شىۋرىغاندا تۆكۈلگەن ياپراق،
مەيۈسكىنە چۈشمەكتە لەيلەپ.
تۆكۈلسىمۇ غولىدىن بىراق،
يىلتىز تامان چۈشەر ئەركىلەپ.
بەختىمىزنى سوقتى جۇت-بوران،
بىلمەستىنلا ئايرىلدۇق ئەجەپ.
تېرىق كەبىي چېچىلدۇق ھەريان،
ياپراقچىلىك بولالمىدۇق زەپ.
بۇ دۇنيادا سەنسىز مەن نېمە،
سەنسىز تاپماس ھايات مەنىسىن.
كۈنلەر ئۆتەر ئەمما ھىچنېمە،
بەرمەس ماڭا يارنىڭ شەپىسىن.
شۇ ھىجراننى يۈتكەن پېتىچە،
جىمجىتقىنە كەتسەم جاھاندىن.
كۆزلىرىڭدىن تۆكۈپ ياش-ئۈنچە،
ئۆتەرسەنمۇ قەبرەم يېنىدىن.
ھايات ماڭا بەرمەي تەسەللىي،
ئېلىپ كەتسەم ھەممىنى ھەتتا.
كۆزلىرىممۇ يۇمۇلماس ئەسلىي،
ئەمما ئەپسۇس رەھىمسىز دۇنيا.
خوش دېمەيلا كەتسەم يېنىڭدىن،
رەنجىمىگىن قىيناپ ئۆزۈڭنى.
تۆكۈلگۈسى بارمۇ غولىدىن،
ئېسىڭگە ئال ئاشۇ ياپراقنى.
مەنبە : ئۆزۈم (تەنھا كۈيلىرى)
ئاپتور قەشقەر شەھەر مەكىت ناھيىلىك كەسپى ئوتتۇرا تېخنىكۇم مەكتەپتە
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Dakyanos تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-10-4 09:56 PM