|
|
|
|
چوقۇم ۋەقە سادىر بولۇشى كېرەكمۇ؟
2012 -يىل 9-ئاينىڭ 26-كۇنى314 نومۇرلۇق دولەت تاش يولى، ئاقسۇ شەھىرى غەربى چوڭ كوۋرىگىنىڭ تەخمىنەن 150مىتىر غەربىگە توغرا كىلىدىغان، ئاۋات ناھىيىسىگە قاراپ ماڭىدىغان ئگىلىش ئېغىزىدا ئېغىر قاتناش ۋەقەسى يۈز بەردى. بىر تاش توشۇپ ماڭغان يۈك ئاپتوموبىلى يېنىدا كېتىۋاتقان كىچىك ماشىنىنىڭ ئۇستىگە ئۆرۇلۇپ چۇشۇپ ، كىچىك ماشىنا ئىچىدىكى بەش نەپەر قېرىندىشىمىز نەق مەيداندا قازا قىلغان.شۇنىڭ بىلەن ھوكۇمەت ئالاقىدار ئورگان ۋە ساقچىلارنى ئىشقا سېلىپ ،تاشيول بويىغا قانۇنسىز سېلىۋالغان، شوپۇرلارنىڭ كورۇش دائىرسىگە توسالغۇ بولۇپ كېلىۋاتقان، تىجارەت ئويلىرىنى بىر كۈن ئىچىدە پۇتۇنلەي تەلتوكۈس چېقىپ تاشلاپ رەتلەپ، خەلىقنىڭ بىخەتەرلىگى ئۈچۈن بەكمۇ ياخشى ئىش قىلغان ئىدى.ئەسلى بۇ ئىش شۇنىڭ بىلەنلا توختاپ قالماي يەنە باشقا جايلاردىكى خەتەرنىڭ ئامىلى بولغان جايلارمۇ رەتلىنىپ كەتسە بولاتتى .
سۇرەتلەرنىڭ كىلىش مەنبەسى
http://119.china.com.cn/qxjy/txt/2012-08/26/content_5279547.htm
مەسلەن: ئۆلكە تاشيولىنىڭ ئاقسۇ-ئاۋات تاشيولى 19-20 كىلومىتىر بولىكىدە بىر ئەگمە يول بولۇپ، ئەگمىنىڭ دەل ئوتتۇرسىدىن كىسىپ ئۆتىدىغان يەنە بىر كىچىك تاشيول بار ،تاشيولنىڭ چورىسىدە قويۇق ئورمان بولغاچقا قارشى تەرەپتىن كىلىۋاتقان قاتناش ۋاستىلىرىنى يىراقتىن كورۇش ئىمكانىيىتى توساپ قويۇلغان.(سۈرەتكە قاراڭ )
ئەگەر ئەشۇ جىددى ئىگىلىشتىكى كورۇش دائىرسىگە توسالغۇ بولىۋاتقان بىر بولۇك دەرەخلەر كىسىۋېتىلگەن بولسا، مۇشۇ دائىردە يۈز بېرىدىغ قاتناش ھادىسىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايىسدى بولاتتى .
ئەمما تا ھازىرغىچە بۇ تاشيول ئاسلى ھالىتە تۇرىۋەردى. ھەر قېتىم مۇشۇ جايدىن ئۆتكەندە ئادەم تولىمۇ جىددىلىشىدۇ.نىمە ئۈچۈن مۇشۇنداق جايلار ۋەقە يۈز بەرمەستە رەتلىنىپ خەتەرنىڭ ئالدى ئېلىنمايدۇ؟ياكى يەنە بىر قېتىم ئېغىر قاتناش ھادىسىسىنىڭ يۈز بېرىشىنى ساقلاپ تۇردىغان ئىشمۇ؟ مۇشۇنداق جايلارنى رەتلەش ئۈچۈن چۇقۇم يەنە ۋەقە سادىر بولىشى كېرەكمۇ؟
تولۇقلىما مەزمۇن (2012-10-5 10:22 AM):
2012-يىل 8-ئاينىڭ 26-كۇنىدىكى خەۋەركەن مەن ۋاختىنى خاتا يېزىپ قويۇپتىمەن
|
|
|
|
|
|