مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3197|ئىنكاس: 24

مۆمۇنلەر بىلىشكە تىگىشلىك ئاددى مەسىللەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ۋىجدان ھەق-ناھەقتە سىنىلىدۇ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4682
يازما سانى: 2009
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32833
تۆھپە نۇمۇرى: 5599
توردا: 12112 سائەت
تىزىم: 2010-7-25
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-4 10:19:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇسۇلمانلار بىلىشكە تىگىشلىك  مەسىللەر

مىھىربان شەپقەتلىك ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن

62336080201108131215144591634406348_005.jpg


ئىماننىڭ شەرىتلىرى نەچچە؟
جاۋاپ 7دۇر
1-غەيىپكە ئىمان كەلتۇرمەك
2-غەيىپ ئىشلارنى پەقەت ئاللاھ ئۆزى بىلىدۇ دەپ تونۇش
3-جەننەت ۋە دوزاخنى كۆرمەي تۇرۇپ بارلىقىغا ئىشەنمەك
4- ئاللاھ ھالال قىلغان نەرسىلەرنى ھالال دەپ ئىتىقاد قىلماق
5- ئاللاھ ھارام قىلغان نەرسىلەرنى ھارام دەپ ئىتىقاد قىلماق
6-خەۋىپتۇر يەنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قورۇقماقلىق
7-رىجادۇر يەنى ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۇمۇتۋار بولماق

62336080201108131215144591634406348_001.jpg


ئىماننىڭ ۋاجىپلىرى قانچىدۇر؟

جاۋاپ 12دۇر

1-ئالىملار بىلەن ھەمسۆھبەتتە بولماق

2-فاسىق ئاللاھنىڭ ئەمىرىنى تۇتمايدىغانلاردىن يىراق بوماق

3-ئۇسۇزلارغا سۇ بەرمەك ھەتتا ھايۋانلارغىمۇ

4-ئاغىرىقلارنىڭ ئەھۋالنى سورىماق

5-غىرىپ مىسكىنلەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالماق

6-ئۆلۇك يۇيماق

7-ئاداۋەتلىشىپ قالغان ئىككى ئادەمنى ياراشتۇرۇپ قويماق

8-مەرھەمەت قولى بىلەن يىتىملەرنىڭ بىشىنى سىلىماق

9-يول ئۇستىدىكى تاش چالمىلارنى ۋە باشقاھەر قانداق ئادەملەرگە ئازار بىردىغان نەرسىلەرنى يولدىن يىراق قىلماق

10-يول ئۇستىدىكى نىجاسەتلەرنى كۆممەك

11-قەبرىستانلىقلارنى زىيارەت قىلماق

12-ئەھلى ئايال ۋە بالا چاقىلىرىغا دائىم ئىسلامى ئەدەپ- قائىدىلەرنى ئۇگىتىپ ئۇلارنى ياخشى ئىشلارغا يىتەكلەپ يامان ئىشلاردىن توسۇش يەنى دوزاقتىن قورقۇتۇپ جەننەتتىن ئۇمۇتۋار قىلماق



62336080201108131215144591634406348_009.jpg


ئاللاھ تالا ئىماننى نىمىدىن ياراتتى ؟
جاۋاپ ئاللاھ ئىماننى نۇردىن ياراتتى



ئىمان دىگەن نىمە؟
جاۋاپ ئاللاھدىن باشقا ھىچ بىر ئىلاھ يوقتۇر،مۇھەممەد ئەلەيھىسالام ئاللاھنىڭ ئەلچىسىدۇر دىگەنلىك

6233608020110813121023017.jpg


ئىمان ئىتماقلىق مۆمىنلەرگە پەرىزمۇ؟ ۋاجىپمۇ؟ ياكى سۇننەتمۇ؟
جاۋاپ ئىمان ئىتماقلىق پەرىزدۇر

62336080201108131215144591634406348_000.jpg


ئىماننىڭ ئەمىلى قايسىدۇ؟
جاۋاپ ئىماننىڭ ئەمىلى ناماز، روزا،ھەج،زاكات ۋە باشقا تائەت ئىبادەتلەردۇركى بەندىدىن سادىر بولىدۇ ، بۇلارنىڭ ھەمىسى پەرىزدۇر

62336080201108131215144591634406348_007.jpg


شەرىئەتنىڭ ھۆكۇملىرى نەچچە تۇرلۇكتۇر؟
جاۋاپ 9 تۇرلۇكتۇر
1-پەرىز2-ۋاجىپ3-سۇننەت
4-مۇستەھەپ 5-ھالال 6-ھارام
7-مۇباھ 8-مەكرۇھ 9-چەكلەنگەن ئىشلار



ئىسلامنىڭ ۋاجىپلىرى نەچچە؟
جاۋاپ 7دۇر



1-سەدىقە فىتىرە بەرمەك 2-قۇربانلىق قىلماق 3-ۋىترى نامىزىنى ئوقۇماق 4-ئۆمۇرە تاۋاپ قىلماق 5-ئاياللار ئىرىنىڭ خىزمىتىنى قىلماق 6-ئاتا-ئانىسىنىڭ پەرمانىدا بولماق 7-ئۇرۇق تۇققانلىرىنىڭ ئەھۋالىنى سوراپ تۇرماق



ئادەم باللىرىغا قايسى نەرسىلەرنى بىلدۇرۇش پەرىز؟
جاۋاپ ئاللاھ تالانى بار ۋە بىر دەپ تونۇتماق پەرىز



ئىماننىڭ بىشى دىگەن نىمە؟
جاۋاپ ئىماننىڭ بىشى ئاللاھدىن باشقا ھىچ بىر ئىلاھ يوقتۇر،مۇھەممەد ئەلەيھىسالام ئاللاھنىڭ ئەلچىسىدۇر دىمەكتۇر



ئىماننىڭ جىنى نىمە ؟
جاۋاپ ئىماننىڭ جىنى قۇرئان ئوقۇماقلىق



ئىماننىڭ تىنى نىمە ؟
جاۋاپ ئىماننىڭ تىنى بەش ۋاخ ناماز ئوقۇماقلىق



ئىماننىڭ يىلتىزى نىمە؟
جاۋاپ ئىماننىڭ يىلتىزى ئىخلاس



ئىماننىڭ جايى نەدە؟
جاۋاپ ئىماننىڭ جايى مۆمۇنلەرنىڭ كۆڭلى دىلىدا



ئىماننىڭ شىخى نىمە ؟
جاۋاپ ئىماننىڭ شىخى –تائەت ،ھايا ۋە تەقۋادارلىقتۇر

جاۋاپ ئىماننىڭ ئوزۇقى بىلىم ئۇگەنمەكتۇر


ئىماننىڭ ئوزۇقى نىمە ؟



ئىماننىڭ ھالاۋىتى نىمە؟
ئىماننىڭ ھالاۋىتى پاكلىقتۇر،ھارامدىن پاك بولۇش،ئىپپەتلىك بولۇش


ئىبادەتنىڭ يىلىكى نىمە؟
جاۋاپ ئىبادەتنىڭ يىلىكى دۇئا قىلماقلىقتۇر



ئىماننىڭ مۇستەكەم تۇرۇشىغا نەچچە نەرسە شەرىتتۇر؟
جاۋاپ ئۇچ نەرسە
1-ئىمان بىلەن بولغىنىغا خوش بولۇش2-ئىمانىنىڭ زاۋال بولۇپ كىتىشىدىن قايغۇرۇش 3-ئىماننى سۆزىدە ياكى ھەركەتتە ۋە ياكى ئىتىقادتا خاراپ قىلغۇچى نەرسىلەردىن قورۇقماسلىق .
سۆزىدە بولغىنى شۇكى كىشى ئىماندىن چەتنەيدىغان سۆزنى بىلىپ تۇرۇپ يەنە سۆزلىسە.
ھەركەتتە بولىغىنى شۇكى كىشى مۇشۇ ھارام ئىشنى قىلسا ئىماندىن چەتنەيدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ يەنە  قىلسا
ئىتىقادتا بولىدىغىنى شۇكى كىشى ھالالنى ھارام دەپ ياكى ھارامنى ھالال دەپ ئىتىقاد قىلسا بۇ ئىش كۇفۇرلۇققا ئىلىپ بارىدۇ



ئىماننىڭ پەرىزلىرى نەچچە
جاۋاپ 4 دۇر
1-ئاللاھنى بىر دەپ بىلىپ ،ئاللاھنىڭ بىرلىكىگە ئىتىقاد قىلماق
2-ئاللاھقا ئىمان كەلتۇرمەك
3-ئىماننى سالامەت قىلماق
4-ئىماننى ئۆزى بىلەن ھەمرا بىلمەكتۇر
مىھىربان شەپقەتلىك ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن


مۇسۇلمانمۇ سىز ؟

جاۋاپ ئەلھەمدۇللاھى مۇسۇلماندۇرمەندۇرمەن



قاچاندىن بىرى؟
جاۋاپ ئەلمىساقتىن بىرى مۇسۇلماندۇرمەندۇرمەن



ئەلمىساقنىڭ مەنىس نىمە؟
جاۋاپ ئاللاھ تەلانىڭ قىيامەتكىچە يارتىلىدىغان ئادەم ئەۋلاتلىرىنى ئادەم ئاتىنىڭ ئۇچىسىدىن چىقىرىپ ئىمان ھەقىدە ئالغان ئەھدىسىدۇر مانا بۇ ئەھدىنى ئەلمىساق دەيمىز



ئاللاھ تەئەلانى تونۇمسىز ؟
جاۋاپ ئەلھەمدۇللاھ تونۇيمەن



قانداق تونۇيسىز؟
جاۋاپ ئاللاھ تەئەلا ھىچ نەرسىگە ئوخشىمايدۇ،ھىچ نەرسە ئاللاھ تەئەلاغا ئوخشىمايدۇ


نەچچە سۇپەت بىلەن تونۇيسىز؟
جاۋاپ 10 سۇپەت بىلەن تونۇيمەن



ئۇ 10 سۇپەت قايسىلار
جاۋاپ 1-سۇپىتى ئاللاھ تىرىكتۇر ھەرگىز ئۆلمەس، ئاللاھنىڭ تىرىكلىگى جان ۋە جىسىم بىلەن ئەمەس ،بەلكى ئۆزگە لايىق سۇپەت بىلەن تىرىكتۇر

2-سۇپىتى بىلگۇچىدۇر ئاللاھنىڭ بىلمەكلىگى پىكىر، خىيال بىلەن ئەمەستۇر ،بەلكى ئۆزىگە لايىق سۇپەت بىلەن بىلگۇچىدۇر ،كائىناتتىكى  نەرسىلەردىن ھىچ نەرسە ئاڭا مەخپىي ئەمەستۇر

3- سۇپىتى ئاللاھ ھەر نەرسىنى خالىسا بولۇر،ھەر قانداق نەرسىنى خالىمىسا بولماس

4-سۇپىتى ئاللاھ سۆزلىگىچىدۇر ئاللاھنىڭ سۆزمەنلىگى ئىغىز ۋە تىل بىلەن ئەمەستۇر،بەلكى ئۆزىگە لايىق سۇپەت بىلەن سۆزلىگىچىدۇر

5-سۇپىتى ئاللاھ ئاڭلىغىچىدۇر ،ئاللاھنىڭ ئاڭلىماقلىقى قۇلاق بىلەن ئەمەس ،بەلىكى ئۆزىگە لايىق سۇپەت بىلەن ئاڭلىغۇچىدۇر

6-سۇپىتى ئاللاھ كۆرگۇچىدۇر ،ئاللاھنىڭ كۆرمەكلىكى كۆز بىلەن ئەمەس ئۆزىگە لايىق سۇپەت بىلەن كۆرگۇچىدۇر

7-سۇپىتى ئاللاھ ھەر ئىشقا كۇچى يەتكۇچىدۇر

8-سۇپىتى ئاللاھ پەيدا قىلغۇچىدۇر ،يوقتىن بار قىلغۇچىدۇر
يەنە ئىككى سۇپىتى بولۇپ بىر سەلبى يەنە بىرى تەنەززۇھ، سەلبنىڭ مەنىسى ئاللاھ جىمى ئەيىپ نۇقسانلاردىن پاكتۇر.



سىز كىمنىڭ بەندىسى؟
جاۋاپ ئاللاھنىڭ بەندىسىدۇرمىز



كىمنىڭ ئۇممىتى
جاۋاپ مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ ئۇمىتىدۇرمىز



سىز كىمنىڭ دوستى؟
جاۋاپ چاھاريەلەرنىڭ دوستىدۇرمىز،ئىبراھىم خەلىلۇلانىڭ مىللىتىدۇرمىز



كىملەر سىزنىڭ قىرىندىشىڭىز؟
جاۋاپ يەر يۇزۇدىكى مۆمۇنلەر بىزنىڭ قىرىنداشلىرىمىزدۇر



سىز كىمنىڭ مەزھىپىدە؟
جاۋاپ ئىمامى ئەئزەمنىڭ مەزھپىدەدۇرمىز



دىنىڭىز نىمە؟
دىنىمىز ئىسلامدۇر، ئىمامىمىز يىتەكچى ،ئاساسىزمىز قۇرئاندۇر



قىلبىڭىز قەيەردە
جاۋاپ قىلبىمىز خانە كەئەبەدۇر



چەھاريالارنىڭ ئىسمى شەرپى
1-ئابۇبەكرى سىدىق 2-ئۆمەر ئىبنۇلخەتتاب 3-ئوسمان ئىبنۇ ئەففان4-ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىپ




ئاللاھ دىنىمىزنى مۇستەھكەملەپ  ھىمىمىزگە كۇچلۇك ئىمان ئاتا قىلىپ جىمىكى كىشىلەرگە ئىنساپ پاكلىق  ۋىجدان، غۇرۇر ،شەرمى ھايا ۋە خاتىرجەملىك ئىناق بەخىتلىك تۇرمۇش ئاتا قىلغايسەن
ئامىن





مەنبە قۇرئاندىن ساۋات
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   rinatcn تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-10-4 11:12 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
sabri@ + 99 ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن...

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 99   باھا خاتىرىسى

ئادەم غۇرۇرىنى يوقاتقاندا ئادىمىلىكىنىمۇ يوقاتقان بولدۇ

ۋىجدان ھەق-ناھەقتە سىنىلىدۇ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4682
يازما سانى: 2009
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32833
تۆھپە نۇمۇرى: 5599
توردا: 12112 سائەت
تىزىم: 2010-7-25
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-4 10:24:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باشقۇرغۇچىلار بۇ تېمنى  مۇنبەرگە ئەزا بولغانلار كۆرەلەيدىغان قىلىپ قويساڭلار شۇنداق بولغندا مۇنبەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

ئادەم غۇرۇرىنى يوقاتقاندا ئادىمىلىكىنىمۇ يوقاتقان بولدۇ

ۋىجدان ھەق-ناھەقتە سىنىلىدۇ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4682
يازما سانى: 2009
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32833
تۆھپە نۇمۇرى: 5599
توردا: 12112 سائەت
تىزىم: 2010-7-25
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-4 10:51:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تېما مۇنبەر يۇزدە كۆرۇنمەيدىغۇ

ئادەم غۇرۇرىنى يوقاتقاندا ئادىمىلىكىنىمۇ يوقاتقان بولدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80808
يازما سانى: 2578
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11565
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1552 سائەت
تىزىم: 2012-5-30
ئاخىرقى: 2015-1-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-5 03:44:06 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۆمىنلەر بۇنى بىلىدۇ  ،  ئىمان ئىيتقان بەندىلەر بولسا بىلىشى ھەم ئەمەل قىلىشى كىرەك !

Made in Answer
sabri@ بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-5 10:18:57 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73887
يازما سانى: 967
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4980
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2092 سائەت
تىزىم: 2012-1-24
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-5 10:27:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تېمىنى بىز بىلەن يۈزكۆرۈشتۈرۈشكە كۈچ چىقارغان قېرىنداشىرىمغا ئاللاھ نىڭ رەھمېتى بولسۇن .

ئاز بولسىمۇ ھالالدىن يەيمەن !!!!!قۇدرەتلىك مېھرىبان اللەھىم ئۆزۈڭنىڭ ھالال نىئمەتلىرى ئارقىلىق مېنى ھارامدىن بىھاجەت قىلغىن.https://uyghur-archive.com/misranim/static/image/smiley/default/misranim1 (6).gif

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82960
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3042
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 6 سائەت
تىزىم: 2012-7-25
ئاخىرقى: 2012-10-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-5 10:41:43 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ ئەجرىڭىزنى كۆپلەپ بەرسۇن قىرىندىشىم،  http://adris.cn

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80244
يازما سانى: 1566
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1582 سائەت
تىزىم: 2014-12-12
ئاخىرقى: 2015-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-5 11:48:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تېما يولاپسىز قەلەم تۇلپارڭىز ھارمىسۇن مۇشۇنداق يازمىلارنى كۆپ يولاڭ رەخمەت؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83553
يازما سانى: 304
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3873
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 76 سائەت
تىزىم: 2012-8-6
ئاخىرقى: 2013-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-5 12:05:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇنداق ياخشى تىمىلارن بىزگە يەتكۈزگۈنىڭىزگە رەھمەت .ئاللا ئەجىر ئاتا قىلسۇن.

ھەر بىر مىنۇتنىڭ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 52340
يازما سانى: 1534
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8948
تۆھپە نۇمۇرى: 894
توردا: 3165 سائەت
تىزىم: 2011-8-20
ئاخىرقى: 2014-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-5 12:13:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن

كۆپرەك  دوستۇم بولسا
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش