كىچىككىنە ساۋاق
ئابدۇرۇسۇل ئۆمەر
خوتەندىن قەشقەرگە كەلگەندە دائىم سىرىتقا ئېلىپ چىقىدىغان سومكامنىڭ سىيرىتمىسى بۇزۇلۇپ قالدى . مەن سومكامنى ئوڭشىۋېلىش ئۈچۈن ھېيتگاھنىڭ ئالدىدىكى بازارغا باردىم . ئاشپەزلەرنىڭ ،كاۋاپچىلارنىڭ ، باققاللارنىڭ خېرىدار چاقىرىپ ھەر خىل رېتملىق ئاۋازدا توۋلاشلىرى بۇ قايناق بازارنى تېخمۇ جانلاندۇرۋەتكەنىدى. مەن قىستاڭچىلىق ئىچىدە ئارلاپ يۇرۇپ قۇلۇپ ،ئاچقۇچلارنى، ھەر خىل سومكىلارنىڭ سىيرىتمىلرنى ياسايدىغان كىچىكرەك بىر دۇكاننىڭ ئالدىغا كىلىپ قالدىم. دۇكاندا ئەمدىلا بۇرۇتلىرى خەت تارتقان ، ئوتتۇرا بويلۇق، قاڭشارلىق بىر يىگىت ئولتۇراتتى. ئۇ مىنىڭ قۇلۇمدىكى سومكىنى كۆرۇپ :
-ئاكا ، كەلسىلە، سومكىلىرنىڭ سىيرىتمىسى بۇزۇلۇپ قالغان ئوخشىمامدۇ ؟ -دىدى ۋە مىنىڭ باش - ئايقىمغا بىر قۇر سەپسېلىپ قارۋالغاندىن كىيىن، - نەدىن كەللە ؟ - دەپ سورىدى.
- ئۈرۈمچىدىن .
- ھە ، مۇنداق دېسىلە، ئەزىز مېمىنمىز ئىكەنلىغۇ ، قەشقەردە خېلى تۇرالا ، قەشقەرنىڭ تازا بەلەن ۋاقتىدا كەپلا ،كۆپرەك تۇرسىلا ،تۇغقانلار باردۇ ؟ - ئۇ ئاغزى- ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەپ كەتتى .
مەن ئۇنىڭ سۇئاللىرغا ئۆز لايىىقىدا جاۋاپ بىرىپ ، سومكامنى ئۇنۇڭغا ئۇزاتتىم .
- ئۇكام ماۋۇ سومكامنى قانچىگە ئوڭشاپ بېرىسىز ؟
ئۇ ماڭا ئەجەپلەنگەن ھالدا قاراپ :
- ماڭا قارسىلا ،سىلە قارىماققا كىچىك ئادەم ئەمەستەك قىلىلا ، مۇشۇ سالاپەتلىرى بىلەن باھا تالىشىپ ئولتۇرسىلا سەت تۇرىدۇ، ئۆزلىرى بىلىپ بەرمەملا ، سىلدەك يىراقتىن كەلگەن ئەزىز مېھماندىن پۇل ئالمىساقمۇ ھېچقىسى يوق ........بىردەم تەخىر قىلىپ تۇرسىلا ، - دىدى ۋە كىچىكرەك بىر ئورۇندۇقنى ئالدىمغا سۇرۇپ قويدى. مەن نىمە دىيىشمنى بىلەلمەي ئولتۇرۇپ قالدىم.
ئۇستام ئەپچىلگىنە بولقىسنى قولغا ئېلىپ سومكىنىڭ سىيرىتمسنى سەندەلگە قويدى- دە ، تاق -تۇق قىلىپ ئۇرۇشقا ، ئامبۇر بىلەن سىيىرتمىنىڭ بۇزۇلغان چىشلىرنى قايرىپ تۇزەشكە باشلىدى.
بەش مىنۇت ئۆتە - ئۆتمەستىنلا سومكىنىڭ سىيرىتمىسى ياسلىپ بولدى . ئۇستام سومكىنىڭ سىيرىتمىسنى ئۇياق - بۇياققا ئىككى سىيرىۋىتىپ قۇلۇمغا تۇتقۇزدى . مەن ئۇنىڭ قولنىڭ چاققانلىقىغا قايىل بولدۇم ۋە يانچۇقۇمغا قول سېلىپ :
- ئۇستام ،ئەمدى بۇلدىغان يېرىنى دىسلە ،قانچە بەرسەم بۇلار ؟ - دېدىم.
- سىلىدىن پۇل ئالمىساقمۇ بۇلاتتى ، خەير ، ئۇنمايدىغان ئوخشايلا ، بوپتۇ ، ئون سوم بەرسىلە ، - دىدى.
مەن ھاڭ - تاڭ بۇلۇپ تۇرۇپ قالدىم . كۆپ بولسا ئىككى سوم ئالار ، دەپ ئويلاپتىكەنمەن . مانا ئەمدى يىمگەن مانتىنىڭ پۇلنى تۆلەيدىغان بولدۇم. ئۇستامنىڭ بايقى ياغلىما گەپلىرىگە ئىشنىپ كىتىپتىمەن . قىلتاققا چۈشۈپ قالغنىمنى نەدىن بىلەي ،توۋا، ماۋۇ يىگىتنىڭ قاقباش بۇلۇپ كەتكىننى......پۇل دىگەن ئادەمگە ھەممە ھۈنەرنى ئۆگىتىدىكەن - دە...خەير ،بوپتۇ ، ئۇنىڭ بىلەن باھا تالشىپ ئولتۇرسام ئۆزەمگە بىر مۇنچە كۆڭۈلسىزلىك تېپىۋالغۇدەكمەن....مەن شۇلارنى ئويلىدىم - دە ،ئاچچىقمنى تەستە بېسۋېلىپ ، ئۇنىڭغا ئون سومنى ئۇزاتتىم . ئۇ مىنى مەسخىرە قىلغاندەك ھىجىيىپ تۇراتتى . ئۇنىڭ خوش ئەمسە ئەپەندىم ! دىگەن سۆزى قۇلقىمغا مۇشىت ئۇرغاندەك ئاڭلاندى .
شۇنىڭدىن بۇيان ھەر قانداق چاغدا باھاسنى ئېنىق بىكتمەي سودا قىلمايدىغان بولدۇم .