|
|
|
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم بارلىق پۇتبول سۈيەر تورداشلار كەمىنە تاڭنۇردىن سىلەرگە ئوتلۇق سالام ،
شىنجاڭ پۇتبولچىلىقى يۈكسىلىۋاتقان مۇشۇ دەملەردە ھەر يەر، ھەر قەلىپلەردە پۇتبول ئىشتىياقى يانماقتا ،
مانا بۇ يىلنى ھەقىقى شىنجاڭ پۇتبولچىلىقى يىلى دەپ ئاتىساق ئارتۇق كەتمەس .
ئۆتكەن قېتىم مەن سىلەرگە چۆچەك شەھىردىن تەشكىللەنگەن ئۆسمۈرلەر پۇتبول كوماندىسىنىڭ بۆرتالاغا كېلىپ دوسلۇق مۇسابىقىسى ئويناپ چۆچەك پۇتبول كوماندا ئەزالىرىنىڭ بۆرتالانىڭ يىشىل چىملىقلىرىدا ئەسلىمىلىك ئىزلىرىنى قالدۇرۇپ كەتكەنلىك خەۋىرىنى سىلەرگە يەتكۈزگەن ئىدىم ،
مانا ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ بىزنىڭمۇ قەدەملىرىمىز چۆچەك شەھىرىگە يىتىپ كەلدى .
2012 يىلى 9- ئاينىڭ 30 - كۈنى بۆرتالادىكى بىر قىسىم پۇتبول سۈيەر قېرىنداشلارنىڭ ياردەم قىلىشى بىلەن بۆرتالا < بوز قىر كوماندىسى > رەپقەت ئابدۇرشىت مۇئەللىمنىڭ تەشكىلىشى بىلەن چۆچەك پۇتبول كوماندىسىنىڭ تەكلىبىگە بىنائەت ، بۆرتالادىكى ئوسمۈر بالىلاردىن تەشىكىللەپ يولغا چىقىپ ، چۆچەك شەھىرىگە يىتىپ كىلىپ 10 - ئاينىڭ 1- كۈنى بىر مەيدان دوسلۇق مۇسابىقىسى ئوينىدى ،
مۇسابىقە نەتىجىسى
چۆچەك 2 - 1 بۆرتالا
10 ئاينىڭ 2- كۈنى يەنە بىر مەيدان مۇسابىقە ئوينالدى ،
مۇسابىقە نەتىجىسى
بۆرتالا 2 - 1 چۆچەك
بۇ قېتىمقى مۇسابىقە دوسلۇقنى ئاساس قىلغان تەجىربە ئالماشتۇرۇش مۇسابىقىسى بولۇپ ، تەنھەركەتچىلەرنىڭ ئۆزئارا تۇنۇشىشى ، تېرنىرلارنىڭ پىكىرلىشىش ، رىپىرلارنىڭ مۇسابىقىگە ئادىل مۇئامىلە قىلىشى، تاماشىبىنلارنىڭ قوللاپ قۇۋەتلىشى بىلەن غەلبىلىك ئاياغلىشىپ بۆرتالا چۆچەك دوسلۇقىغا چوڭقۇر ئۇل سالدى ،
مۇشۇنداق دوسلۇق مۇسابىقىلىرىنىڭ داۋاملىق ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرىشىنى ، ئىدارە- ئورگان ، ھەر ساھە كىشىلەرنىڭ شىنجاڭ پۇتبولچىلىقىنى قوللاپ تۇرۇشىنى ئۈمۈت قىلىمەن !
مۇسابىقە رەسىملىرى ھوزۇرۇڭلاردا
مەنبە-- تاڭنۇر خەۋىرى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا tagnur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-10-3 06:15 PM
|
|
|
|
|
|