مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1184|ئىنكاس: 18

بالىلار ئوينىسا بۇزۇلۇپ كېتەمدۇ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85736
يازما سانى: 23
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 250
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 35 سائەت
تىزىم: 2012-10-5
ئاخىرقى: 2015-2-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-5 11:25:39 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بالىلار ئوينىسا بۇزۇلۇپ كېتەمدۇ؟
ئامېرىكىنىڭ باشلانغۇچ ۋە يەسلى مائارىپىدا ھەممە نەرسىنىڭ ئويۇن تەرىقىسىدە بالىلارنى قىزىقتۇرۇش ئارقىلىق ئۆگىتىلىدىغانلىقى ئاتا- ئانىلارنى ھەيران قالدۇردى. بۇنىڭغا مىسال سۈپىتىدە ئامېرىكىدىكى بالىلار كۈتۈپخانىسىدا كىتابتىن باشقا ئويۇچۇقلارنىڭمۇ تىزىلغان بولۇشىنى سۆھبەتداشلىرىم قوبۇل قىلالمىدى. ئۇلارچە كۈتۈپخانىلاردا ئويۇنچۇق بولسا بالىلار دىققىتىنى يىغىپ كىتاپ ئوقۇمايدىكەن. ئۇلارنىڭ چۈشەنچىسىدە كىتاپ ئوقۇش بىلەن ئويناش پۈتۈنلەي قارىمۇ قارشى ئۇقۇمكەن. ئۇلارغا بالىلارنىڭ 13 ياشلارغىچە نېمىنىڭ زۆرۈرىيەت، مەجبۇرىيەت ۋە موھىملىق ئىكەنلىكىنى ھەقىقى ئاڭقىرالمايدىغانلىقىنى، بۇ مەزگىلدە بالىلارنىڭ ھەممە نەرسىنى قىزىقارلىق تۇيۇلغاچقا، ئوينىيالىغاچقا، سەزگۈ ئەزالىرىنى غىدىقلىيالىغاچقا ئۆگىنىشكە كىرىشەلەيدىغانلىقىنى سۆزلەپ بەردىم. مەن ئۇنداق دېگەن بىلەن مەكتەپتە قورقۇتۇش، ئالداش، مەجبۇرلاش ئارقىلىق ئۆگىتىش ئاساس قىلىنغاچقا ئاتا-ئانىلارمۇ شۇنىڭغا ماسلىشىپ قالغاندەك قىلىدۇ. ئۆگىتىشتە بالىنىڭ قىزىقىشىنى، ئارزۇسىنى، مىجەزىنى ئاساس قىلىش دېگەندەك گەپلەر پەقەت دېيىلگەن يەردىلا قالىدىكەن. بالىلارغا ئوينۇتۇش ئارقىلىقمۇ ئۆگەتكىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدىكى تەشەببۇسلار تازا قۇلاققا ياقمايدىكەن.
بىزنىڭ كۇرۇسقا بالىلىرىنى ئەكىلىپ بەرگەنلەر ”بالىمىز شەنبە يەكشەنبە كۈنلىرى ئويناپ، بىكارچىلىقتىن بۇزۇلۇپ كېتىدىكەن، شۇڭا سىلىدىن بىرنەرسە ئۆگەنسۇن“ دېگەنلەرنى دائىم تەكرارلايدۇ. بالىلار ئوينىسا بۇزۇلامدۇ، نېمە ئوينىسا بەكرەك بۇزۇلىدۇ، ئۇنداقتا بالىلار نېمە ئويناش كېرەك، ياكى پەقەت ئوينماسلىقى كېرەكمۇ دېگەنلەر توغرىدا ئېنىق چۈشەنچە ئازكەن. ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلارنىڭ ئويۇنىدىن زېرىكىشىدىكى سەۋەپ بىرى مەھەللىدە بالىلارنىڭ ئوينىشىغا ماس يەر ۋە ئەسلەھە، جەمئىيەتتە بالىلارنىڭ ئويۇنلىرىنى يېتەكلەيدىغان ئورگان بولمىغانلىقى بولسا كېرەك. يەنە بىرى يەسلىدىن تارتىپ مەكتەپلەرگىچە بالىلارغا نېمە ئۆگىنىش توغرىلىق توختىماي بېسىم قىلىپ ۋەز ئېيتقان بىلەن قانداق ئۆگىنىش، قانداق ئويناش ھەققىدە تەلىم بەرمىگەچكە بالىلار ئاتا ئانىلارنى رازى قىلىدىغان، ساغلام ئويۇنلارنى ئوينىيالمايۋاتقانلىقىدىن بولسا كېرەك. كىشىلەرنىڭ ”بالىلار بىكارچىلىقتا، ئويناپ بۇزۇلۇپ كېتىدۇ“ دەپ قارىشىدا ئۇلارنىڭ جەمئىيەتتىن نۇسقا ئالغان چوڭلارغا خاس تەجرىبىسىمۇ رول ئويناۋاتقان بولۇشى مۇمكىن.
بىر كۈنى مەھەللىمىزدىكى بوۋايلاردىن بىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ھورۇن بولغاچقا بىكارچىلىقتىن بۇزۇلۇپ كېتىۋاتقانلىقىغا مۇنداق بىر ”پاكىت“ كەلتۈرۈشتى. ئۇلارنىڭ ئېيتىشچە ناھىيىمىزنىڭ گۇاڭدوڭلۇق شۇجىسى ئامېرىكىدا ئوقۇغانمىش. دۇنيانىڭ جىق يەرلىرىنى كەزگەنمىش. ئامېرىكىدا كوچىلاردا بىكار ئادەملەر يوقمىش. شۇڭا ئامېرىكا تەرەققىي قىلغانمىش. بۇ سېكىرتار ناھىيىمىزگە كەلگەندىن كېيىن شەنبە، يەكشەنبە كۈنلىرى كوچىلارغا چىقىۋالغان ”بىكارچى“ ئۇيغۇرلارنى كۆرۈپ ئۇيغۇرلارنىڭ تەرەققىي قىلماسلىق سەۋەبىنى تاپقانمىش ۋە ”مەن كۆرگەن مىللەتلەر ئىچىدە ئۇيغۇرلار ئەڭ ھورۇنكەن“ دېگەنمىش. شۇنىڭ بىلەن شەنبە يەكشەنبە كۈنلىرىمۇ دەم ئالماسلىق ھەققىدە پەرمان چۈشۈرگەنمىش.
مەن ئۇ گەپلەرنى دېگۈچىگە ھەيران قالمىدىم. مېنىڭ ھەيرانلىقىم ئاشۇ گەپلەرگە ئىشىنىپ ”زادى، بىزدەك ھورۇن خەق يوق“ دەپ بېشىنى ئىغاڭلىتىۋاتقان بوۋايلارغا تۇتتى. ئۇلارغا باشقا گەپ قىلمىدىم، پەقەت ”ئىللەتلىك ئۇيغۇر ئەپسانىسى ئامېرىكىدا “ دېگەن يازمامدىكى ”مۇسۇلمانلار دۇنياسىدىكى سەھەرچى مىللەت“ دېگەن مەزمۇننى سۆزلەپ بەردىم. قىزىق يېرى ئۇلار گېپىمنى ”زادى بىزدەك ئىشچان مىللەت يوق“ دەپ تەستىقلاشمىدى. ئۇلار گۇاڭدوڭلۇق شۇجىنىڭ ئامېرىكىدا ئوقۇغانلىقىغا، ئۇيغۇرلار ھەققىدە نوپۇزلۇق باھا بېرەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىشكە مايىل ئېدى. گۇاڭدوڭلۇق شۇجى ۋە مەن بىلەن سۆھبەتلەشكەن بىر قىسىم ئاتا-ئانىلاردا بىر ئورتاقلىق بار ئېدى. ئىككىلىسى باشقۇرغۇچى، ئىككىلىسى ئوبىكتىنى بىكار قويۇشنى خالىمايدۇ، ئوبىكتىنىڭ بىكارچىلىقىدىن خەۋپسىرەيدۇ، ئىككىلىسى ئوبىكتىنىڭ ئۆز ئەركى-خاھىشى بولىدىغانلىقىنى ئىتىراپ قىلمايدۇ، ئىككىلىسى ئۆزىنى قۇتقازغۇچى، توغرا يولغا باشلىغۇچى دەپ قاراپ ئوبىكتىنى بولسا ھىچ نېمە بىلمەيدىغان، قۇتقازمىسا ئېزىپ كېتىدىغانلار دەپ قارايدۇ، ئىككىلىسى ئوبىكتىنىڭ ھورۇنلىقىغا ئىشىنىدۇ، ئىككىلىسى باشقۇرۇشتا يا پەنگە ئىشەنمەيدۇ يا قانۇنغا تايانمايدۇ. بۇ ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاقلىقى قانداق شەكىللەنگەن، كىم كىمگە ئۆگەتكەن بۇ ماڭا نامەلۇم. ئەمەلىيەتتە بىزنىڭ مەسىلىلەرگە تۇتقان پوزىتسىيىمىز جەمئىيەتتە ئېقىۋاتقان كەيپىياتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. جەمئىيەتتە قاتتىق قوللۇق، باستۇرۇش، مەجبۇرى تەربىيە، مۇرەسسەلەشمەسلىك، قارشى تەرەپنى ھەمكارلىق، سۆھبەت ئوبىكتى ئەمەس باستۇرۇش، قارشىلىق ئوبىكتى دەپ تونۇش ئاساسلىق كەيپىياتقا ئايلانغان بولسا بىزمۇ شۇ ئۇسۇلدا ئۆزىمىزگە باشقىلارغا ۋە بالىمىزغا مۇئامىلە قىلىمىز. بىز قانچىلىك بېسىمگغا ئۇچرىساق ۋە بېسىمنى قوبۇل قىلساق بالىمىزغا شۇنچىلىك بېسىم چۈشىرىمىز ۋە قوبۇل قىلدۇرىمىز. جەمئىيەتتە كىملەر نوپۇزغا ۋەكىللىك قىلسا شۇلارنىڭ گېپى چاك باسىدىغان، ئىشەنچلىك بولىدىغان، يوللۇق تۇيۇلىدىغان گەپ. ”بالىلار ئوينىسا بۇزۇلۇپ كېتىدۇ“ دېگەنلىك قاتتىق قوللۇق ھەممىنى ھەل قىلىدۇ، دېگەن ئىجتىمائىي كەيپىياتنىڭ بىزنىڭ پەرزەنت تەربىيىمىزدىكى ئىنكاسى ئىكەنلىكى يۇقارقى بايانلاردىن مەلۇم.

مەنبە:ئېسىل ئۇيغۇر بىلوگى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 70085
يازما سانى: 308
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 583 سائەت
تىزىم: 2014-12-28
ئاخىرقى: 2015-1-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-5 12:23:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇ  گۇاڭدۇڭلۇق شۈجى شىنجاڭدا  ماڭنۇرلارنىڭ نىمانچە كۈپىيىپ كەتكىنىنى كۆرمىگەن قارغۇ  ئۇخشىمامدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80496
يازما سانى: 973
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7596
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 606 سائەت
تىزىم: 2012-5-22
ئاخىرقى: 2015-1-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-5 12:25:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بالىلار ئوينىسا بۇزۇلۇپ كېتىدىغان كەتمەيدىغانلىقىنى شۇ ئوينىغان بالىلارنىڭ قانداق ئويۇن ئوينىشىغا باغلىق.ساغلام،ياخشى ئويۇنلارنى ئوينىسا ئەلۋەتتە بۇزۇلۇپ كەتمەيدۇ،بىساغلام،ناچار ئويۇنلارنى ئوينىسا بۇزۇلۇپ كېتىشى تۇرغانلا گەپ.

غەزەبلىنىش دۆتلۈكتىن باشلىنىپ،پۇشايمان بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45093
يازما سانى: 284
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 368
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 942 سائەت
تىزىم: 2011-6-21
ئاخىرقى: 2015-2-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-5 12:43:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوقۇغانلىرىمىزنىڭمۇ مۇستەقىل پىكىر يۈرگۈزۈپ كېتەلىشىمىز ناتايىن تۇرسا،

كىممۇ دىگەن بولغىيتى ئاز سانلىق كۆپ سانلىققا بويسۇنىشى كېرەك دەپ

ھىجرانىم تامچىلاپ ئاخىر بولدى كۆل،
ياشلىق مەۋسۇمى ئۇ توزۇغان بىر گۈل.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85702
يازما سانى: 297
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 502
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 98 سائەت
تىزىم: 2012-10-4
ئاخىرقى: 2014-7-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-5 02:11:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بالىلار ئوينىسا بۇزۇلمايدۇ ... چوڭلار دەيتتى : كىچىك بالا ئويناپ چوڭ بولىدۇ دەپ ... گەپ قانداق ئويناشتا ....  ھازىرقى مويسىپىتلارمۇ بۇرۇن ئوينىغان بولغىيتتى ...  گەپ ئويۇننىڭ ماھىيىتىدە ... بۇرۇنقى ئويۇنلار ھازىر بارا-بارا يوقىلىۋاتىدۇ ...

ھەي ئۇيغۇرۇم ئىچىم ئاچچىق،.....لىكىن تانمايمەن سەندىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58324
يازما سانى: 323
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4038
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 430 سائەت
تىزىم: 2011-9-28
ئاخىرقى: 2015-2-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-5 06:39:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭچىمۇ شۇ ئۇينىسا بۇزۇلمايدۇ ئوينايدىغان ئۇيۇنغا باغلىق
بالىلارنى بەك چىڭ تۇتىۋېلىشمۇ ياخشى ئىش ئەمەس

ئىككى ئادەم بىلگەن ئىش مەخپىيەتلىك بولمايدۇ..........بۇ ھايات پەقەتلا بىر كۈن ئۇ بولسىمۇ دەل بۈگۈن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1298
يازما سانى: 2050
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10633
تۆھپە نۇمۇرى: 630
توردا: 4765 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2014-1-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-5 08:18:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇڭا ھەر كىم سىزگە ھەر نىمە دەپ باھا بەرسە ئىشنىۋەرمەڭ ،ئادەمدە ئۆزىگە بولغان ئىشەنىچ ھەم  چۈشنىش بولشى كىرەك 。

نىيازى

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45569
يازما سانى: 803
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9960
تۆھپە نۇمۇرى: 935
توردا: 3548 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-5 08:58:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
yawa-xir يوللىغان ۋاقتى  2012-10-5 12:43 PM
ئوقۇغانلىرىمىزنىڭمۇ مۇستەقىل پىكىر يۈرگۈزۈپ كېتەلىشى ...

نەق گەپ جۇمۇ.... بىزدە مۇستەقىل پىكىر قىلىدىغان مەرد كىشى كەمچىل!

نىيازى يازمىلىرى جەمگاھى «پەرىشتە كوچىسى 123-نومۇر» malak8814 ئۈندىدار سالونى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11290
يازما سانى: 976
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7567
تۆھپە نۇمۇرى: 1267
توردا: 2441 سائەت
تىزىم: 2010-9-23
ئاخىرقى: 2013-8-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-5 09:10:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇنداق  ھېكايە بار:
20 يىل بۇرۇن ئامىرىكىنىڭ بىر ئۆمىكى جۇڭگۇغا كېلىپ مائارىپنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىپتۇ. ئۇلار سىنىپتا قوللىرىنى ئارقىغا تۇتۇپ، ھەيكەلدەك قېتىپ ئولتۇرۇپ دەرس ئاڭلاۋاتقان، كىتاب دۆۋىسىگە كۆمۈلۈپ قالغان بالىلارنى كۆرۈپ، بىردەك:«20 يىلدىن كىيىن جوڭگۇ مائارىپى ەۈللەپ ياشنايدۇ، نوبىل مۇكاپاتى ئالىدىغانلار چوقۇم ئامىرىكىدىن ئېشىپ كېتىدۇ» دىيىشىپتۇ.
جوڭگۇنىڭ بىر ئۆمىكىمۇ ئامىرىكىغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىپتۇ، ئۇلار سىنىپتا رەتسىز ئولتۇرغان، مېڭىپ يۈرۈپ دەرس ئاڭلا ۋاتقان، ئويناۋاتقان بالىلارنى كۆرۈپ بىردەك:«ئامىرىكا مائارىپى تۈگۈشۈپتۇ، 20 يىلدىن كىيىن ئامىرىكا مائارىپى كېرەكسىز نەرسىگە ئايلىنىپ كېتىدۇ» دىيىشىپتۇ.
20 يىل ئۆتۈپ كەتتى، كىمنىڭ مائارىپىنىڭ قانداق بولغانلىقى ھەممەيلەنگە مەلۇم.

بەزى ھادىسىلەرگە يۈزەكى مۇئامىلە قىلسا ئاسانلا خاتا ھۆكۈم چىقىرىپ قويىدۇ. ھازىرقى مائارىپ، تەلىم تەربىيە ئەندىزىسى بالىلىرىمىزنى ماشىنا ئادەمگىلا ئوخشىتىپ قويىۋاتىدۇ، كىتابىي بىلىمنىلا بىلىدۇ، ئەمەلىي ئىشلىتەلمەيدۇ، پەقەت ئىمتىھان قەغىزىگىلا يازالايدۇ.
15 ياشقا كىرگەن قىزبالا تاماق ئېتەلمەيدۇ، كىر يۇيالمايدۇ، 15 ياشقا كىرگەن ئوغۇل بالىنى بازاردىن 3 خىل نەرسە ئېكىلىشكە بۇيرىسا 2نى ئەكىلىپ 3جىسىگە قايتا بارىدۇ.

ئاق چاشقان، قارا چاشقان، مۆشۈككە تۇتۇلۇپ قالمىغان ياخشى چاشقان.

ئىي ئۇلۇغ اللە ئۆمرۈمنڭ ئۇزۇن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45524
يازما سانى: 2471
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10406
تۆھپە نۇمۇرى: 189
توردا: 293 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-5 09:42:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىرمۇ كىچىك باللرنىڭ  تاماك  چىكىپ يۈرۈشلىرى  ئادەمنڭ ئىچىنى سىيرىيدۇ    ھەي  نىم كەپتۇ  بۇلارغا

شاھزاد
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش