مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1921|ئىنكاس: 36

مەن ئالىي مەكتەپتە زادى نېمە ئۆگەندىم؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10421
يازما سانى: 122
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10102
تۆھپە نۇمۇرى: 889
توردا: 79 سائەت
تىزىم: 2010-9-15
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-5 02:18:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئالىي مەكتەپتە زادى نېمە ئۆگەندىم؟
ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ جەمئىيەتكە چىققاندىن بىرى ، كەسكىن رىقابەتكە تولغان جەمئىيەتتە مەنمۇ ھەم تىنىمسىز تىرىشماقتىمەن .

تېخى نەچچە ئاينىڭ ئالدىدا مەنمۇ ھەم بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئىدىم ، مانا ھازىر كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە تىرىكچىلىك يولىدا تىرىشىۋاتقان ، جەمئىيەتنىڭ كەسكىن رىقابەتلىرى دېڭىزىغا ئۆزۈمنى ئېتىپ ، چىقىش يولى تېپىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچىغا ئايلاندىم .

مەن ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغان ھاياتىمغا نەزەر سالغىنىمدا ، تۇرۇپ ئانچە - مۇنچە پۇشايمان دېڭىزىغىمۇ سەكرەپ باقىمەن ، بىراق ئاھ ئۇرۇش ، قاقشاش ، يىغلاش ، ۋاقىتنى ئارقىغا ياندۇرغان بولسىدى ، نەچچە ئاي ھەسرەت يەپ ، قاقشاپ يىغلاپ ، شۇ ۋاقىتلىرىمنى قايتا ئورۇنلاشتۇرغان بولاتتىم ، بىراق مۇمكىن ئەمەس ..ھەي!

ئوقۇش  ، بىلىم ئېلىش ھەقىقەتەن بىر ياخشى ۋە ساۋابلىق ئىش ، بىراق ئۆلۈك ھالەتتىكى بىلىمنى ئۆگىنىش ۋاقىت ئىسراپچىلىقىدىن ئىبارەت خالاس.

مەن زادى ئالىي مەكتەپتە نېمىلەرنى ئۆگەندىم ؟
بەلكىم بۇ نۇرغۇن ياشلارنىڭ ئۆزىگە قويغان ، ياكى جەمئىيەتنىڭ رەھىمسىز بوران چاپقۇنلىرىدا تېڭىرقاپ قالغان ۋاقىتلىرىدا ئېسىگە ئالىدىغان سوئالىدۇر.

مەن ئالىي مەكتەپتە مۇنۇلارنى ئۆگەندىم .
1. كەسپى بىلىم
2. ئىمتىھانغا ئوقۇتقۇچىمنىڭ چىقىرىپ بەرگەن دائىرىسىنى يادلاپ ئۆتۈش
3.كىچىك تىپتىكى ئارقا ئىشىك ) پارا ( بېرىش بىلىملىرى
4.ئانچە - مۇنچە ئەمەل مەنسىپى بارلارغا قانداق خۇشامەت قىلىش
5.يالغانچىلىق

1.كەسپى بىلىم جەھەتتە راستىنى دېگەندە ئۆز تىرىشچانلىقىم دېسەممۇ بولىدۇ ، مەكتەپتىكى مىنىڭ كەسپىم بىلەن قىلچە ئالاقىسى بولمىغان دەرسلەرنىڭ ، سىياسىي ئۆگىنىش ، پائالىيەتلەرنىڭ كۆپلۈكىدىن ، مەن گاھىدا مەن زادى قايسى كەسىپنى ئۆگەنگىلى كەلگەن بولغىيتتىم دەپ قالغان چاغلىرىممۇ بولغان ئىدى.

2. مەۋسۇم ئاخىردا ئوقۇتقۇچىمىز بىر قانچە نۇسخا سوئالنى تاشلاپ ، مۇشۇ دائىرە بويىچە ئۆگەنسەڭلار بولىدۇ دېگەن بىر ساداغا شۇنچە تەشنا بولاتتۇق ، ياكى ئوقۇتقۇچىمىزنىڭ ئىمتىھاندا دائىرە چىقىرىپ بېرىشىنى تۆت كۆزىمىز بىلەن كۈتەتتۇق ،  بىزنىڭ ئۈمىدىمىز ھەر ھالدا يەردە قالمايتتى ، شۇنىڭ بىلەن شۇ نۇقتىلارنى كىچە - كىچە يادلايتتۇق ، راست دېگەندە ئىمتىھاندا دەل شۇ نۇقتىلار چىقاتتى ، شۇنىڭ بىلەن  ئىمتىھاندىن ئانچە بەك كۆپ كۈچىمەي ، ئۆتەتتۇق بىراق ئىمتىھان تۈگىگەندە ھامان ، ھېلىقى بىلىملەرمۇ شۇ بىر قېتىملىق يالغانچىلىق بىلەن تولغان ئىمتىھانغا ئوخشاش تۈگەتتى .
ئىمتىھانغا چىقىرىپ بەرگەن دائىرە ، دەل بىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەقىقىي بىلىم ئېلىش ئىستىكىنى سۇسلاشتۇرۇپ ، بىزنىڭ ھەقىقىي تىرىشچانلىق بەدىلىگە كېلىدىغان نەتىجىمىزنى يەر بىلەن يەكسان قىلىپ ئۆگەنگەنمۇ ئوخشاش ئۆگەنمىگەنمۇ ئوخشاش قىلاتتى .

3. ئىمتىھاندىن ئاز تولا ئەندىشە قىلساق ، ياكى ئىمتىھاننى ياخشى بېرەلمىسەك ، شۇ پەننىڭ مەسئۇل ئوقۇتقۇچىسىنى ئىزدەپ ئاز تولا نەپ بېرەتتۇق ، شۇنداق قىلىپ بۇ باش قېتىنچىلىقىمۇ ئاخىرلىشاتتى ، ئوقۇتقۇچى بىلەن قىيىشىپ قالغان ، ئاز تولا مۇنازىرە ئىقتىلابى بار بولغان ، گەدەنكەشلەر 58 نومۇر بىلەن ئىمتىھاندىن ئۆتەلمەي ، كېيىنكى قېتىم تەتىلدىن قايتقاندا بىر يەشىك نەرسىلەرنى كۆتۈرۈپ ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۆيىگە يۈگۈرەتتى ، شۇنداق قىلىپ بۇ بىچارىلەرمۇ  ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ قالاتتى .
مۇشۇنداق قىلىپ تۇنجى قېتىملىق پار بېرىشنى ئۆگىنەتتۇق ، بۇ خىل ئەھۋال ھەممە ئالىي مەكتەپتە بار ، ھەيران قىلىش ھاجەتسىز ، بەلكىم بۇنى ئاشۇنداق قىلىپ باققان ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىمۇ كۆرۈپ ئولتۇرغاندۇ .

4. مەكتەپمۇ جەمئىيەتنىڭ بىز تەركىبى قىسمى بولغانلىقتىن ، بۇ رايوندىمۇ ، ھەرخىل مەنسەپلەر بار ، باللىرى ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىگەنلەر مەكتەپنىڭ چوڭلىرىنى ئىزلەيدۇ ، ئۇلار ئۆزنىڭ بىر مائارىپچى ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ ئازغىنە پۇل ئۈچۈن ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىگەنلەرنى بىر ئاماللارنى قىلىپ مەكتەپكە تىقىدۇ ، چۈنكى بۇ ھۆرمەتكە سازاۋەرلەر باشقىلارنىڭ پۇلىنى ئالدى دە ..
ئەمدى ئوقۇغۇچىلارمۇ بۇنداق ئىشلارنى قىلىدۇ ، ھەرخىل ئىمتىھانلاردىن ئۆتەلمىگەندە ، جېدەل چىققاندا ، ئوقۇش پۈتتۈرۈشكە ئاز قالغاندا . مۇشۇنداق ۋاقىتلاردا ئاز تولا نەپ بېرىش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ ئاخىردا ئېرىشىدىغان شۇ بىر دىپلومىنى ئۈچۈن كۈرەش قىلىدۇ ...
مانا مۇشۇ خىل ئەھۋال قايسى مەكتەپتە يوق ؟   
مۇشۇنداق مەكتەپ شارائىتى بىزگە قانداق خۇشامەت قىلىشنى ئۆگەتتى .

5. يالغانچىلىق دېگىنىمىزدە ، بۇ خىل ھادىسە نۇرغۇنلىغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدا ساقلانماقتا ،  مىسال ئالدا ، دۆلەتتىن ھەر يىلى ئوقۇش ياردەم پۇلى دەپ ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ 1000 يۈەن بېرىدۇ ، تېخى سىنىپ باشلىقى ، يەنە نېمە باشلىقلار يوغانراقىنى ئالىدۇ ، تېخى قوشلاپ دۆلەت ياردەم پۇلى بىلەن شىنجاڭنىڭ ياردەم پۇلىنى ئالىدۇ . ..بۇ بىر ناھايىتى ئادەتتىكى  ھادىسە . بۇنى شۇ سىنىپنى مەسئۇلى ۋە شۇ فاكۇلتېتنىڭ مەسئۇللىرى بىلمەي قالامدۇ ؟ ھەي ....!!
بۇ پۇللارنى نۇرغۇن بالىلار ئاتا - ئانىسىغا دېمەيلا خەجلەپ تۈگىتىۋېتىدۇ ،
مۇشۇنداق ئىشلار بىزگە ۋە ماڭا قانداق يالغان گەپ قىلىشنى ، قانداق ئالداشنى ، قانداق پوداقچىلق قىلىشنى ، قانداق ئويناشنى ، كىيىم كېچەك ئېلىشنى ئۆگەتتى ..

ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ھەر بىر ئوقۇغۇچى ، مۇشۇ ئىشلارنى يالغان دىيەلەمدۇ ؟
ئالىي مەكتەپتىكى 90 ٪ ئوقۇغۇچى مۇشۇ خىل ئىشلارغا دۇچ كەلمىگەن دىيەلەمدۇ ...
بۇ خىل ھادىسە زادى نېمە سەۋەبتىن ، زادى مائارىپ تۈزۈلمىسىدە چاتاق بارمۇ ياكى ، مەكتەپ تۈزۈلمىسىدە چاتاق بارمۇ ؟
نېمە ئۈچۈن مەكتەپتىكى ئاشۇنداق پار ئېلىپ ئىمتىھاندىن ئۆتكۈزۈپ قويىدىغان ، ئۆزىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىغا تېلېفون قىلىپ ئۇچۇرۇشۇشقا تەكلىپ قىلىدىغان، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەقىقىي ئۆگىنىش نەتىجىسى ۋە ئەخلاقىنى ئەمەس پۇلىنى تونۇيدىغان ئوقۇتقۇچىلار جازالانمايدۇ ؟
مانا بۇ مەن كۆرگەن مەكتەپ ھاياتى ، شۇنداقلا مىنىڭ ئۆگەنگەنلىرىم.
مۇشۇنداق تۇرمۇش رىتىمى مېنى ۋە نۇرغۇن ياشلارنى جەمئىيەتتە پۇت دەسسەپ تۇرۇش ئەمەس ، ئاران - ئاران دەسسەپ تۇرۇشقىمۇ تەسلىكتە كۈچىنەلەيدىغان قىلىپ تەربىيىلەپ چىقتى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-10-5 02:41 PM  


يالغۇز ئاتنىڭ چىڭى چىقاماس دىگەن سۆزگە ئىشەنمەيمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83443
يازما سانى: 76
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1158
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 65 سائەت
تىزىم: 2012-8-4
ئاخىرقى: 2014-8-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-5 02:46:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئائىلە تەربىيىسىدە مەسىلە بار..............

سەبىر قىلاي،شۈكرى.ئۇف

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 118
يازما سانى: 6235
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 29074
تۆھپە نۇمۇرى: 2206
توردا: 2072 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-2-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-5 03:04:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مانا مەنمۇ ئوقۇشنى تاماملاپ كەسكىن رىقابەتكە تولغان جەمىيەت قوينىدىن ئۆزۈمنىڭ ئۈگەنگەنلىرمىنى ،ئارزۇيۇمنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئاتلانغان ياشمەن.ئوقۇش بىر گەپ،تىرىكچىلىك بىر گەپكەن.تېمىنى باشتىن ئاخىر ئوقۇپ كىلىپ ئاپتۇر تىلغا ئالغان نۇرغۇن جايلارنىڭ ئۆز قارىشىم بىلەن ئوخشاشلىقىنى بىلدىم.دەرھاللا ھوي بۇخىل ئەھۋال مەندىمۇ بولغان دېيەلدىم.بىزنىڭ ئاخىرقى نىشانىمىز ئاشۇ دىپلۇم.بىز شۇنىڭ ئۈچۈن كۆز بويامچىلىق قىلدۇق.تىگى تەكتىدىن ئىلىپ ئېيىتقاندا ئۆزىمىزنى ئالدىۋەتتۇق.

يولدىن چىقما ،خاندىن قوقما

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20827
يازما سانى: 1522
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8642
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 2969 سائەت
تىزىم: 2010-12-5
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-5 03:07:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەسمي نەق گەپنى قىپسىز  ھە . مەنمۇ بىر  سىتودىنىت  .  ئىككىمىزنىڭ ھېس قىلغىنىمىز ئوخشاشلاكەن . قارىغاندا ھەممە   يەردە قازاننىڭ قۇلىقى تۆتكەن . ئىمتىھان ئالدامچىلىقى ، پارىخورلۇق ، يالغانچىلىق ..................    راسىت گەپنى قىلسام ،مەن بىكا كەتكەن تۆت يىل ۋاقتىمغا ئېچىنىمەن  .  كەسپىمدىن ئېغىز ئېچىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس . ئېتى ئۇلۇغ، سۇپرىسى قۇرۇق كەسىپلەر !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1322
يازما سانى: 788
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11195
تۆھپە نۇمۇرى: 350
توردا: 2599 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-5 03:31:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ ئالىي مەكتەپتە ئوقىۋاتىمەن ،لېكىن سىز دىگەن ئىشلارغا ئاساسەن ئۇچراپ باقمىدىم .بىرىنچىدىن ،ئەتراپىمدا ئۇيغۇر بالىلار يوق دىيەرلىك ،كىشلىك مۇناسىۋەت بۇرۇنقىدەك مۇرەككەپ ئەمەس ،كۆپ قىسىم ۋاقتىمنى ئەھمىيەتسىز يىغىلىش ، ئولتۇرۇشلاردىن تىجەپ قالالايمەن .ئىككىنچىدىن ،بىزنىڭ مەكتەپ دەل بىر ئېتوتتىكى يۇلۇپ ئالار شۇڭقار شېركىتىگە ئوخشايدۇ .ئاچكۆزلىكىدىن ئوقۇتقۇچىلار ئىمتىھان ئالدىدا ھېچقانداق دائىرە بەلگىلەپ بەرمەيدۇ ،شۇڭا ئمتىھانغا بىر ئاي قالغان ۋاقىتتىن باشلاپ كېچە -كۈندۈزلۈك كۈرەش باشلىنىدۇ .بىرىنچى قېتىم ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىسىڭىز ئككىنچى مەۋسۈمنىڭ بېشىدا قايتا ئىمتىھان بەرسىڭىز بولىدۇ ،لېكىن ئىككىنچى قېتىملىق ئىمتىھان بىرىنچى قېتىمدىكىدىن خېلىلا تەس چىقىدۇ ،شۇڭا كۆپ قىسىملار ئۆتەلمەي شۇ  پەننى قايتا بىر مەۋسۈم ئوقۇشقا مەجبۇر بولىدۇ ،بۇنداق بولغاندا مەكتەپ بىر ئوقۇش نومىرىغا 150 يۈەندىن قايتىلاپ ئوقۇش ھەققى ئالىدۇ .ئالىي ماتېماتىكا دىگەندەك پەنلەرنىڭ  بىر مەۋسۈمدىكى ئوقۇش نومىرى 5 نومۇر ئەتىراپىدا ،دىمەك قايتىلاپلا قالسىڭىز 750يۈەننى تۆلەپ ئوقۇيسىز .ياردەم پۇلى،ئوقۇش مۇكاپات پۇلى  دىگەنلەرنىڭ ئۆلچىمى مەكتەپ قوللانمىسىدا .ئېنىق قىلىپ بەلگىلەنگەن ،شۇڭا ئوقۇش نەتىجىڭىز شۇ ئۆلچەمگە توشسىلا بۇلاردىن غەم قىلىش ھاجەتسىز ،ھېچكى م ھېچكىمنىڭ ھەققىنى يەۋالمايدۇ .ئۈچىنچىدىن ،ئالىي مەكتەپتە ئادەتتە سىنىپ مەسئۇلى دىگەنلەر بولمايدۇ ،شۇڭا ھەممە ئۆزىڭىزگە باغلىق .ئەگەر مۇئەللىمنىڭ دەرس ۋاقتىدا ئۆتكىنىگىلا قاراپ ئولتۇرسىڭز راستىنلا ھېچنىمە ئۆگىنەلمەيسىز .شۇڭا داۋاملىق كۈتۈپخانىدىكى  كەسىپ داېرىڭىزدىكى كىتاپلارنى كۆرۈپ تۇرىشىڭىز كېرەك .ئىنگىلىز تىلى ،كومپىيۇتېر دۆلەتلىك دەرىجە ئىمتىھانى ،كەسپىي كىنشكا قاتارلىقلارغا تىزملىتىپ تەكرار قىلسىڭىزمۇ خېلى بىرنىمىلەرنى ئۆگىنىۋالغىلى بولىدۇ .مەنمۇ بىر ئاي بولدى كەسپىي ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلغلى بىردەمدە بىر كىتاپنى تەكرار قىلىپ تۈگەتتىم ،شۇنداقلا بۇرۇن بىلمەي قالغان يەرلىرىمنى تەكرار قىلىۋالغانمۇ بولدۇم .

ھەركەت سۆزدىن غالىپ كېلىدۇ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36749
يازما سانى: 443
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9228
تۆھپە نۇمۇرى: 1660
توردا: 10303 سائەت
تىزىم: 2011-4-7
ئاخىرقى: 2013-6-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-5 03:34:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالى مەكتەپتە دەرىسخاندا بىر نەرسە ئۆگنىش سەل تەس ھازىرغا كەلگىچە باشتىن ئاخىر دىققەت قىلىپ ئاڭلىغان دەرسىم نەچچە سائەتكە يەتمەيدۇ ئۇقۇتقۇچىلارمۇ تازا مەسئۇليەتسىز ھېچنىمە بىلەن كارى يوق. لىكىن ھازىرغىچە ئوقۇتقۇچىنى ئىزدەپ باقمىدىم ئىمتىھاندىن ئۆتەلمەي

تەۋەرۈك كىتابلار دۇنياسى
http://kitabim.taobao.com

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84486
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 362
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 136 سائەت
تىزىم: 2012-8-30
ئاخىرقى: 2014-4-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-5 03:46:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەسمي نەق گەپنى قىپسىز  ھە . مەنمۇ بىر  سىتودىنىت  .  ئىككىمىزنىڭ ھېس قىلغىنىمىز ئوخشاشلاكەن . قارىغاندا ھەممە   يەردە قازاننىڭ قۇلىقى تۆتكەن . ئىمتىھان ئالدامچىلىقى ، پارىخورلۇق ، يالغانچىلىق ..................    راسىت گەپنى قىلسام ،مەن بىكا كەتكەن تۆت يىل ۋاقتىمغا ئېچىنىمەن  .  كەسپىمدىن ئېغىز ئېچىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس . ئېتى ئۇلۇغ، سۇپرىسى قۇرۇق كەسىپلەر !
سىزنىڭ كەسپىڭىز نىمە؟

ھايات ھەقىقەتەن قەدىرلىك،پەقەت سەن ئۇنى ھېس قىلالىساڭلا...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82864
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3239
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 111 سائەت
تىزىم: 2012-7-22
ئاخىرقى: 2013-7-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-5 03:47:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ ئالىي مەكتەپتە ئوقىۋاتىمەن ،لېكىن سىز دىگەن ئىشلارغا ئاساسەن ئۇچراپ      مەنمۇ سىزگە ئوخشاش ئۇيغۇرلار ئاز يەردە ئوقۇيمەن  مەنمۇ تېما ئىگسىگە ئوخشاش ئىشلارغا ئۇچۇرايمەن   
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ELYAS03 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-10-5 03:48 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83298
يازما سانى: 1008
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18837
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1403 سائەت
تىزىم: 2012-8-1
ئاخىرقى: 2014-5-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-5 03:53:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالى مەكتەپنىڭ -ئادەمگە ھەممىنى ئۈگبتىش مەجبۇريىتى يوق،
پەقەت ئادىمىيلىك مەجبۇرىيەت- ئادەمنى ھەممىنى ئۈگۈنىشكە مەجبۇر قىلىدۇ.

قىلىچنىڭ قارا دەستىسىنى تۇتۇشنى خالىمىساڭ، ئۇنىڭ ئۆتكۈر بىسىغا دۇچار بولىسەن!
(ئۇيغۇر خەلىق ماقال-تەمسىللىرى)دىن.

باشقىلارغا تەبە

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18033
يازما سانى: 2345
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7583
تۆھپە نۇمۇرى: 306
توردا: 7699 سائەت
تىزىم: 2010-11-18
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-5 04:08:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنداق يالغانچىلىق قاچانمۇ تۈگەر.بىزنىڭ مائارىپىمىز مۇشۇنداق تۇرسا ،باشقىلارنىڭ بالىلىرىنى چەتئەلگە چقىپ ئوقۇشقا دەۋەت قىلغانلىغىنى توغرا چۈشەنسەك بولغىدەك.مەن بېيجىڭدا تەربىيەلەنگەن ۋاقىتتا بىزگە دەرس بەرگەن خېلى كۆپ ئوقۇتقۇچىنىڭ  بالىلىرى چەتئەلدە ئوقۇيتى.

ئۆزىڭىزنىڭ خاسلىقى بولسۇن.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش