2012-يىللىق ئامېرىكا چوڭ سايلىمىنىڭ تۈنجى قېتىملىق مۇنازىرسى 10-ئاينىڭ 3-كۈنى كەچ سائەت 7دە(ئامېرىكا ۋاقتى كەچ سائەت 9دا)كولۇرودا شىتاتىنىڭ دەنفۇ ئونۋېرسىتتدا رەسمىي ئۆتكۈزۈلدى، نۆۋەتتىكى پىرزدىت ئوباما بىلەن جومھوريەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ پىرزدىنت نامزاتى رومىنىي تۈنجى قېتىم يۈزمۇيۈز كۈچ سىناشتى، بۇ ئامېرىكا تارىخىدا 36-قېتىملىق پىرىزدىنىت تېلۋىزيە مۇنازىرسى بۇلۇپ ھىساپلىندۇ.
مۇنازىردىن ئىلگىرى رومىنىينىڭ خانىمى تەشەببۇسكارلىق بىلەن 1-خانىم مىشىرنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئىككەيلەن يۈزىنى يېقىپ قۇچاقلاشتى. مۇنازىرە باشلانغاندا ئوباما بىلەن رومنىي ئىككى تەرەپتىن كىلىپ سەھنىدە قول ئېلشىپ كۇرۇشۇپ ئەھۋال سوراشتى،ئىككەيلەن كۈلۈمسىرەپ كۆپچىلىككە يۈزلەنگەندە ئوباما رومىنىينىڭ مۈرىسىگە يىنىك ئۇرۇپ قويدى،مۇخبىرلار ئوبامانىڭ كۆك رەڭلىك گالىستۈك،رومنىڭنىڭ قىزىل رەڭلىك گالىستۈك تاقىۋالغان بۇلۇپ كۆك رەڭ دېمۇكىراتلار پارتىيسىگە ،قىزىل رەڭ بولسا جومھوريەتچىلەر پارتىيسىگە ۋەكىلىك قىلدىغانلىقىغا دىققەت قىلدى.
مۇنازىردە ئوباما ئاۋۋال 2مىنۇت تەبرىك سۆزى قىلدى، ئارقىدىن رومنيمۇ ئوخشاشلا 2مىنۇت تەبرىك سۆزى قىلدى.
بۇ قېتىمقى مۇنازىرە ئامېرىكنىڭ ئىچكى سىياسىي مەسىلىلىرىنى چۆرىدىگەن ئاساستا قانات يايدۇرۇلغان بۇلۇپ 6قىسىمغا بۈلۈنگەن، ئىقتىسادىي مەسىللەر باش تىما بۇلۇپ ئالدىنقى 3قىسىم ئىقتىسادىي مەسىللەرنى چۆرىدىگەن ئاساستا ئېلىپ بېرىلدى، قالغان مەسىللەر ئايرىم-ئايرىم ھالدا داۋالىنىش ئىستىراخۇانىيسى، ھۆكۈمەت ئوبرازى، ھۆكۈمەت باشقۇرۇش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ئىككى نامزات ئوخشاش ۋاقىت ئىچىدە سوئاللارغا جاۋاب بەردى، پۈتۈن مۇنازىرە 90مىنۇت داۋاملاشدىكەن.
نۆۋەتتە مۇنازىرە يەنىلا داۋاملىشۋاتقان بۇلۇپ پەرەز قىلنىشچە ئوباما 1-قېتىملىق ۋەزىپە ئۈتەش مەزگىلدىكى سىياسىي تۆھپىلىرى بىلەن بىرگە ، ئىچكى ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كىلشى ئاستا بۇلۇش ،ئىشسىزلىق نىسبىتى ئىزچىل ھالدا %8تىن يۇقۇرى بۇلۇش قاتارلىق مەسىللەردە ئۆزىنى ئاقلاشقا مەجبۇر بۇلۇشى مۇمكىنكەن. ئۇ جەزمەن سايلىغۇچىلارغا يەنە بىر قېتىم سايلانسا دۆلەتنى قايسى يۈلۈنۈشكە باشلاپ ماڭىدىغانلىقىغا ئېنىق چۈشەنچە بېرىشى كېرەك. ۋاھالەنكى رومنىيمۇ يېقىنقى مەزگىللەردە كەينى-كەينىدىن دەپ تاشلىغان گەپلىرى ئۈچۈن ئۆزىنى ئاقلاشقا مەجبۇر بۇلىدۇ،يەنى يېقىندا ئېيىتقان « %47ئامېرىكىلىق ھۆكۈمەتنىڭ ھەققىنى يەۋالدى» دېگەن «گۇمان»پىكىرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. پەرەز قىلنىشچە مۇنازىرە ناھايىتى كەسكىن بۇلىدىكەن.
بۇ قېتىمقى مۇنازىرنىڭ رىياسەتچىسى ئامېرىكا ئاممىۋىي تېلۋىزيەسى «بىرسائەتلىك،خەۋەرلەر»پىروگىراممىسىنىڭ ئىجرائىيە باش مۇھەرىرى جىم.لەيىل بۇلۇپ بۇ «ئاتاقلىق رىياسەتچى»رىياسەتچىلىك قىلغان 12-مەيدان تېلۋىزىيە مۇنازىرسى شۇنداقلا، پۈتۈن ئامېرىكدىكى جەمئىي 36قېتىملىق پىرزىردىنىت تېلۋىزىيە مۇنازىرسىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى ئىگلىگەن.
تۆۋەندە بەس-مۇنازىردىن كۈرۈنۈشلەر:
مەنبە: يەرشارى تورىدىن تەرجىمە قىلنىدى.