گۈللىستاندا يىغلار شاماللار
گۈلىستاندا يىغلار شاماللار،
ئېزىپ قالدى بەلكىم يولىدىن.
قوش يۈرەكتە بر ئوت تەڭ كۆيەر،
ھىجران چۆلى ھوۋلايدۇ قىزغىن.
گۈل شاخلىرى ئىگىلەر پات-پات،
زەپ يېقىملىق تاتلىق پىچىرلاش.
تەمە بىلەن ئومۇنىش بىلەن،
كاككۇك، زەينەپ ھەمدە ئاي، قۇياش...!
ئالەم تاردۇر بۇلبۇل زارىغا،
گۈل شامالنى سۆيگەن دەقىقە.
پىراقىدىن غەۋغا كۆتۈرۈپ،
تەشنالىقتىن يۈرىكى دەرتتە.
گۈلگە قاراپ ، بۇلبۇلغا قاراپ،
يۈرەكلەرنى دەرتلەر قاماللار.
ئۈسىۋالدى بەلكىم خوخىغا،
گۈلىستاندا يىغلار شاماللار.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا شورلۇق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-10-3 10:58 AM