مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 649|ئىنكاس: 3

شاھدىيارسوفت تورى يېڭى نەشىرى ئېلان قىلىندى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2777
يازما سانى: 52
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9899
تۆھپە نۇمۇرى: 517
توردا: 854 سائەت
تىزىم: 2010-6-16
ئاخىرقى: 2013-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-5 06:00:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
شاھدىيار تورى يېڭى نەشىرى ئېلان قىلىندى.
<<شاھدىيار تورى>> كومپيۇتېر، يۇمشاق دېتال ۋە تېخنىكىنى ئاساسىي نىشان قىلغان تور بېكەت بولۇپ، ھەر خىل ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللار، زامانىم ئەپ بازىرى، تېخنىكىلىق ماتېرىياللار، ھەر خىل پىروگرامما لايىھىلەش تېخنىكىلىرى ... قاتارلىقلارنى ئاساسىي مەزمۇن قىلغان كەسپىي كومپيۇتېر تېخنىكا تور بېكىتى.

شاھدىيار تورى (شاھدىيارسوفت) نىڭ ئىلگىرىكى تور بېكىتىدە پەقەت ئۆزىمىزنىڭ يۇمشاق دېتاللىرىلا بار بولۇپ، مەزمۇن جەھەتتىن چەكلىمىگە ئۇچىراپ قالغان. يەنە، يۇمشاق دېتاللارغا قارىتا باشقىلار ئۆزلىرىنىڭ كۆز - قاراشلىرىنى، تەكلىپ - پىكىرلىرىنى يېزىشقىمۇ بولمايىتتى. ئۆزىمىز چىقىرىپ قويغان ماتېرىياللارنىلا كۆرۈش بىلەن چەكلىنىدىغان بولۇپ، تور بېكىتىمىزنىڭ يېڭى نەشىرىنى ئىشلەشنى پىلانغا كىرگۈزگەن ئىدۇق.
شۇنداق قىلىپ <<شاھدىيارسوفت تورى>> نىڭ يېڭى نەشىرىمۇ پۈتۈپ تاماملاندى.
بۇ نەشىرىدە <<شاھدىيارسوفت>> يۇمشاق دېتاللىرىدىن باشقا يەنە زامانىم ئەپ بازىرى مەخسۇس سەھىپىسىمۇ تەسىس قىلىندى.
يەنە، ھەر خىل پىروگرامما تىللىرىدىن پىروگرامما كودىنىمۇ تەمىنلەشنى ئاساس قىلغان بولۇپ، پىروگرامما ئۆگىنىشنى ئارزۇ قىلىدىغان ياكى پىروگرامما بەزى تېخنىكىلىق مەسىلىلەرگە يولۇققانلار ئۈچۈن ھەر خىل پىروگرامما تىللىرىدىن ھەر خىل مەزمۇنلار بويىچە پىروگرامما كودىنىمۇ چىقىرىپ تۇرىمىز. شۇنداقلا يېڭىدىن پىروگرامما ئۆگىنىۋاتقانلار ئۈچۈن ھەر خىل تۈردىكى يۇمشاق دېتاللارنى ياساش دەرسلىكىمۇ رەسىملىك تېما شەكلىدە داۋاملىق يوللىنىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى بارلىق مەزمۇنلارنىڭ ئاستىغا تورداشلار ئەزا بولمايلا بىۋاستە ئىنكاس يوللىغىلى بولىدىغان بولۇپ، مەزمۇنغا قارىتا ئويلىغانلىرىڭىزنى ئاستىغا ئىنكاس شەكلىدە قالدۇرۇپ قويسىڭىز بولىدۇ (تور بېكىتىمىزدە ئىنكاس يوللىغۇچىلار چوقۇم مۇنبەردىكى ئەزالىق نامىغا ئوخشاش مۇقىم بىر ئىسىم قوللىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. بۇ ئىنكاسقا قارىتا جاۋاب بېرىش ۋە بەزى مەسىلىلەر ئۈچۈن ھەر جەھەتتىن پايدىلىق. مەسىلەن: مەن <<شاھدىيارسوفت>> نامىنى قوللىنىمەن).

سۆز قالدۇرۇش ئورنىدىن ياردەم سورىماقچى بولسىڭىز، تەكلىپ - پىكىر ۋە باشقا دەيدىغانلىرىڭىز بولسا سۆز قالدۇرۇپ قويسىڭىز بولىدۇ.
تەپسىلاتىنى تور بېكىتىمىزگە كىرىپ كۆرۈپ باققايسىز.

شاھدىيارسوفت تورىنىڭ يېڭى نەشىرىنىڭ ئادېرىسى:
www.shahdiyar.com

تور بېكىتىمىزگە قارىتا تەكلىپ - پىكىرلەر بولسا http://www.shahdiyar.com/Soz_Qaldurung.asa بۇ يەرگە قالدۇرۇپ قويسىڭىز بولىدۇ.



شاھدىيارسوفت يۇمشاق دېتال تەتقىقات، ئىجادىيەت گۇرۇپپىسى
Shahdiyarsoft Software Research, Invent Group



شاھدىيار تور بېكىتى  

www.shahdiyar.com

پەلۋاندەك ياشا

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83888
يازما سانى: 207
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4769
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 311 سائەت
تىزىم: 2012-8-13
ئاخىرقى: 2013-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-5 09:04:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن كۈرۈپ بۇلۇپ قايتا تەھرىرلەيمەن،

تۇلۇق ئون تۆت ئەسىر ئۆتتى نەقىشلەر بولمىدى سادىر،
نىمىكى دىسە قۇرئاندا بۈگۈن دۇنيادا شۇ زاھىر .
بۇنىڭدەك مۆجىزە ئىشىگە نىچۈك مەخلۇق بۇلۇر قادىر،
ئۇنىڭ تەئرىپىگە سۆزنى تاپۇر قايدىن ئەدىپ شائىر.      
نىسىپ قىلمايدىكەن تەڭرى ئەگەر تىلغا بالاغەتنى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6555
يازما سانى: 83
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8859
تۆھپە نۇمۇرى: 445
توردا: 272 سائەت
تىزىم: 2010-8-16
ئاخىرقى: 2013-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-5 10:08:42 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزدەك يانفۇندا تورغا چىقىدىغانلارغا يانفۇن نۇسخىسىنى لاھىيلەپ قويساڭلا。
سىلەرنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن。

باشقىلارغا تەبە

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18033
يازما سانى: 1426
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8968
تۆھپە نۇمۇرى: 306
توردا: 6374 سائەت
تىزىم: 2010-11-18
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-6 12:40:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىشلىرىڭلارغا ئۇتۇق تىلەيمەن.شۇنداق ياخشى بوپتۇ!

ئۆزىڭىزنىڭ خاسلىقى بولسۇن.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش