ساقلىقنى ساقلاش
ھەممىمىز كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا تازلىق قەغىزىدىن ئايرىلالمايدىغان بولۇپ قالدۇق.ئۇ مەيلى ئائىلىدە بولسۇن،ئاشخانىلاردابولسۇن،ئاممىۋى سورۇنلاردا ھەممىمىزنىڭ ھاجىتىدىن ناھايىتى قولايلىق ھالدا چىقىپ كېلىۋاتىدۇ.لىكىن كۆپىنچىمىز قانداق قەغەزلەرنى ئىشلەتسەك ئېشەنچىلىك بولىدۇ،يەنى سالامەتلىككە زىيانلىق ئەمەس،قانداق قەغەزلەر سالامەتلىككە زىيانلىق دېگەنگە ئانچە ئېتىبار بېرىپ كەتمەيمىز.مەن سىلەرگە قانداق تازلىق قەغەزلەرنى سېتىۋالساق بولىدۇ،قانداقلىرىنى سېتىۋالساق بولمايدۇ دېگەنلەرنى بېلىشىمچە چۈشەندۇرۇپ قوياي.
بەزى ئادەملەر تازلىق قەغىزىنىڭمۇ ياخشى-يامىنى بولامدۇ؟ دەپ سورىشى مومكىن.ئەمەلىيەتتە تازلىق قەغىزى ئاساسەن ئۈچ خىل بولىدۇ.ئۇلار1-原生木浆
تۈزلا تەرجىمە قىلساق تەبىئىي دەرەخ بوتقىسىدا ئىشلەنگىنى.
تەبىئىي دەرەخ بوتقىسى ئەمەس. 木浆2-
3-ئوت-چۆپ،سامانلاردا ياسالغىنى.草浆
ئەمىسە بۇلارنىڭ ئىچىدىكى قايسىسى ئەڭ ياخشىسى؟
ئەلۋەتتە ئەڭ ياخشىسى 100%لىك تەبىئىي دەرەخ بوتقىسىدا ئىشلەنگىنى ئەڭ يابولىدۇ.ھېچقانداق ئارلاشما ماددا قوشۇلماي ياسالغان تازلىق قەغىزى ئەڭ ئېشەنچىلىك بولىدۇ.قەغەز سېتىۋالغاندا ئورالغان قەغەز سېرتىدىكى خەتنىڭ زادى نەچچە پىرسەنتلىك تەبىئىي دەرەخ بوتقىسىدا ياسالغانلىقىغا قارىشىڭىز كېرەك.ئەگەردە 50%لىك 30%لىك بولسا ئۇلارنىڭ ئىچىگە نىمىلەرنىڭ قوشۇلۇپ كەتكەنلىكىنى بىلمەي قالىسىز.بەزى قانۇنسىز قەغەز كارخانىلىرى ئوت-چۆپ،ياغاچ ماتىرياللىرىنىڭ بوتقىسى قاتارلىق قالايمىقان نەرسىلەرنى قېتىۋىتىپ ئىشلەپ چىقىرىۋىرىدۇ.ئەلۋەتتە ياخشى نەرسىلەرنىڭ باھاسى ئۆزىگە چۇشلۇق قىممەت بولىدۇ،لىكىن بۇنداق نەرسىلەر قىممەت بولغىنى بىلەن سالامەتلىككە پايدىلىق بولىدۇ.ئەگەردە قىممىتىنى ئالالمايمەن دېسىڭىز پىرسەن سانىنىڭ يۇقۇرراقىنى ئالغىنىڭىز ياخشى.بۇنداق قەغەزلەر ئۆلچەملەشكەن زاۋۇتلاردىن چىقىدۇ،بېرقەدەر پاكىز بولىدۇ.قەغەزنىڭ رەڭگىنىڭ ئاقلىقىغىلا قاراپ ئېلىش خاتا،چۈنكى بەزى كارخانىلار يىغىپ كەلگەن ئەسكى گېزىت، ئەسكى كىتاب،ئەسكى كاردۇن،قاتارلىق خام ماتىرياللارنى ئەكىلىدۇ،بۇلارنىڭ بەزىسى پاكىز، بەزىسى قانچىلىك مەينەت ئىكەنلىكىنى دېمىسەممۇ بىلىمىز،ئۇنداق نەرسىلەر ھەممە يەردە سۆرىلىپ يۈرىدۇ،شۇڭلاشقا مەينەتلىكىگە گەپ كەتمەيدۇ.كارخانىلار بۇلارنى قانداق بىر تەرەپ قىللىدۇ دېگەندە،ئاۋال ھەرخىل دېزىنفىسسىيە ماددىلارنى قوشىدۇ،ھەم ئاقارتقۇچىلارنى ئارلاشتۇرۇپ ئاقارتىدۇ.ئەڭ تۈپكى مىسالى تەنھەرقى ئەرزان، ئىشلىتىش قولايلىق بولغان، خلورگازىنى ئىشلىتىدۇ.ھەممىمىز بىلىمىز خىلۇر گازىنىڭ زەھەرلىكلىكىدىن بىۋاستە پۇراشقىمۇ بولمايدۇ،پۇراشقىمۇ بولمايدىغان ئۇ ماددىدا ئاقارتىلغان تازلىق قەغىزى قانداق بولماقچى؟بىز تازلىق قەغىزىدە ئاغزىمىزنى،قولىمىزنى،كۆزىمىزنى ،بۇرنىمىزنى ئېيتىدىغان تۇرساق،ئۇ ئەزالار قانداقمۇ بىر زەھەرلىق ماددىنىڭ زەھىرىگە بەرداشلىق بېرەلىسۇن.تەسىرى ئاستا-ئاستا بولىدىغان گەپ.سىز تەسىرىنى بايقىغاندا ئاللابۇرۇن كېچىككەن بولىسىز.
سىز ئىشلەتكەن ئاشۇ سۈپەتسىز تاشلىق قەغىزىدە سۈرتۈلگەن ھەرقانداق بىر يەرنى تىخنىكىلىق ئۇسكۈنىلەردا كۈزىتىدىغان بولساق ھەر خىل بۇلغۇغۇچى ماددىلار بىلەن قاپلانغانلىقىنى بايقايمىز.لىكىن سىز بۇنى ھەرگىز ھېس قىلمايسىز.
تازلىق قەغىزىنى ئەڭ ياخشىسى ماركىسىغا ھەم ماتىريالىغا قاراپ ئېلىش لازىم.
ھازىر ئاشخانىلاردا كۆپىنچە سۈپەتسىز تازلىق قەغەزلىرىنى ئىشلىتىدۇ.بەزى ئاشخانىلار تازلىق قەغىزىنى ساتىدىغان ئىشنى چىقاردى،بۇ ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ چۈپەيلىكى بولماستىن بەلكى بىرىنجىدىن مۇھىت ئاسراشنى تەشەببۇس قىلسا يەنە بىر تەرەپتىن سىزنى ئويلىغىنى. سىزنى سۈپەتسىز تازلىق قەغەزلىرىدە ئالدۇغۇسى كەلمىدى،
ئەڭ ياخشىسى.مۇشۇنۇ سېتىۋىلىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن.原生木浆100%
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا qidax تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-10-3 12:50 PM