مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 578|ئىنكاس: 11

ساداقەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6916
يازما سانى: 94
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9266
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 92 سائەت
تىزىم: 2010-8-19
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-3 01:09:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  ئۈستەلنىڭ ئىككى تەرىپىدە ، ئەر بىلەن قىز ئولتۇرۇشقان .
" مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن " . قىز قولىدىكى رومكىنى ئوينىتىپ تۇرۇپ سۆز باشلىدى .
" مېنىڭ ئايالىم بار " . ئەر قولىدىكى ئۈزۈكنى سىىلاپ قويۇپ جاۋاپ بەردى .
" ئۇنىڭ بىلەن چاتىغىم يوق ، مەن پەقەت سىزنىڭ ھېسياتىڭىزنى بىلمەكچى . سىز مېنى ياخشى كۆرەمسىز ؟ " .
تەسەۋۋۇردىكى جاۋاپ . ئەر بېشىنى كۆتۈرۈپ قىزنى كۈزىتىشكە باشلىدى .
24 ياش ، چىرايلىق ، ھاياتى كۈچكە تولغان ، خېلىلا بولىدىغان بىر ياش .
سۈزۈك تېرە ، تولغان بەدەن ، بىر جۈپ گەپ قىلالايدىغان سېھىرلىك كۆز .
نىمە دېگەن ئېسىل قىز ، ئېسىت . ..
" ئەگەر سىزمۇ مېنى ياخشى كۆرسىىڭىز ، ئاشنىڭىز بولساممۇ بولىدۇ " . قىز ئەرنىڭ جاۋابىنى كۈتەلمىدى .
" مەن ئايالىمنى سۆيىمەن ." ئەر قەتئىيلىك بىلەن جاۋاپ بەردى .
" ئۇنى سۆيىسىز ؟ ئۇنىڭ نىمىسىنى ؟ ھازىر ئۇ ئاللىقاچان قېرىپ ، بىرسىىگە كۆرسەتكۈسىىز بولۇپ كەتكەندۇ . ئەمىسە نىمەدەپ ئۇنى ئىدارىنىڭ پائالىيەتلىرىگە باشقا ئەرلەردەك بىرگە ئېلىپ كېلەلمەيسىز . . . . . . "
قىز يەنە داۋاملىق سۆزلىمەكچى بولدىيۇ ، ئەرنىڭ تۈرۈلگەن قوشۇمىلىرىنى كۆرۈپ توختاپ قالدى .
جىمجىتلىق . . . . . .
" سىز مېنىڭ نەرىمنى ياخشى كۆرىسىز؟ " ئەر ئېغىز ئاچتى .
" سىز سالماق ، تەمكىن ، سۆز - ھەرىكەتلىرىڭىزدە كۈچلۈك ئەرلىك پۇراق بار ، باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلۈشنى بىلىسىز . بەك جىق ، ئىشقىلىپ مەن بۇرۇن كۆرگەن ئادەملەرگە پەقەت ئوخشىمايسىز ، سىز ئالاھىدە "
" ئۈچ يىلنىڭ ئالدىدىكى مېنىڭ قانداقلىغىمنى بىلەمسىز ؟ " ئەر تاماكىدىن بىر تال تۇتاشتۇردى .
" بىلمەيمەن . كارىممۇ يوق ، ھەتتا تۇرمىدە ياتقان بولسىڭىزمۇ... "
" ئۈچ يىلنىڭ ئالدىدا ، مەن سىزنىڭ نەزىرىڭىزدىكى ئادەتتىكى ئەرلەرنىڭ بىرى . " ئەر قىزنىڭ گېپىگە پەرۋا قىلماستىن سۆزىنى داۋاملاشتۇردى .
" ئادەتتىكى بىر ئالى مەكتەپنى پۈتتۈردۈم ، خىزمەت كۆڭۈلسىز ، كۈندە ھاراق ئىچىپ ، جىدەل ماجرا بىلەن يۈرەتتىم ، قىزلارغا پەرۋا قىلمايتتىم ، ****لەردىن ئۆزەمنىڭ ھاۋايى ھەۋىسىنى قاندۇراتتىم . ئىشرەتخانىلاردا پاھىشە ئىزلەپ ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇلۇپمۇ باققان "
" ئۇنداقتا ؟ " قىز خېلىلا قىززىقتى ، ئۇنىڭ قانداق نەرسىنىڭ بىر ئەرنى باشقىچە قىلىپ ئۆزگەرتىۋەتكەنلىگىنى بىلىپ باققۇسى كەلدى . " ئايالىڭىز ئۈچۈنمۇ " .
" شۇنداق " .
" ئۇ ، ھەمىشە ئاسانلا بىر ئىشلارنىڭ سەۋەبىنى بىلىۋالالايتى . ماڭا نۇرغۇن نەرسىىلەرنى ئۆگەتتى ، ئېرىشكەن ياكى يوقۇتۇپ قويغان نەرسىلەرگە ئارتۇقچە قايغۇرماسلىقنى ؛ كۆز ئالدىدىكى ئىشلارغا بەك ئېتىبار قىلىپ كەتمەسلىكنى ؛ كىشىلەرگە ئامالنىڭ بارىچە سەمىمىي مۇئامىلە قىلىشنى بىلدۈردى . شۇ چاغلاردا مەن ئۇنىڭ ئالدىدا ئىش بىلمەيدىغان بالا ئىدىم . شۇ ھېسىياتلار بەلكىم ، سىزنىڭ ھازىر ماڭا بولغان ھېسياتىڭىزغا ئوخشاشدۇر . ھەيرانمەن ، مىجەزىم شۇنچە چۇس تۇرۇپ نىمە ئۈچۈنكى ئۇنىڭ گېپىنى بەك ئاڭلايتىم . ئۇنىڭ دىگىنى بويىچە ئەمەلىيەتچىل بولدۇم ، ئۆزەمنىڭ كارغا كەلمەيدىغىنىمنى بىلىپ تىرىشىپ ئىشلىدىم ، خېلىلا ياخشىلانغاندىن كېيىن بىز توي قىلدۇق . "
ئەر تاماكىسىنىڭ كۈلىنى كۈلدانغا چۈشىرىۋېتىپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى .
" ئۇ چاغلاردا تۇرمۇش ھەقىقەتەن قىيىنچىلىقتاا ئىدى . ئىككى ئادەم بىرلا كارۋات ، ئۆي جابدۇقلىرىمۇ يوق دىيەرلىك . بىلسىڭىز ، توي قىلىپ بىر يىلدىن كېيىن ئاندىن ئۇنىڭغا تويلۇق ئۈزۈك ئېلىپ بەرگەن ، شۇ پۇلنىمۇ بىر يىلدىن ئوشۇق ۋاقىت يىغقان ئىدىم . ئەلۋەتتە ئۇنىڭدىن يوشۇرۇنچە ، ئەگەر بىلىپ قالسا ھەرگىزمۇ قوشۇلمايتتى "
" ئۇ چاغلاردا ھاراق ، تاماكا سالامەتلىگىمنى ناچارلاشتۇرىۋەتكەن ئىدى . قىشنىڭ قاتتىق سوغاقلىرىدا ، ھەر ئاخشىمى ئۇخلاشنىڭ ئالدىدا ماڭا شورپا قىلىپ بېرەتتى ، ئۇ خىل تەمدىكى شورپىنى پەقەت شۇلا قىلالايتى "
ئەر ئەسلىمىلەر ئىچىگە كىرىپلا كەتتى ، ۋاقىتنى ئۇنتىدى ، توختىماستىن ئۆتكەن ئىشلارنى سۆزلەۋاتاتتى .
قىز بولسا قىلچە دەخلى قىلىدىغاندەك ئەمەس ئىدى ، جىمجىت ئاڭلاپ ئولتۇراتتى .
ئەر تۇيۇقسىز بىر نەرسە ئېسىگە كەلگەندەك سائىتىگە قارىدى . سائەت ئاللىقاچان 10 بولغان ئىدى .
" توۋا ، كەچۈرىسىز ئۇنتۇپلا كېتىپتىمەن ، بەك كەچ بولۇپ كېتىپتۇ "
" سىز ئەمدى مېنى چۈشەنگەنسىز ؟ مەن ئۇنىڭغا يۈز كېلەلمەيدىغان ئىشنى قىلمايمەن ھەم قىلالمايمەن "
" چۈشەندىم ، بۇنداق بىر ئايالغا ئۇتتۇرۇپ قويغىنىمغا ھەقىقەتەن تەن بەردىم " . قىز ئامالسىز بېشىنى لىڭشىتىپ قويدى ، " مەن شۇ ياشقا بارغاندا ئۇنىڭدىنمۇ ئېشىپ چۈشىمەن ، تېخىمۇ مېھرىبان... "
" ئۇنداقتا، تېخىمۇ ياخشى ئەردىن بىرنى تاپالايسىز ، شۇنداقمۇ ؟
بەك كەچ بولۇپ كېتىپتۇ ، شورپاممۇ سوۋۇپ قالدى ، مەن سىزنى ئۆيىڭىزگە ئاپىرىپ قوياي " ئەر ئورنىدىن تۇرۇپ قىزنى ئاپىرىپ قويماقچى بولدى .
"بولدى ، ئۆزەم قايتاي " قىز ئەدەپ بىلەن رەت قىلدى . " قايتىڭ ئۇ سىزنى ساقلاپ قالمىسۇن "
ئەر مېييىغىدا كۈلۈپ قويۇپ ، كەينىگە بۇرۇلۇپ ماڭماقچى بولدى .
" ئۇ چىرايلىقمۇ ؟ "
" . . . . . . . . . شۇنداق ، ئىنتايىن چىرايلىق "
ئەرنىڭ سىماسى تۈن قاراڭغۇسىدا غايىپ بولدى ، يالغۇز قالغان قىز شامغا ھاڭۋاققىنىچە قاراپ نىمىلەرنىدۇر ئويلاۋاتاتتى .
ئەر كارۋاتنىڭ يېنىغا كېلىپ ئولتۇردى .
" خوتۇن ، بۇ تۆتىنجىسى . مېنى نىمانچە بۇنچە ياخشى قىلىۋەتكەنسەن ، نۇرغۇن ئادەملەر مېنى ياخشى كۆرىدۇ . دېققەت قىلمىسام ئۆزگۈرۈپ قالىمەن جۇمۇ . مېنى شۇنچە ياخشى قىلىپ ئۆزگەرتىپ قويۇپ، ئۆزۈڭنىڭ بالدۇرلا ئۇ ئالەمگە كېتىپ قالغىنىڭ نىمىسى ؟ مەن ، مەن يالغۇز ، بەك غېرىپلىق ھېس قىلىۋاتىمەن "
ئەر بوغۇلۇپ تۇرۇپ سۆزلەۋاتاتتى ، ئاخىرى ئۆزىنى تۇتالماي ئېسەدەپ كەتتى .
كۆز ياش ، توختىماستىن تاراملاپ چۈشۈشكە باشلىدى . غۇۋا چىراق يورىقى ، تامدىكى كونا رەسىىمدىن ۋاپات بولغان سۆيۈملۈك ئايالىنىڭ ھىدى كېلىۋاتاتتى ...

ئىزلىنىش تورى


ئەقىللىق كىشىلەر ئۈچۈن ئۆلۈم ئەڭ ياخىشى نەسىھەتتۇر..

تاجىڭ~ئەخلاق

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20758
يازما سانى: 2027
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10556
تۆھپە نۇمۇرى: 705
توردا: 7452 سائەت
تىزىم: 2010-12-4
ئاخىرقى: 2012-11-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-3 06:14:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي ھەممىمىز مۇشۇنداق ساداقەتمەن ،ۋاپادار بولۇپ كەتسەك بۇ دۇنيا ھەتتا  گۇماندىنمۇ خالىي بولغان بولاتتى.

قىزلار سۇدىن ياسىلىدۇ.ئۇنىڭغا سوغۇق مۇئامىلە قىلماڭ.نۆل سىلسىيە گىرادۇستىن چۈشۈپ كەتسىلا ئۇ مۇزغا ئايلىنىپ سىزنى توڭلىتىپ ئۆلتۈرىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81951
يازما سانى: 239
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3081
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 177 سائەت
تىزىم: 2012-6-22
ئاخىرقى: 2012-11-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-3 06:27:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توۋا ،ئەجەپ يىغلىغۇم كىلىۋاتىدۇ-يا؟

ئۆتمۈشتىن زارلانماڭ، ئەتىڭىز ت

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48837
يازما سانى: 1002
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6876
تۆھپە نۇمۇرى: 1183
توردا: 212 سائەت
تىزىم: 2011-7-23
ئاخىرقى: 2012-10-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-3 06:31:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەڭ ئاخىرقى قۇرلارنى ئۇقۇپ  

مۇھەببەت دىمەك ،قارشى تەرەپكە ئۆزىنى ئازاپلاشنىڭ ھۇقۇقىنى بەرگەنلىكتۇر..

ئۆتمۈشتىن زارلانماڭ، ئەتىڭىز ت

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48837
يازما سانى: 1002
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6876
تۆھپە نۇمۇرى: 1183
توردا: 212 سائەت
تىزىم: 2011-7-23
ئاخىرقى: 2012-10-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-3 06:32:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
marziyya يوللىغان ۋاقتى  2012-10-2 10:27 PM
توۋا ،ئەجەپ يىغلىغۇم كىلىۋاتىدۇ-يا؟

ئەگىشىمەن.

مۇھەببەت دىمەك ،قارشى تەرەپكە ئۆزىنى ئازاپلاشنىڭ ھۇقۇقىنى بەرگەنلىكتۇر..

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82570
يازما سانى: 232
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4436
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 382 سائەت
تىزىم: 2012-7-7
ئاخىرقى: 2012-11-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-3 07:22:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   بۇ ئەسەرنى بۇرۇنمۇ ئىككى قېتىم ئوقۇغان ئىدىم. مۇنداق ئېسىل ھېكايىنى ئادەم قانچە ئوقۇسا زېرىكمەيدۇ.
   بۇ ھېكايىنى راسىت بولغان ۋەقەدەكلا ھېس قىلىمەن...

مۇھەببەت بىلەن نەپرەت قوشكېزەك. لېكىن نەپرەت مېھر-مۇھەببەتنى پۈتۈنلەي يوق قىلىۋېىتىشكە قادىر.

ئازما يۇرەك!! ئازما~

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85615
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 42
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 10 سائەت
تىزىم: 2012-10-2
ئاخىرقى: 2012-10-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-3 07:52:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقى  ۋاپا........ساپ   ئەقىدە..... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   zulalnur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-10-3 07:52 PM  


ئازما   يۇرەك!!          ئازما~    رەببىم  ماڭا  يۆلەك~~All  is  Well!

ئەقىلسىز دوستۇڭ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37842
يازما سانى: 2390
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 26351
تۆھپە نۇمۇرى: 1311
توردا: 3154 سائەت
تىزىم: 2011-4-16
ئاخىرقى: 2012-11-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-3 10:03:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
     مەن سەل ھىسسىياتچانمۇ ياكى بۇ تىما شۇنداق تەسىرلىكمۇ ، مەن يىغلىۋەتتىم

كۆزدەك بىر-بىرىڭگە يات بولماي ، لەۋدەك مەھكەم ئىناق بول.

دۇنياداسەن بىرلىمۇ قىينما جنم

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45524
يازما سانى: 1323
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6719
تۆھپە نۇمۇرى: 189
توردا: 187 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2012-11-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-3 10:21:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سەمىمىيتى كۈچلۇككەن

سىزنىڭ تېخى ھىلىقى ئىشلار ۋاقتىغا يەتمەي تۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئۆزىڭىزنى تەقدىم قىلغان پەيتىڭىز دەل ئۇنىڭ قەلبىدە قىممىتىڭىزنىڭ كۇرسى چۈشكەن ۋاقتىدۇر. ئەگەر سىز بارلىقىڭىزنى ئوغۇل دوستىڭىزغا ھەدىيە قىلىۋەتسىڭىز، ئۇنداقتا بولغۇسى ئېرىڭىزگە  زادى نېمىڭىزنى بىرىسز

مەن بىر يىگانە ئ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5336
يازما سانى: 380
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10043
تۆھپە نۇمۇرى: 558
توردا: 1088 سائەت
تىزىم: 2010-8-1
ئاخىرقى: 2012-10-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-5 05:25:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ساداقەت.............................!!!!!

سەن سۆيگەننىڭ قۇلى بولغۇچە ، سېنى  سۆيگەننىڭ  گۈلى  بول  .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش