ئاتا -ئانام ۋە ئۇرۇق تۇققان قېرىنداشلىرىمنىڭ گۇناھلىرىنى مەغرىپەت قىلغىن . ۋەتەندىن ئايرىلىپ يىراقلاردا مۇساپىر بولۇپ يۈرگەنلەرنى رەھمەت قوينىڭغا ئالغىن . پىشانىسى سەجدە كۆرمەيۋاتقان ،ئازغۇن ياشلىرىمىزنىڭ گۇناھلىرىنى مەغرىپەت قىلىپ ئۇلارنى توغرا يولغا باشلىغىن ، بىزدىن ئىمان ۋە ھىدايەت نۇرلىرىنى كام قىلمىغىن . ئىنساپ بىلەن قەلبىمىزنى يۇرۇتقىن سەندىن بولەك مېھرىبانىم يوق ئېھ ئاللاھ سەن رەھىم قىلغۇچىلارنىڭ رەھىم قىلغۇ چىراغىدۇرسەن ! ئامىن ئاللاھۇ ئەكبەر!»
ئەقىل كۆزىڭىزنى ئېچىڭ قېرىندىشىم ،ئاخىرەت ئۈچۈن تېرىقچىلىقنى باشلاڭ ،ھۇسۇلىنى قىيامەتتە كۆرىسز . ئۆلۈم _ ھەرگىز ھاياتنىڭ ئاخىرلىشى ئەمەس بەلكى ھاياتلىقىنىڭ قايتا باشلىنىشىدۇر. . . قەلبىڭىزنى ئىمان ،ئىسلام نۇرى بىلەن سۇغۇرۇڭ . ئىسلام ئۆگىنىشكە ،ھەقىقي مۇسۇلمان بولۇشقا، ناماز ئوقۇشقا ،ئىسلامىيەت يولىدا مېڭشقا پۇل كەتمەيدۇ ،پەقەت ئازراق ئەقىل كېتىدۇ. يامان يولغا مېڭىشقا ، گۇناھكار بولۇشقا پۇل كېتىپلا قالماستىن بەلكى يەنە بەخت توزۇپ كېتىدۇ. ئۆمۈر قىسقا ،قىلغان ئىشلار تەتۈرگە ماڭىدۇ. سىلەرگە ئاللاھتىن ھىدايەت ۋە مەغرىپەت تىلەيمەن .
_________ سۈزۈك ئاي
2012 -يىل 5- ئۆكتەبىر قاراماي
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا suzuk-ay تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-10-5 10:55 PM