مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3774|ئىنكاس: 34

ئالىمجان توخـتىمەت جانبەر(Janbar)شېئىرلىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28592
يازما سانى: 153
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 10495
تۆھپە نۇمۇرى: 890
توردا: 105 سائەت
تىزىم: 2011-1-31
ئاخىرقى: 2012-11-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-3 05:49:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


ئاھ، پۇل....!



ئۇچراپ قالدىڭ سەن ماڭا رەستىلەردە ماڭغاندا،

قولۇم بولدى پاسكىنا سىنى قولغا ئالغاندا،

لىكىن يۈرەك ياشنىدى ئىچ يانچۇققا سالغاندا،

تىترەشنىمۇ ئۇنتۇدۇم ئۇنى دىلغا تاڭغاندا،

ئۈزۈلمىدى شادلىقىم ھىچكىم تۇيماي قالغانغا.



پۇلنى ئالدىم يۈگۈردۈم جۇل تاملىققا ئالدىراپ،

تام كەينىگە ئۆتۈپلا ئۈلگۈردۈم ھەم پۇل ساناپ،

پۇل سانىنى ئېلىپلا توۋلاپ كەتتىم ۋارقىراپ،

نەق ئونمىڭ يۈەن ئىكەنغۇ كۆزۈم كەتتى جۇلالاپ،

قايسى يولغا ئىشلىتەي ...ئوخشار كاللام قاتقانغا.



ئەڭ ئالدىدا قاۋاقنى بىرىنچى بوپ يوقلىدىم،

يوقلىغانچە كۆپەيدى ئۈلپەت بولۇپ دوسلىرىم،

نەق بىر ھەپتە قاۋاقتا ئىچتىم ،"راسا ئوينىدىم"

شەيتىنىمغا ئەگىشىپ يۈردۈم پەقەت تويمىدىم،

شاراپ بولدى يىمەكلىك قورساق تازا ئاچقاندا.



گاھ يۈگۈردۈم "پۇت يۇيۇش"مەركىزىگە بەزىدە،

گاھى كەچتە ۋە يەنە تاڭ ئاتماستا سۈبھىدە،

يۈرىكىمدە "گۈلچىچەك"ئىچىلماقتا غۇچچىدە،

دىدىم ئۆزۈم ئۆزۈمگە :ھايات دىگەن مۇشۇدە،

ياشا جانبەر كۆڭۈل يانچۇق پۇلغا توشقاندا.



زەھەرگىمۇ ئۆگەندىم يازندا بولسا نالىماي،

جاپا تارتىپ ئىشلەشنى"پۇلۇم"بولغاچ خالىماي،

سودا قىلسام قورقىمەن پۇللىرىمنىڭ ئاينىماي....

زەھەر بىلەن ئۆتتى كۈن ھەتتا چاچنى تارىماي.

بەگدەك ياشاش ماڭا يار زەررە گىرام تاپقاندا.



تۈگەپ كەتتى بىر كۈنى ئۇچراپ قالغان ئاشۇ پۇل،

نەدە؟دىدىم ئىزدىدىم مەن نوچىغا چىقىش يول،

قىلماي كەلدى ھەممىسى مىنى ھىچ ئىشقا قوبۇل،

ئەل جامائەت تىللدى :كارىمىز يوق ئەمدى ئۆل.

پۇلنىڭ قەدرى ئۆتۈلدى كارىزلاردا ياتقاندا.



قاۋاقلاردا "دوست "بولغان ئەركەكلەردىن يوق ئەسەر،

تىپىۋالدىم ئەيدىزنى ھاياتىمغا كۆپ خەتەر،

مىنى قويدى ئۇياتقا خۇمار قىلغان شۇ زەھەر،

تىرىك تۇرۇپ نەچچە رەت ئۆلدۈم ھالىم بەك بەتتەر،

تويغۇزدىغۇ مىنى پۇل ئازراق خەجلەپ قويغانغا.

ئويغان!دىدى ۋىجدانىم ئىشلە ،ئەمگەك قىل دىدى،



مىھنەت قىلساڭ يورۇيدۇ ھوسۇلۇڭدا دىل دىدى،

باش لىڭشىتىپ ئىشلەشكە جانبەرمۇ بەل باغلىدى،

قىنى دوسلار بۇنىڭغا قايسى بىر قاراشتا ئىدى،

يول تاپقىلى بولاركەن بىر ئازغىشىپ تويغاندا.



ئۇيغۇر قىزلىرى



زەپ ياراشقان ئەتلىسىڭ ساڭا ئۇيغۇر قىزلىرى،
قارار شۇڭا ھەيرەتتە دۇنيا، ئۇيغۇر قىزلىرى،
بەرمەس ھىچكىم تىلىدا باھا،ئۇيغۇر قىزلىرى،
ئۇ جاھاندا ئۆزگىچە جۇلا ئۇيغۇر قىزلىرى،
ھۆسنى گۈزەل چىچەكتەك گويا، ئۇيغۇر قىزلىرى.



ئەدەپ- ئەخلاق ،پەزىلەت بولغان ئاڭا مۇجەسسەم ،
دىللىرىدا پاك سۆيگۈ توۋلىشىدۇ شوخ سەنەم،
ياراشتۇرۇپ دوپپىنى كىيىۋالغان ئۇمۇ ھەم،
ياڭراپ كەتتى جاھانغا ئىيىتقان ناخشا ھەم ئەجەم،
كىمكىن دىسە ئوينىسا ساما- ئۇيغۇر قىزلىرى.



ئۇ بىلىملىك بابىدا يەتكەن مۇراد، مەنزىلگە،
شۇنچە ئىشچان ئاقكۆڭۈل ساداقەتمەن ئىلىگە،
يىراق ئۇلار ئىللەتتىن شۇڭا قالماس كۈلكىگە،
ئۇ چالغاندا مۇڭ دۇتتار سىز كىتىسىز ئۇيقىغا،
شۇ مۇڭلارنىڭ ئەلچىسى ،يەنە - ئۇيغۇر قىزلىرى.



كىم ئۇلارنى ماختىماي ئۆتەلىسۇن ھاياتتا،
كىم ئۇلاردىن سۆيۈنمەي تۇرالىسۇن ھاياتتا،
كىم شۇنىڭدەك پىداكار بولالىسۇن ھاياتتا،
ئالقىش ساڭا ئۇيغۇر قىز لايىقتۇرسەن چاۋاكقا،
قويما يەردە ئۈمىدنى ئەلنى ئويلار ئۇيغۇر قىزى.


ھاراق



باشلىقمنىڭ ئاغزىنى مايلاش ئۈچۈن سەن كىرەك،
ئۆز ئۆزۈمنى خاقان دەپ سايلاش ئۈچۈن سەن كىرەك،
نارەسىدە دىمەستىن چايناش ئۈچۈن سەن كىرەك،
باشلىقىمغا ئىت بولۇپ قاۋاش ئۈچۈن سەن كىرەك،
خوشامەتكە زەپ يىقىن باغاش ئۈچۈن سەن كىرەك.

چوڭ-چوڭ ئىسىل سورۇنۇم سەن بولمىساڭ قىزىماس،
باشلىقىمغا سىنىڭسىز تاماق بەتتام،تىتىماس،
ئۆتكەن چاغدا گاللاردىن بەدەندە توك توختىماس،
ئەمەل تىپىش كويىدا تايىنىمەن ساڭا خاس،
سورۇنلاردا باشلىقنى جايلاش ئۈچۈن سەن كىرەك.

ئىسمىڭ ھاراق شۇنچىلىك يىقىن مىنىڭ ئىسمىمغا،
سوغۇق سۇدەك كىرىۋەر بايلىق ئۈچۈن جىسمىمغا،
مەن خوشامەت خالتىسى ئىسىۋالاي يىنىمغا،
«خوش-خوش غوجام»دىيىشنى سەن سىڭدۈرگەن قىنىمغا،
ئەمدى شۇنداق خوش-خوش نى ئاڭلاش ئۈچۈن سەن كىرەك.

باشلىقمنىڭ ئالدىدا ئىتمۇ بولدۇم گاھ ئىشەك،
قالمىدى يۈز مىنىڭدە ھىچ كۆتۈرۈپ يۈرگۈدەك،
ئارقا ئىشىك بولمىسا ئىشلىرىم تەس پۈتكۈدەك،
شۇڭا سىنى ئەپ كەلدىم باشلىقمغا بوپ «يۆلەك»
باشلىق بولۇپ كەمەرنى باغلاش ئۈچۈن سەن كىرەك.

ھاۋ دە دىدى ھاۋ دىدىم ،ھاڭرا دىدى ھاڭرىدىم،
ئەمەل تۇتۇش كويىدا خوشامەت قىپ تالمىدىم،
باشلىقمنىڭ باشلىقى چىقىۋەردى «چانمىدىم»
ئىلىپ كەلدىم يەشىكلەپ ئامما ھاردىم دىمىدىم،
پەلتۇرۇمغا مىداللار چاپلاش ئۈچۈن سەن كىرەك.

باللىرىمغا سوغۇق سۇ زىيان قىلدى ئەكسىچە،
ساڭا قىلغان سوۋغىلار پايدا گالدىن ئۆتكۈچە،
يول ئالغاندا سەپەردىن قاراپ قاراڭ يۈتكۈچە،
چاقالمىدىم رومكىنى ئاچچىق تولغاق يۇتقۇچە،
ئەمدى يالغۇز ئۈستەلدە يايراش ئۈچۈن سەن كىرەك.

ئىچكۈزسەملا ھاراقنى باشلىقىمغا سەي بىلەن،
باشلىق قىلىپ قويىدۇ دەپ خام خىيال قىپتىمەن،
نەپسى يامان باشلىقلا بۇ كۈندە زەپ ئاچكۆزكەن،
ئازراق ھاراق،پۇل بىلەن مۈشۈك ئاپتاپ كۆرمەسكەن،
ئەمدى تۇتۇپ ياقامنى يىغلاش ئۈچۈن سەن كىرەك.

سىنى ئالغان پۇللارغا باللىرىمنى باقسامچۇ؟
ياخشى ئىشلەپ ئىت بولماي مەنمۇ  باشلىق بولسامچۇ؟
شۇ خىياللار بۇ باشقا قۇيدى ئاچچىق قايناقسۇ،
نەسىھىتىم دوسلارغا يەنە دىسەم يەنە شۇ ،
ئاقىل تاپتىڭ ئاخىرى تاشلاش ئۈچۈن سەن كىرەك.

سىنى ئىچتىم ئاخىرى ئۆزۈم يالغۇز ئولتۇرۇپ،
ئىچىپ بولۇپ رومكىنى چۆرۈۋەتتىم سۇندۇرۇپ،
ۋاراڭ دىدى قاۋاقتا مىنى بەزەن خۇيلىنىپ،
ئەمدى ھاراق ئىچمەيمەن دەۋەتتىممەن ئويلىنىپ،
خوشامەتنىڭ خالتىسى چاناش ئۈچۈن سەن كىرەك.

  گۈلچېيىم



كىلىپ كۆرسەم يۇرتۇمغا ئۆلچاي بوپسەن گۈلچېيىم،
توزۇتۇپسەن دىھقاننى كۈلچاي بوپسەن گۈلچېيىم،
ساتاي دىسەك بەك ئەرزان ھۆل چاي بوپسەن گۈلچېيىم،
خىرىدارغا ئەرزىمەي تۇلچاي بوپسەن گۈلچېيىم،
بەزىلەرگە ھەتتاكى خۇن چاي بوپسەن گۈلچېيىم.

تىرىغانكەن دىھقىنىم سىنى پۇل دەپ چوڭ كۆرۈپ،
كەتتىڭمۇ سەن ئىيىتقىنا تىرىغىنىچۇن يۈز ئۆرۈپ؟
دىھقان بولدى ۋەيرانە بانكىدىنمۇ قەرىز ئىلىپ،
كوچىلاردا بىچارە يۈرۈشىدۇ دەرد تۆكۈپ،
خىياللاردا ئەكسىچە پۇل چاي بوپسەن گۈلچېيىم.

قەرىز ئالغان بەزىلەر ئىككى ئۈچ يۈز مىڭغىچە،
نۇرغۇن جاپا تارتىپتۇ سەن چېيىمنى تىرىغۇچە،
يامغۇر يىغىپ ئىتىزغا دەملەندىڭ سەن تەرگۈچە،
قايتۇرالماي قەرزنى ،ئويلاپ بۇنداق يۈرگۈچە،
ئۆلۈۋاپتۇ بەزىلەر ،زار چاي بوپسەن گۈلچېيىم.

تېرىغانتى بەزىلەر بۇغدىيىنى ئاغدۇرۇپ،
تاپالمىدى ھىچ سىنى يەردىن شۇنچە ئاختۇرۇپ،
كىتىشىپتۇ شۇ سەۋەپ ھەممە قاقشاپ ئاھ ئۇرۇپ،
دانلىرىنى يوقىتىپ قاپتۇ دەردتە ئويلىنىپ،
ئويلانماستىن دىھقانغا خان چاي بوپسەن گۈلچېيىم.

مەن تۇغۇلغان يۇرتۇمنى ھالى خاراپ ھەي ئىسىت!
مىنى تۇققان ئانامنىڭ باغرى كاۋاپ ،ھەي ئىسىت!
دادامنىڭمۇ كۆڭلى غەش،تاپماس جاۋاپ،ھەي ئىسىت!
يۇرتىمىزدا بۇغدايلار كەتتى تاراپ ،ھەي ئىسىت!
پۇشايماندا داغلاتقان ۋاي چاي بوپسەن گۈلچېيىم.

بۇلتۇر گۈلچاي تىرىغان 700 كويدىن ئالغانتى،
بۇ يىل مانا 70 كوي بىرەي دىسەك ئالمىدى،
دىھقان كۆڭلى شۇنداق غەش بولۇپ ئۆتتى ھەر كۈنى،
شۇ بىچارە دىھقاننىڭ ئاللا بەرسۇن ئەجرىنى،
دىھقانلارنى بانكىغا قۇل چاي دەپسەن گۈلچېيىم.

بۇ يىل بىزنىڭ دىھقانلار باي بولماقنى كۆزلىدى،
چۈنكى بۇلتۇر تىلىۋىزور دىھقاننى باي سۆزلىدى،
شۇ خەۋەرنى ئاڭلاپلا ناگاندا دىل تىنمىدى،
پۇلى بارلار ھەسسىلەپ گۈلچاي ئېلىپ تېرىدى،
دىھقان دەيدۇ شۇلارنى،ئارمان بوپسەن گۈلچېيىم.

تىرىغاندا گۈلچاي دەپ ئاپەت بوپسەن ئەمەسمۇ،
بىچارىگە ،يۇۋاشقا زۇلمەت بوپسەن ئەمەسمۇ،
بەزىلەرگە ئۆلۈمنى باشلاپ كەپسەن ئەمەسمۇ،
پەيدا بولدۇڭ قەيەردىن نەس ئىكەنسەن ئەمەسمۇ،
قارا باستى دىھقاننى ئىسىت دەيمەن گۈلچېيىم.

بولدى ئەمدى قەيەردىن كەلگەن بولساڭ يىراق كەت،
شۇ بىچارە دىھقاننى ئەمدى ئازراق بوزەك ئەت.
توشۇپ كەتتىڭ خۇنغا سەن،قۇرما ئەمدى كۆپ سۆھبەت،
بۇغداي قوناق تىرىسۇن ئەمدى دىھقان تائابەت،
باي بولمىساق بولمايلى يىقىنلاشما گۈلچېيىم،


ئۇيغۇر قىزى

بۇ ئەسىرىم ئۆزىنى پۈتكۈل ھاياتىنى كەلگۈسى ئۈچۈن ئىزدىنىپ ،بارلىقىنى كەلگۈسىدىكى كۆيۈمچان ،ۋاپادار ئانىلاردىن بولۇشقا بەل باغلىغان ھۆرلەرگە ھۆرمەت بىلەن سۇنۇلدى !


   
پاك ۋىجدانلىق ،ئىمانلىق ،ۋاپادار ئۇيغۇر قىزى،
چىن غۇرۇرى دەريادەك قايناپ تۇرار ئۇيغۇر قىزى،
چىچى كامان،قىشىدىن ئوقيا ئاتار ئۇيغۇر قىزى،  
كۆڭلى كۆكسى بەكمۇ كەڭ، ئەمەسكى تار ئۇيغۇر قىزى،
قىز تۇرۇپ جەڭلەردە باش،زەپەر قۇچار ئۇيغۇر قىزى.

كەتمىسۇن ھەر كىمكى بولسا جۆيلىشىپ تىللاشقا ھەم،
ئۇيغۇرۇمنى سۆكۈشۈپ تىل تەككۈزگەن مۇتتەھەم، 
ئۇيغۇر قىزى ئەخلاقلىق،ھايا ئىمان مۇجەسسەم،
شۇنداق تۇرسا يەنە بىز ماختىنىشقا نىمە كەم، 
ھەسەت يوقتۇر چىھرىدە كۈلدى باھار ئۇيغۇر قىزى.

نەچچىلەر ئاھ...! پاھ...! دىدى سىنى بىر كۆرگەن زامان،
ئەقلىدىن ئازدى ھەتتا ھوشىدىن كەتتى شۇئان،
خوي زىبا،نازۇك-لىۋەن ،كۆزلىرى ئاھۇ ،چولپان،
سەن ئۇنى كۆرمەي بىراق دەۋەتتىڭ ھەتتا يالغان،
راستكى ،بەرھەق سۆزلىرىم مىھرى خۇمار ئۇيغۇر قىزى.
   
بەزىلەر سۆكتى ئۇنى «پاھىشە»،«ئالدامچى»دەپ،   
ياغدۇرۇپ لەنەت،تۈفىي...ئەكسىچە تۇزىنى يەپ.
ئاشۇنداق نائەھلىدە بارمىدىكىن غۇرۇر،ئەدەپ،
سۆزلىسەم ھەقنى ئۇلار كەلدى ئالدىمغا ھۆركىرەپ،
ھەممىمىزنىڭ قۇياشى ئاپتاپ چاچار ئۇيغۇر قىزى.
   
«ئەللىك يىلنىڭ ئالدىدا بار ئىدى شۇنداقلىرى،

مانا ھازىر ھەددىدىن ئاشماقتا خۇي-قىلىقلىرى،
ئۇكى قارماق بىز بولۇپ كەتتۇق قونچاق،بىلىقلىرى،  
بۇنى نىمە دىگۈلۈك دىدى بەزەن ئەركەك تىخى»
ئۆزىدە يوقمىش سەۋەپ ئويلىسا بار ...ئۇيغۇر قىزى.   

«ئەرلىرى زەيپانە ئەل ،قىزلىرى رەسۋايى ئەل ،  
ئەرلىرى ئۈجمە كۆڭۈل قىزلىرى سەۋدايى ئەل،   
ھەممىسى تۈگەشسە ئاھ!كىم ئاڭا شەيدايى ئەل!
ئەردە بولسا مەسئۇلىيەت ئاياللىرى مارجانى ئەل»   
كۆڭلى ئاپئاق پاختىدىن ھەتتاكى قار ئۇيغۇر قىزى.
  
ھەر نىمە بولسا مەيلى سۆكۈلمىسۇن ئۇيغۇر قىزى،  
ھەم يىگىت ئەركەكلىرى كۈلكىدە كۆرسۇن ئۆزى،  
سۆككۈچى __ نەپرەتكە يار ،نە گىپى ئۇيغۇر ئۆزى؟   
سۆزلىگەي ھەقنى ھەق دەپ دىل ئۆزى ،ئەللەر ئۆزى،  
كامال تاپ ،قۇچقىن شەرەپ ،دىلبەر ،نىگار ئۇيغۇر قىزى.   

   
بۇ ئەسىرىم ئۇيغۇر قىزلىرىمزنى ھەدەپ سۆكۈشكە يۈزلىنىۋاتقان بىر قىسىم

«يازغۇچى ،شائىر »دوسلارغا سۇنۇلغۇسى!

   

ئىسىت سۇمبۇل چاچلار


بۇ مۇخەممەسنى  ھازىرقى زامانىمىزدىكى زامانىۋى مودا قوغلىشىپ ئۇيغۇرلارغا خاس سالاپىتىدىن ئىستىپا بەرگەن نادانلارغا بىغىشلايمەن . بىراق بۇ سۆيۈملۈك ،ئىمانلىق ،سۇمبۇل چاچلىق ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ جۇلالىق ئوبرازىغا ھەرگىزمۇ نۇقسان قوشالمايدۇ . ئەسلىدە ئۇيغۇرۇمنى سۆككۈم يوق ئىدى بىراق چوڭ جۇل تاملىق سەھرادىن شەھەرگە كىلىپلا قالسا كىشى باشقىچىلا بولۇپ قالىدىكەن . ھەممىڭلارنىڭ توغرا پىكىرلىك بىلەن تىرەن تەكلىپلەرنى بىرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن . سۆزلىرىمنى ئاڭلىغان نادانلارغا ئاللاھتىن ئىنساپ،ھىدايەت تىلەيمەن،چىچىنى كىسىپ ئۈلگۈرمىگەن ياكى كەستۈرمىگەن بوستان چاچلارغا نۇسرەت يار بولغۇسى!


شەھەرلەردە مەدەنىيەت بەك ئۆزگىرىپ كەتكەنمۇ؟

كۆپىيىپتۇ بۈدۈر چاچ پاخما باشلار ئەجەپمۇ،

قۇندۇز چاچتىن بىلمىدىم  بىرەر قازا يەتكەنمۇ؟

بىزنىڭ ئاتا - بوۋىلار بىزدىن بۇنى كۈتكەنمۇ؟...!

ئېسىت!ئېسىت!سۇمبۇل چاچ زادى نەگە كەتكەندۇ؟

كالتە چاچلار مودا بوپ يۈرگەن ئۈشبۇ شەھەردە،

ئۇيغۇرۇمنى ئۇچراتماق بولدى ئەجەپ بەك تەستە،

نەرى ئاڭا ياراشقان قىزىل،يىشىل بىنەپشە...

ھەرخىل رەڭدىن ئۆرگىلەي ئۆزگىرىپسەن بۈگۈندە،

ئېسىت!ئېسىت!سۇمبۇل چاچ زادى نەگە كەتكەندۇ؟

بىزنىڭ ئانا-مومىلار قايسى بىرى چاچ كەسكەن،

ياغلىق تاشلاپ پوسمىدەك بىر نىمىنى ھەم كەيگەن،

ئويلىغانچە ئادەمنىڭ كۆڭلى شۇنچە يىرگەنگەن،

يا بىلمىدىم بۇ قىزلار ئۇزۇن چاچتىن كۆپ بەزگەن،

ئېسىت!ئېسىت!سۇمبۇل چاچ زادى نەگە كەتكەندۇ؟

سۇمبۇل چاچنى كەسكەندۇ قايسى ساتىراچ قايچىسى؟

بۇدرە قىلىپ بوياشقا كەتكەن پۇلدىن قانچىسى؟

ئانا تۇرۇپ،قىز تۇرۇپ بولالماي ئەل ئۈلگىسى،

پەرزەنتىنى تەربىيىلەپ قانداق قاتارغا قوشقۇسى،

ئېسىت!ئېسىت!سۇمبۇل چاچ زادى نەگە كەتكەندۇ؟

ئويلىنايلى ئانىلار،ئويلىنايلى قىزچاقلار،

بىزلەر بۇنداق ياسانساق ئەۋلادىمىز نىمە بولار؟

بوپتۇ قىلىڭ باشقىنى،چاچنى كىسىپ نە قىلار؟

دىسەم بولماس ھەقىچان ئىش ئۇقمىغان نادانلار،

ئېسىت!ئېسىت!سۇمبۇل چاچ زادى نەگە كەتكەندۇ؟

قاتار چاي ھەم تۇغۇلغان كۈنلەر قىزىپ كارامەت،

كۈندە كەچتە رىستۇران بولۇپ تۇردى زىياپەت،

باشتاق كوچا ئارىلاش ئەركەكلەرگە ھاقارەت،

بالىلارمۇ ئوقۇشۇپ يۈرسە لەنەت،ئاھانەت...

ئېسىت!ئېسىت!سۇمبۇل چاچ زادى نەگە كەتكەندۇ؟

سۇمبۇل چاچلىق قىزلارغا بولۇپ قالسۇن نەسىھەت،

چاچ كىسىشتۇر بىزلەرگە يىغىپ تۇرغان بىر ئاپەت،

ئەجدادىڭنىڭ روھىنى ئۆز-ئۆزۈڭگە نەقىل ئەت!

بۈدرە چاچلىق"ئالۋاستى"قۇندۇز چاچنى كۆرۈپ كەت،

ئېسىت!ئېسىت!سۇمبۇل چاچ زادى نەگە كەتكەندۇ؟

ئامرىكىلىق قىزلارنىڭ چىچى ئاپئاق ھەم سىرىق،

بىراق بۈدرە ئەمەسكەن كۆپىمىزگە بۇ ئىنىق،

ھىندىستانلىق قىزلارنىڭ چىچى سۇمبۇل ھەم قىنىق،

بىزگە نىمە ھال يەتتى نەدىن يۇقتى بۇ قىلىق؟...!

ئېسىت!ئېسىت!سۇمبۇل چاچ زادى نەگە كەتكەندۇ؟

"ئۇزۇن چاچنى كەسمىگىن"دىدى روزى سايىتكام،

ئۇزۇن-سۇمبۇل چاچلارغا ھەۋەس قىلغاچ ئەل ئاۋام،

چۈنكى ئۇنداق ئەجدادنىڭ مەدەنىيىتى بار داۋام،

بۈدرە قىلما چىچىڭنى ئەي "ھەۋەسكار"ئەقلى كام،

ئېسىت!ئېسىت!سۇمبۇل چاچ زادى نەگە كەتكەندۇ؟

بۈدۈر چاچلىق ئۇيغۇر قىز ئەمدى قايىتقىن كەينىڭگە،

ئوخشاپ قالدىڭ كىملەرگە؟نەزەر سالغىن ئەپتىڭگە،

ئەۋلادىڭنى ئويلىغىن ،چىچىڭ تەڭدۇر جىنىڭغا،

بۈدرە چاچلىق قىزچاقلار مەڭگۈ،مەڭگۈ بىر تەڭگە،

ئېسىت!ئېسىت!سۇمبۇل چاچ زادى نەگە كەتكەندۇ؟



بوپ كەتتۇق



ئاتا -ئانا دىمەي تىغ تەڭلەيدىغان بوپ كەتتۇق،
ھاراق بىلەن راھەتنى ئەيلەيدىغان بوپ كەتتۇق،
«بۇغدىيى يوق»تىخى «ئاش سەيلەيدىغان»بوپ كەتتۇق،
خىيانەتنى دوستقا ھەم يەملەيدىغان بوپ كەتتۇق،
دۈشمەن نىمە؟دوست نىمە؟بىلمەيدىغان بوپ كەتتۇق.

قىرىنداشلار ئۇرۇشۇپ يات بولۇشتۇق ئۇيالماي،
ئاتا -ئانا ،قىرىنداش...يۈردۇق پەقەت ئۇقالماي،
قىمار بىلەن دوسلاشتۇق،ئەپسۇس يۈردۇق ئۇتالماي،
شۇم زەھەرنىڭ كەينىدىن ئۆزىمىزنى تۇتالماي،
خۇمار بولۇپ كۈنۇ -تۈن ئەسلەيدىغان بوپ كەتتۇق.

ئاخشاملىرى ئۆيدە يوق ،خوتۇن بالا خەۋەرسىز،
خوتۇن بولسا قاتار چاي قىزىپ كەتتى شۇنچە تىز،
تىلىفۇن كەلسە ئالدىشىپ،راست گەپ قىلىش بوپ ئەپسىز،
تاپتىن چىقىپ ئەسەبىي بولۇپ كەتتۇق قىلىقسىز،
تىتىقسىز بۇ تۇرمۇشتا سەكرەيدىغان بوپ كەتتۇق.

«يانچۇقۇمدا موچەن يوق،مىنىڭ ئىتىم مارجانگۈل»
ھىسسىياتنى دەپ ھاراق ئىچكۈزىدۇ بۇ كۆڭۈل،
ئىرغاڭلايمىز كوچىدا يۈرەك زەئىپ،بۆرەك كۈل،
قايتالمىساق بۇ يولدىن تۈگىشىمىز بىز تۈگۈل،
كۆڭۈلنى دەپ ياشلىقنى چەيلەيدىغان بوپ كەتتۇق.

بولدى ئەمدە بەس تاشلا ،يامان قىلىق ئادەتنى،
يىتىلدۈرگىن ئۆزۈڭدە ئەدەپ - ئەخلاق خىسلەتنى،
رىقابەتلىك دۇنيادا چىڭ تۇت كەلگەن پۇرسەتنى،
ئايىمىغن خەلقىڭدىن بولسا جاننى،ھۆرمەتنى،
قۇلاقلار پاڭ،نەسىھەتتىن چەتنەيدىغان بوپ كەتتۇق.



پۇل ئىكەن


                          
بايۋەتچىنى ،نوچىنى سەكرەتكىنى پۇل ئىكەن،
كەمبەغەلنى ،يوقسۇلنى يەكلەتكىنى پۇل ئىكەن،
تىلەمچىنى خەقكە قول تەڭلەتكىنى پۇل ئىكەن،
ياخشىلىقنى يامانغا دەۋرەتكىنى پۇل ئىكەن،
بوۋاينىمۇ بۆشۈكتە تەۋرەتكىنى پۇل ئىكەن .

پۇل دىگەنلىك ئەسلىدە ساخاۋەتنىڭ ئۆزىغۇ،
ھالال ئوقەت - ئىش يولى تاپاۋەتنىڭ ئۆزىغۇ
كۆرسە ئەمدى بەئەينى تالاپەتنىڭ ئۆزىغۇ،
پاخاللىقتىن بىر دىرەك ئالامەتنىڭ ئۆزىغۇ،
ئىتىبارنى يۇتقىنى،تۈگەتكىنى پۇل ئىكەن.
                                                            
نىمىلەرنى قىلدۇق ھەي مۇشۇ سۇلتان پۇلنى دەپ
نىمىلەرنى قىلمىدۇق ئوتى گۈلخان پۇلنى دەپ،
بولمىدۇقمۇ ھەتتاكى خانىۋەيران، پۇلنى دەپ،
سىلىپ غەليان، يىراقتا بولۇپ سەرسان پۇلنى دەپ،
سىلىپ ھەر كوي ،ھەر ياققا ئەۋەتكىنى پۇل ئىكەن.

قىمارۋازغا بىر بىقىڭ،سودىگەرگە بىر بىقىڭ،
ئوغرىلارغا بىر بىقىڭ ، ھۆپىگەرگە بىر بىقىڭ
تاپانلاردا ئىت بولۇپ لاي سۆيەرگە بىر بىقىڭ،
يۈزلىرىگە يالغاندىن «رەڭ»سۈركەرگە بىر بىقىڭ،
تالاي جانغا تالاي خۇي سەپلەتكىنى پۇل ئىكەن.

توي- تۆكۈنلەر قاتار چاي دەرىجىسى نە بولدى،
قىلىقى سەت خانلارنىڭ پەرىجىسى نە بولدى
ئۆيلەر تالاڭ،قازناقنىڭ دەرىزىسى نە بولدى،
يۇتۇۋالماي ئچىڭگە،ھەممىسىنى دە، بولدى،
بىر چىرايلىق «قىز»نىمۇ سەتلەتكىنى پۇل ئىكەن.

ئالاي دىسەڭ گەر خوتۇن يۈگرەپ چىپىپ ئالسەن ،
بەلكى قەرىز ئالىسەن،قىرىغاندا ئالىسەن
بىلەلمەستىن تەكتىنى راسا ھەيران قالىسەن،
غىجىكىڭنى چالغۇڭ يوق زورىغا بىر چالىسەن،
ئاچكۆزلۈكنىڭ ئۆزىنى كۆرسەتكىنى پۇل ئىكەن .

  سۆزلەپ كەلسەم گەپ تولا يەنە يۈز بەت كىمىسىز،
  دىمىسەممۇ تۇرمۇشتا سىزمۇ كۆرگەن، بىلىسىز
ياۋۇزلۇققا كىم خۇشتار، شەپقەت ئىزدەپ كىلىمىز،
  «رىقابەتلىك دۇنيا»دا چەتتە قايسى بىرىمىز،
گەر شۇندىمۇ ئەسلىڭنى ئەسلەتكىنى پۇل ئىكەن.

نادانلىق


ئەل-ۋەتەننىڭ دۈشمىنى ساۋاتسىزلىق،نادانلىق،
كىمدا بولسا بۇ ئىللەت ئەگىشىدۇ يامانلىق ،
ئۆتەر كۈنى جاپادا مۇشەققەتتە داۋاملىق .
بىلمەي قانۇن تورىنى قىلار تىخى قاراملىق،
ئاقىۋىتىڭ قاماقتا سەۋەبى دەل - نادانلىق.

بىلىم ئالماي نەچچە ياز ئۆتكۈزۋەتتىڭ نەچچە ياز،
ئاخىر نامىڭ مەكتەپتە قارتا ئويناپ قىمارۋاز،
سومكا ئاسماي مەكتەپتە قىسماق ئىسىپ كەپتەرۋاز،
پۇشايمىنىڭ ھەسرىتىڭ ئەمدى ساڭا كەلدى ئاز،
ئەمدى كۈنۈڭ چاتاقتا سەۋەبى دەل - نادانلىق .

ئۆيگە ماڭماي كەچقۇرۇن توپ ئوپ ئوينىدىڭ،قايتمىدىڭ،
ئويناپ سايەڭ يۈتكۈچە توپقا پەقەت قانمىدىڭ،
ئاتا - ئاناڭ ئالدىدا يالغان سۆزلەپ ھارمىدىڭ،
ئىيىتقىن نادان ، كەمئەقىل نىمە سىنىڭ نىشانىڭ،
قالدىڭ يامان ئاتاققا سەۋەبى دەل - نادانلىق.




ئالىمجان توخـتىمەت جانبەر

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-10-4 08:33 PM  


ھازىرغىچە 13 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
mastana888 + 100 دەلىللەر يېتەرلىك ،سۇ.
zulayha + 300 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى
othor + 157 ماختاشقا تېگىشلىك
mantapaz + 12 روزى سايىتتەكلا
tewelgha + 100 تىلى چۈچۈك
nazaratqi + 300 تەپەككۇرى كۈچلۈك
yawa-xir + 300
ap~qilam + 100 ماختاشقا تېگىشلىك
uyghurm + 100 ماختاشقا تېگىشلىك
ihsan0903 + 59 ماختاشقا تېگىشلىك
QALIB + 59
marziyya + 100
huxqiray + 200 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 1887   باھا خاتىرىسى

ئالىمجان توختىمەت (جانبەر)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81951
يازما سانى: 239
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3131
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 175 سائەت
تىزىم: 2012-6-22
ئاخىرقى: 2012-11-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-3 07:11:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجەپ ئىسىل شىئىركەن . شىئىرغا بىردەم قاراپ ئولتۇرۇپكەتتىمغۇ . نادىر تىما ئىكەن بۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79696
يازما سانى: 502
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5829
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 624 سائەت
تىزىم: 2012-5-3
ئاخىرقى: 2012-11-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-3 07:43:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تىمىنى نادىرلاشنى ،قاتتىق تەلەپ قىلىمەن...........

Tarixingdir ming asrlar ichra pinhon o’zbegim
Senga tengdosh Pomiru, oqsoch Tian – shan o’zbegim
So’ylasin Afrosiyobu, so’ylasin Urxun xati
Bitta tarix shodasida, bitta marjon o’zbegim

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80802
يازما سانى: 252
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3979
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 208 سائەت
تىزىم: 2012-5-30
ئاخىرقى: 2012-11-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-3 07:44:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاز-ئازدىن  بىر - بىرلەپ ئايرىم -ئايرىم يوللىمامسىز  شۇنداق ياخشى شىئىرلارنى كۆپ يوللاپ پاخال قىلغۇچە   مەنمۇ  ئوقۇپ  بولالماي  بىر  ئىككىنى ئوقۇپ تاشلاپ قويدۇم. قالغىننى ئەتە ئوقاي دەپ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84102
يازما سانى: 487
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4104
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 235 سائەت
تىزىم: 2012-8-18
ئاخىرقى: 2012-11-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-3 08:20:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇرلىقىمىزدىن پەخىرلىنىدىغان ئۇيغۇر بىز

ئۇيغۇر بىز ئۇيغۇردەك ياشا...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84867
يازما سانى: 68
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 191
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 12 سائەت
تىزىم: 2012-9-8
ئاخىرقى: 2012-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-3 09:22:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەربىۋىې  ئەھمىيىتگە  ئىگە بۇلغان ئىسل تىمىنى بىزگە ھەدىيە قىلغىنىڭىزغا رەخمە ت!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35357
يازما سانى: 407
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7679
تۆھپە نۇمۇرى: 619
توردا: 2665 سائەت
تىزىم: 2011-3-27
ئاخىرقى: 2012-11-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-3 09:50:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەممە قېرىنداشلار مۇشۇنداق تۆيغۇغا كەلگەن بولساق قۆلىمىزدىن تېخىمۇ كۆپ ئىشلار كىلەر ئىدى ...


ئاخىردا شېئىرڭىزغا كۆپ رەخمەت .....

نىتىڭىز خالىس ئەمىلىڭىز سالىھ بولسۇن.

ھاكاۋۇرلىقىڭ ئۆزۈڭگە دۈشمەن

پائالىيەتچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 118
يازما سانى: 3714
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 29645
تۆھپە نۇمۇرى: 2206
توردا: 1767 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-11-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-3 09:52:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جانبەرنىڭ ئېسىل تېمىسى مىسرانىم نادىر تېما قاتارىغا تازا يارىشىپتۇ.يارايسىز بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   شاتئاي تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-10-3 07:53 PM  


زەھـــەردىـــن شـــىـــپــا كــــــۈتــمــــە،تــىـــگــى پـــەســـتىــن ۋاپـــــا...

دۇنياداسەن بىرلىمۇ قىينما جنم

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45524
يازما سانى: 1323
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6719
تۆھپە نۇمۇرى: 189
توردا: 187 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2012-11-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-3 10:20:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆزىمىزنىڭ يۈزىنى تۆكىدىغان ئۇيغۇر بىز!

خىجىل بولماي دوستىنى سۆكىدىغان ئۇيغۇر بىز!

بىرى تاپسا قۇت،غەمگە چۆكىدىغان ئۇيغۇر بىز!

شاماللارغا ئەگىشىپ ئۆتىدىغان ئۇيغۇر بىز!

ئاچچىقلانسا شۈك بولۇپ مۆكىدىغان ئۇيغۇر بىز

سىزنىڭ تېخى ھىلىقى ئىشلار ۋاقتىغا يەتمەي تۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئۆزىڭىزنى تەقدىم قىلغان پەيتىڭىز دەل ئۇنىڭ قەلبىدە قىممىتىڭىزنىڭ كۇرسى چۈشكەن ۋاقتىدۇر. ئەگەر سىز بارلىقىڭىزنى ئوغۇل دوستىڭىزغا ھەدىيە قىلىۋەتسىڭىز، ئۇنداقتا بولغۇسى ئېرىڭىزگە  زادى نېمىڭىزنى بىرىسز
باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83298
يازما سانى: 295
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7578
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 244 سائەت
تىزىم: 2012-8-1
ئاخىرقى: 2012-11-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-3 10:47:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش