لوندوندىكى ئۇيغۇر بالىلىرى
قارا ھىجران،دەردكە قېلىپ ئانىلار،
پۇل تاپىمەن دەپ چىڭقىلىپ دادىلار،
كىرىپ چۈشكە ۋەتەندىكى دالالار،
سېغىنىشتىن چوڭايسىمۇ يارىلار،
ئوقۇيدىكەن لوندۇندىكى بالىلار.
كېلىپ راسا ئوقۇي دېگەن نىيەتكە،
كېلەي دەپ ھەم كەلگۈسىگە كېرەككە،
ئىلىم-پەندە قاتنىشاي دەپ كۆرەككە،
ئارمانلىرى ئارام بەرمەي يۈرەككە،
ئوقۇيدىكەن لوندۇندىكى بالىلار.
سۈرۈشتۈرسەم،سانى يۈزدىن ئاشارمىش،
ھەرتەرەپتە،ھەر شەھەردە ياشارمىش،
يالغۇزلۇقتا پىغانلىرى تاشارمىش،
قاتتىقلىقتا ھايات گويا ھاشارمىش،
ئوقۇيدىكەن لوندۇندىكى بالىلار.
لوندۇن دېگەن بەكمۇ يوغان شەھەركەن،
پۇرسەتكىمۇ شۇنچە تولغان شەھەركەن،
ھەرقەدىمى پۇلغا تولغان شەھەركەن،
پۇلى يوقنى يەرگە ئۇرغان شەھەركەن،
ئوقۇيدىكەن لوندۇندىكى بالىلار.
خېنىملاردەك تارتتى مېنى جىلۋىسى،
تەمتىرەتتى پۇلپەزلىكتە ھېيلىسى،
توپلىنىپتۇ ئادەملەرنىڭ ھېيلىسى،
دەردمەن ئىكەن كەلكۈندىنى ھېيلىسى،
ئوقۇيدىكەن لوندۇندىكى بالىلار.
‹‹زىيارەتچى ئالىم››دېگەن ئاتاققا،
كېلىپ ياتتىم كاتەكچىلىك ياتاقتا،
پۇلۇم يەتمەي قالامدىم دەپ چاتاقتا،
غەم قاينايدۇ كاللا دېگەن قاپاقتا،
ئوقۇيدىكەن لوندۇندىكى بالىلار.
بىلگەنلىرى مېنى ھۆرمەت قىلىشتى،
بوسۇغامغا زىيارەتچى كېلىشتى،
بەزىلىرى تۇز ھەم تائام بېرىشتى،
قولى يەتمەس ھېممەتكىمۇ تىرىشتى،
ئوقۇيدىكەن لوندۇندىكى بالىلار.
بۇ شەھەردە كۈننى ئالماق تەس ئىكەن،
بالىلارنىڭ ھالى شۇڭا پەس ئىكەن،
گۈلدەك چىراي ئالتە كۈندە خەس ئىكەن،
ياشاش دېگەن بەك مۇرەككەپ دەرس ئىكەن،
ئوقۇيدىكەن لوندۇندىكى بالىلار.
بۇ جاھاندا دەردى يوقلار نەدە بار،
گەپ سورىساڭ ھەممىسىنىڭ دەردى بار،
بەزىسىنىڭ بەزىسىدىن ئەرزى بار،
يۈرىكىدە شەلۋەرىگەن دەزى بار،
ئوقۇيدىكەن لوندۇندىكى بالىلار.
يىگىتلەرمۇ قۇرامىغا يېتىپتۇ،
تەنھالىقنىڭ مۇڭلىرىغا پېتىپتۇ،
كېچىلىرى خىيال سۈرۈپ يېتىپتۇ،
ئۇيقۇلىرى نەلەرگىدۇر قېچىپتۇ،
ئوقۇيدىكەن لوندۇندىكى بالىلار.
قاراپ باقسام قىزلىرىمۇ بەك ياش ئىكەن،
قاش-كۆزلىرى چىرايلىقكەن،شاش ئىكەن،
قىلغانلىرى بىر-بىرىگە پاش ئىكەن،
شۇڭا بەزەن كۆزلىرىدە ياش ئىكەن،
ئوقۇيدىكەن لوندۇندىكى بالىلار.
قىز-ئوغۇللار بىر-بىرىنى ياراتماي،
بىر-بىرىنى بوسۇغىغا يولاتماي،
ئوغۇل تۇرۇپ قىز بالىنى ئۇناتماي،
قىزلارمۇ ھەم تەمەننانى غۇلاتماي،
ئوقۇيدىكەن لوندۇندىكى بالىلار.
پۇل تاپمىساڭ ئوقۇشلارغا نە چارە،
خەق ئالدىدا بوپقالىسەن بىچارە،
تاپشۇرمىساڭ ئۆز ۋاقتىدا ئىجارە،
تالادىسەن،سەرسانلىقتا ئاۋارە،
ئوقۇيدىكەن لوندۇندىكى بالىلار.
ئىشلىگەندە قاپتۇ ئوقۇش بىر ياقتا،
غايىلەرمۇ دەسسىلىپتۇ ئاياقتا،
مەن ئۆزۈمنى تاپالايمەن نە ۋاقتا؟-
كېلەچەككە ئاخىرى يوق سوراقتا-
ئوقۇيدىكەن لوندۇندىكى بالىلار.
گۇرۇھ بولۇپ ھەر تەرەپكە چېچىلىپ،
بەزى تۇتۇق،بەزىلەردە ئېچىلىپ،
ئۆزىدىن بەك باشقىلارغا ئېچىنىپ،
ئىش چىققاندا قىزغىنىشقا ئېتىلىپ،
ئوقۇيدىكەن لوندۇندىكى بالىلار.
ئوقۇمىسا كېلەچەككە چارە يوق،
ئوقۇي دېسە،ياندا ئاقچا-پارە يوق،
خوتۇن ئالاي دېسە قىز بار،يارى يوق،
قىزلارنىڭمۇ بۇ ئىش بىلەن كارى يوق،
ئوقۇيدىكەن لوندۇندىكى بالىلار.
تورغا چىقىپ،ئېلىخەتلەر يوللىشىپ،
يىراقتىكى بىرى بىلەن مۇڭدىشىپ،
تەسەللىدە بىر-بىرىنى قوللىشىپ،
روھلانسىمۇ ئاخىر يەنە سولىشىپ،
ئوقۇيدىكەن لوندۇندىكى بالىلار.
مۇساپىرلىق ھەممىمىزنى تاسقايدۇ،
بىرەر كۈنمۇ ھايات كۈلۈپ باقمايدۇ،
يات شەھەردە جان قىينىلىپ قاقشايدۇ،
شۇنداق قىلىپ بېلى بوشنى تاۋلايدۇ،
ئوقۇيدىكەن لوندۇندىكى بالىلار.
كۆپ ئىشقىمۇ ياراپ قاپتۇ بالىلار،
بىلىمنىمۇ ياخشى ئاپتۇ بالىلار،
پۇلمۇ يىغىپ،يۇرتقا ساپتۇ بالىلار،
جورىسى يوق،قاراپ قاپتۇ بالىلار،
ئوقۇيدىكەن لوندۇندىكى بالىلار.
ئەجىر قىلساڭ كۆيۈپ بىرەر ئارماندا،
مۇرادىڭنى تاپالايسەن جاھاندا،
قالسىمۇ گەر چاپقۇنلاردا،بوراندا،
ئەپلەشمىسە يەنە يېڭى پىلاندا
ئوقۇيدىكەن لوندۇندىكى بالىلار.
دەيمەن:ئانا ۋەتىنىڭنى ئۇنۇتما،
ۋەتەندىكى يېلتىزىڭنى قۇرۇتما،
ئۆز ئېلىڭنى ئاسىيلىقنى يولاتما،
يۈرۈكۈڭدە مۇھەببەتنى سوۋۇتما،
ئوقۇيدىكەن لوندۇندىكى بالىلار.
2006-يىلى دېكابىر،لوندون
ئۇستاز ئابدۇقادىر جالالىددىننىڭ ‹‹مەۋجۇتلۇق تەشنالىقى››دېگەن كېتابىدىن ئۈزۈندە.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا qidax تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-10-4 02:49 PM