ئەرنىڭ نەزىرىدىكى ئايال ۋە ئاشنا
ھىكايە
ئالىيە بۈگۈن باشقىچىلا روھسىز ئورنىدىن تۇردى.چۈنكى كېچە كۆرگەن چۈشى ئۇنۇڭ كۆڭلىنى غەش قىلىپ قويغان ئىدى.ئۇ ئوغلىغا ناشتىلىق تەييارلاپ ئۇنى مەكتەپكە يولغا سالغاندىن كېيىن ئۆزى ناشتىمۇ قىلماي كارۋاتقا كېلىپ ياتتى ۋە چۈشىنى ئەسلەشكە باشلىدى.چۈشىدە ئۇ بازارغا ئاياق ئالغىلى بارغۇدەك،شۇنچە كۆپ ئاياقلاردىن مىڭ تەستە بىرنى تاللاپ سېتىۋاپتىمىش ۋە ئۇنى كىيىپ تالاغا چىقىشىغا ئاياق پۇتىدىن چۈشۈپ قالغۇدەكمىش، قانچە قىلىپمۇ ئاياقنى تاپالماپتۇمىش.ئاخىرى ئۆزىنىڭ كونا ئايىقىنىمۇ تاپالماي يالاڭ ئاياق مېڭىپتىمىش....»توۋا، ئەجەپ بىر چۈش كۆرۈپتمەن ،بۇ يەنە نىمىنىڭ بىشارىتىدۇ؟ئىلگىرى ئەركىن بىلەن ئاجرىشىپ كېتىش ئالدىدىمۇدائىم مۇشۇنۇڭغا ئوخشاش چۈش كۆرەتتىم.ئاخىرى خەق ئۈيۈمنى بۇزدى....ئەمدى يەنە نىمە ئىشلار بولار؟ ئۇنۇڭ بىلەنمۇ ئايرىلىپ كېتەرمەنمۇ؟ ئايالىم بىلەن ئاجرىشىمەن دەپ يۈرگىلىمۇ يېرىم يىل بولدى،تېخى ئاجرىشالمىدى.مىنى ئەخمەق قىلىۋاتامدۇ يە، ئەتە كۆرۈشكەندە ئۇنۇڭ بىلەن ئوبدانراق سۆزلەشمىسەم....» ئۇ ئاشۇنداق گادىرماش خىياللار بىلەن بىردەم ياتتى.كېيىن يەنە ئېرى بىلەن ئۆتكەن ئاشۇ بەخىتلىك چاغلىرىنى ئەسلەپ كۆڭلى بۇزۇلدى.ئۇ ئەسلى بىر بەخىتلىك ئائىلىنىڭ ئايال خوجايىنى بولۇپ، ئۇنۇڭدا ئاياللار ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىدىغان ھەممە نەرسە تەل ئىدى. ئۇنۇڭمۇ كىشىنىڭ مەستلىكىنى كەلتۈردىغان بەخىتلىك ئائىلىسى بولغان.ئەمما كېيىن ئېرى تالاغا قاراپ قالدى.ئۇلار بىر يىلدەك تارتىشىپ يۈرۈپ ئاخىرى ئاجراشتى.ئۇ شۇنچە تىرىشسىمۇ ئائىلىسىنى ساقلاپ قالالمىدى. ئېرى ئۇزۇنغا بارمايلا ھېلىقى «ئادىمى» بىلەن توي قىلىۋالدى. بۇ ئىش ئالىيەگە بەكلا ئېغىر كەلدى .ئۇ خېلىغىچە ئىسىگە كېلەلمىدى. ئۇ ئەزەلدىن ئېرىگە قارا سانىغان ئايال ئەمەس ئىدى،شۇڭا قانچە ئويلىسىمۇ ئېرى ئالدىدا زادى نىمە گۇناھى بارلىقىنى تاپالمايتى.ئۇ ئاخىرى رىياللىقنى قۇبۇل قىلىپ تەغدىرگە تەن بەردى..... ئۇ ياش ھەم چىرايلىق بولغاچقا ئاجرىشىپ ئۇزۇنغا بارماي ئۇنۇڭغا قاش ئاتىدىغان ،قانات سۆرەيدىغانلار چىققىلى تۇردى.بۇلار ئىچىدە ئايالى بارلار ،ئايالى يوقلار ،ياشلار ھەتتا داداىسى دىمەتلىكلەرمۇ بار ئىدى.ئۇنى تولىمۇ ئەپسۇسلاندۇرغىنى ئېرىنىڭ دوستلىرى ئىچىدىنمۇ بۇنداقلا چىقتى....ئۇ «توي قىلساق» دىگەنلەرنى چىرايلىقچە رەت قىلدى.چۇنكى نىكاھدىن كۆڭلى تولىمۇ سوۋۇپ كەتكەن ئىدى.«ئارىلىشىپ ئۆتەيلى،كىيىم كېچەك ۋە باشقا خىراجەتلىرىڭىزنى مەن تەل قىلىپ بېرەي....»دىگۈچىلەرنىڭ ھەتتا بەزىللىرىنىڭ يۈزىگە تۈكۈرۈپمۇ قويدى.شۇنداق قىلىپ ئۆزىنى پاكىز تۇتۇپ چىرايلىق ئولتۇرۇپ كەلدى.لېكىن ئارىدىن بىر نەچچە يىل ئۆتكەندىن كېيىن نەچچە يىللىق تۇللۇق ئازابى ،ئېرىنىڭ ۋاپاسىزلىغى ئۇنۇڭ ئىرادىسىنى بوشاشتۇردىمۇ ،بىر يىل ئىلگىرى ئابلەت ئىسىملىك ئائىلىسى بار بىرئەر بىلەن تەساددىبىي پۇرسەتتە تونۇشۇپ قېلىپ ئارلىشىپ قالدى..... ئالىيە بۇ ئادەمنىڭ كېلىشكەن قامىتىگە قىزىقىپ قالدىمۇ ياكى ھەيدىگەن ئىسىل ماشىنىسىغىمۇ ئىشقىلىپ بىلىپ- بىلمەيلا بۇ تۇيۇق يولغا مېڭىپ قالدى.... ئۇ بەزىدە ئۆزىنىڭ قىلىۋاتقان بۇ ناشايان ئىشلىرىدىن خىجىل بولۇپ پۇشايمان قىلاتتى ۋە بىئارام بولاتتى.يەنە تۇرۇپلا« خەقمۇ مىنىڭ ئۆيۈمنى بۇزۇپ بالامنى يىتىم قىلدىغۇ،مەن قىلسام نىمە بوپتۇ؟» دەپ ئۆز-ئۆزىگە تەسەللى بېرەتتى.
تام سائىتىنىڭ داڭ ئۇرۇشى ئۇنى خىيالدىن ئويغاتتى.«سائەت 9 بوپتۇ،تۇرۇپ كېتەي.بالام مەكتەپتىن كەلگىچە بىردەم بولسىمۇ بازار ئايلىنىپ كېلەي» دەپ ئورنىدىن تۇردى ئۇ ۋە ناشتا قىلىپ بولغاندىن كېيىن تۈجۈپىلەپ ياسىنىپ بازارغا چىقتى(ئۇنىڭ كەيپىياتى ياخشى ئەمەس چاغدا بازار ئارىلايدىغان ئادىتى بار ئىدى).ئەمما ئۇ بۈگۈن ئابلەتنى ئايالى بىلەن بىللە ئۇچرۇتۇپ قالارمەن دەپ خىيالىغىمۇ كەلتۈرۈپ باقمىغان ئىدى.بىر چوڭ سودا سارىيىدا ئابلە ت ئايالى بىلەن ئالتۇن كۆرىۋاتاتتى.ئالىيە ئۆزىنى دالدىغا ئالدى ۋە ئۇلارنى يۇشۇرۇن كۈزىتىشكە باشلىدى.«توۋا،‹مەن ئايالىم بىلەن ئەزەلدىن بىللە بازار ئارىلىمايمەن › دەۋاتىتىغۇ بۇ ئالدامچى»ئالىيە پىچىرلىدى ئۆزىگە.ئايال ئالتۇن زىبۇ- زىننەتلىرىدىن ئۇنى بۇنى تاقاپ سىناپ كۆرۈشكە باشلىدى.ئابلەت بولسا ئايالىنىڭ سومكىسىنى تۇتۇپ ،ئۇنۇڭغا مەستلىكى كەلگەن ھالدا بىر چەتتە ئۇنۇڭغا قاراپ تۇراتتى.ئالىيە تۇيۇقسىز ئابلەتنىڭ ئۆزىگە ئەزەلدىن بۇنداق مىھرى بىلەن سەمىمى قاراپ باقمىغانلىقىنى ،پەقەت شەھۋەت ئۇچقۇنلىرى چاقنىغان كۆزى بىلەنلا ئۆزىگە قارايدىغانلىقىنى ئەسلەپ قالدى ۋە كۆڭلى يېرىم بولدى....ئابلەت ئەر -ئايال ئاخىرى سودىسىنى پۈتتۈرۈپ چىقىپ كەتتى.ئالىيە دەرھال ئالتۇن ساتىدىغان پۇكەيگە كېلىپ پىركازچىك قىزدىن بايىقى ئايالنىڭ نىمە سېتىۋالغانلىقىنى سورىدى.«مانا مۇشۇ شۇ»دىدى قىز بىر ئالتۇن بولاپكىنى ئۇنۇڭغا كۆرسۈتۈپ.بۇ، بۇيىل ئەڭ مودا بولغان ئەتىرگۈل نۇسخىسىدىكى كۆپتۈرمە ئالتۇن بولاپكا بولۇپ بەكمۇ چىرايلىق ئىدى.«سەتنىڭ ھالى دىسە چىرايلىقنىڭ دەردى دەپ ،ئەڭ چىرايلىقىنى تاللاپتا ئۇ سەت.ئۇنۇڭدىن نەرىم كام، مەنمۇ ئالايچۇ»دەپ ئويلىدى ئۇ ۋە «بۇنى مەن ئالاي»دىدى پىركازچىك قىزغا.
ئەتىسى كەچتە ئالىيە بىلەن ئابلەت دىيىشىپ قويغان يەردە ئۇچراشتى._بۈگۈن بەك چىرايلىق بولۇپ كېتىپسىز جۇمۇ ئالىيە-دىدى ئابلەت ئالىيەنىڭ قوللىرىنى سىلاپ...
-راستمۇ يا؟ئانچە ئىشەنگىم كەلمەيۋاتىدۇ.بەزىلەرنى كۆرگەن كۆزىڭىزدە كۆرمەيدىكەنسىز ئەمەسمۇ مىنى-دىدى ئالىيە ئەركىلەپ تۇرۇپ.
-گېپىڭىزنى چۈشەنمىدىمغۇ جېنىم؟ \
-مەن تۈنۈگۈن سودا سارايدا ئايالىڭىز ئىككىڭلارنى كۆگەن،ئاجرىشىشنى ئاغزىڭىزدىن چۈشۈرمەيدىغان ئادەم تۈنۈگۈن قارىسام ئۇنۇڭ بوخچىسىنى كۆتۈرۈپ كۈزىگە قاراپ بولالمايلا قاپسىز!نەدىمۇ ئاجرىشىدىغانلار سىلەردەك بولىدۇ؟ مىنى ئالداۋاتمىغانسىز ھە؟\
-بىزنى يۈشۈرۈن كۈزۈتۈپسىزدە،كۈنلەپ قالدىڭىزمۇ نىمە؟ رەنجىمەڭ گۈزۈلۈم.پات ئارىدا ئاجرىشىدىغان بولغاندىكىن دىگىنىنى ئېلىپ بېرىپ ئۇنى ئاخىرقى قېتىم بىر خوش قىلىپ قوياي دىدىمغۇ شۇ،يەنە كېلىپ ئىككى بالامنىڭ ئانىسى ئەمەسمۇ.
-ئىككى بالىڭىزنىڭ ئانىسى بولغاندىكىن ئۆيىڭىزنىلا تۇتامسىز يا،مىنىمۇ ئالداپ ،ئۇنىمۇ ئالداپ يۈرمەي. 、-نىمە دىگىنىڭىز بۇ سۈيۈملۈكۈم ،سىز بولمىسىڭىز مەن قانداق ياشايمەن.、
-قېنى كۆرەمىز. قاراڭ، ئۇ ئالغان بولاپكىدىن مەنمۇ ئالدىم-ئالىيە ئاپپاق بويۇنلىرىغا خويمۇ ياراشقان ئالتۇن بولاپكىنى ئۇنۇڭغا كۆرسەتتى.
-نىمە ؟ سىزمۇ مۇشۇ نۇشخىدىكىنى ئالدىڭىزما؟-ئابلەتنىڭ چىرايى بىرقىسمىلا بولۇپ كەتتى.
-ھەئە،نىمە بولدى ياراشماپتىما؟
-ئۇنداق ئەمەس.لېكىن بۇنى تاقىماڭ،باشقىسىغا ئالماشتۇرىۋېتىڭ-دىدى ئابلەت كەسكىنلا.
-نىمىشكە ئەمدى؟
-بوينىڭىزدىن ھازىرلا ئېلىۋېتىڭ ئۇنى، تاقىماڭ.
-ياق ! مۇشۇنى تاقايمەن.
-مەن سىزگە ئۇنىى تاقىماڭ دەۋاتىمەن.مەن ئۇنى بىزنىڭ توي خاتىرە كۈنىمىزنى خاتىرلەپ ئۇنۇڭغا ئېلىپ بەرگەن تۇرسام ،ئايالىم بىلەن ئوخشاش تاقىسىڭىز قانداق بولىدۇ؟
-مۇنداق دەڭ، ئۇ سەت «ئاچىڭىز »تاقىسا بولىدۇ،مەن تاقىسام بولمايدۇ،شۇنداقمۇ؟ ھۇ ئىككى يۈزلىمىچى! ئەسلى بۇ ئالتۇن ئۇنداقلارغا ئەمەس،ماڭا ماس كېلى...
«تاسلا» قىلىپ تەككەن تەستەك ئالىيەنىڭ گېپىنى ئۈزىۋەتتى.ئۇ قاتتىق چۇچۇپ كەتتى.
-بوينىڭدىكىنى دەرھال ئېلىۋەت !ئۇنى مەن بەرگەن پۇلغا ئالغانسەن؟ئايالىم بىلەن بەسلىشىۋاتامسەن تېخى،سەن كىمتىڭ؟-«ئاچىڭىز»دىگەن سۆز ئۇنۇڭغا قاتتىق ھار كەلدىمۇ ياكى نىمە سەۋەپ بولدى،ئابلەت غەزەپتىن ۋاقىراپ كەتتى.تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن بۇ ئىشتىن ھەيران بولغان ئالىيە نىمە دىيىشنى ،نىمە قىلىشنى بىلەلمەي ئېچىشىۋاتقان يۈزلىرىنى تۇتۇپ تۇرۇپلا قالدى.
-توۋا،ئەسلى مۇشۇنداق ئادەممىتىڭ؟ «ۋاڭ گۈلۈم،جېنىم.قۇرغۇيۇم..»دىسەڭ دامىڭغا چۈشۈپتىمەن.سىزنى ئەمرىمگە ئالىمەن دىسەڭ راستمىكىن دەپ يۈرۈپتىمەن.ئەسلى بىر ھېلىگەر تۈلكىكەنسەن.ئىسىت....سەن بىلەن ئۆتكەن كۈنلىرىم....ھۇ يۈزسىز ئالدامچى لۈكچەك.ئالە بۇ بىرنىمەڭنى چېكەڭگە تاڭ!-ئالىيە بوينىدىكى بولاپكىنى ئۈزۈپلا ئالدى ۋە سومكىسىدىن ئۇ بەرگەن كارتا بىلەن قۇشۇپ ئۇنۇڭ كاللىسىغا ئاتتى دە ،يۈگۈرگەن پېتى چىقىپ كەتتى.ئۇ چىقىپ كېتىۋېتىپ ئابلەتنىڭ«ئۆزىنى نىمە چاغلاپ قالدىكىنە بۇ بىرنىمە،ماڭا سەندەكلەر ئازمىتى.لۈكچەك دەپ كەتكىنىنى ،سەنمۇ بىر ئاشنىغۇ،ھۇ رەسۋا!»دىگىنىنى ئاڭلاپ قالدى
ئالىيە ئۇدۇللا دوستى ئامىنەنىڭ ئۈيىگە باردى ، ئىشىكتىن كىرىپلا ئۇنۇڭ بوينىغا ئېسىلىپ ھۆڭگىرەپ يىغلاپ كەتتى ۋە بولغان ئەھۋاللارنى ئۇنۇڭغا ئېيتىپ بەردى.ئامىنە بۇلارنىڭ ئىشلىرىنى بىلەتتى ۋە ئابلەتنى تۇنۇيتى.شۇڭا ئۇ ئالىيەنى بۇ يولدىن قاتتىق توسقان بولسىمۇ ئالىيە ئۇنۇڭغا ماقۇل دەپ قويۇپ بىلگىنىنى قىلىۋەرگەن ئىدى.
-ئاخىرى مۇشۇنداق بولىدىغىنىنى بىلەتتىم مەن.شۇنچە گەپ قىلسام ئاڭلىمىدىڭ.«ئۇ مىنى مۇنداق ياخشى كۆرىدۇ،مۇنداق ۋاي دەيدۇ،نىمە دىسەم شۇنى قىلىپ بېرىدۇ »دەپ.ئەمدى چۈشەنگەنسەن.ئۇنۇڭ ئەزەلدىن خوتۇنى بىلەن ئاجرىشىپ سەن بىلەن توي قىلىش نىيىتى يوق.-دىدى ئامىنە ئېچىنغان ھالدا.
-شۇنداقكەن ئاداش.ئۇ مىنى ئالداپ ئەخمەق قىپتۇ.«ئايال كىشى دىگەن سىزدەك بولمامدۇ،ئايالىمدىن كۆڭلۈم قالدى،ئاجرىشىپ سىز بىلەن توي قىلىمەن »دىسە راستمىكىن دەپتىمەن.-دىدى ئالىيە يىغلاپ تۇرۇپ. )
-ئەخمەق،قايسى بىر ئەر«ئايالىم بىلەنمۇ ئوي تۇتاي،سىز بىلەنمۇ ئارلىشاي .ئايالىمنىمۇ سىزنىمۇ ياخشى كۆرىمەن»دەيتى.شۇنداق دىسە سەن ماقۇل دەمتىڭ. خەقنىڭ دىگەن ئىككى بالىسى بار.ئۇنۇڭ ئۈستىگە ئۇنۇڭ ئايالى كېسەلچان قېينانىسىنى نەچچە يىل باقتى.كېيىن قېينى سىڭلىسىغا ئانا بولۇپ تويىنى قىلدى. ئەر- ئايال دىگەننىڭ بېشىدىن نۇرغۇن ئىسسىق سوغاقلار ئۆتكەن بولىدۇ.شۇڭا بىر كۈنلۈك ئەر -ئايالنىڭ 100كۈنلۈك مىھرى بولىدۇ دىگەن گەپ بار ئەمەسمۇ.ھەر قانچە ۋاپاسىز ئەر بولسىمۇ ئازراق ئادىمىلىكى بولسا بۇنداق خوتۇن بىلەن ئاجراشمايدۇ.ئۆزەڭ ئەسلى بىر ئوبدان ئەخلاقلىق ئايال ئىدىڭ قانداق شەيتان ئازدۇردىكىن تاڭ سىنى.
-بۇ سۆزلىرىڭمۇ ئورۇنلۇق.لېكىن مەنمۇ شۇ ئېرىمنىڭ قىلغان ئەلەملىرىگە چىدىماي ،خەقمۇ ئۆيۈمنى بۇزغاندىكىن دەپ شۇنداق قىپتىمەن.....كۈزۈم كور بولۇپ،كاللامدىن كېتىپتىمەن ئاداش.ئۇ مىنى« سەن دىگەن ئاشنا» دىگەندە ئۆزەمنى بىر ئىش قىلىۋالغىلى تاسلا قالدىم،نىمە دىگەن سەت گەپ بۇ. توۋا ،مۇشۇ چىرايىم بىلەن خەققە ئاشنا بولۇپ،ئۆزەمنى خار قىلىپ يۈرۈپتىمەن-ئالىيە ئەلەمدىن ئۆرتىنىپ كەتتى.
-ھەر كىم قىلسا ئۆزىگە قىلىدۇ.سىنى يىغلاتقانلارمۇ بىر كۈنى يىغلاپ قالىدۇ.چۈنكى ئوتنى كىم تۇتسا شۇنىڭ قولى كۆيىدۇ ئەمەسمۇ.خەق قىلدى دەپ سەنمۇ قىلساڭ ئۆزەڭنى ئورىغا ئىتتىرگەن بولمامسەن؟مۇشۇ ھۆسنىڭ ،مۇشۇ ياشلىغىڭ بىلەن ساڭا ئۆمۈرلۈك ھەمرا بولىدىغان بىرەر ئەر چىقماي قالامتى.خەق ئاڭلىسىمۇ ‹ئۆي بۇزدى› دىگەن سەت ئىش.بۇ ئىش سەن بىلەنلا كەتسە مەيلىتى،ئەمما ئاتا-ئاناڭنىڭ ،بالاڭنىڭ يۈزىگە سەت .بولۇپمۇ بالاڭغا ئېلىپ كېلىدىغان تەسىرى بەك يامان . يەنە كېلىپ بۇنداق ئىشتا ئەڭ چوڭ زىيان تارتىدىغىنى يەنىلا بىز ئاياللار ئەمەسمۇ.مەن ساڭا دىسەم ،ئەرلەر ئۈچۈن ئايال دىگەن ئۆي تامىقى،ئاشنا دىگەن ئاشپۇزۇلنىڭ تامىقى.بەزى ئەرلەرنىڭ تالانىڭ تامىقىدىن يەپ باققىسى كېلىدۇ،ئەمما تېزلا زېرىكىدۇ ۋە يەنە شۇ ئۆيۈمنىڭ تامىقى ياخشىكەن دەپ ئۆيىگە يۈگۈرەيدۇ.چۈنكى تالا تامىقى ھەرخىل رەڭ،تېتىتقۇلار بىلەن ئىتىلىپ ھەر قانچە تەملىك تېتىغان بىلەن پاكىزە،شۈبھىسىز،ھالال ئۆي تامىقىغا يېتەمدۇ؟ بۇنداق دىسەم كۆڭلۈڭگە كەلمىسۇن ،نەسىھەت ئاچچىق مىۋىسى تاتلىق دىگەن گەپ بار. سۆزلىرىم سەل ئېشىپ كەتكەن بولسىمۇ رەنجىمە.ئەمدى بۇ يولغا قەتئىي ماڭما ئاداش.
-ماقۇل،بۇرۇن گېپىڭنى ئاڭلىمىغان ئىكەنمەن ،ئەمدى ھەرگىز ئىززىتىمنى دەپسەندە قىلىدىغان ئىشنى قىلمايمەن.-دىدى ئالىيە ئۇلۇق كىچىك تىنىپ. شۇ ئەسنادا ئۇنۇڭ تېلىفونى سايراپ قالدى.
-ئابلەت دىگەن دەيۈز ئۇرۇپتۇ -دىدى ئۇ نۇمۇرغا قاراپ.
-ھەرگىز ئالما ئۇنۇڭ تېلىفونىنى-دىدى ئامىنە.
- ئۇنۇڭ بىلەن ئەمدى ئىشىم يوق،سۆزلەشمەيمەن.«كەچۈرۈڭ،بايا ئۆزەمنى تۇتالماپتىمەن »دەيدۇ ھەقاچان ئۇ قىزىل كۆز.بولا ئەمدى،شۇنچىلىك ئەخمەق قىلغىنى يېتەر.يەنە ئۇنۇڭ دېپىغا ئۇسۇل ئوينايدىغان ئالىيە يوق،ئىشىڭنى قىل ئەبلەخ!-ئالىيە شۇنداق دىدى ۋە تېلىفونىنى ئىتىۋەتتى.
تۈگىدى