مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 474|ئىنكاس: 6

تىرىشچان ئوقۇغۇچى ۋە كىشىلىك مۇناسىۋەتكە ماھىر ئوقۇغۇچى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85730
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 99
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 20 سائەت
تىزىم: 2012-10-5
ئاخىرقى: 2012-11-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-5 12:51:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

تىرىشچان ئوقۇغۇچى ۋە كىشىلىك مۇناسىۋەتكە ماھىر ئوقۇغۇچى

ھازىر كىشىلىك مۇناسىۋەت بىر ئىلىم سۈپىتىدە تەرەققىي قىلىپ، باشقا ئىلىملارغا قارىغاندا تېز تەرەققىياتلارغا ئېرىشتى دېيىشكە بولىدۇ. مەن گەرچە كىشىلىك مۇناسىۋەت ئىلمى كەسپىدە ئوقۇمىغان ۋە تەتقىقات ئېلىپ بارمىغان بولساممۇ، ئەمما مۇشۇ جەمئىيەتتە ياشاش جەريانىدا بولۇپمۇ ئوقۇغۇچىلىق ھاياتىمدا باشتىن كەچۈرگەن كەچمىش تەجرىبىلىرىم ئاساسىدا يۈزەكى بولسىمۇ بۇ ئەسەرنى يېزىپ كەڭ تورداشلارغا سۇندۇم. كەم-كۈستە يەرلىرىنى بىللە تولۇقلاشنى ئۈمىد قىلىمەن. تەكلىپ-پىكىر ۋە قاتتىق تەنقىدلەرنى بەرگەنلەر مېنىڭ ئەڭ يېقىن ۋە ئەڭ ياخشى دوستلىرىم، پىكىرداشلىرىم دەپ بىلىمەن.

ھازىر مۇنداق بىر خىل ھادىسە مەۋجۇت. بەزى ئوقۇغۇچىلارئالىي مەكتەپتە باش چۆكۈرۈپ، جاپا تارتىپ تىرىشىپ ئۆگەنسىمۇ، لېكىن ئىجتىمائىي ئالاقە ئىقتىدارى ۋە كىشىلىك مۇناسىۋەتكە ماھىر بولمىغانلىقتىن كۆڭۈلدىكىدەك خىزمەت تاپالماي قالىدۇ. ئەكىسچە، يەنە بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار مەكتەپتىكى ۋاقتىدا كۆپ ۋاقتىنى ھەم زېھنىنى ئىجتىمائىي ئالاقە ۋە كىشىلىك مۇناسىۋەتكە سەرپ قىلىدۇ، نەتىجىدە جەمئىيەتكە چىققاندىن كېيىن ياخشى خىزمەتلەرگە ئېرىشىدۇ. مەكتەپتىمۇ تىرىشىپ ئۆگەنگەندىن كۆرە، ئوقۇتقۇچىلار بىلەن مۇناسىۋەتنى ياخشى قىلغاننىڭ پايدىسى كۆپ، سىنىپ مۇدىرى ۋە سىنىپ ھەيئەتلىرى بىلەن مۇناسىۋىتى ياخشى بولسىلا، ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ئالالمىغان بىلەن ئوقۇش ياردەم پۇلىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ دەيدىغان قاراشتىكى ئوقۇغۇچىلارمۇ يوق ئەمەس. شۇڭا ھازىر قانداقلا ئىش قىلىشتىن قەتئىينەزەر كىشىلىك مۇناسىۋەت ئەڭ مۇھىم دەپ قارايدۇ. لېكىن مەن ئۇنداق قارىمايمەن. بىز مەسلىلەرگە بىرنىڭ ئىككىگە بۆلۈنۈش نۇقتىنەزىرى بۇيىچە قارىشىمىز لازىم. مېنىڭچە جەمئىيەتتە يۇقارقىدەك ئەھۋاللار ھەقىقەتەن مەۋجۇت، لېكىن بۇ ئومۇميۈزلۈك ئەھۋال ئەمەس، بەلكى قىسمەن ئەھۋال.
مەكتەپنى ئېلىپ ئېيتساق، بىر قىسىم ئىستىلى ناچار ئوقۇتقۇچىلار مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ، دەرس ۋاقتىدا نازلىنىپ ئولتۇرغان، دەرستىن چۈشكەندە ئۆيىگە سوۋغا-سالام كۆتۈرۈپ بارغان ئوقۇغۇچىلارغا، دەرس ۋاقتىدا ئۇلارنىڭ ئۆگىنىشنىڭ ناچار بولۇشىغا قارىماي، ئىمتىھاندا يۇقىرى نومۇر قۇيۇپ قۇيىدىغان؛ بىر نەچچە ۋاراققا ناھايىتى تەسىرلىك قىلىپ يېزىپ كەلگەن راست-يالغان ئائىلە ئەھۋاللىرىنى كۆرۈپلا، بالىلاردىن تولۇق ئەھۋال ئىگەللىمەي تۇرۇپ، «مەندىن چىقمىغاندىن كېيىن نېمە بولاتتى!» دەپ قاراپ، ياردەم پۇلى ئالىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالدىغا تىزىپ قۇيىدىغان؛ بەزى سىنىپ ھەيئەتلىرىمۇ «ماۋۇ ياتاقدىشىم، ماۋۇ يۇرتدىشىم» دەپ مۇئەللىمگە قېيىنچىلىقىنى ئېغىر كۆرسىتىپ سۆزلەيدىغان ئەھۋاللار بار. بۇ ئەھۋاللار خۇددى سۇنىڭ ئۈستىدىكى كۆپۈكتەك لەيلەپ يۈرگەچكە، بىزگە ناھايىتى كۆپتەك كۆرۈنىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇ ئاز ساندىكى پۇرسەتپەرەس، تاماخورلاردىلا كۆرۈلۈۋاتقان قىسمەن ئەھۋال. بۇ خىل ئەھۋال ناتوغرا كىشىلىك مۇناسىۋەت، ناتوغرا ئۇسۇل بىلەن مەسلىلەرنى بىر تەرەپ قىلغانىلىق بولىدۇ. بۇ خىل ناتوغرىلىق ئاخىرىدا ھەر ئىككىلا تەرەپكە ھەقىقىي نەپ بەرمەيدۇ، «ياغاچ قازان بىر قېتىملا قاينايدۇ» دېگەندەك، ھامان بىر كۈنى  قائىدە-تۈزۈم ۋە قانۇننىڭ تورىدىن ياكى ۋىجداننىڭ سورىقىدىن قىچىپ قۇتۇلالمايدۇ. ئومۇم جەھەتتىن ئالغاندا، مۇكاپات ۋە ياردەم پۇللىرى مەكتەپنىڭ بەلگىلىگەن ئۆلچەم ۋە پىرىنسىپىلىرى ئاساسىدا ئادىل ۋە ئاشكارا ئېلىپ بېرىلىدۇ، بۇ ھەممىمىزگە ئايان. شۇنداقتىمۇ دەرس ئوقۇتقۇچىلىرى، سىنىپ مۇدىرلىرى ۋە سىنىپ ھەيئەتلىرى بۇنداق ئەھۋاللارغا يۇلۇققاندا ياخشى تەربىيە بېرىشى، توغرا يول كۆرستىشى، شۇ ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلاردا توغرا بولغان قىممەت قارىشى ۋە دۇنيا قارىشى تۇرغۇزۇشى كېرەك. ئېرىشىشكە تېگىشلىك نەرسىلەرگە ناتوغرا كىشىلىك مۇناسىۋەت بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۆز تىرىشچانلىقى، ۋىجدان-غۇرۇرى، ئادىل رىقابەت ئارقىلىق نائىل بولۇشقا ئىلھاملاندۇرۇشى ۋە رىغبەتلەندۈرىشى كېرەك.
مەكتەپتىن ھالقىپ جەمئىيەتكە نەزەر سالساق، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشى، رىقابەتنىڭ كەسكىنلىشىشى سەۋەبلىك، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ تاللىشى يەنىلا ھەقىقىي قابىلىيەت ۋە ئەمەلىي بىلىمى بولغان ئىختىساس ئىگىلىرى ئىكەنلىىنى كۆرمەك تەس ئەمەس. شۇڭا ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى چوقۇم قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ، بىلىمى قۇرۇلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتۇر.
جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ تەرەققىي قىلىشى، ئىختىساسلىقلاردىن بىرگىلا ماھىر بولۇشتىن، بىرگە ماھىر كۆپكە قادىر ئۇنىۋېرسال ئىختىساس ئىگىلىرىدىن بولۇشنى كۈچلۈك تەلەپ قىلماقتا. بۇلاردىن بىز مەكتەپتە نۇقۇل بىلىم جوغلاشتىن، تېخىمۇ كۆپ قابىلىيەت ۋە ئىقتىدارلارنى ئىگەللىشى كېرەكلىكىنى، ئىجتىمائىي ئالاقە ئىقتىدارى بۇ قابىلىيەتلەرنىڭ مۇھىم بىر تەركىبى قىسمى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ يېتەلەيمىز. يەنى ياتاقتا ياتاقداشلىرى بىلەن، سىنىپتا ساۋاقداش ۋە ئوقۇتقۇچى-ئۇستازلىرى بىلەن ياخشى بولغان كىشىلىك مۇناسىۋەتنى ئورنىتالايدىغان بولۇشى كېرەك، شۇنداق بولغاندا باشقىلار بىلەن ئىناق-ئىتتىپاق ئۆتەلەيدىغان، ھەمكارلىشالايدىغان، ئۆز ئارا ياردەمدە بۇلالايدىغان مۇناسىۋەت ھاسىل قىلالايدۇ. مەكتەپتە مۇشۇنداق ياخشى كىشىلىك مۇناسىۋەت شەكىللەندۈرەلىگەن ئوقۇغۇچى، جەمئىيەتكە ۋە خىزمەتكە چىققاندىن كېيىنمۇ دوست-بۇرادەرلىرى ۋە خىزمەتداشلىرى ھەمدە رەھبەرلىرى بىلەن ياخشى كىشىلىك مۇناسىۋەت ھاسىل قىلىپ، خىزمەت ۋە تۇرمۇشىدا زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ. ئەكىسچە، جاھىللىق ۋە ئۆزۈمچىللىك قىلىپ، ھەممە ئىشتا ئۆزىنى مەركەز قىلىدىغان، ياتاقتا ياتاقداشلىرى بىلەن چىقىشالمايدىغان، سىنىپتا ساۋاقداشلىرى بىلەن ئەپ ئۆتەلمەيدىغان، ئوقۇتقۇچى-ئۇستازلىرى بىلەن نورمال ئارىلىق ساقلىيالمايدىغان ئوقۇغۇچىلار جەمئىيەت ۋە خىزمەتكە چىققان تەقدىردىمۇ باشقىلار بىلەن كىلىشەلمەي، كىشىلىك مۇناسىۋەتنى توغرا بىر تەرەپ قىلالمايدۇ-دە، نەتىجىدە تۇرمۇش ۋە خىزمەتتە كۆڭلى سۇ ئىچمەيدۇ. چۈنكى مۇنداقچە ئېيتقاندا، مەكتەپ جەمئىيەتنىڭ بۇسۇغىسى ھېسابلىنىدۇ.
يىغىنچاقلىغاندا، كىشىلىك مۇناسىۋەت ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە دەيدىغان بۇ ئوقۇمنى سەلبى تەرەپتىنلا ئەمەس، بەلكى ئىجابىي تەرەپتىنمۇ ئويلىشىمىز كېرەك. ئېنىقكى، تىرىشىپ بىلىم ئىگەللەش بىلەن ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت بىر-بىرىنى چەتكە قاقمايدۇ ھەم بىر-بىرىگە قارىمۇ-قارشىمۇ ئەمەس. مەكتەپتە ياخشى ئوقۇش بىلەن بىرگە، مۇۋاپىق ھالدا جەمئىيەت بىلەن ئۇچرىشىش، مەقسەتلىك ھەم ئاڭلىق ھالدا ئۆزىنىڭ كىشىلىك مۇناسىۋەت ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش ۋە يۇقىرى كۆتۈرۈش ھازىرقى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى چوقۇم ھازىرلاشقا تېگىشلىك مۇھىم ساپالارنىڭ بىرى دېسەك بولىدۇ. شۇڭا، ھەم تىرىشچان ھەم كىشىلىك مۇناسىۋەتكە ماھىر ئوقۇغۇچىلاردىن بولۇشقا تىرىشىشىمىز كېرەك.
[يولبارس-بىلىگاي ئىجادىيىتى ]


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82960
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3042
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 6 سائەت
تىزىم: 2012-7-25
ئاخىرقى: 2012-10-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-5 10:38:42 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تېما يوللاپسىز، ازىر مۇنداق بىر خىل ھادىسە مەۋجۇت. بەزى ئوقۇغۇچىلارئالىي مەكتەپتە باش چۆكۈرۈپ، جاپا تارتىپ تىرىشىپ ئۆگەنسىمۇ، لېكىن ئىجتىمائىي ئالاقە ئىقتىدارى ۋە كىشىلىك مۇناسىۋەتكە ماھىر بولمىغانلىقتىن كۆڭۈلدىكىدەك خىزمەت تاپالماي قالىدۇ. ئەكىسچە، يەنە بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار مەكتەپتىكى ۋاقتىدا كۆپ ۋاقتىنى ھەم زېھنىنى ئىجتىمائىي ئالاقە ۋە كىشىلىك مۇناسىۋەتكە سەرپ قىلىدۇ، نەتىجىدە جەمئىيەتكە چىققاندىن كېيىن ياخشى خىزمەتلەرگە ئېرىشىدۇ.  ناھايىتى توغرا ئېيتىلىپ تۇ http://adris.cn

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79568
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3104
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 27 سائەت
تىزىم: 2012-5-1
ئاخىرقى: 2012-11-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-5 10:43:51 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئېنىقكى، تىرىشىپ بىلىم ئىگەللەش بىلەن ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت بىر-بىرىنى چەتكە قاقمايدۇ ھەم بىر-بىرىگە قارىمۇ-قارشىمۇ ئەمەس. مەكتەپتە ياخشى ئوقۇش بىلەن بىرگە، مۇۋاپىق ھالدا جەمئىيەت بىلەن ئۇچرىشىش، مەقسەتلىك ھەم ئاڭلىق ھالدا ئۆزىنىڭ كىشىلىك مۇناسىۋەت ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش ۋە يۇقىرى كۆتۈرۈش ھازىرقى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى چوقۇم ھازىرلاشقا تېگىشلىك مۇھىم ساپالارنىڭ بىرى دېسەك بولىدۇ. شۇڭا، ھەم تىرىشچان ھەم كىشىلىك مۇناسىۋەتكە ماھىر ئوقۇغۇچىلاردىن بولۇشقا تىرىشىشىمىز كېرەك

مەن بۇ پىكىرگە تامامەن قوشۇلىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1041
يازما سانى: 3156
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 13124
تۆھپە نۇمۇرى: 1125
توردا: 1375 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2012-11-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-5 11:44:56 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەكتەپتە   تېرىشىپ   ياخشى  ئوقۇش  ،  يۇقىرى  نۇمۇر  ئېلىش  بىلەن   ، جەمىيئەتكە
چىققاندىن  كىيىن   بىر  كىشىلىك  ئورنىنى  تېپىش  ياكى  مۇستەققىل   ئىگلىك  تىكلەپ
ئۆز  ئالدىغا  ئىش  قىلىش ؛ ئىككىسى   ئىككى  ئۇقۇم .
جەمىيئەتكە   قارىسام  ،  پۇل  تاپالىغانلار   ھەقىقىي  بىلىملىك   ئىجادكارلار بولۇپ
قالغاندەك  تۇرىدۇ  .

ئۇيغۇردا   ناخشا ـ ئۇسۇلچى ، سازچى تۇلا ،
يەھۇدىيلاردا ئالىم ، كەشىپياتچى ، تىجارەتچى تۇلا .

باشقىلارغا تەبە

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18033
يازما سانى: 991
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8894
تۆھپە نۇمۇرى: 306
توردا: 5995 سائەت
تىزىم: 2010-11-18
ئاخىرقى: 2012-11-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-5 11:46:44 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تېما يوللىنىپ ناھايىتى ياخشى بوپتۇ. دىمىسىمۇ بىزدە ئۆگىنىشنى ياخشى كۆرىدىغان ئوقۇغۇچىلار كۆپ. لكىن ئاكتىپ پىكىر قىلىپ ،ئويلىغانلىرنى دىيەلەيدىغانلار بەك ئاز.ھازىر مەكتەپلەردىكى دەرسىلىك  ماتىرياللاركۆپ قېسىمى  يات تىلدا بۇلغاچقا بالىلارنىڭ تەپەككۇرى بوغۇلۇپ ئىجتىمايى ئالاقە قابىليىتنىڭ يىتىلىشىگە تېخىمۇ تەسىر يەتمەكتە. نىمە ئۈچۈن دىگەندە ئۆزىنىڭ ئانا تىلدىكى سۆز قابليىتى تۇلۇق يىتىلمىگەن بالىغا، يات تىلدا تەپەككۇر قىلىش  ئەلۋەتتە تەسكە توختايدۇ.بىر سائەت دەرستە قول كۆتۈرۈپ پىكىر بايان قىلىدىغان ئوقۇغۇچىلار 10دىن ئاشمايدۇ.ئۈنىڭ ئۈستىگە يەسلىدىن باشلاپ ئاناتىل ئوقۇتۇشى چىڭ تۇتۇلمىغانلىغى ئۈچۈن بىزنىڭ بالىلىرىمىزنىڭ ئىجتىمايى ئالاقە تورۇپ ،ئاغزاكى تىل ئالاقە ئىقتىدارىمۇ رۇشەن ئارقىدا تورۇپ كەلمەكتە. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   iltebir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-10-5 11:47 AM  


ئۆزىڭىزنىڭ خاسلىقى بولسۇن.

ھېكمەت ئىلى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78611
يازما سانى: 1030
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5606
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 328 سائەت
تىزىم: 2012-4-10
ئاخىرقى: 2012-11-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-5 12:04:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلارئىدىيەنى ئازاد قىلىشقا مۇھتاج

«كىمىكى ئىلىم ئىلىش يولىغا قەدەم قويسا،ئاللاھ ئۇنىڭغا جەننەتكە ماڭىدىغان يولنى ئىچىپ بەرگەن بولىدۇ!»

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80256
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3043
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 13 سائەت
تىزىم: 2012-5-17
ئاخىرقى: 2012-10-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-5 02:02:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئسىل  تىمىكەن،  مەنمۇ ئىدىيىنى ئازات قىلىشقا مۇھتاج ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىرى،  تېخىمۇ كۆپرەك تەلىم بەرگەيسىلە~~~~!!!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش