مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3439|ئىنكاس: 36

لۇتپۇللا مۇتەللىپ مەقبەرىسىگە زىيارەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

☆☆しovのyou☆☆

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13085
يازما سانى: 775
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 31213
تۆھپە نۇمۇرى: 384
توردا: 183 سائەت
تىزىم: 2010-10-7
ئاخىرقى: 2013-1-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-4 07:17:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


لۇتپۇللا مۇتەللىپ مەقبەرىسىگە زىيارەت

0.jpg

بۇ يەردە بىر ئوت ئېغىر تىنىپ ياتىدۇ،
بۇ يەردە ئاداققىچە يانىدىغان بىر گۈلخان ھەممىمىزنىڭ قەلبىنى كۆيدۈرۋاتىدۇ، بۇ يەردە بىر مۇقەددەس روھ بىزگە تىنىچ پىچىرلاپ بېرىۋاتىدۇ .



10.jpg


ئۇنىڭ قەبرىسىنىڭ بۇنچىلىك غېرىبلىق ئىچىدە ياتقىنىنى بىلمىگەن ئىدى، ئۇنى يوقلاپ چىققان ۋاقتىمدا قۇياش بۇ غېرىبانە قەبرىگە يەنە ئۇزۇن قاراشقا پېتىنالماي قايتىشقا ئالدىراۋاتقان ۋاقىت ئىدى. بىز باشقىلاردىن سوراپ يۈرۈپ پاكار پاكار كوچىلاردىن ئارىلاپ تۇيۇقسىز بىر ئوچۇقچىلققا چىقىپ قالدۇقيۇ ئالدىمىزدىكى بۇ خارابىلىقتىن ھەيران قالدۇق، چېقىلغان ئۆيلەر ، ھەممە يەرلەردە ئۇچۇپ يۈرگەن ئەخلەتلەر.

13.jpg


بىر چەتتە بىزگە ھاڭۋىقىپ قاراپ تۇرغان ئۈچ تۆت ياشلىق بىر بالا ماڭا ھىيىقىش بىلەن قاراپ تۇراتتى، سەل ئۇياقتا ئۈستى - بېشى توپا باسقان ئوتتۇرا ياشلىق ئەر ئايال چېقىلغان ئۆيلەرنىڭ ئۇلىغا باسقان قىشلار كولاپ ئالماقتا ئىدى، ھەي مۇھتاجلىق دېدىم ئىچىمدە، بىز قايسى تەرەپكە مېڭىشىمىزنى بىلمەي تۇرۇپ قالدۇق، ئارقىمىزدىن بىر مويسىپىت بوۋاي كېلىۋىدى ئۇنىڭدىن سورىدۇق، - ئاۋۇ دۆڭ بىلەن مېڭىڭلار . ... بىز ئۇنىڭ بىلەن ياندىشىپ ماڭدۇق، بۇ قەبرىلەرنى يوتكەمدىكەن ھاجىمكا ... ... ئۇ ئادەم ئېغىز ئۇھسىنىپ قويۇپ « بۇ يەردىكى ئۆيلەرنى چېقىپ بولدى، قەبرىلەرنىمۇ يۆتكەمدىكىن تاڭ ... بىز ئۇنىڭ بىلەن خوشلىشىپ ئۇ كۆرستكەن تەرەپكە مېڭىپ كەتتۇق


14.jpg

15.jpg


ئۇزۇن مەزگىل سۇ تەگمىگەن يوللار ئايىغىمىزنى چۆكۈرگىدەك ئەت توپا بولۇپ كەتكەنىدى، مەن تۆت ئەتراپقا نەزەر سالدىم . ئاسمان پەلەك كەتكەن بىنالار قىستاپ كېلىۋاتقاچقا بۇ قەبرىلەرنى كۆچۈرمەكچى بولغان ئوخشايدۇ دېدىم ئىچىمدە. بىر نەچچە تۈپ بۇ قېرى دەرەخلەرنىڭ قېشىغا باردۇق، باھار كەلسە كۆكلەمىدىكىن تاڭ. ئۇنىڭغا قادالغان ئالقانچىلىك تۈنكا تاختىغا سىنچىلاپ قارىدىم، داتلاپ كەتكەن بولسىمۇ بۇ خەتلەر سۇس كۆرۈندى،

« تاغ تېرىكى . تارىخى 250 يىل »


16.jpg

17.jpg



  
بەلكىم بۇ تېرەك نۇرغۇن ۋەقەلەرگە شاھىتتۇر


18.jpg



  
ئۇنىڭ مۇقەددەس قەبرىسىگە يېقىن كەلگەنسىرى قۇلاق تۈۋىمدە ئۇستازلىرىمنىڭ ئۇ توغىرلىق سۆزلىگەنلىرى غۇۋا ياڭراۋاتاتتى،


1.jpg



لۇتپۇللا مۇتەللىپ 1922- يىلى 11- ئاينىڭ 16- كۈنى ھازىرقى قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا ئوبلاستىغا قارشلىق چۈنچە يېزىسىنىڭ سايبويى مەھەللىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1931- يىلى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە غۇلجىغا كۆچۈپ كەلگەن. دادىسى ھىزىماخۇن كىچىك لۇتپۇللانى تاتار ۋە روس مەكتەپلىرىدە ئوقۇتقان.


سۆيگۈ دېڭىزى چوڭقۇرلىقىدا مەن قاينام تۇرسام ،
ئۇسسۇزلىغىم قانداق قانسۇن كىچىك - كىچىك كۆلچەكلەردىن


2.jpg


لۇتپۇللا 14 يېشىدىن باشلاپلا نادىر شېئىرلارنى يېزىشقا كىرىشكەن بولۇپ ،ئۆزىنىڭ قىسقىغىنە 23 يىللىق ھاياتىدا «يىللارغا جاۋاپ » خىيالچان تىلەك « بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى »قاتارلىق ئۆلمەس شېئىرلارنى ، »پادىشاھ سامورايلىرى ھالسىرايدۇ « « ئەجەل ھودۇقۇشىدا » ناملىق مەشھۇر فېلىيەتونلارنى يېزىپ قالدۇردى

3.jpg


لۇتپۇللا مۇتەللىپ 1941-يىلى ئۈرۈمچىدىكى ئوقۇشىنى تاماملىغاندىن كېيىن ، شىنجاڭ گېزىتى ئىدارىسىدا خىزمەت قىلغان كىيىن گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى تەرىپىدىن كۆزگە قادالغان مىخ دەپ ئاقسۇغا يۆتكىۋېتىلگەن ، كېيىن ئاقسۇ گېزىتىدە ئىشلىگەن ۋە بىلال ئەزىزى ، مۇنىردىن خوجا قاتارلىق ئىلغار ياشلار بىلەن تونۇشۇپ ، ئاقسۇدا ئاقارتىش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان

4.jpg


يىلى غولجىدا ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى پارتىلغاندىن كېيىن ، لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئىنقىلاپ سادالىرىغا ئىزچىل دىققەت قىلىپ تۇرغان ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئاقسۇدىكى گومىنداڭ ئەمەلدارلىرىمۇ ، لۇتپۇللانى خەتەرلىك ئۇنسۇر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈپ ، 1945-يىلى مىللى ئارمىيە سايرامدىن ئۆتۈپ بايغا چۈشۈپ ئاقسۇغا يۈرۈش قىلغاندا گومىنداڭ ئەمەلدارلىرى لۇپتۇللا مۇتەللىپ ، بىلال ئەزىزى ، مۇنىردىن خوجا قاتارلىق ئوغلانلارنى قولغا ئېلىپ تۇرمىگە قامىغان

5.jpg


1945-يىلى مىللى ئارمىيە ئونسۇغا چۈشكەندە ، گومىنداڭ تېخىمۇ غالجىرلاشقان ۋە 9-ئاينىڭ 18 كۈنى لۇتپۇللا قاتارلىقلارنى تۈرمىدە ۋەھشىلەرچە قەتىل قىلغان . كىيىن كىشلەر لۇتپۇللا قاتارلىقلارنىڭ مېيىتتىنى ئەۋرەز كارىزىغا تاشلىۋىتىلگەن يېرىدىن تېپىپ چىققان ۋە يۇيۇپ تاراپ ئاقسۇ شەھەرى ئاق مەسچىتنىڭ ئارقىسىدىكى ( ھازىرقى شىياڭگاڭ بازىرىنىڭ ) ئۇتتۇرىدىكى ئاممىۋى قەۋرىستانلىققا دەپنە قىلغان .


قوي شائىر سۆزلىمە،جۆيلۈپ يوققا،
نەۋائى كۆمۈلگەن ئەمەس تۇپراققا.



6.jpg


قەبرە 1982 - يىلى ياسالغاندىن بېرى ھازىرغىچە 27 يىل ۋاقىت بوپتۇ. قەبرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا خاتىرە ئۆيى ( ساراي ئەمەس ) ياسىلىپ قويۇشقا ئاقسۇدىكى باشلىقلارنىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ ئەمەس كېلىدۇ، لېكىن بۇ ھەقتە كۆپ ياقا يىرىتىشتىن كۆرە چاقىرىق قىلغان ياخشى. بۇ بىزنىڭ ئارزۇيىمىز.

7.jpg

8.jpg


بىر ئىشتىن ھەقىقەتەن تەسىرلەندىم. تۆۋەندىكى كامار ئىچىدە بىر نەچچە قېرىنداش، بىر دانە ئاددىي دەپتەر ۋە كىچىكىنە قارا يانچۇق خاتېرىسى تۇرۇپتۇ. بىز ھەممىمىز ئېلىپ ئوقۇپ كۆردۈق، ئۇ بىزگە ئوخشاش زىيارەتچىلەر ئۆزلىرىنىڭ شائىرغا بولغان يۈرەك سۆزلىرى يېزىلغان خاتېرە ئىكەن، ئەپسۇس ئاللىقاچان توشۇپ كېتىپىتۇ،

9.jpg

11.jpg


  كېچە زۇلمىتى بۇ دىيارنى يۇتۇشقا باشلىغاندا بىز قايتىشقا مەجبۇر بولدۇق، مەن يەنە بىر قېتىم دۇئا قىلغاندىن قايتتىم.


12.jpg

ئۇنىڭ مازارىنى ھەربىر ۋاراقتىن ئىزلە،
گۈمبەز قەبرىسىنى ھەربىر مىسرادىن ئىزلە.

ئۇ ئىجاد دەرياسىغا چۆمۈلگەن،
ئۇ ھەربىر مىسراسى تۈۋىگە كۆمۈلگەن




ئەگەر كۆرسەم تەڭرىتاغنىڭ يېشىل قارغاي چىنارىنى،
بولارمەن خۇددى كۆرگەندەك مۇتەللىپنىڭ دىدارىنى.


ياشاپ ئۆتكەچ تەڭرى تاغنىڭ باغرىدا شۇ ئوت يۈرەك،
تېنىمگە سىغدۇرالمايمەن دىلىمنىڭ ئىپتىخارىنى.


ئەسىرلەردىن ئەسىرلەرگە ياشار ئۇ بارچە دىللاردا،
كېلىپ خەلقىم تاۋاپ قىلغاي ئۇنىڭ ياتقان مازارىنى.


بېسىپ شۇ قەھرىمان ئەژدات ئىزىنى بۇ سەپەرلەردە،   
قىزىل گۈلگە پۇركىگەيمىز ۋەتەننىڭ ھۆر دىيارىنى!!!

( ئاپتورىنى تاپالمىدىم )





بۇ تېمىنى يېزىش جەريانىدا يېقىندىن ياردەمدە بولغان ناز ، كاپىتان ۋە سەرۋىلەرگە چىن رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن.


مەنبە : ساقلانمام
دىققەت: بۇ تىمىنىڭ ئاپتورى مەن ئەمەس تور تاقىلىشتىن بۇرۇن ساقلىۋالغان تورداشلارغا سۇنۇش ئۈچۈن ئەسلى ھالىتىدىن بىرھەرىپكە چاغلىق ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلمىگەن ئاساستا يوللاندى ....


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئوت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-10-4 10:02 PM  


12.jpg
ئـــەي ئــــەزىز كـېـرىـيـە! قـۇمـغـا يـەم بـولـۇش سـېنـىڭ قـىسـمـىتـىڭـمـىدى؟

پەقەت ئارزۇيۇم ئۈچۈن ياشايمەن!

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60399
يازما سانى: 858
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 1827
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 3112 سائەت
تىزىم: 2011-10-14
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-4 10:36:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
لۇتپۇللا بىزنىڭ پەخىرلىك ئوغلانىمىز ، ، ،  بىزدەك ۋاقتىدا ، بىز ھازىرمۇ ھاياجان ئىلكىدە ئەسلىگىدەك ئەسلىمىزلەرنى قالدۇرۇپ كەتكەن ، يۈرىكى ‹‹ئۇيغۇرۇم ››دەپ سوققان نۇرلۇق  چولپان ... ئۇنىڭ تەلكە تاغلىرىدەك جاسارىتى ، تەلكىنىڭ قارغايلىرىدەك سۇنماس ئىرادىسى ھازىرقى ياشلار ئۈچۈن چوڭ بىر ئويلىنىش ،بىر سىىلىشتۇرۇش :
   
  ئۇلۇغ ھۈنەر شائىرلىق دىگەن ،
  ئىناۋىتى ئەرشكە يىتەر .
  دەسمايسىنى سورىساڭ ئەگەر ،
ۋىجدان كىتەر ، ھەقىقەت كىتەر !  

بۇلبۇللار تۇتقىن بولدى يۇرتنى بۇلغىدى قاغا ،
كىم بولسا ۋەتەنپەرۋەر بىر كۈن ئىسىلۇر دارغا .

ئىمپىراتور

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64728
يازما سانى: 1111
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1109
تۆھپە نۇمۇرى: 838
توردا: 749 سائەت
تىزىم: 2011-11-12
ئاخىرقى: 2012-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-4 10:41:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاق مەسچىدنىڭ يىندىكى قەبىرستانلىقدىمىكەن؟ مەن ھەجەپ بىلمەيدىكەنمەن دىسە؟   بۇ ماقالە 2009-يىلى يېزىلغان بولسا ھەنىم بولسا قەبىرستانلىقنىڭ ئورنى ھازىرمۇ  بار !! ئاللاھغا شۈكرى  4ئەتىراپى بىنالار بىلەن قورشالدى ، بۇ قەبىرىستانلىقنىمۇ يۆتكەيمىز دەپ تۇرمىسىغۇ بولاتتى ..............

سۈلھى قىلغانلار شۇ پىتى ئىزىلىدۇ!!!! شۇنداق بولغاچقا ئۈلۈپ كەتسەم رازىمەنكى ھەرگىز سۈلھى قىلمايمەن !!

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12391
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32439
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4448 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-4 10:46:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوت يۈرەك شائىرىمىز لوتپۇللا مۇتەللپىنىڭ، غېرىبانە قەبرىسىنى كۆرگەن ھەر بىر كىشىنىڭ يۈرىكى ئېچىشماي قالمايدۇ....
ئۇ قەبرىستانلىقنى ئەنە چاقىدىكەن،مانا چاقىدىكەن دېگىلى تۇرغىلى خېلى يىللار بولدى.....

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26007
يازما سانى: 1176
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9776
تۆھپە نۇمۇرى: 352
توردا: 5896 سائەت
تىزىم: 2011-1-12
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-4 10:56:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇرۇنمۇ بىر يوللانغانغۇ دەيمەن بۇ تىيما .  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85355
يازما سانى: 48
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 364
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 86 سائەت
تىزىم: 2012-9-23
ئاخىرقى: 2014-3-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-4 11:11:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەمىلىيەتتە كۇرمىسەممۇ كۆرۇپ بەك بەك خۇش بولدۇم
رھمەت سىزگە

ھالال ئەمگەك ،مۇھتاجلارغا ياردەم بەرمەك ،غەزەپ ۋاقتىدايامان سۆزلەردىن تىلىنى،بىراۋنى رەنجىتىشتىن قولىنى ت

ئەقىلسىز دوستۇڭ

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37842
يازما سانى: 3490
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 32319
تۆھپە نۇمۇرى: 1311
توردا: 3727 سائەت
تىزىم: 2011-4-16
ئاخىرقى: 2014-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-4 11:22:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  بۇ ئوت شائىرىمىز   پەخىرلىك ئوغلانىمىزنىڭ قەۋرىسىنى بۇ ھالدا دەپ ئويلىمايتتىم ، ئىچىم بىر قىسما بولۇپ قالدى مىنىڭ  ، ھازىر ئۆيلەنىغۇ چاقسۇن ، قەبرىستانلىقنىمۇ چاقسا بۇ  ئەقىلغا سىغمايدىغان بىر ئىش ئەمەسمۇ

كۆزدەك بىر-بىرىڭگە يات بولماي ، لەۋدەك مەھكەم ئىناق بول.

ئادەم مەن دىگەن

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45094
يازما سانى: 390
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6736
تۆھپە نۇمۇرى: 588
توردا: 2917 سائەت
تىزىم: 2011-6-21
ئاخىرقى: 2014-12-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-4 11:29:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت ، نىمىشقا ساقلىغىلى بولمايدۇ بۇ تېمىلارنى، يا مەن ساقلىيالمايۋاتامدىم يە .
بۇنى نادىر تېمىلار قاتارىدا ساقلاپ قويسا بوپتىكەن ،ھازىر قانداق بولغاندۇ بۇ شائىرىمىزنىڭ قەبرىسى ؟!
ئەگەر يەنىلا شۇنداق ئاۋارە بولسا ، مۇشۇ ئاقسۇدىكى ئۇيغۇر  رەھبەرلىرى بولۇپمۇ مۇناسىۋەتلىك ئۇيغۇر ئىدارە رەھبەرلىرى نومۇس قىلىشى كېرەك، لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئانا يۇرتى غۇلجىنى تاشلاپ شۇ ئۇرۇش ئوتى كويىۋاتقان ئاقسۇغا  ئاقسۇ خەلقىنى ئويغىتىمەن ، ئازادلىققا يېتەكلەيمەن دەپ بارغان ، پۇتۇن شىنجاڭ خەلقىنىڭ جۈملىدىن ئاقسۇ خەلقىنىڭ بۈگۈنكى ئازاتلىغى لۇتپۇللادەك ئوت يۈرەك مىللى قەھرىمانلىرىمىزنىڭ  جۈملىدىن ئۇيغۇر يىگىتلىرىمىزنىڭ ئىسسىق قېنى بەدىلىگە كەلگەن،  نومۇس قىلىش كېرەك ، بۇ دىگەن دولەت تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان ئىنقىلاۋې قەھرىمانىمىز ! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   apirida تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-10-4 11:33 PM  


ئەڭ پاك ئادەم،ئەڭ ناپاك مۇھىتتىمۇ بۇلغۇنۇشتىن ساقلىنالىغان ئادەمدۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80808
يازما سانى: 2579
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11565
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1552 سائەت
تىزىم: 2012-5-30
ئاخىرقى: 2015-1-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-4 11:32:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قولۇمدىن كەلسە ئىدى مۇشۇنداق بىر ئوغلانىمىزنىڭ قەبرىسىنى ئالتۇندىن قوپۇراتتىم ، نىمىدىگەن غىرىپ ~ ئاماننىساخاندەك بىر ئىنساننىڭ قەبرىسى بىلەن مۇنۇ ئوغلاننىڭ قەبرىسىنى سىلىشتۇرۇپ مىللىتىمنىڭ غايىۋى ئەقىل پاراسىتىگە قول قويماي تۇرالمىدىم

Made in Answer

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74767
يازما سانى: 296
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5092
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 346 سائەت
تىزىم: 2012-2-4
ئاخىرقى: 2013-8-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-4 11:32:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ قانداق بولغىنى ،ئوت يۈرەك شائىرىمىزنىڭ قەۋرىسىنى بۇنچىۋالا ۋەيرانە مۇھىت ئىچىدە دەپ ئويلىماپتىكەنمەن...گومىنداڭ چاناپ ئۆلتەگىنىنى ئازدەپ ھازىرقى دەۋىرگە كەلگەندە روھىنى چانىغاندەك ئىش بوپتىغۇ بۇ. ئەجەبا بۇنىڭغا ئېگە بولىدىغان ئادەم يوقمىدۇ.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش