|
|
|
|
ئانا قەدرى ھەممىمىزگە مەلۇم، دۇنيادىكى ھېچقانداق بىر كۈچنى ئانا مېھرى بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولماس، ئانىلار دۇنيانىڭ زىننىتى. بىز ئەنە شۇ كۆيۈمچان، مېھرىبان ئانىلارنىڭ ياخشى تەربىيىسى ئاستىدا ئۆسۈپ يېتىلىۋاتىمىز. ئانىلارنىڭ ساپاسى، ئانىلارنىڭ ئىچكى دۇنياسى پۈتۈن دۇنيانىڭ كەلگۈسىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئانىلار، كەلگۈسى ئەۋلادلارنىڭ بىرىنچى ئوقۇتقۇچىسى، ئۇلار ئۆزىنىڭ مېھرى مۇھەببىتى، سۆز ھەرىكىتى ئارقىلىق بىز ئەۋلادلارنى تەربىيىلەپ قاتارغا قوشىدۇ.
ئانىلار ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ قۇياشى، ئۇ شەخسىيەتسىز. دۇنيانى يورۇتقۇچى چىراغدۇر. ئۇ قۇياشتەك ئىللىق ھارارىتى بىلەن بىزنى، ياق جۈملىدىن پۈتۈن دۇنيانى پەرۋىش قىلىۋاتىدۇ. ئەگەردە قانۇننى بۇ دۇنيانى مەلۇم تەرتىپ بىلەن تۇرغۇزغۇچى تۈۋرۈك دەپ ھېسابلانساق، ئەخلاق- شۇ دەرەخنىڭ بارلىق ھۈجەيرىلىرىنى تۇتاشتۇرغۇچى زەمزەم سۈيىدۇر. ئانا دەل شۇ زەمزەم بۇلىقىدۇر.
ئانا…!!! ئۇ ئۆزىنىڭ بەختىنى بىر ئائىلىنىڭ خۇشاللىقى ئۈچۈن ئاتىۋەتكەن ئىنساندۇر. ئۇ ئۆز ھاياتىدىكى بارلىق ياخشى نەرسىلەرنى پەرزەنتلەرنىڭ بىر تەبەسسۇم ئۇلاشقان كۈلكىسىگە تېگىشىۋەتكەن ئىنساندۇر. ئۇ ئىنسانىيەت ئەخلاق بۇلىقىنىڭ تۈگىمەس بولىقىدۇر.
ئۇ ۋەتەن، مىللەت روھىنىڭ يىقىلماس تۈۋرۈكىدۇر. بۇنداق بىر جاپاكەش ئىنسانغا ھەر ۋاقىت رەھمىتىنى بىلدۈرۈش ھەر بىر ئەقىل ئىگىسىنىڭ باش تارتمايدىغان بۇرچى. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئەۋلادلار ئانىلارنىڭ بىز ئۈچۈن قىلغان شۇ قۇربانلىقلىرىنى ھەرگىز ئۇنتۇلۇپ قالمايلى! ئانىلىرىمىزنىڭ تارتقان جاپالىرىنىڭ گۇۋاھچىسى بولغان پېشانىسىدىكى قورۇقلارنى ھەر ۋاقىت ئېسىمىزدىن چىقارمايلى! ئۇلارنىڭ قولىغا-قول، پۇتىغا پۇت بولۇپ، يىراقىنى يېقىنلاشتۇرۇپ، ئەخلاق-پەزىلەت، ھۈنەر- سەنئەتلەردە مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قازىنىپ ئانىلارنىڭ تارتقان جاپاسىنى يەردە قويمايلى!
بۈگۈن دەل شۇ مېھنەتسىز جاپاكەش ئانىلارنىڭ بايرىمى. بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۇنىڭ بىزگە بەرگەن سۈت ھەققىگە مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۈرەيلى! رەھمەت! شەھىرىمىزدىكى بارلىق مېھنەتكەش ئانىلارغا رەھمەت! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا .tuz. تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-10-5 04:38 PM
|
|
|
|
|
|