تۇنجى قىتىم سىنى كۆرگەندە ،
كۆزلىرىڭدە كۆردۈم يىتىرقاش.
سەندىن پەقەت رەنجىپ باقمىدىم ،
پاك سۆيگۈمگە ئاتساڭمۇسەن تاش .
چۈشلىرىمدە كۆرەي دەپ سىنى ،
يۇمالمىدىم خائىن كۆزۈمنى .
ئوخچۇپ چىققان زۇمرەت بۇلاقتىن ،
كۆرسەم دەيمەن ئوماق يۈزۈڭنى .
تىمتاس كىچە يۈرىمەن تەنھا ،
كۆكتە ساڭگىلاپ تۇرىدۇ ھىلال .
دىرىزەڭگە تاش ئىتىپ بەزەن ،
قىلىۋەتتىم سىنى كۆپ مالال .
سايراپ بۇلبۇل بالكۇندا سەھەر ،
پەي ياستۇقتىن كۆتەرگۈزدى باش .
ۋىسال ئۈچۈن چەككەن ئازاپتىن ،
كۆزلىرىمدە قۇرىماپتۇ ياش .
سىنى ئەسلەپ باقسام ساماغا .
كۆڭلۈڭ كۈيى ئەيلەندى تارتۇق.
ئەقىل كۆزىدە كۈزەتسەم سىنى .
زىبا بولماس سىنىڭدىن ئارتۇق .
ئاشىقلىقكەن ئىغىر مەھكۇملۇق .
تاماقلارمۇ بەرمەيدىكەن تەم .
تەشۋىش ئىچرە ئىنتىزار لەۋلەر،
يۇتماقتىدۇر مانا ئىغىر غەم .
ھىجران ئىچرە ئىزىلدى يۈرەك ،
بەخىت ماڭا بولماسمۇ نىسىپ ؟
خىياللاردىن قاچىمەن .لىكىن ،
ئەپسۇس ،روھىم تۇرىدۇ بىسىپ...........
مەنبە ؛ ئۆزۈم ----ئىرپانى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا 1miskal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-10-4 11:32 AM