خىزمەت ئىمتىھانىدا 5-6 نومۇر كەملەپ قالغاندا، شارائىتى يار بەرگەنلەر بۇنى ھەرگىز قولدىن بەرمەي قىلىدۇ، بۇنىسى ئېنىق.(گەرچە بۇنداق قىلىش توغرا بولمىسىمۇ، جەمىيەت شۇنداق بولۇپ قالدى)، لېكىن يۇقۇرى نومۇر ئېلىپ تۇرۇپ، شاللىنىپ قالغىنى قولىدىن ئىش كەلسە، ئۇ ئىشنى چوقۇم ئاخىررىغىچە سۈرۈشتە قىلىپ، ئۆزىگە تېگىشلىكىنى قايتۇرىۋېلىشى كېرەك دەپ ئويلايمەن.
ئەمدى جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە كەلسەك، جىنايەت ئۆتكۈزگەن ئادەم مەيلى ياخشى ئادەم بولۇشى ياكى ناچار ئادەم بولۇشىدىن قەتئى نەزەر، باي ياكى كەمبەغەل بولۇشى، يەنىلا ئۇلارنىڭ تەغدىرىنى ئۆزگەرتىپ تۇرارمىكىن دەيمەن.(ھازىرقى جەمىيەتكە نىسبەتەن دىگىنىمغۇ)
ئەمىلىيەتتە ھەممىمىز جىنايەت ئۆتكۈزگەن ئادەم چوقۇم تۈرمىدە يېتىشى كېرەك دەپ بىلىمىز، ئەسكىنىڭ پۇلى كۆپ بولۇپ قالسا، تۈرمىگە كىرگەن تەغدىردىمۇ، ۋاقتىنى توشقۇزمايلام چىقىۋالايدىكەن، مانا مۇشۇنداق تەڭسىزلىكلەر يۈز بەرگەندە، ھەقنى ھەق دەپ ئايرىيدىغان سورايدىغان ئادەم بولمىغاچ، ئادەملەرنىڭ ئاچكۆزلىكىدىن ئىبارەت بۇ يوچۇقتىن پايدىلىنىۋاتقانلارنى يوقۇتۇپ بولماق تەسمىكىن.
ھەم پۇل-مالغا بولغان ئاچكۆزلۈك يوقالسىلا، پارە بېرىش يوقىلارمىكىن.
خەۋەرلەردىنمۇ ئاڭلاپ تۇرىمىز، ما باشلىق پارە يەپ، مانچە يىللىق كېسىلىپتۇ، دىگەندەك، ئىشقىلىپ ئاكارىلانمايدىغان ئىش يوق، پارە ئىشلىرى يولىدا ماڭغۇچىلار بۇلاردىن ئىبرەت ئېلىپ، ئاشكارىلىنىشىنى، ۋەيران بولۇشنى، كۈتۈپ ياتماي، بۇ پارە ئىشلىرىدىن قول ئۈزگىنى ياخشى.
مەن يەنە سۆزلىسەم يەنە پويۇزدەك سۆزلىۋەتكەن بولماي يەنە، بولدى مۇشۇ يەردە توختىتاي، قالغان گەپلەرمۇ پويۇز توختىغاندا ئوزەڭلار بىلىپ چۈشۈپ كېتىڭلار دەپ قوياي ئەمدى.
.gif)