uyghurlarbiz يوللىغان ۋاقتى 2012-10-3 04:25 PM
قېرىنداشلار مەلۇم كىشى ئۈلۈپ كەتسە شۇ ئادەمنىڭ ئۈلۈپ ك ...
بىر ئادەم ئۆلۈپ كەتسە ، ساقچىخانا بۇنى بىلسە دەرھال ئۆچۈرمەيدۇ .
ئۆچۈرۈشنىڭ شەرتى : ئۆلۈپ كەتكۈچى دوختۇرخانىدا جان ئۈزگەن بولسا ، دوختۇرخانا ئۆلۈپ كەتكەنلىك ئىسپاتى چىقىرىدۇ ، ئەگەر ئۆلۈپ كەتكۈچى دوختۇرخانا سىرتىدا جان ئۈزگەن بولسا ، شۇ ئۆلۈپ كەتكۈچىنىڭ نوپۇسى تۇرۇشلۇق ئاھالە كومىتىت ، كەنىت كومىتىتى ، تۈەن مەيدان .... ئىسپات چىقىرىدۇ . ساقچىخانا شۇ ئىسپاتقا ئاساسەن ، ئۆلۈپ كەتكۈچىنىڭ نوپۇسىنى ئۆچۈرۈدۇ .
ساخچىخانا بۇنىڭغا قارىتا ئۆلگەنلىك ئىسپاتى چىقىرىپ ، ئۆلۈگۈچىنىڭ ئائىلە تاۋاباتىغا بىرىدۇ .
مانا بۇ ئۆلگەنلىك ئىسپاتى .
ساقچىخانا ئۆلگۈچى ئۈچۈن كىملىك بىجىرمەيدۇ . پەقەت ئۆلگەنلىك ئىسپاتى بىجىرىدۇ .
ئۆلگۈچىنىڭ ئائىلە تاۋاباتى ، ئۆلگەنلىك ئىسپاتىغا ئاساسەن ئۆلگۈچىنىڭ ھايات ۋاختىدا بىر تەرەپ قىلىپ بولالمىغان ئىشلىرىنى ۋاكالىتەن بىر تەرەپ قىلىدۇ .
ۋاكالىتەن بىر تەرەپ قىلىشتا ، ھۆكۈمەت گۇۋالىق خېتى بولۇش كېرەك .
جان تەندە ئامانەت ، ھەر كىشى ئۆزىنىڭ ئىشلىرىنى پۇختا بىجىرىشى كېرەك . ئىشلەتكەن مەخپى نومۇرنى خاتىرىگە يېزىپ قالدۇرۇپ قويۇش لازىم . ئائىلە ئەزالىرى بەزى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشتا پايدىلىنىدۇ .