ئىرىمنىڭ باغاقچىسى
بىر كىلىشكەن يىگىت قىز دوستى بىلەن مۇھەببەتلىك كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرگەندىن كىيىن ئاخىر توي قىلىشقا پۈتۈشۈپ ،ناھايىتى داغدۇغىلىق توي مۇراسىمى ئۆتكۈزدى ،توي مۇراسىمى كۈنى ئۇلارنىڭ بارلىقى دوست-بۇرادەرلىرى كىلىشىپ تەبرىكلەشتى .ئۇلارنىڭ شىرىن مۇھەببىتىدىن بەھىرلەشتى .
بىر قانچە ئايدىن كىيىنكى بىر كۈنى خوتۇنى ئىرىگە مۇنداق دىدى :
-مەن بۇ ژورنالدىن بىر ماقالىنى كۆرۈپ قالدىم،بۇنىڭدا قانداق قىلغاندا ئىككى تەرەپ نىكاھ تۇرمۇشىنى تىخىمۇ ياخشى باشقۇرغىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا يىزىلىپتۇ ،بۇنىڭ ئىچىدىكى مۇھىم ماددا بولسا ،ئىككىلا تەرەپ بىر بارغاقچە تەييارلاپ ،قارشى تەرەپنىڭ يىتەرسىزلىكىنى شۇ باغاقچىگە يىزىپ چىقىدىكەن ،ئاندىن قارشى تەرەپكە ئوقۇپ بىرىدىكەن ،بۇ ئارقىلىق "يىتەرسىزلىكلەر "نى تۈزىتىدىكەن ،بۇنداق بولغاندا نىكاھ تۇرمۇشى تىخمۇ مۇستەھكەم بولىدىكەن دەپتۇ .
ئىرى ماقۇل بوپتۇ ،ئاندىن ئەر -خوتۇن ئىككىسى ھۇجرىلىرىغا كىرىشىپ ،بىر كۈن ۋاقىت ئاجرىتىپ قارشى تەرەپنىڭ يىتەرسىزلىكىنى يىزىپ چىقىپتۇ ،ۋە ئەتىسى ناشتىدا يازغانلىرىنى ئوقۇشماقچى بوپتۇ.
-ئاۋۋال مەن سۆزلەي دەپتۇ ،ئايالى باغاقچىنى قولىغا ئىلىپ ،ئۇ ئىرىنىڭ يىتەرسىزلىكى دەپ قارىغان ئىشلارنى بىر -بىرلەپ ئوقۇشقا باشلاپتۇ ،باغاقچە توپتوغرا ئۈچ بەتنى ئىگىلىگەنىدى .خوتۇنى توختىماستىن ئوقۇۋاتقاندا ئىرىنىڭ كۆز چاناقلىرنىڭ نەملەشكەنلىكىنى بايقاپتۇ .
-نىمە بولدىڭىز ؟-سورىدى خوتۇنى .
-ھىچنىمە ،داۋاملىق ئوقۇۋىرىڭ ،-دىدى ئىرى ھىچ ئىش بولمىغاندەك .
شۇنىڭ بىلەن خوتۇنى تاكى يازغانلىرىنى تۈگەتكۈچە ئوقۇدى ،ئاندىن باغاقچىنى ئۈستەلگە قويۇپ قويدى .
-ئەمدى ئوقۇش نۆۋىتى سىزگە كەلدى ،ئاندىن ھەل قىلىش چارىسىنى قىلايلى ،-دىدى .
خوتۇنىنىڭ "بۇيرۇقىنى"ئاڭلىغان ئەر سەل تىىنىچلانغاندەك بولدى،بىر ھازادىن كىيىن ئەر يۈرەك سۆزلىرىنى ئىيىتتى:
-ئەمەلىيەتتە ،مىنىڭ باغاقچەمگە ھىچنەرسە يىزىلمىغان،مىنىڭ قەلبىمدىكى سىز ئەڭ مۇكەممەل ،مەن سىزنىڭ مىنى دەپ ئۆزگىرىشىڭىزنى خالىمايمەن .
ئىرىنىڭ سەمىمىيلىكى خوتۇنىنى تەسىرلەندۈردى ،ھەمدە ئىرىنىڭ ئۆزىنى ھەقىقىي سۆيىدىغانلىقىنى ھىس قىلدى .ئويلاپ شۇ يەرگە كەلگەندە خوتۇنىنىڭ كۆزلىرىدىن ئىختىيارسىز تارام -تارام ياشلار تۆكۈلدى .