مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 6822|ئىنكاس: 26

ئۇيغۇرلارنىڭ تەركىۋىنى بىلەمسىز؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

شىنجاڭ سىرىقبۇيا

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17444
يازما سانى: 1277
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13708
تۆھپە نۇمۇرى: 1120
توردا: 1976 سائەت
تىزىم: 2010-11-13
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-4 11:30:45 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇرلارنىڭ تەركىۋىنى بىلەمسىز؟



ئۇيغۇرلارنىڭ تەركىۋى «ئون ئۇيغۇر» ۋە «توققۇز ئۇيغۇر» دىنتەشكىل تاپقان. بۇ ھەقتە مۇنداق بىر رىۋايەت بار:


«...ئۇيغۇريۇرتىدا غايەت زور ئىككى تاغ بولۇپ، بىرسىنىڭ ئېتى بۇغراتۇ بۇزلۇق، يەنە بىرسىنىڭ ئېتىئاسكۇملۇق تەڭرى ئىدى. ئىككى تاغنىڭ بىر تەرىپىدە يەنە بىر تاغ بولۇپ، قۇت تاغ دىيىلەتتى. بۇ تاغنىڭ بىر يېرىدە ئون دەريا بولۇپ، يەنە بىر يېرىدە توققۇز دەريا ئاقاتتى. قەدىمىيئۇيغۇرلارنىڭ ماكانى بۇ ئىككى دەريا ۋادىسى بىلەن تاغلارنىڭ ئارىسىدىكى يايلاقلار ئىدى. ئون دەريا بويىغا ماكانلىشىپ ياشىغان خەلقلەر ‹ئون ئۇيغۇر› توققۇز دەريا بويىغا ماكانلىشىپياشىغان خەلقلەر ‹توققۇز ئۇيغۇر›، دەپ ئاتالغان. يۇقۇرىدىكى ئون دەريا بويىدا ياشىغانلاريەنە ‹ ئون ئۇرقۇن› دەپمۇ ئاتىلىدۇ. باشتىكى ئۈچ دەريا بويىدا توققۇز قەبىلە، تارماقتۆت دەريا بويىدا بەش قەبىلە ئورۇنلاشقان... بۇ جايلارنىڭ ئەتراپىدىكى جەمئىي 120 قەبىلەبولۇپ، بۇ قەبىلىلەرنىڭ نامى تىلغا ئېلىنمىغان». («جامىئۇت تەۋارىخ»2- باب، رادلوۋيازغان «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ كىرىش سۆزى (خەنزۇچە تەرجىمىسى) دىن.

دىمەك، بۇ يەردە كۆرسىتىلگەن «ئون ئۇيغۇر»، «توققۇز ئۇيغۇر» خەلقلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمىي ئەجدادلىرىنىڭ بولۇپ ھىسابلىنىدۇ.

كۆك تۈرك خانلىقى (مىلادى 552- 745- يىللار) دىن كېيىن قۇرۇلغانقەدىمقى ئۇيغۇر خانلىقى (مىلادى 745- 840- يىللار)، ئىدىقۇت (قۇجۇ) ئۇيغۇر خانلىقى (مىلادى860-1250- يىللار)، قاراخانىلار خانلىغى (مىلادى 870- 1213- يىللار) قاتارلىقلار يەنىلا ئۇيغۇر قەبىلىلىرىئىتتىپاقىغا كىرگەن ئىچكى توققۇز ئۇرۇق ۋە تاشقى توققۇز قەبىلىنى ئاساس قىلىپ قۇرۇلغانبولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئىچكى توققۇز ئۇرۇق ۋە تاشقى توققۇز قەبىلىنىڭ ناملىرى تۆۋەندىكىچە:

1) ئىچكىتوققۇز ئۇرۇق

ياغلاقار

قۇرتارغار

دېرېمار

بايىرسىق

ئابدال

قاسار

قۇلاس

ئوۋۇغار (ياغما؟)

سابار (سارورغۇر؟)

2) تاشقىتوققۇز قەبىلە



ئۇيغۇر

بارغۇت

قۇن

بايىرقۇ

توڭرا

ئىزگىل

چەۋىك باسمىل

قارلۇق

دېمەك،يۇقىرىدا ئىسمى ئاتالغان ئىچكى توققۇز ئۇرۇق ۋە تاشقىتوققۇز قەبىلىنى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئەڭ قەدىمقى ئاساسىي تەركىپلىرى دەپ قاراشقا بولىدۇ. بۇ قەبىلىلەرنىڭ كېيىنكى دەۋرلەردىمۇ ئورخۇن – سېلىنگا دەرياسى ۋادىلىرى ۋە تىيانشان، پامىر ئېتەكلىرىدە زور تەسىر دائىرىگە ئىگە سىياسى ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتلەر بىلەنشۇغۇللانغانلىقى مۇناسىۋەتلىك تارىخىي ماتېرىياللاردا تەپسىلىي بايان قىلىنغان.

بۇ يەردە يەنە شۇنى قەيت قىلىپ ئۆتۈش زۆرۈركى، تۈركى قەۋملەرنىڭئىچىدە شانلىق مەدىنىيەت تارىخىنى ياراتقان ئۇيغۇر خەلقى ئۆزىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تارىخىتەرەققىياتى داۋامىدا ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتىدا ئالاھىدە چوڭ ئورۇنتۇتۇپ كەلدى. پروفېسسور ئا. ف. ياكۇبوۋسكىنىڭ «9- 11- ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇر ھەم تۇرپانكىنەزلىكلىرى توغرىسىدا ئەرەب، پارس ھۆججەتلىرى» دىگەن تېمىدىكى ئەسىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، «..ئۇلارنىڭ (ئۇيغۇرلارنىڭ) كۆپچىلىك قىسمى باشقا تۈركى خەلقلەردىن ئاۋالراق ئولتۇراقلاشقانھالەتكە كۆچۈپ، دىھقانچىلىق ئىشى بىلەن مەشغۇل بولۇشقا باشلىغان، باشقىلاردىن ئاۋالشامانىزىمدىن ئالاقىسىنى ئۈزگەن، دەسلەپ ھانىخىزم مەھزىپىنى قۇبۇل قىلغان، كېيىن بۇددىزىمغاكۆچكەن. ئۇلار باشقا تۈركى خەلقلەردىن ئاۋال ئۆزىنىڭ يېزىغىنى پەيدا قىلغان ۋە خەنزۇلاربىلەن ماۋۇرا ئۇننەھر (ئامۇ ۋە سىر دەرياسى ئارىلىغىدىكى رايونلار) ئارىلىقىدا ياشىغۇچىخەلقلەر ئىچىدە ئەڭ مەدەنىيەتلىك خەلقلەردىن بولۇپ قالغان.

تارىخچى ئەبۇلغازىنىڭ يېزىشىچە، ئۇيغۇرلار تارىم ۋادىسىنىڭبويىدا كۈچلۈك خانلىق قۇرۇپ، ئولتۇراقلىق ھالەتتىكى يۇقۇرى مەدىنىيەتكە ئىگە بولۇشتىنئىلگىرى ئۈچ قىسىم ئىگىلىك شەكلى بىلەن مەشغۇل بولغان. يەنى بۇلارنىڭ بىرقىسمى «بەشبالىقشەھىرىگە ئورۇنلىشىپ، دىخانچىلىق بىلەن كۈن كۆچۈرسە، يەنە بىر قىسمى يازلىقى كۆچمەنلىكبىلەن كۆچۈپ يۈرۈپ مال باققان، قىشلىقى باشبالىققا كېلىپ قىشلىغان، ئۈچىنچى بىر قىسمىبولسا ئىرتىش دەرياسىنىڭ قېلىن توقايلىقلىرىدا ئوۋ ئوۋلاپ، بېلىق تۇتۇش بىلەن كۈن كەچۈرگەن.

ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمقى مەدەنىيىتى ۋە ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىيھاياتى توغرىسىدىكى مەلۇماتلار ئەرەبچە، پارسچە مەنبەلەردىمۇ ساقلىنىپ قالغان.

11- ئەسىردەئۆتكەن تارىخچى گەردىزى ئۆزىنىڭ « زەينۇل ئەخبار» دىگەن كىتابىدا ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشھاياتىنى تەسۋىرىلەپ كېلىپ: «... بۇ يەردە مېۋە – چىۋە ناھايىتى نۇرغۇن، ئارپا، بۇغدا، قوناقنىڭ كۆپلىكىدىن قەدەم ئېلىپ ماڭغىلى بولمايدۇ. باغۋەنچىلىك ئىشى شۇنداق تەرەققىقىلغانكى، ھەتتا ئالما، ئۈرۈك، ئامۇت دىگەن نەرسىلەر يولدا چېچىلىپ ياتىدىكەن. يىپەكچىلىككەسپى بۇ يەردە ئالاھىدە جانلانغان ئىكەن، بۇ يەرنىڭ سۇلىرى شۇنداق ئەلۋەك، سۇ تېگىدەخىلمۇ – خىل ئېسىل مەرۋايىت تاشلار، ئالتۇن- كۈمۈشلەر بار، ئۇيغۇرلار بۇ تاشلاردىن ھەرخىل نەرسىلەرنى ياساپ ساتىدۇ» دەپ يازغان ھەم ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆستەڭ چېپىش، تېرىقچىلىققىلىشتىكى ماھارىتى ۋە سۇ تۈگمەنلىرى ياسىغانلىقىنى چوڭقۇر قىزىقىش ئىچىدە ھەۋەس بىلەنبايان قىلىپ ئۆتكەن.



مەنبە: ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدىبىياتى تىزىسلىرى.





ئاپتورى:ئەسقەر ھۈسەيىن , ۋاھىتجان غوپۇر
(شورۇق مۇنبىرىدىن) ئىلىندى



ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
YAZR + 30 ماختاشقا تېگىشلىك
Bilge + 100 ياخشى ماتېرىيال.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 130   باھا خاتىرىسى

كۆيۈپ قېلىپ  ئۇنتۇش ئاسان بولغىنى بىلەن، كۈنۈپ قېلىپ  سەۋەپسىز ئايرىلىشنىڭ  قانچىلىك  ئازاپلىق ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز ؟؟؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57398
يازما سانى: 470
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5498
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 276 سائەت
تىزىم: 2011-9-21
ئاخىرقى: 2013-10-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-4 01:42:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىلىۋالدىم رەھمەت سىزگە!!1

ھويلامىنى بىزەپ قويدۇم.كۈرۈپ بىقىڭلار (كۈلگەن  چىراي ئىپادىسى )
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78268
يازما سانى: 3362
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4307
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 3792 سائەت
تىزىم: 2012-4-1
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-4 01:46:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81862
يازما سانى: 187
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3982
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 324 سائەت
تىزىم: 2012-6-20
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-4 02:23:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خىلى  كۆپ  نەسىلەرنى  بىلىۋالدىم ، رەخمەت

بىر مىللەتنى باشقا مىللەت ياكى دۆلەت قۇتقۇزۇپ قويمايدۇ. بىزنى پەقەت ئاللاھنىڭ مەدىتى ۋە ئۆزىمىزنىڭ تىرىشچان ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85636
يازما سانى: 41
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 250
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 30 سائەت
تىزىم: 2012-10-3
ئاخىرقى: 2015-2-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-4 02:25:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
«تىيانشان»دىگەن قانداق گەپ؟«تەڭرىتاغ»دىيىشنى بىلمەمدۇ بۇ كىشى،«قۇجۇ»ئەمەس«قۇچۇ».«ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى860-1250»؟قالغان250يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت قېنى؟

ئىي ئۇلۇغ اللە ئۆمرۈمنڭ ئۇزۇن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45524
يازما سانى: 2471
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10406
تۆھپە نۇمۇرى: 189
توردا: 293 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-4 02:33:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىز ئۇيغۇرلارنىڭ  تارىخى 14. ئەسىرلەردىمۇ  باكەن  شۇنىڭغغا قارىغاندە بىرمۇ خىلى تارىخقا ئىگكەنمىز

شاھزاد

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77213
يازما سانى: 557
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4146
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 166 سائەت
تىزىم: 2012-3-10
ئاخىرقى: 2014-12-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-4 03:44:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تارىخىمىزنى چۇشۇنۇشلۇك يېزىپسىز تارىخىمىزنى ئۇنتۇش نۇمۇس.

ھەمىمىز ئۇلۇغ ال

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43241
يازما سانى: 2399
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18875
تۆھپە نۇمۇرى: 1533
توردا: 5993 سائەت
تىزىم: 2011-6-5
ئاخىرقى: 2014-12-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-4 03:54:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى توغۇرلۇق بىر كىتاپتا ئۇقۇغان لىكىن ئىسمى ئىسمدە قالماپتۇ ،سىزنىڭ بۇ تېمىڭىزنى كۆرۇپ ئىسىمگە كىلىۋاتىدۇ ئۇنتۇلغانلىرىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78896
يازما سانى: 121
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3162
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 12 سائەت
تىزىم: 2012-4-15
ئاخىرقى: 2013-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-4 04:42:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالتىنجى قەۋەتتىكى axek13999649893 ناملىق قىرىندىشىم ئۇيغۇر تارىخى خىلىلا ئۇزۇن ھىلىغۇ 14-ئەسىر كەن مىلادىدىن بۇرۇنلا ئۇيغۇرلا ياشىغان.كىرورەن گۈزىلى ۋەئاتۇش ئادىمىنىڭ  تاشقا ئايلانغانسۆڭكىنىڭ تېپىلىشى بۇنىڭ تىپىك مىسالىى بولالايدۇ .كاربۇن ئاتومىنىڭ قالدۇقغا ئاساسەن ھەر ئىككى تاشقا ئايلانغان سۆڭەكنىڭ 6000يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە .ئىكەنلىكىنى ياپۇنيە ئالىملىرى ئسپاتلاپ چىققان.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28268
يازما سانى: 80
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5224
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 479 سائەت
تىزىم: 2011-1-29
ئاخىرقى: 2013-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-4 04:52:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت ،خىلى كۆپ نەرسىلەرنى بىلۋالدىم.!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش