|
|
|
|
يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزىلىدىغان شىئەن 2012 - يىللىق تەڭرىتاغ لوڭقىسى پۇتبۇل مۇسابىقىسى 10 - ئاينىڭ 1- كۈنى شىئەن پوچتا - تېلېگراف ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جەنۇبىي مەكتەپ رايونىدا باشلاندى. بۇ مۇسابىقە شىئەندىكى مىللىي ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىدىغان مۇھىم پائالىيەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئون نەچچە يىلدىن بۇيان ئۈزۈلمەي ئۆتكۈزىلىۋاتىدۇ. بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە 9 ئالىي مەكتەپ كوماندا تەشكىللەپ قاتناشقان بولۇپ، جەمئى 5 كۈن ئۆتكۈزىلىدۇ. تۇنجى مەيدان مۇسابىقىگە ئالدىنىقى قېتىملىق چىمپيۇن شىئەن قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتى كوماندىسى بىلەن ساھىبخان كوماندا شىئەن پۇچتا - تېلېگراف ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن شىئەن چەتئەل تىللىرى ئۇنىۋېرسىتىتى بىرلەشمە كوماندىسى مۇسابىقىلەشتى.
شىئەننىڭ ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلىرىدىكى 500 گە يېقىن مىللىي ئوقۇغۇچىلار مۇسابىقە كۆرگىلى كەلگەن بولۇپ، مۇسابىقە باشتىن - ئاخىر دوستانە، قىزغىن كەيپىياتتا ئۆتكۈزۈلدى. مۇسابىقىنىڭ كېيىنكى كۈنلىرىدە تىخىمۇ كۆپ تاماشىبىنلارنىڭ ئىشتىراك قىلىپ، ئىناقلىق، ئۆملۈك مارشىنى بىرلىكتە ياڭرىتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا boztag تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-10-2 08:28 PM
|
|
|
|
|
|