ئېلىمىزنىڭ ئۇزۇنلۇقى 300مېتىر،كەڭلىكى يەتمىش مېتىر كېلىدىغان تۇنجى ئاۋىياماتكىسى پىلان بويىچە ياساپ بولۇندى ۋە سىناق قىلىندى. 25-سېنتەبىر چۈشتىن بۇرۇن جۇڭگو كېمىسازلىق ئېغىر سانائەت گۇرۇھى داليەن پاراخوت ياساش زاۋۇتى تەرىپىدىن دېڭىز ئارمىيەسىگە رەسمىي ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش سېكرېتارى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى خۇ جىنتاۋ ئۆتكۈزۈپ بېرىش ۋە ئۆتكۈزۈۋېلىش، سەپكە كىرگۈزۈش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە ئاۋىياماتكىغا چىقىپ كۈزدىن كەچۈردى.
جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋمۇ بىللە قاتناشتى ھەمدە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ۋە مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىنى ئوقۇپ ئۆتتى.
جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى گو بوشيوڭ، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شۈ شەيخۇ، دۆلەت كومىسسارى، قوشۇمچە دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ باش كاتىپى ما كەي، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، باش قورال جابدۇق بۆلۈمىنىڭ باشلىقى چاڭ ۋەننيەن، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قوماندانى ۋۇ شېڭلى مۇراسىمغا قاتناشتى ھەمدە ھەمراھ بولۇپ كۆزدىن كەچۈردى.
سائەت ئونلاردا ئۆتكۈزۈپ بېرىش، ئۆتكۈزۈۋېلىش، سەپكە كىرگۈزۈش مۇراسىمى ھەيۋەتلىك دۆلەت شېئىرى ساداسى ئىچىدە باشلاندى، خۇ جىنتاۋ دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئاۋىياماتكىنى ئۆتكۈزۈۋالغۇچى قىسمىغا ئارمىيە بايرىقى ۋە نام بېرىش گۇۋاھنامىسى بەردى، ۋېن جياباۋ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىنى ئوقۇپ ئۆتتى، تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئېلىمىزنىڭ ئاۋىياماتكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە تەرەققىيات ئومۇملىقىنى نەزەردە تۇتۇپ چىقارغان زور ھەل قىلغۇچ ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرى، تۇنجى ئاۋىياماتكىنىڭ ئوڭۇشلۇق سەپكە كىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشى ئارمىيەمىزنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئاشۇرۇش، دۆلەت مۇداپىئە پەن تېخنىكا سانائەت تەرەققىياتى ۋە ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۆلەت مۇداپىئە ئەمەلىي كۈچىنى ۋە ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچىنى ئاشۇرۇش، مىللىي روھنى ئۇرغۇتۇش، ۋەتەنپەرۋەرلىك قىزغىنلىقنى قوزغاش، پۈتۈن پارتىيە،پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى جاسارەت بىلەن ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ يېڭى غەلبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا ئىلھاملاندۇرۇشتا زور، چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە.
مۇراسىم ئاخىرلاشقاندىن كېيىن خۇ جىنتاۋ مەزمۇت قەدەم بىلەن«لياۋنىڭ» ناملىق ئاۋىياماتكىغا چىقىپ، دېڭىز ئارمىيەسى پارات ئەترىتىنى كۆزدىن كەچۈردى، شۇنىڭدىن كېيىن خۇ جىنتاۋ، ۋېن جياباۋ قاتارلىق رەھبىرىي يولداشلار ئۇچۇش پالۇبىسى ۋە قىسىمەن بۆلمەلەرگە كىرىپ، ئۈسكۈنىلەرنى ئەستايىدىل كۆزدىن كەچۈردى، ئوفىتسېر ئەسكەرلەر بىلەن سەمىمىي پاراڭلىشىپ، خىزمەت، مەشىق ، تۇرمۇش ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈردى، ئېلىمىزدىكى تۇنجى ئاۋىياماتكىنى ياساشقا قاتناشقان پەن تېخنىكا خادىملىرى،كادىرلار ۋە ئىشچى خىزمەتچىلەر، قىسىمدىكى ئوفىتسېر ئەسكەرلەر ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى ھەمدە كۆپچىلىك بىلەن خاتىرە سۆرەتكە چۈشتى، خۇ جىنتاۋ ئاۋىياماتكا ياساشتا قولغا كەلگەن نەتىجىلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، قىسىمدىن ۋە ئاۋىياماتكا ياسىغۇچى ئورۇنلاردىن كېيىنكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ۋە ۋەزىپىلەرنى يۇقىرى سۈپەتتە ئورۇنلاشنى تەلەپ قىلدى.
مۇراسىمدا جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى گو بوشيوڭ تۇنجى ئاۋىياماتكىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش، ئۆتكۈزۈۋېلىش، سەپكە كىرگۈزۈشنىڭ باشلانغانلىقى ۋە ئاۋىياماتكا نامىنى جاكارلىدى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، باش قورال جابدۇق بۆلۈمىنىڭ باشلىقى چاڭ ۋەننيەن مۇراسىمغا رىياسەتچىلىك قىلدى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قوماندانى ۋۇ شېڭلى، جۇڭگو كېمىسازلىق ئېغىر سانائەت گۇرۇھى شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى لى چاڭنىن سۆز قىلدى.
مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ تەستىقى بىلەن ئېلىمىزدىكى تۇنجى ئاۋىياماتكىغا جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ «لياۋنىڭ» ئاۋىياماتكىسى دەپ نام بېرىلدى، ئاۋىياماتكىنىڭ يان نومۇرى 16 قىلىپ بېكىتىلدى، لياۋنىڭ ناملىق ئاۋىياماتكا سەپكە كىرگۈزۈشكە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەندىن كېيىن ئالاقىدار پەن تەتقىقات سىنىقى ۋە ھەربىي مەشىق قاتارلىق خىزمەتلەر داۋاملىق ئېلىپ بېرىلىدۇ.
خەۋەر مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
تۆۋەندە بۇ ئاۋىياماتكىغا دائىر بىر قىسىم سۈرەتلەر قوشۇپ يوللاندى.