مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1250|ئىنكاس: 24

توي-تۈكۈنلىرىمىزدىكى بىر نەچچە ئىللەت توغرىسىدا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85730
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 60
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 9 سائەت
تىزىم: 2012-10-5
ئاخىرقى: 2012-10-9
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توي-تۈكۈنلىرىمىزدىكى بىر نەچچە ئىللەت توغرىسىدا

گۈلەن ئەپەندىم لىكسىيەسىدە ئېيتقىنىدەك: «بىزدە چوڭ جەھەتتىن مىللەت خاراكتېرلىك ئىللەتلەر يوق بولۇشى مۇمكىن». لېكىن مەن ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەت ئىمىننىڭ «يىپەك يولىكىدىكى قايتا ئويلىنىش» دېگەن ئەسىرىدە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ئېيتىلغان بايانلارنىمۇ ئاساسسىز دەپ قارىمايمەن. تۆۋەندە مەن كەڭ تورداشلارغا يەنە شۇ ئىللەت توغرىسىدا بىر نەچچە كەلىمە سوۋغا ئېلىپ كەلدىم. قېنى ھوزۇرىڭلاردا بولسۇن. ئىشىنىمەنكى، ئادەم نۇقسانسىز بولمىغاندەك، ھەر قانداق ئەسەرنىڭمۇ مەلۇم نۇقسىنى بولىدۇ. شۇڭا، كۆپچىلىكنىڭ تەنقىدى پىكىرلىرىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن قوبۇل قىلىشقا ھەر ۋاقىت تەييارمەن.
جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشى، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلىشى بىلەن توي مۇراسىملىرىمىز ئۆزگىچە شەكىللەر بىلەن ئۆتكۈزۈلۈۋاتىدۇ. بىزدە بىر قەدەر ئۇموملاشقان توي مۇراسىمى ئادەتتە ئەلچى ئەۋەتىش، چاي ئىچكۈزۈش، نىكاھ ئوقۇش، قىز كۆچۈرۈپ كېلىش، سالامغا بېرىش قاتارلىق باسقۇچلار بۇيىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ، بۇلار كۆپچىلىككە ئېنىق ئوقۇملار ھېسابلىنىدۇ. گەرچە بىزنىڭ تويلىرىمىز ئاساسى جەھەتتىن مۇشۇ خىل قىلىپتا ئېلىپ بېرىلسىمۇ، ئەمما ئىقتىساد، جۇغراپىيەلىك ئامىل، دىنىي-ئىتقاد ۋە مەدەنىيەت ساپا قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بەزى بىر پەرقلەرمۇ مەۋجۇت. ئوخشىمىغان جايلاردىكى، ئوخشىمىغان كىشىلەر ئۆز ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ بەزىلەر ئۆيلىرىدە، بەزىلەر رىستۇرانلاردا يەنە بەزىلەر مەسچىتلەردە توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ كەلمەكتە. توي مۇراسىمىنى قايسى يەردە ئۆتكۈزۈش توي ئىگىلىرىنىڭ ئەركىنلىكى ئەلۋەتتە. لېكىن، توينى قەيەردە ئۆتكۈزۈشنى توي ئىگىلىرى بەلگىلىگەن بىلەن، توي مۇراسىمىنى قانداق شەكىلدە ئۆتكۈزۈش، تويلۇق سىلىش قاتارلىق ئىشلاردا يەنىلا مىللىي ئەنئەنىمىزگە، ئۆرۈپ-ئادىتىمىزگە ۋە دىنى ئىتقادىمىزغا ئەمەل قىلغىنى تۈزۈك. چۈنكى توينى بۈگۈن سىز ئۆتكۈزسىڭىز، ئەتە يەنە بىرى ئۆتكۈزىدۇ. دېمەكچى، توي مۇراسىمىنى سىز مەرتىۋىڭىزنى، بايلىقىڭىزنى كۆز-كۆز قىلغاندەك ئۆتكۈزۈپ، يېڭىلىق يارىتىپ، يېڭى شەكىل، يېڭى ئادەتلەرنى بارلىققا كەلتۈرگىنىڭىز، كېيىنكىلەرگە بەزى بىسىملارنى پەيدا قىلىشى مۇقەررەر. بىزنىڭ ئەنئەنىمىزدە «كۆز تىگىپ كەتمىسۇن» دەيدىغان بىر گەپ بار، بۇنىڭ مەنىسى سىز ھەر قانچە مەرتىۋىلىك، باي ئادەم بولسىڭىزمۇ، بايلىق ۋە مەرتىۋىنىڭ سىزگە مەڭگۈلۈك ھەمراھ بولۇشى ناتايىن، سىز بۇلارنى كۆز-كۆز قىلىش بىلەن، مۆرىتى كەلگەندە باشقىلارنىڭ قاغىشىغا، غەزىپىگە ئۇچراپ، بۇلاردىن ناھايىتى تىزلا مەھروم قىلىشىڭىزمۇ مۇمكىن، بۇلارنىمۇ ئويلاپ قۇيۇشىڭىز كېرەك. شۇڭا، «نورمال» قىلىشقا تىرىشقان ياخشى. چۈنكى سىزگە ۋە بىزگە ئىبرەت بولىدىغان ئىشلار يىراقلاردا ئەمەس، بەلكى ئەتراپىمىزدا يۈز بېرىۋاتىدۇ.
ئەمدى نەق تېمىغا كەلسەم، بىر نەچچە توي مەرىكىسىگە قاتنىشىش جەريانىدا يۈز بەرگەن ئىشلار مېنى قاتتىق ئويغا سالغان ئىدى.  ئىجتىمائىيەتكە قىزىقىدىغان ۋە ئىزدىنىشكە ئىتىلىدىغان بىر ياش بولۇش بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئويلىغانلىرىمنى يېزىپ كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە سۇنۇپ ئورتاقلاشقىم كەلدى.
مەسلىھەت چايدىكى «ئۆزگىچىلىكلەر»
مەسلىھەت چاي-دېگەن بۇ ئوقۇم بىزگە سىڭىپ كىرگىلى ئۇزۇن بولمىغان بولسىمۇ، لېكىن ناھايىتى تېزلا شەھەرلەردىن يېزىلارغا كېڭىيىپ ئومۇملىشىپ ئۆز ئورنىنى تىپىپ بولدى، شۇنداقلا يېڭى شەيئىي سۈپىتىدە توي مۇراسىمىمىزنىڭ ئىچىگە بۆسۈپ كىرىپ نىكاھنىڭ ئالدىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان زۆرۆر بىر باسقۇچقا ئايلىنىپ قالدى. گەرچە ھەممە ئادەم تويدىن بۇرۇن مەسلىھەت چاي ئۆتكۈزمىسىمۇ، ئەمما كۆپ قىسىملار بۇ باسقۇچنى ئۆتكۈزمەي قويمىدى. مېنىڭ قارىشىمدا بىرەرئىشنى قىلىشتىن بۇرۇن مەسلىھەت قىلىشنىڭ ئۆزى ئىنتايىن ياخشى ئەھۋال. «كۆپنىڭ كۈچى ۋە ئەقلى كۆپ بولىدۇ» دېگەندەك، بىر مەسلە ئۈچۈن كۆپ ئادەم باش قاتۇرسا، ئۇنى ياخشى ھەم تېز ھەل قىلغىلى بولىدۇ. مەسلىھەتنىڭ خاسىيىتى توغرىسىدا مەخسۇس ماقالىلەرمۇ يېزىلدى. ئەمدى مەسلھەت چاي دېگىنىمىز يىغىنچاق قىلىپ ئېيتقاندا توي بولۇشتىن ئىلگىرى تويى بولىدىغان يىگىت (بۇ يەردە قىزلارنىڭ مەسلىھەت چىيي توغرىسىدا توختالمىدىم) ئەل-ئاغىنە، دوست-بۇرادەر ۋە قۇرداشلىرى بىلەن ئۆزىنىڭ تويىنى قانداق ئۆتكۈزۈش، كىملەر نېمىگە مەسئۇل بولۇش، قانداق قىلغاندا توينى خۇشال-خورام، ياخشى ئۆتكۈزۈش توغرىسىدا كېڭىشىدىغان بىر پائالىيەت. ئەمەلىيەتتە، مەسلىھەت چاي دېگەن بۇ مەخسۇس ئاتالغۇ بارلىققا كىلىشتىن بۇرۇنلا بىزدە تويدىن ئىلگىرى يىگىتنىڭ تويىغا تەييارلىق قىلىشقا يىراق-يېقىندىكى ئەل ئاغىنىلىرى كىلىپ ياردەملىشىدىغان ياخشى ئادەت بار. يەنى تويغا ئېيتىش، كەم-كۈستىلەرنى تولۇقلاش، ھويلا-ئاراملارنى تۈزەشتۈرۈش، ۋەھاكازا ئىشلاردا قولمۇ-قول خالىس ياردەم قىلىشىدۇ. ئەمما، جەمئىيەت تەرەققىياتى جەريانىدا مەسلىھەت چاينىڭ خاراكتېرى ئۆزگىرىپ، ئەسلى ماھىيىتىنى يۇقىتىپ  «چىقىم چىيى»، «بىسىم چىيى»،«ھاراق چىيى» دېگەندەك ناملار بىلەن ئاتىلىدىغان بولدى.
ئەلۋەتتە بۇنىڭ سەۋەبچىسى يەنىلا ياشلار دېسەك ئارتۇق كەتمەيدۇ. بازار ئىگىلى شارائىتىدا جەمئىيەتتە مۇناسىۋەتنى پۇل بىلەن ئۆلچەپ، مەسلىھەت چاينى پۇل يىغىۋالىدىغان «چىقىم چىيى»، «بىسىم چىيى»غا ئۆزگەرتىپ قۇيىدىغان ئەھۋاللار توي-تۈكۈنلەردە شىددەت بىلەن كۆپەيدى. ئەلۋەتتە، توي قىلىش ئۈچۈن ئىقتىساد كېتىدۇ، ئەل-ئاغىنەلەر ئازدۇر-كۆپتۇر كۆڭۈللىرىنى ئىپادىلەپ دوستىغا ياردەم قىلىدۇ، بۇ ناھايىتى ياخشى ئەھۋال. چۈنكى توي قىلىش ھەممە ئادەمنىڭ بىشىدا بار ئىش. سىزنىڭ ئۇنىڭغا بۈگۈنكى قىلغان ياردىمىڭىز، ئۇنىڭ ئەتە سىزگە قىلغان ياردىمى دېسەك بولىدۇ. لېكىن، بىر قىسىم ياشلار مەسلىھەت چاينى ئۆيدە ئاددى-ساددا، كەڭ-كۇشادە ئۆتكۈزۈشتىن، شەھەرگە كىرىپ رىستۇرانلاردا ھەشەمەتلىك ئۆتكۈزۈشكە يۈزلەندى، ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ 20-30 يۈەن 50-100 يۈەندىن قۇيۇشتىن،  بىراقلا 500-1000 يۈەن، ھەتتا 5000-10000 يۈەنگە چىقاردى. بۇ ئومۇميۈزلۈك ئەھۋال بولمىسىمۇ، لېكىن تېخىمۇ كۆپەيمەيدۇ دېگىلى بولمايدۇ. بۇ خىل ئەھۋال ئاز بولمىغان ياشلارغا ئېغىر ئىقتىسادى بىسىم پەيدا قىلىماقتا. مۇشۇنداق قاتتىق ئىقتىسادى بىسىم ياشلارنى ھەر خىل كويلارغا ۋە خاتا يوللارغا مېڭىشقا مەجبۇرلايدۇ. «نورمال»دىن ھالىقىپ كەتكەن ئىش-پائالىيەتلەر ئەكسىگە يانماي قالمايدۇ.
ئادەمنى بەكرەك ئويغا سالىدىغىنى مەسلىھەت چاينىڭ «ھاراق چىيى»غا ئۆزگىرىپ قىلىشىدىن ئىبارەت ھادىسىدۇر. ئەلۋەتتە بۇنى ئۆزگەرتكەنلەر يەنىلا ياشلار دېسەك خاتالاشمايمىز. ھاراق-شاراپنىڭ زىيىنى توغرىلىق يېزىلغان ماقالىلەر، ئوبزورلار ھەتتا ئىشلەنگەن تىراگىدىيەلىك كىنو-فىلىملەرمۇ ئاز ئەمەس، لېكىن ئىبرەت ئالغان ۋە ئېلىۋاتقانلار قانچىلىك؟
مەسلھەت چاينى مەيلى ئۆيدە ياكى رىستۇراندا ئۆتكۈزسۇن، يىگىت ئەڭ يېقىن ھېسابلىنىدىغان ئەل-ئاغنىلىرىنى چاقىرىدۇ، ئۇلار كېلىپ سورۇندا «كۆڭۈللىرى»نى ئىزھار قىلىدۇ. ئەلۋەتتە مەسلىھەت چايدا چۈشكەن پۇلنى جايىغا ئىشلىتىدىغانلارمۇ يوق ئەمەس، ئۇنداقلارغا ئاپىرن ئوقۇيمىز، تەشۋىق قىلمىز. ئەمما يەنە بىر قىسىملار مەسلىھەت چاينىڭ پۇلىنى بىر تىيىن قويماي «توي ھارىقى» سېتىۋىلىشقا ئىشلىتىدۇ. ھاراق سېتىۋىلىشقىلا تۆۋىنى 1000-2000 يۈەن، كۆپ بولغاندا 5000-10000 يۈەنلىك خەجلەيدۇ. بىراۋلارنىڭ ئىزاھ بېرىشىچە: تويدا ھاراقنىڭ قانچىلىك ئىسىلىنى قانىچلىك كۆپ سېتىۋالسا، توي شۇنچىلىك قىزارمىش؛ ئەگەر تويىدا ھاراق-شاراپ قويمىسا، تۇيى قىزمايلا قالماستىن، ھاراق-ئىچەلمىگەنلەر قەستەن جىدەل چىقىرارمىش؛ ھەتتا تويدىن كېين، قوي سۇيۇپ مېھمان قىلىپمۇ كۆڭلىنى ئالالمايمىش؛ ھاراق قويمىغانلىق سەۋەبلىك ئەل-ئاغنىلىرى ئۇلارنى ئارىغا ئالماسمىش. شۇڭا توينىڭ قىزىشى ئۈچۈن ھەتتا ئاتا-ئانىلىرىمۇ بۇلارنىڭ ھاراق سېتىۋىلىشى ۋە قۇيۇشىنى تۇسىمايمىش. ئاڭلاڭ، ئەمدى بۇ قانداق سەپسەتە! نېمە ئۈچۈن بۇنداق تەتۈر مۇقاملارغا ئۇسسۇل ئوينايمىز؟ بۇ مەسلىلەرگە كىم جاۋاب بېرەر؟ مېنىڭچە بۇنىڭغا «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» قاتارلىق مەتبۇئاتلارغا كەينى-كەينىدىن بىسىلغان  «شاراپسىز تويدىن تۇغۇلغان خىياللار» ... قاتارلىق بىر قىسىم ئوبزور-ماقالىلەر جاۋاب بولالايدۇ. لېكىن، جاۋابنى مىللەت ۋە دۆلەتنىڭ پاراۋۇزى، ئاتا-ئانىلارنىڭ پەخىرلىرى ھېسابلىنىدىغان ياشلىرىمىز ئۆزىلىرى تىپىشى كېرەك. بىز توي-تۈكۈنلىرىمىزنى شۇنچىلىك ھەشەمەتلىك ۋە ئىسراپچىلىق بىلەن ئۆتكۈزۈپ كەتكىدەك قانچىلىك نەتىجە يارىتالىدۇق؟ ئىشىنىمەنكى، نۇرغۇنلىرىمىزنىڭ تويلىرىنى ئاتا-ئانىلىرىمىز يانچۇقىدىن چىقىرىپ ياكى مىڭبىر جاپادا قەرز ئېلىپ قىلىپ بەرگىنى ئىنىق. ۋىجدانلىق بىر ياش چوقۇم بولارنى ئويلىشى كېرەك.
تويلۇق مىلىدىكى «ئۆزگىچىلكلەر»
تويلۇق مىلىنىڭ ئېغىر-يىنىك بولۇشى، توي قىلغۇچىلارنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادى ئەھۋالى بىلەن باغلىنىشلىق بولىدۇ. تويلۇق مىلى ئادەتتە قىز-يىگىتنىڭ تويدىن كېيىنكى تۇرمۇشىنى ياخشى ئۆتكۈزۈشى ئۈچۈن بېرىلىدۇ. لېكىن، زىيادە ھەشەمەتلىك قىلىپ تويلۇقنى جىق سىلىش ئۈچۈن، ھەتتا كۆپلەپ قەرز ئىلىشتەك ئىشلارنى «بۇپتۇ-مەيلى»دىيىشكە ھەرگىز بولمايدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە يېقىنقى يىللاردا بىر قەدەر چىكىدىن ئىشىپ كەتكەن ئەھۋال «تويلۇق ئۈزۈك» سىلىش بولۇپ قالدى. تويلۇق ئۈزۈكنى قىزلارغا يىگىتلەر مۇھەببەتنىڭ سىمۇۋۇلى قاتارىدا سىلىپ قويۇش نورمال ئەھۋال، ئەمما قىزلار يىگىتكىمۇ نەق مەيداندا قوشلاپ ئۈزۈك سالىدىغان ئەھۋاللار كۆپىيىشكە باشلىدى. ئېنىقكى، زىبۇ-زىننەت تاقاش قىزلارنى نازاكەتلىك ھەم چىرايلىق كۆرسىتىدۇ. ئۆزىنىڭ بىر قىز ياكى ئاياللىقىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن، ئۇلار بارمىقىغا ئۈزۈك، بېغىشىغا بىلەيزۈك، قۇلىقىغا ھالقا، بوينىغا مارجان ۋە زەنجىر، بۇلاپكىلارنى تاقايدۇ ۋە سالىدۇ. ساھىبجامال ۋە گۈزەل قىزلارنى تەسۋىرلىگەندە مانا بۇ زىبۇ-زىنەتلەر ئۆز جايىنى تاپقان بولىدۇ. ئەمدى يىگىتلەرگە ئۈزۈك سىلىشنى قانداق چۈشەنسەك بولار؟ يۇقارقى تەسۋىرلەرنى بىر ئوغۇل بالىغا ئىشلەتسەك، كۆز ئالدىڭىزدا قانداق بىر «يىگىت» ئوبرازى پەيدا بولىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ بىقىڭ؟ دېمىسىمۇ، ھازىر بىر قىسىم كىنولاردا بارمىقىغا ئۈزۈك، قۇلىقىغا ھالقا ۋە بوينىغا زەنجىر ئېسىۋالغان «غىتمەك يىگىت»لەرنى كۆرۈۋاتىمىز. مېنڭچە، ئۆزىنى مۇشۇنداق زىننەتلىگەن بىر «يىگىت»تىن ئەركەكلىك ھىدلىرىنى پۇراپ تىپىش بەسى مۈشكۈل ئشىتۇر. ئەلۋەتتە «قۇشلار جۈپى بىلەن، ئادەم خىلى بىلەن يۈرۈيدۇ» دېگەندەك، شۇنداق «غىتمەك يىگىت»لەرنى ياقتۇرىدىغان «ناتىۋان» قىزلارمۇ يوق ئەمەس. لېكىن، بۇنى ئەركىن جەمئىيەتتىكى ئىنسانى ھوقۇق، ئەركىنلىك دېگەن ئوقۇملار بىلەن پەدازلاپ يول قويۇشقا بولمايدۇ. ھازىر بىر قىسىم كىشىلەر بىر گەپنىڭ ئىككىسى بولسىلا «دەۋر ئۆزگەردى، زامان تەرەققىي قىلدى، شۇنىڭغا ماس كىيىنىش، ياسىنىش كېرەك، بولمىسا مەتو ئاتىلىدىغان گەپ» دېيىشىدۇ. مېنىڭچە ئۆزگىرىشمۇ لايىقىدا بولۇشى كېرەك، بولمىسا بەزى ئۆزگىرىشلەر يېڭىلىق ۋە تەرەققىياتتىن دېرەك بەرگىنى بىلەن، يەنە بەزى ئۆزگىرىشلەر بۇزۇلۇش ۋە يۇقىلىشىتىن دېرەك بېرىدۇ. شۇڭلاشقا ھازىرقى بەزى قىزلاردا نە قىزلارچە نازاكەت، بەزى يىگىتلەردە نە ئەركەكلەرچە جاسارەت بولسۇن، ئۇلارنىڭ نە ياسىنىشىدىن، نە ئىتقادىدىن مىللەتنىڭ ۋە مىللىي مەدەنىيەتنىڭ ئىزنالىرىنى تاپقىلى بولسۇن!
توي كىچىسى ھارپىسىدىكى «ئۆزگىچىلىكلەر»
توي دېگەن بىر يۇرت بىلەن بولىدۇ. توي قىلىشقا تۇتۇش قىلغاندىن باشلاپ ئاتا-ئانا ۋە ئۇرۇق-تۇققانلار ھېچنىمىگە قارىماي پاي-پىتەك بولۇپ يۈرۈيدۇ. توي كۈنى ئەتىگەندە، ناغرا-سۇناينى چىلىپ، يىگىت تەرەپ ئىمام، مەزىنلەرنى باشلاپ قىزنىڭ ئۆيىگە نىكاھقا بارىدۇ. قىزنىڭ ئۆيىدە ئىمام ئاخۇنلار ناھايىتى كۈچەپ، ئسلام دىنىمىزنىڭ قائىدە-يۇسۇنلىرى بىلەن ئۇلارنىڭ مەڭگۈلۈك ھالال جۈپلەردىن بولۇشى ئۈچۈن چىن نىيەت-ئېتقادى بىلەن ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ نىكاھ ئوقۇيدۇ. مانۇ مۇشۇنداق ئۇلۇغ نىكاھتا ئەسلىدە پاكىزە يۇيۇنۇپ-تارىنىپ، چىرايلىق كىيىنىپ، ھالال جۈپتىنى ئەمرىگە ئالىدىغان يىگىتنىڭ كاللىسىغا «ئالدىم» دېگەن بىر ئېغىز گەپ ئاران كىلىدۇ. چۈنكى ئالدىنقى كۈنى كەچتىكى مەسلىھەت چىيىدا ياكى توي باشلاش مۇناسىۋىتى بىلەن، ئىشقىلىپ ھاراق ئىچىش ئۈچۈن ھەر قانداق باھانە تىپىپ كۆپ ئىچىلىۋىلىپ يىشىلالمايۋاتقان، ياكى ئۆيىدە پاكىزە يۇيۇنۇشقا كۆزى يەتمەي قايسىدۇر بىر «ساڭنا»دا قولدىشى بىلەن تۈنەپ چىققان بىر «يىگىت» ھەمشىرىسىنى ئەس-ھۇشىنى بىلمىگەن، كالىسى گاراڭ ھالدا سورالغان سۇئالغا «ئالدىم» دېگەن جاۋابنى بېرىدۇ ھەم كېلىنچەكنى ئۆيىگە كۆچۈرۈپ ئېلىپ كىلىدۇ. ئاندىن يىگىتنىڭ ئۆيىدە يىراق-يېقىندىن كەلگەن مېھمانلار داستىخاندا ئولتۇرۇپ بولغاندىن كېين، توينىڭ يەنە بىر مۇھىم باسقۇچى نەغمە-ناۋا يەنى ياشلارنىڭ ئۇيۇنى باشلىنىدۇ. يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، توينىڭ راۋرۇس «قىزىشى» ئۈچۈن يىگىتنىڭ ئەل-ئاغىنىلىرى، «چوڭ»راق ھەتتا «كىچىك»رەك ئاغىنىلىرى، مەيلى قىشنىڭ قاتتىق سوغۇق كەچلىرى بولسۇن، مەيلى يازنىڭ تۇمۇز ئىسسىق كەچلىرى بولسۇن، ئۆي بولسا ئۆيدە، بولمىسا سامانلىق، قوي-كالا قوتىنى، ئۆينىڭ كەينى، يول ياقىسى بولسىمۇ ئامال قىلىپ جىددى سورۇن تۈزۈپ، گاھ گۆش، گاھ سەي، گاھ بىر چۆگۈن چاي ياكى قايناقسۇ بىلەن چىنە بولامدۇ، رومكا بولامدۇ ئىشقىلىپ ھارق قويغۇدەكلا نەرسە بولسا بولدى، سورۇندا ئەڭ كۆپ دىيىلىدىغان گەپ «توينى توي قىلىدىغانمۇ بىز، قىزىتىدىغانمۇ بىز، شۇڭا ئاغىنىمىزنىڭ ئۆمرىدە بىر كىلىدىغان توينى قىزىشتىش ئۈچۈن خۇشە!». تېخى تويغا ئالدىراپ بىر-بىرىنى سۈيلەپ كېتىدۇ، بىردەمدىن كېيىنلا «مۈشۈك»تەك ياۋاش بالىلار ئۇ يەردىن «قىلىنلىق دورىسى»نى ئوتلاپ چىقىپلا «يولۋاس»تەك بولۇپ كېتىدۇ. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە مەيدان شۇلارنىڭكى، ئۇيۇن شۇلارنىڭكى، لېكىن ئۇلارنىڭ ئۇسۇل ۋە تاڭسا ئوينىغاندىكى ھەرىكەتلىرى كىشىنى ئەيمەندۈرىدۇ، يىرگەندۈرىدۇ. مەسچىلىكتە بىرى-بىرى بىلەن ئۇرۇش-جىدەل قىلىپ، ئۇيۇن مەيدانىنى «شياڭگاڭ چامباش فىلىملىرى»دا تەۋىرلەنگەن جەڭگاھ مەيدانىغا ئوخشاش قىلىپ قۇيىدۇ. توينىڭ نەغمە-ناۋاسى ئۇرۇش-جىدەللەر ئىچىدە ۋاقىتلىق ئاخىرلىشىپ، ئىشىكلەرنى تاقايدۇ، ئاندىن ھويلىدا قىلغان نەغمە-ناۋانى ئۆي ئىچىگە يۆتكەيدۇ، قىز بىر بۇلۇڭدا دوستلىرى بىلەن ئولتۇرىدۇ، يەنە بىر بۇلۇڭدا «يىگىت» ئەل-ئاغىنىلىرىنىڭ زورلىشى بىلەن خالاپ-خالىماي ئىچىشكە باشلايدۇ. ھاراقنى بولۇشىغا ئىچىپ كەيپ بولۇپ، مەس ھالەتتە قىز بىلەن ھۇجىرغا كىرىدۇ، يەنە بەزىلىرى مەسلىكتىن يىشىلەلمەي، خۇددى بىر كىمنىڭ تويىغا قاتناشقاندەك تۇيغۇ بىلەن ئۇخلاپ كېتىدۇ. شۇنداق قىلىپ ياشلارنىڭ مەسلىكتىكى جىدەل-ماجرالىرى، چوڭلارنىڭ غەم-ئەندىشلىرى ئىچىدە توي كىچىسىمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ. ئاڭلىشىمچە، بەزى يېزىلادا تويدىكى مۇشۇنداق ئۇرۇش-جىدەللەرنىڭ كۆپلىكىدىن يەرلىك ساقچى دائىرلىرى ئادەم ئەۋەتىپ كۆزەتتە تۇرىدىغان بولۇپتۇ.
شۇندىلا «ھاراق ئىچىپ مەس پىتى توي كىچىسىگە كىرىپ كەتكەنلەرنىڭ بالىلىرى ھاراقكەش بولماي نېمە بولاتتى!» دېگەن بۇ گەپنىڭ مەنىسىنى چۈشەنگەندەك بولغان ئىدىم. خىتاب شۇكى، توي تويدەك بولسۇن، «ئەدەبنى ئەدەبسىزدىن ئۆگەن» دېگەندەك، يۇقارقىدەك بولمىغۇر ئادەت، يامان ئىللەتلەرنى تۇسايلى، بۇنىڭدا ھەر بىر جەمئىيەت ئەزاسىنىڭ مەسئۇلىيىتى بار. ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ياخشى ئادەت، ياخشى ئەنئەنىلىرىمىز بىزگە كەلگەندە يۇقاپ ياكى شەكلى ئۆزگىرەپ كەتمىسۇن. ئەڭ مۇھىمى، تويلىرىمىز ماددى بايلىق ئۈسىتىگە ئەمەس، ھەقىقىي چىن سۆيگۈ، ھەقىقىي مۇھەببەت ئۈستىگە قۇرۇلسۇن. تويلىرىمىز مەنسەپ-مەرتىۋە سودىسىغا، قىز ۋە يىگىتلەر ئالماشتۇرۇلىدىغان مالغا ئايلىنىپ قالمىسۇن. توي-تۈكۈنلىرىمىز ھاراق-شاراپسىز، ئىس-تۈتەكسىز ئۆتكۈزۈلۈپ، قىز-يىگىتلىرىمىز پاك ۋە ئىناق ئائىلە قۇرسۇن. تويلىرىمىز ھاراق-شاراپ ئىچىش بىلەن باشلىنىپ، ھاراق-شاراپنىڭ تۈگىشى بىلەن ئاخىرلاشماستىن، بەلكى ئۇلارسىزمۇ خۇشاللىق بىلەن باشلىنىپ، خۇشاللىق بىلەن ئاياغلاشقىسى.

قالاشنى بىلسەڭ م

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58324
يازما سانى: 80
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3254
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 267 سائەت
تىزىم: 2011-9-28
ئاخىرقى: 2012-10-7
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەگەر مۇشۇنداق كىتىۋۋەرسە كىيىنچە نىمە بوپ كىتىشىنى بىرنىمە دىمەك تەس  جىما
تەرەققىيات دەيلى ئەمدى بۇنى قىسقارتىپ

ھايات دىگەن شۇ بەزىدە كۈلۈپ بەزىدە يىغلاپ..........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85580
يازما سانى: 87
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 267
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 26 سائەت
تىزىم: 2012-9-30
ئاخىرقى: 2012-10-10
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
     تىمىڭىزنى باشتىن-ئاياق تولۇق ئوقۇپ چىقتىم ، ناھايىتى توغرا گەپلەر ، مەسلىھەت چاي دەيدىكەنيۇ لىكىن شۇ توينىڭ مەسلىھەتىنى قىلىشماي يۇقىرىدا دەپ ئۆتۈلگەندەك ھاراق بىلەن تۈگەتكەن شۇ ئاتالمىش مەسلىھەت چاينى ، بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان ‹‹ مەسلىھەت ›› نىم بولدى ئەمدى ؟ مەس ھالەتتە نىمىنى مەسلىھەت قىلىشىدۇ ؟؟؟؟؟؟
              ئىشقىلىپ مۇشۇنداق مېڭىۋەرسە بۇ ئىشلار نىمىمۇ بوپ كىتە ؟ توي ، ئىسمى-جىسمىغا لايىق ‹‹ توي ›› بولىدۇ دە ئاندىن !!!!!!!!!!!

سۆيۈپ ياشىغۇچە سۆيۈلۈپ ياشا !

ئاھ گۈلۈم

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78268
يازما سانى: 1695
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1766
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1302 سائەت
تىزىم: 2012-4-1
ئاخىرقى: 2012-10-10
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەتىگەندە قۇرئان ئۇقۇلۇپ قىلىنغان نىكاھ  تويدا ھاراق قۇيۇش سەۋەبىدىن ئەمەلدىن قالىدۇ.  بۇ چاغدا توي بولغان قىز يىگىت بىللە بولسا زىنا قىلغان بۇلىدۇ . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kaLGundi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-10-5 07:43 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
sabri@ + 11 دەلىللەر يېتەرلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 11   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81862
يازما سانى: 52
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3128
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 26 سائەت
تىزىم: 2012-6-20
ئاخىرقى: 2012-10-9
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆزىمىزنى  مۇسۇلمان  دەيمىزيۇ  مۇسۇلمانلارغا  بىرىنجى  بولۇپ  ھارام  قىلىنغان ئاشۇ  ئەڭ  مەينەت  نەرسە ھاراقنى  توي-تۆكۈنلەرگە  نۇمۇسسىزلارچە  ئىلىپ  كىرمەكتىمىز . خۇدايا ، ئاشۇ  نىجىس نەرسىنى  مەندىن  شۇنداقلا  ئەۋلادلىرىمدىن نىرى  قىلغايسەن!  

ئوت يۈرەك

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67489
يازما سانى: 410
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3783
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 156 سائەت
تىزىم: 2011-11-29
ئاخىرقى: 2012-10-9
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەسلىھەت چاي-دېگەن بۇ ئوقۇم بىزگە سىڭىپ كىرگىلى ئۇزۇن بولمىغان بولسىمۇ، لېكىن ناھايىتى تېزلا شەھەرلەردىن يېزىلارغا كېڭىيىپ ئومۇملىشىپ ئۆز ئورنىنى تىپىپ بولدى،

مەسلىھەت چاي دىگەن بۇئۇقۇم بىزگە سىڭىپ كىرگەن بولماستىن بەلكىم بۇرۇندنلا توينىڭ بىر كەم بولسا بولمايدىغان قائىدىسى. بۇ ئاتالغۇ بىزگە مەسلەك چاي دىگەن ئاتالغۇ بىلەن ئومۇملاشقان.
مەسلەك چاي يىگىت تەرەپ ئەلچىلىككە بىرىپ توي قىلىشقا پۈتۈشكەندىن كىيىن، ئىككى تەرەپ توينىڭ ۋاختى،ئورنى،تويغا لازىملىق نەرسىلەر قاتارلىق توي لازىمەتلىكلىرىنى مەسلىھەتلىشىدىغان بىر قائىدە .  بۇ بىر نۇرمال ئىش .ئامما  توينىڭ ۋاختى بىكىتىلگەندىن كىيىن يىگىت تەرەپنىڭ ساھىبخان بولۇپ تويى بولىدىغانلىقىنى بىرلىكتە تەبرىكلىشى مەسلەك چاينىڭ ئىچىگە كىرمەيدۇ ۋە ئۇنى قىلمىسىمۇ بولىدۇ .

ۋاقىت  ئۆتمەكتە   بىزلەرگە   باقماي،
جاھانغا نەزەر سال قورساقنى باقماي.
تەكەببۇر  بولمىغىن  دەۋىر  ئالدىدا
كەمسىتمە بىراۋنى ،ھالىڭغا  باقماي .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12462
يازما سانى: 1280
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15905
تۆھپە نۇمۇرى: 2246
توردا: 7007 سائەت
تىزىم: 2010-10-2
ئاخىرقى: 2012-10-10
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئىشلارنىڭ ئىچىدە ، قەشقەردە ھاراق ئىچىش تىخى بارلىققا كىلىۋاتىدۇ . تويلۇق بەك ئىغىر ،  بىرەر ئىمام بىزنىڭ يولباشچىلىرىمىز تىخى پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام قىزىغا ئالغان تويلۇقنىڭ 1000 ھەسسىنىمۇ دىمەتىدۇ . توي بەك ئىشىپ كەتتى ..

ئۇيغۇرسەن مىللەتتىن  تانما ،
ئوغۇزسەن كەينىڭگە يانما .
قوشقاردىگەن ھايۋان  ئۇ .
سەن ئىنسان ئۇنى دورىما .
70% ئۇيغۇر يوققا ھىساپ ، پەقەت 30 پىرسەنتى ھايات بولسىلا .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1298
يازما سانى: 1524
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9852
تۆھپە نۇمۇرى: 630
توردا: 4578 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2012-10-9
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
aptap104 يوللىغان ۋاقتى  2012-10-5 08:35 PM
بۇ ئىشلارنىڭ ئىچىدە ، قەشقەردە ھاراق ئىچىش تىخى بارلىق ...

قەشقەردە ئەڭ تۆۋەن جۇمۇ تويلۇق نەدە ئىغىر ؟تويدا قىزلىق ئوغۇللىققا قايتۇردىغاننى كۆپىنچى ئانىلار پەقەت تىلغا ئالماي ئۆزلىرىنىڭ بىرىشكەن تويلىقىنىلا دەيدۇ ،بەرگەن تويلۇقنى پۈتۈن قايتۇرۇپ بولدۇ ئوغۇل تەرەپكە ،شۇنىڭ بىلەن يىگىت نىمە دەپ چۈشنىدىكەن دىسە شۇنچە پۇلىنى بەردەم دەپ تىخى ،شۇنداق قىلسا ئادىل بولامدۇ ،كىم قىزنى شۇ 15-20مىڭغا ساتىدىكەن مال ئالغاندەك قىلىپ كىتىشىدۇ تىخى ،توۋا دىمسە

ئىي ئۇلۇغ اللە ئۆمرۈمنڭ ئۇزۇن

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45524
يازما سانى: 984
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5610
تۆھپە نۇمۇرى: 189
توردا: 157 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2012-10-9
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kaLGundi يوللىغان ۋاقتى  2012-10-5 07:38 PM
ئەتىگەندە قۇرئان ئۇقۇلۇپ قىلىنغان نىكاھ  تويدا ھاراق ق ...

راس دىيسىز  

شۇنچلىك تاتلق سۆيۈش سۆيۈلۈشنىڭ ئارقىسىدا جان تەن چىدىغۇسىز قىسمەتلەر بولدىكەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12462
يازما سانى: 1280
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15905
تۆھپە نۇمۇرى: 2246
توردا: 7007 سائەت
تىزىم: 2010-10-2
ئاخىرقى: 2012-10-10
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شاھلالە يوللىغان ۋاقتى  2012-10-5 09:18 PM
قەشقەردە ئەڭ تۆۋەن جۇمۇ تويلۇق نەدە ئىغىر ؟تويدا قىزل ...

شۇ ئىغىر بولماي نىمىسى ئىغىر ،  ئۆي ئەپبەمىدى دىگەن بىلەن ھەي ، لىۋىنى چىشلەپ يۈرگەن ئادەملەر جىق ، شەھەرلىكلەردە پۇل يوق ...

ئۇيغۇرسەن مىللەتتىن  تانما ،
ئوغۇزسەن كەينىڭگە يانما .
قوشقاردىگەن ھايۋان  ئۇ .
سەن ئىنسان ئۇنى دورىما .
70% ئۇيغۇر يوققا ھىساپ ، پەقەت 30 پىرسەنتى ھايات بولسىلا .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش