مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1322|ئىنكاس: 10

مەدەنىيەت ۋە ئىنقىلاب [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74767
يازما سانى: 296
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5092
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 346 سائەت
تىزىم: 2012-2-4
ئاخىرقى: 2013-8-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-2 04:06:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

مەدەنىيەت ۋە ئىنقىلاب

(ئېدۋارد.ۋ.سەئىد)

  ئەنگلىيەدىكى ئاشۇ بىر يىلدا مومكىنقەدەر كۆپ كۈزىتىشكە ،كۆپ ئويلاشقا ،كۆپ ئوقۇشقا تىرىشتىم.بىر تۈركۈم تەتقىقات ئەسىرىنى ئوقۇغاندىن سىرت،تەنەپپۈس قىلىش يۈزىسىدىن يەنە بەزى كىتابلارنى ئىختىيارى رەۋىشتە ئوقۇپ چىقتىم.بۇ كىتابلار مېنى جەمئىيەت ۋە مەدەنىيەت مەسىلىلىرى ئۈستىدە ئويلىنىپ بېقىشقا ئۈندىدى.مەن بۇ كىتابىمدا ئاشۇ كىتابلارنىڭ بىر قانچىسىنى تەپەككۇر قېلىشقا ئامراق ئوقۇرمەنلىرىمگە قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ قويۇشنى ئەھمىيەتلىك دەپ قارىدىم.بۇ كىتابلارنىڭ كۆپ قىسمى خەنزۇ تىللىق ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئاللىبۇرۇن يۈز كۆرۈشكەن بولسىمۇ،ئۇيغۇر تىلىدا ھەرخىل سەۋەب تۈپەيلى نەشىر قىلىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەن.مېنىڭ بۇ تونۇشتۇرۇشۇم ئالدى بىلەن مۇلاھىزىلىك قېرىنداشلارغا بولغان بىر تەۋسىيە بولۇپ،كىتابلارنى ئۆزلىرى ئۈگىنىپ لاياقەت ھازىرلىغان باشقا تىل-يېزىقلاردا كۆرۈشكە بولىدۇ.ئىمكانىيەت يار بەرسە ئانا تىلىمىزغا تەرجىمە قىلساقمۇ بولىدۇ.ھېچبولمىغاندا،ئۇلاردىكى پىكرىي يورۇتمىلار ئارقىلىق مەنىۋىيىتىمىزنى يورۇتساقمۇ بولىدۇ.‹‹سازلار تۈزەلدى،ئاڭلىغۇچى،سەنمۇ تۈزەل››.(مۇختەر ئەۋېزوف)

ئېدۋارد.ۋ.سەئىد دېگەن بۇ ئىسىمنى غەرىبنىڭ مەدەنىيەت تەنقىتچىلىكى ۋە ئەدەبى تەنقىتچىلىككە ئائىت ماقالىلەردىن كۆپ ئۇچرىتاتتىم.ئۇنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن نەقىللەنگەن سۆزلىرى مەندە يېڭى ئوي پىكىرلەرنى پەيدا قىلىپ، ئۇنىڭ ئەسلى ئەسەرلىرىنى كۆرۈپ بېقىش ئىستىكىنى ئويغىتاتتى.ئۇ ئىسىم بىلەن تونۇشۇم ئون يىللار ئىلگىرى باشلانغان بولسا كېرەك.شۇنىڭدىن بېرى ئۇنىڭ خەنزۇ تىلىدا نەشىر قىلىنغان ئەسەرلىرىنىڭ ھەممىسىنى توپلىدۇم ۋە ۋاقتىم يەتكەندە كۆز يۈگۈرتۈپ تۇردۇم.ئالى مەكتەپلەر گەرچە ئالىي بىلىم يۇرتلىرى سانالسىمۇ، ئۇنىڭدىن بىيۇروكرات سىستېمىلار ئادەمنى بىلىمنىڭ ھەقىقى ماھىيىتىدىن چەتلەشتۈرۈپ، شەكلەن ۋەزىپە ئۆتەيدىغان بىلىم مەدىكارلىرىغا ئايلاندۇرۇپ قويۇۋاتىدۇ.مەن ئېدۋارد سەئىدنىڭ ئەسەرلىرىگە مەخسۇس چۆكۈپ، تەتقىق قىلىشنى ئارزۇ قېلساممۇ، ئۇ پەقەت شەخسى قارىشىم سۈپىتىدە تۇرۇپ قىلىپ، خىزمەت كۈنتەرتىپىدىن ئورۇن ئالالمىدى.ئۇيغۇر مەدەنىيەت ساھاسىنى ئۇنىڭ تەنقىدى روھى بىلەن ئۇچراشنى ھازىرمۇ ئارزۇ قىلىمەن ۋە بۇ ئارزۇيۇمنىڭ قېرىنداش بىر قەلەم ساھىبىنىڭ ئىجتىھاتى بىلەن ئەمەلگە ئېشىشىغا سۈرۈكداشمەن.

ئېدۋارد ۋادى سەئىد (1935-2003)دۇنياۋى تەسىرگە ئىگە ئەدەبىيات ۋە كۈلتۈر تەنقىدچىسى بولۇپ ،يېرۇسالىم (قۇددۇس شەرىف) شەھىرىدىكى بىر ئەرەب ئائىلىسىدە تۇغۇلغانىكەن.ئۇ تۇغۇلغان شۇ مەزگىلدە ‹‹ئىسرائىلىيە››دېگەن دۆلەت مەۋجۈت ئەمەس ئىدى ۋە يېرۇسالىم ئەنگىلىيە كونتۇرۇللۇقىدىكى پەلەستىنگە تەۋە قەدىمىي شەھەر ئىدى.ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى پىروتېستانت دىنى ئارقا كۆرۈنۈشتىكى كىشىلەر بولۇپ ، بۇ مۇقەرەر ھالدا ئېدۋارد سەئىدنىڭ پىروتېستانت مۇخلىسى سۈپىتىدە يېتىلىشنى بەلگىلىگەن. ئۇنىڭ دادىسى يېرۇسالېم ۋە مىسىر ئارىلىقىدا يۈرىدىغان سودىگەر ئىدى.سەئىد ئون ئىككى يېشىغىچە قاھىرە ۋە يىرۇسالىم ئارىلىقىدا چوڭ بولغان. ئۇ ئەنگىلىيە ئىشغالىيىتىدىكى مىسىرنىڭ قاھىرە شەھىرىدىكى غەربچە مەكتەپلەردە ئوقۇغان.كېيىن ۋىكتورىيە ئالىي ئوقولى دا ئىئوردانىيەنىڭ سابىق پادىشاھى ھۈسەيىن بىلەن ساۋاقداش بولۇپ ئوقۇغان.1950-يىلى ئۇنىڭ ئائىلىسى ئامىركىغا كۆچۈپ بارغان.ئۇ ئامىركىنىڭ پىرىنسېتون ئۇنۋىرسىتېتى دا سەنئەت ماگىستىرلىقىنى ھەمدە ئىنگىلىز ئەدەبىياتى بويىچە دوكتۇرلۇقنى ئالغان.ئىنگىلىز،فىرانسۇز،ئەرەب تىللىرىغا پىششىق ئىدۋارد سەئىد 1963-يىلىدىن باشلاپ، ئىنگىلىز تىلى ئەدەبىياتى ۋە سېلىشتۇرما ئەدەبىيات پىروفىسسورى بولغان.

  ئېدۋارد سەئىدىنىڭ كىشىلىك سالاھىيىتى ھەقىقەتەن ئۆزگىچە بولۇپ،بۇ ھەقتە ئۇنىڭ ئۆزى مۇنداق يازغان:‹‹سەئىد دېگەن بۇ ئەرەبچە فامىلىنىڭ زۆرۈرىيىتى بولمىغان ئىنگىلىزچە ئىسىم قوشۇلۇپ قالغان (مەن تۇغۇلغان يىللاردا ئانام ۋېلش شاھزادىسى ئېدۋارد قا ئىخلاس قىلار ئىكەن).مەن كىچىكىمدە ئۇققىلى بولمايدىغان بىر ئوقۇغۇچى ئىكەنمەن ،ئۆزۈم پەلەستىنلىك ،مىسىردا ئوقۇپتىمەن.ئەرەبچە ئىسىمغا ئىنگىلىزچە ئىسىم قوشۇلۇپتۇ.پاسپۇرتۇم ئامېرىكا پاسپورتى،سالاھىيىتىم مۈجمەل،ئانا تىلىم ئەرەبچە،مەكتەپ تىلىم ئىنگىلىزچە.››

غەرىبنىڭ ئەرەبلەرگە بولغان كۈلتۈرەل جاھانگىرلىكى ئۈستىدىن بىر ئۆمۈر شىكايەت قىلغان بۇ ئالىمنىڭ روھىدا ئەنە شۇ جاھانگىرلىكنىڭ ئىزناسى ۋە ئۇنىڭغا بولغان نەپرەت گىرەلىشىپ كەتكەنىدى.ئۇ،تارىخنىڭ زىدىيەتلىك كىملىك توغرۇسىدىكى تىپىك بىر يالدامىسىنى ئۆزىدە نامايەن قىلغان .ئۇ ئامېرىكا پۇقراسى بولسىمۇ،پەلەستىننىڭ ھوقۇقى ئۈچۈن سۆزلىدى،پىروتېستانت مۇخلىسى بولسىمۇ مۇسۇلمانلارنىڭ جاراھىتىگە دىياگنۇز قويدى.غەربتە ياشاپ،شەرىققە ھىسداشلىق قىلدى، ئامېرىكىدا ئولتۇراقلاشقان بولسىمۇ، ئۆزىنى كۈلتۈرەل سەرگەردان ھېس قىلدى.ئۇ ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن ‹‹رادىكال››ئاتالدى. ياش ئەرافاتنى ئىسرائىلىيەنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئىتىراپ قىلىپ،ئوتتۇرا شەرىقنىڭ قاتمال ۋەزىيىتىنى ئوڭشاشقا ئۈندىگەنلىكى ئۈچۈن پەلەستىنلىكلەر ئۇنى‹‹ئىلمان››دېدى.ئۇ پەلەستىنلىكلەرنىڭ پارتلىتىشلىرى ئۈستىدە سۆزلىگەندە ‹‹مەن ھەرقانداق شەكىلدىكى تېرورلۇقنى ئەيىبلەيمەن،شۇنداقلا ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىن مۇساپىرلىرىنى بومباردىمان قىلىشىنىمۇ تىرورلۇق دەپ قارايمەن››دەيدۇ ۋە يەھۇدىي تەشكىلاتلىرىنىڭ قەستلەش ئوبىكتىغا ئايلىنىدۇ.

ئېدۋارد سەئىد 11-سىنتەبىر ۋەقەسىدىن كىيىن،ئامېركىنىڭ مۇسۇلمانلارغا قاراتقان بىر تەرەپلىمە سىياسىتىنى،جۈملىدىن ئەينى چاغدىكى كىچىك بۇش ھۆكۈمىتىنى قورقماي تەنقىتلىدى ۋە ‹‹تېرورىزم ھوقۇقى ئاياغ ئاستى قىلىنىپ،ھېچقانداق تاللاش يولى قالمىغان نامراتلارنىڭ قورالى››دېدى.

ئېدۋارد سەئىد ئىشخانىسىدىن چىقماي پىكىر قىلىدىغان زىيالىلاردىن ئەمەس ئىدى.بەلكى ئۇ بىر ئۆمۈر ئاجىزلار ئۈچۈن سۆزلىدى ۋە ئۆز پىكرىگە پەلەستىننىڭ ئىس-تۈتەكلىك زېمىنىدىن خۇرۇچ ئىزدىدى.ئۇ ‹‹ئوربىتالىزىم›› (شەرقچىلىق) ‹‹پەلەستىن مەسىلىسى››،‹‹كۈلتۈر ۋە جاھانگىرلىق››،‹‹يېپىقلانغان ئىسلام››،‹‹لاماكان››قاتارلىق كۆپلىگەن ئىلمى،سىياسى ئەسەر يېزىپ،زور تەسىر قوزغىدى ۋە كۈلتۈر تەنقىدچىلىكى ساھاسىدىكى كېيىنكى مۇستەملىكىچىلىك ئېقىمىنىڭ يىرىك چەكىلىگە ئايلاندى. ئېدۋارد سەئىد تەتقىق قىلغان ئەدەبىيات،سىياسىي،كۈلتۈرلەر ئولتۇرۇسىدىكى مۇناسىۋەتلىك تەھلىلىنى مۇنداق ئۈچ شەكىلگە يىغىنچاقلايدۇ:

1.  غەرب-شەرق مۇناسىۋەتلىرىنى مۇستەملىكە ۋە كىيىنكى مۇستەملىكە ئۇرانى (كونتىكىسىتى) بويىچە تەھلىل قىلىش.(مىسالەن،‹‹ئورىنىتالىزىم››،‹‹كۈلتۈر ۋە جاھانگىرلىك›› ).2.دېققىتىنى پەلەستىن مەسىلىسىگە ،ئەرەب ئىسلام مەدەنىيىتىگە ۋە بۇلارنىڭ غەرب بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە قارىتىش.3.زىيالىلار ۋە ئۇلارنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىپىسىنى شەرھلەش.

ئېيتىلىشىچە،ئېدۋارد سەئىد ھۆكۈمەت ئورگىنىنىڭ ئاقىللار ئۆمىكىدە خىزمەت قىلمىغانىكەن.ئۇنىڭچە بۇ بىلىمنى ھوقۇق-مەنپەئەتكە بوي سۇندۇرۇش بولۇپ،ئۇنداق بولغاندا،بىلىمنىڭ غۇرۇرى ۋە مۇستەقىللىقى دەپسەندە بولاتتى .ئۇ ئامېرىكىدا ياشاپ تۇرۇپ،ئامىركىنىڭ تاشقى ئىشلار سىياسىتىنى قاتتىق سۆكۈپ كەلگەنىدى.

ئەنگىلىيەگە ماڭغاندا ،سەئىدنىڭ‹‹كۈلتۈر ۋە جاھانگىرلىك››دېگەن ئەسىرىنىڭ خەنزۇچە نەشرىنى ئېلىۋالغانىدىم.چۈنكى،مەن ئەنگىلىيەدىمۇ خەنزۇچە كىتابلارنىمۇ كۆرۈپ تۇرۇشۇم كېرەك ئىدى.ئۇنداق قىلمىسام،خەنزۇچە كىتابلارنى كۆرۈشتىن چىقىپ قالاتتىم ياكى بەزىبىر خەتلەرنى ئۇنتۇپ قىلىشىم مۇمكىن ئىدى.كېيىن ئۆگەنگەن تىلنى ئىزچىل پەپىلەپ تۇرمىسا ،ئارلىقىمىز يېراقلاپ كېتىشى مۇمكىن ئىدى.

  بىر قانچە كىتابنى ئوخشاش كۈنلەردە ماس قەدەمدە ئوقۇيدىغان ئادىتىم بار .بىر تىلدىكى كىتابنى ئوقۇپ زېرىكسەم يەنە بىر تىلدىكى كىتابنى ئوقۇپ زېرىكسەم يەنە بىر تىلدىكى كىتابنى ئوقۇيمەن.بۇنداق بولغاندا ،كەيپىيات ئالمىشىپ،كىتاب ئوقۇشنى ئۈنۈملۈك ھالدا ئۇرۇن داۋاملاشتۇرغىلى بولاتتى.ئەنگىلىيەدىمۇ شۇنداق قىلدىم.ئىنگىلىزچە كىتابلارنى قىينىلىپ ئوقۇپ يۈرۈپ چارچىغان ۋاقىتلىرىمدا ،‹‹كۈلتۈر ۋە جاھانگىرلىك››دېگەن ئەسەرنى ئۇلاپ ئوقۇدۇم.خەنزۇچە كىتاب ماڭا ئاسان ھەم چۈشۈنىشلىك تۇيۇلۇپ كېتەتتى.

1993-يىلى ئېلان قىلىنغان ‹‹كۈلتۈر ۋە جاھانگىرلىك››نى 1978-يىلى ئېلان قىلىنغان ‹‹ئورېنالىزىم››(‹‹شەرقچىلىك››)نىڭ داۋامى دېيېشكە بولاتتى.لېكىن،‹‹ئوربىتالىزىم››نەزەررىۋىيلىكى ناھايىتى كۈچلۈك،چۈشىنىش قىيىن بىر ئەسەر بولغان بولسا ،‹‹كۈلتۈر ۋە جاھانگىرلىك››غەرب ئەدەبىياتى تارىخىدىكى ئەسەرلەر ئۈستىدە كۈلتۈرەل مۇستەملىكىنىڭ ئەرزىيەتلىتىگە يولۇققۇچى بىر مۇتەخەسىسنىڭ نەزىرى بىلەن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان،نىسبەتەن ئاممىباب ئەسەر ئىدى. ئېدۋارد كۈلتۈر نى جەمىئىيەت ،سىياسىي،تارىخ ۋە ئەدەبىيات بىلەن بىرىكىپ كەتكەن ئۇقۇم دەپ قارايتتى. شۇڭلاشقا ئۇ غەرب ئەدەبىياتى تارىخىدىكى بىر قىسىم كىلاسسىك ئەسەرنى نوقۇل ئەدەبىيات نوقتىسىدىن كۈزەتمەستىن ،ئۇلارنى سىياسى ۋە ئىقتىسادى مەنپەئەت تەقەززاسى بىلەن بولغان ۋاستىلىك ياكى بىۋاستە شېرىكچىلىكىنى ئېچىپ كۆرسەتكەن .ئۇ ۋىلليام بلاك نىڭ ‹‹جاھانگىرلىكنىڭ ئاساسى سەنئەت بىلەن پەن،جاھانگىرلىك سەنئەت بىلەن پەنگە سەل قارىسا مەۋجۈت بولالمايدۇ››دېگەن سۆزىنى نەقىل ئېلىپ،كۈلتۈرنىڭ جاھانگىرلىكنىڭ ھامىيسىغا ئايلاندۇرۇلىشىدەك تارىخي رىئاللىقنى ئىشارە قىلىدۇ.كۈلتۈر جاھانگىرلىك مەقسىتىگە يەتمەكچى بولغان ھاكىمىيەتلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ مەقسىتى،ئارزۇسى،ئەخلاق ئۆلچىمى ۋە ئىستىتىك ئىنتىلىشىنى ئۇستىلىق بىلەن سىڭدۇرۈپ ئۆزىگە قارشى كۈچلۈكلەر بىلەن كۈچ سىنىشىدىغان ۋە ئۆزىنىڭ تەسىر كۈچىنى ئۆتكۈزىدىغان بىر ساھە دېگەن نۇقتىنەزەر كىتابقا باشتىن-ئاخىر سىڭگەنىدى.غەرب ئەدەبىياتىدىكى رومان ژانىرىمۇ يىراق ئەللەرگە ئىنتىلىش ۋە كېڭىيش خائىشلىرى بىلەن زىچ باغلىنىپ كەتكەن سىياسىي تىندىنسىيەسى كۈچلۈك بىر فورما بولۇپ،ئۇنىڭدىكى باياننىڭ تەرتىپى ۋە قۇرۇلمىسى بىر ھاكىمىيەتنىڭ غەرىزىدىن دېرەك بېرىدۇ.بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا ،قانداق بايان قىلىش ھاكىمىيەتتۇر. ئېدۋارد سەئىد‹‹دېڭىز سەرگەردانى روبىنزون كىروزون››دىكى بىر ياۋرۇپالىقنىڭ ياۋرۇپاغا تەۋە بولمىغان يىراق بىر ئارالدىكى تەنھا ئېچىش خارەكتىرلىك پائالىيەتلىرىنىڭ تەسۋىرى تاساددىپىي بولماسلىقتىن،بەلكى كېڭەيمىچىلىك ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ سەنئەتلىك نامايەندىسى،دەپ قارايدۇ.ئۇ دانېل دېفۇ،چارلز دېككېنس،يوسېف كونراد،لۇديارد كىپلىڭ قاتارلىق ئەنگىلىيە يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرىدە غەربنىڭ ‹‹بىز چوڭ،بىز كۈچلۈك،بىز باشقىلارنى يېتەكلەشكە ھەقلىق،بىز ئەركىنلىك ۋە تەرتىپكە ۋەكىللىك قىلىمىز››دەيدىغان غوجا بولۇش ئېدىيەسى ئەكىس ئېتىدۇ،دەيدۇ ۋە ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئىنچىكە تەھلىل قىلىدۇ.بىز ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق ئازابى ۋە بىمەنە تەغدىرى ئۈستىدە قەلەم تەۋرەتكەن مەۋجۇدىيەتچى،دەپ قارايدىغان ئالبېرت كامىيۇ ئېدۋارد سەئىدنىڭ نەزىرىدە فىرانسىيە جاھانگىرلىكىنىڭ ئالجىرىلىيەگە مۇستەملىكە سىياسىتىنىڭ سەنئەت ئابىدىسىنى تىكلىگەن يازغۇچى.كامىيۇنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرىگە تونۇش بولغان ‹‹يىگانە ئادەم››ناملىق پوۋىسىتىدىكى مېرسول ئاپتۇرنىڭ ئەرەبلەرگە بولغان كەمسىتىشىنى نامايەن قىلىپ بىرىدۇ.مېرسول بىر ئەرەبنى ئويۇننىڭ ئورنىدا ئۆلتۈرۋىتىپ،ھودوقۇش ۋە ئازاپلىنىش تۇيغۇسىدا بولمايدۇ.بەلكى ئەسەردە ئۆلگەن ئەرەبنىڭ ئىسمىنىمۇ ئېيتىپ بىرەلمەيدۇ.ئۇنىڭ تەغدىرى بەئەينى جانسىز بىر نەرسىنىڭ تەقدىرىدەك ئېرەنسىز بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.ئەسەردە‹‹ئەرەب››دېگەن ناممۇ نەرسىنىڭ نامىدەك تەسىرات بېرىدۇ.سەئىد كامىيۇنىڭ پىروزا ئەسەرلىرىنى نەچچە ئەۋلاد فىراسىيەلىكلەرنىڭ ئىنچىكىلىك بىلەن قۇرۇپ چىققان ئالجىرىيەنىڭ

سىياسىي جۇغراپىيەسىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ،فىرانسىيە مۇستەملىكىسىنىڭ ماھىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرگەن ،دەپ باھالايدۇ.

سەئىد كىتابنىڭ ‹‹قاتمۇقات زېمىن،چىرماش تارىخ››دېگەن بابىدا،جاھانگىرلىك توغرىسىدا مايكۇل دويل دېگەن بىر ئاپتۇرنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرىدۇ:‹‹جاھانگىرلىك بىر تۈرلۈك رەسمىي ۋە غەيرى رەسمىي مۇناسىۋەت بولۇپ،بۇ مۇناسىۋەتتە بىر دۆلەتنىڭ باشقا سىياسىي جەمىيەتنى كونترول قىلىشتا ئۈنۈملۈك ئېگېلىك ھوقۇقى بولىدۇ.بۇنداق كونترول قىلىش زورلۇق  كۈچ ياكى سىياسىي ھەمكارلىق ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ ۋە ياكى ئىقتىساد،جەمئىيەت ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى تايىنىش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ...دەۋرىمىزدە بىۋاستە كونترول قىلىش ئاساسەن ئاخىرلاشتى.نۆۋەتتە كۆرىمىزكى ،جاھانگىرلىك بۇرۇنقىدەكلا كونكرېت سىياسىي ،ئىدىيولىگىيە،ئىقتىساد ۋە ئىجدىمائىي پائالىيەتلەردە،ئادەتتىكى مەدەنىيەت ساھالىرىدە داۋاملىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ››.روشەنكى،قورال كۈچى بىلەن باشقىلارنىڭ زىمىنىنى ،بايلىقىنى ئېگىلىۋىلىش ۋە مۇئەييەن ئىدېئولوگىيە تەشۋىقاتلىرى ئارقىلىق بۇ قىلمىشنى ھەقلىق قىلىپ كۆرسىتىش جاھانگىرلىكنىڭ ئەنئەنىۋى فورمسى سۈپىتىدە داۋاملىق ساقلىنىدۇ.شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا باشقىلارنىڭ ئېتىقادى،تەپەككۇر قىلىش شەكلى،ۋاقىت باشقۇرۇش ئۇسۇلى،ساياھەتچىلىكى،مۇزېي ۋە چۈشلىرىنى ئىنتىزام قېلىپىغا چۈشۈرۈشنى خارەكتىر قىلغان كۈلتۈرەل جاھانگىرلىك(مەدەنىيەت جاھانگىرلىكى)بىر پۈتكۈل جاھانگىرلىك سىستىمىسىنى ئۇسۇل جەھەتتىن يەنىمۇ بېيىتتى.جاھانگىرلىك ۋە جاھانگىرلىككە قارشى مىللەتچىلىك بۈگۈنكى دۇنيانىڭ سىياسىي خەرىتىسىگە ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇردى،شۇنداقلا ئەينى ۋاقىتتىكى كەمسىتىلىش تۇپرىقىدىن ئۈنگەن مىللەتچىلىك كۈچىيىش باسقۇچىنى تاماملاپ،يېڭى بىر جاھانگىرلىك تاماسىدا ئۆزىنى نامايىش قىلىدى.

  جاھانگىرلىكنىڭ كۈلتۈر (مەدەنىيەت) ساھەسىدىكى تەسىرىنى شۇنىڭدىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇكى،جاھانگىرلىكنىڭ ھەربى،سىياسىي،ئىقدىسادىي شەكلىدىن ساقىت بولغان خەلقلەر ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئەينى ۋاقىتتىكى غوجايىنىنى سىغىنىشقا باشلايدۇ.چۈنكى،مۇستەملىكىدىن قۇتۇلۇپ،بەرپا بولغان يېڭى دۆلەتنىڭ بۇرژۇئا قاتلىمىنىڭ رەھىمسىزلىكى ۋە مۇستەبىتلىكى كىشىلەرگە كېتىپ قالغان يات،كونا غوجايىننى ئەسلىتىپ قويىدۇ.1990-يىلىدىن ئېتىبارەن پەيدا بولغان ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى بىر قىسىم ئاۋامنىڭ ئىستالىن دەۋرىنى سېغىنىشى بۇنىڭغا ئوبدان مىسال بولىدۇ.مانا بۇ ئالامەتلەر مەدەنىيەت جاھانگىرلىكىنىڭ زامانىۋى تەرزدىكى پىسخولوگىيەلىك جاھانگىرلىكتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

  جاھانگىرلىك ياكى مەدەنىيەت مۇستەملىكىچىلىكى يەر شارىدىن قاچان يوقايدۇ؟ئېدۋاد سەئىد بىر جاۋابنى ئوتتۇرىغا قويمايدۇ.بۇ سوئال نېمىشقىدۇر‹‹قەيسەر يۈرەك››فىلىمىدە باش رول ئالغان مېل جىبسون نىڭ رېژىسسۇرلۇقىدا ئىشلەنگەن ‹‹بېشارەت››دېگەن فىلىمىدىكى بىر قەبىلە باشلىقىنىڭ چۆچىكىنى ئېسىمگە سالدى: بىر ئادەم دۇنياغا ئىگە بولماقچى ئىكەن ،بىراق كۈچى ئاجىز كېلىپ قاپتۇ.ھايۋانلار ئۇنىڭغا ياردەم قىلىپ ،يىلان ئۆتكۈر پۇراش سېزىمىنى ،قاپلان كۈچلۈكلۈكى ۋە چەبدەسلىكىنى ،بۈركۈت ئۆتكۈر كۆزىنى ئۇ ئادەمگە بېرىپتۇ.ئۇ ئادەم ھايۋانلار ئاتا قىلغان تۈرلۈك قابىلىيەتنى ئۆزىگە جەملەپ،مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن ئاتلىنىپتۇ.شۇ ۋاقىتتا بىر جەرەن ‹‹ئۇ ئادەم مەقسىتىگە يېتىپ بەختلىك بولىدىغان بولدى ››دېگەنىكەن،بۇنى ئاڭلىغان مۈشۈكياپىلاق تەمكىنلىك بىلەن:‹‹ئۇ ئادەم سىلەر تەقدىم قىلغان كۈچ-قۇدرەتكە ئىگە بولدى،بىراق مەن ئۇنىڭ روھىدىن مەڭگۈ تولدۇرۇپ بولغىلى بولمايدىغان بىر ھاڭنى كۆرگەندەك بولدۇم.ئىنسانلار ئەنە شۇ ھاڭنى تولدۇرۇپ بولالماي بەختنى قولدىن بېرىپ قويىدۇ››دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ.فىلىمدە قەبىلىلەر بىر-بىرىنى قىرىدۇ،ئادەملەر ئۆلتۈرۈلۈپ،قانلىق نەزىر ئۆتكۈزىلىدۇ.باش قەھرىمان قەتل سۇپىسىدىن،مىڭبىر خەتەردىن ھالقىپ،ئانا ماكانى بولغان ئورمانلىققا قايتىپ ،مۆكتۈرۈپ قويغان ئايالى ۋە ئوغلىنى تېپىپ جەم بولغاندا ،ئۇلار قىرغاققا يېقىنلاپ كەلگەن ياۋرۇپا مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ كېمىسىنى كۆرىدۇ.بۇنىڭدىن بىز مۇنداق بىر يەكۈنگە ئېرىشىمىز :ھەرقانداق بىر مەدەنىيەت ئۆزىنىڭ چىرىش باسقۇچىنى زوراۋانلىق ۋە قانىخۇرلۇق ئارقىلىق نامايەن قىلىدۇ ۋە ئاستا-ئاستا بەربات بولۇش ھارپىسىغا كىرىدۇ.ئىچىدىن چىرىۋاتقان مەدەنىيەت يات بىر ھۆكۈمراننى ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالدا ئۆز ئورنىغا چىللاۋاتقان بولىدۇ.

  بىر ھەدىستە:‹‹شۇنداق بىر زامان كېلىدۇكى،كىشىلەر تاپقان پۇلىنىڭ ھالال(قانۇنلۇق)ياكى ھارام(قانۇنسىز)بولۇشى بىلەن ھېسابلىشىپ ئولتۇرمايدۇ››دېيىلگەنىكەن.جاھانگىرلىكنىڭ بۆشۈكى ئادەملەرنىڭ تىزگىنسىز نەپسىدۇركى،ياخشى-ياماننى ئايرىمايدىغان ھەربىر يەككە شەخىس ھاكىمىيەتلەشكەن ئالدامچىلىق ۋە بۇلاڭچىلىقنىڭ ئاساسىغا ئايلىنىدۇ.ئۇلار تۈزگەن قانۇن ئاشۇ ناھەقچىلىقنىڭ نىقابى بولۇپ قالىدۇ.

   

     ئۇستاز ئابدۇقادىر جالالىددىننىڭ ‹‹مەۋجۇتلۇق تەشنالىقى››ناملىق ئەسىرىدىن ئۈزۈندە...

            



ئادەمنىڭ ئالىسى ئىچىدە~

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1249
يازما سانى: 476
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 51680
تۆھپە نۇمۇرى: 594
توردا: 1956 سائەت
تىزىم: 2010-5-28
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-2 06:50:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياشلىقتا  سىياسىغا قىزىقمىغان ياخشىكەن، مەن بىر نەرسىگە قىزىقسام سۈيىنى چىقىرىۋەتمىگۈچە بولدى قىلمايدىغان مىجەزىم بار، لېكىن سىياسىيونلۇق ئوخشىمايدىكەن،  قانداق دېسەڭلار مەن  تولۇق ئوتتۇردىن باشلاپ سىياسىغا قىزىقىشقا باشلىغان، ئاساسلىقى شىنخۇا كىتابخانىسىدا سېتىلدىغان سىياسىي-ھەربىي كىتابلارنى ئوقۇش ۋە ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىنى چالا قويماي ئوقۇش بىلەن ئىپادىلىنەتتى،  كېيىنچە توردىن خەنزۇچە تېمىلارنى كۆردىغان بولدۇم، لېكىن ئاشۇنداق نەرسىلەرنى كۆرگەنچە بۇرۇنقى سەزگۈرلۈكۈم يوقاپ خىيالى بوپ كەتتىم، بۇ يىل ئالىي مەكتەپكىمۇ بېرىۋالدىم ، ھازىر مۇشۇ توغرىسىدا پاراڭ بولسىلا قاچىمەن، چىقىپ توپ تېپىمەن ياكى باشقا ئىشلارنى قىلىپ دىققىتىمنى بۇرايمەن.  چوڭاملارغا دەپ بەرسەم ھىجىيىپ، بۇ سېنىڭ ئوينايدىغان ۋاقىتلىرىڭ، ئارتۇق ئىشلارنى ئويلاپ غېمىڭنى جىق قىلما، بىزدەك بولغاندا غەم قىلساڭمۇ ئۈلگۈرسەن دېدى.  چوڭامنىڭ گېپىنىڭمۇ ئاساسىي بار ئىدى، شۇنىڭ بىلەن ئارتۇق ئىشلارغا ئارلاشماي ئۈزۈمنىڭ ‹مېخانىكا› كەسپىمنى تىرىشىپ ئۆگىنىۋاتىمەن.   

تەۋسىيەم،ئوقۇغۇچىلار سىياسىغا قىزىقماڭلار، قىزىقساڭلارمۇ پايدسى يوق، نېمىلا ئويلايلى سىياسەتچىلەر يەنىلا ئۆزى بىلگەننى قىلىدۇ. شۇڭا خوتۇن ئېلىۋېلىپ خاتىرجەم بولغاندا قىزىقىڭلار، ئۇتۇق قازىنالمىساڭلارمۇ سىياسەتۋازلىقنى(رەڭۋازلىق)  خوتۇنۇڭلارغا ئىشلىتەلەيسىلەر... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Davan_Axkuqi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-10-2 06:55 PM  


بىرگە بىر دېمە، بىرگە بىر ئەمەس، مىڭغا بىرمەن~      http://www.azizim.net

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45909
يازما سانى: 163
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3205
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 112 سائەت
تىزىم: 2011-6-28
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-2 07:42:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توۋا  ،  ئوقۇغۇچىلار سىياسىيغا قىزىقسا ئۆزىنى قوغدىيالايدۇ ئەمەسمۇ . ئوقۇغۇچىلار سىياسىيدا ئىشلىمەي ئۆگىنىپ قويسا ياخشى بولىدۇ دەپ قارايمەن . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yultuzi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-10-2 12:43 PM  


يۇلتۇزجان تور ئويۇنلىرى،سالون نامى : Yultuzjan

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35883
يازما سانى: 396
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4668
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 413 سائەت
تىزىم: 2011-3-31
ئاخىرقى: 2014-12-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-2 07:58:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ ئوقۇغۇچى ، مەنمۇ سىياسىغا قىزىقىمەن . مەنچە بۇ خاتا ئەمەس ، بەلكى شۇنداق بۇلىشى كېرەك ...

ھەر بىر تال گۈرۈچنىڭمۇ سورىقى قىلىنىدۇ !!!!!!!!!!!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78835
يازما سانى: 101
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3578
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 68 سائەت
تىزىم: 2012-4-14
ئاخىرقى: 2015-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-2 08:05:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزنىڭ ۋەتىنمىزدە سىياسىغا قىزىققاننىڭ ئانچە ئەھمىيتى بولمىسا كىرەك   چۈنكى ،،،،،،،،،،،دۆلەت تىنىچ خەلىق باياشات ھۆكمىتمىز شۇنداق ھەققانىيتنى ياقلايدىغان تۇرسا    سىياسىغا ئارلىشىپ نىمە كەپتۇ  كومپارتىيەنىڭ رەھبەرلىگىدە ئاڭلىساقمۇ ، كۆسەكمۇ  ھىچ ئش بولمىغاندەك يۈرىۋىرەرمەمدۇق،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،باشقۇرغۇچلا 100نومۇر قويدغان بولدىدە ماڭا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74767
يازما سانى: 296
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5092
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 346 سائەت
تىزىم: 2012-2-4
ئاخىرقى: 2013-8-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-2 08:15:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىزنىڭ سالاھىيەت كىنىشكىڭىزنى ئىشلەتكەنلىكىڭىزنىڭ ئۆزى بىر سىياسىيغا ئارلاشقىنىڭىز بولۇپ ھېسابلىنىدۇ...سىياسى دېگەن بۇ ئۇقۇم ئۇنچىۋالا  مۇرەككەپ ئۇقۇممۇ ئەمەس،مۇھىمى سىزنىڭ ئۇنى قانچىلىك ھېس قىلالىشىڭىزدا.

بۇ ئۆمۈرنىڭ خوشلىقى،چىن يۈرەكن

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1243
يازما سانى: 701
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10288
تۆھپە نۇمۇرى: 352
توردا: 917 سائەت
تىزىم: 2010-5-28
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-2 11:24:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىياسىيغا قىزىقىش ئەمەس بىز مۇشۇ سىياسىي ھاۋانىڭ ئىچىدە ياشايمىز .

ئۆلۈمگە بىغەممەن،
كىسەلگە ھۇشيار.
قايغۇدىن بىزارمەن،
شادلىققا خۇشتار.
كۈيلەن بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-3 11:13:11 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85015
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 425
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 41 سائەت
تىزىم: 2012-9-13
ئاخىرقى: 2013-11-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-3 11:40:16 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بۇ كىتاپنى نەشىردىن چىقىپتۇ دەپ ئاڭلىغان ئىدىم ، تېخى كۆرمىگەن ئىدىم ، بۇ ئۇزۇندىنى ئوقۇپ بەك قىزىقىپ قالدىم بىر ئېلىپ كۆرسەم بولغۇدەك جۇمۇ ! توپ ئويناپ ياخشى قىلىپسىز ، بىزدە بىر گەپ بارغۇ ‹ ئەقىلدە ئالىمدەك بول ، مىجەزدە كىچىك بالىدەك › دەپ .  

كېيىنكى ئەۋلاتل

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95
يازما سانى: 1301
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13606
تۆھپە نۇمۇرى: 798
توردا: 4805 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-3 06:28:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىياسىغا قىزىققۇلۇق لېكىن سۈكۈتتە تۇرۇشنى بىلىش

قۇياش مەڭگۈ زىمىننىڭ بىرتەرىپىنىلا يۇرۇتمايدۇ ،تىرىشساڭلا ، مۇۋەپىقىيەت قۇچىقىنى كەڭ يايىدىغان پۇرسەت كېلىدۇ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش