نومۇس ۋە ئەقىدە
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @: Y4 s& X# G$ l/ ^ n5 h
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @: U8 I% x3 i) D2 y& s# [يار مۇھەممەت تاھىر تۇغلۇق
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @8 t. P* j# V9 q5 X0 j. V$ A
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @: O, \ w+ x: v. M
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @0 a* _5 R8 g9 E% x: F& pبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @1 T" q; {) I: m; f
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @) @& W* c- f& b. X! M0 A1 zبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @8 l4 p) Y) ?9 ^; }8 o% `5 A" L f
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# f% k; J' ^& a9 S
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @; c2 p+ t$ E- d- c) I" I
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @' X9 @8 L& I1 N+ ]6 e# e
قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇشىغا، ئېڭىغا چوڭقۇر سىڭىپ كەتكەن، تۇرمۇش ئادەتلىرىنى قېلىپلاشتۇرغان، ئۆزلىرىگە ئادىمىيلىك تەرتىپ ۋە تەلەپ قويۇشتا مەنىۋى يۆلەنچۈك بولغان، ئەنئەنىۋى مىللىي ئادەتلىرىنى ۋە مەدەنىيىتىنى بارلىققا كەلتۈرۈشتە مەنىۋى بۇلاق بولغان، ئىنسانلارغا ئادىمىيلىكنى ۋە ئادەمدەك ياشاشنى ئۆگەتكەن بىر قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچ بار، ئۇ بولسىمۇ ئەقىدە- ئېتىقادتۇر. ئادەم بىر مەنىدە ئەقىدە - ئېتىقادلىق مەخلۇق، ئەقىدە- ئېتىقادسىز ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ، ئەقىدە- ئېتىقادسىز ياشاشنىڭ مەنىسى ۋە مەززىسىمۇ بولمايدۇ. پەقەت ھايۋانلاردىلا ئەقىدە - ئېتىقاد بولمايدۇ. بۇ مەنىدىن ئالغاندا، ئىنسانلاردىكى ئەقىدە - ئېتىقاد ئۇلارنى ھايۋانلاردىن پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدىغان ماھىيەتلىك بەلگىنىڭ بىرى. بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @; a4 F! o9 Y, N3 C" W' E$ G
ئەقىدە - ئېتىقاد ھەققىدە گەپ بولغاندا، كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ ئېڭىغا دىنىي ئېتىقاد كېلىدۇ. بىز بۇ يەردە كۆزدە تۇتۇۋاتقان ئەقىدە - ئېتىقاد كىشىلەرگە ھەرقاچان ھەمراھ بولغان، كىشىلەرنى ھەقىقىي ئىشەنچكە، ساداقەتكە، ۋاپادارلىققا، پىداكارلىققا ئۈندەيدىغان ئومۇمىي ياشاش تەلىپىدىن ئىبارەت. ناھايىتى روشەنكى، ھەرقانداق بىر ئادەمدە غايە ۋە مەقسەت بولىدۇ. ئەگەر ئۇنداق غايە ۋە مەقسەت ھەقىقىي چىن، پاك، ئالىيجاناب بولىدىغان بولسا، ئۇ ئومۇمىي خەلقنىڭ غايىۋى ئىنتىلىشلىرى بىلەن بىر گەۋدە ھاسىل قىلىدۇ. مانا شۇ ئومۇمىي گەۋدە ئىچىدە ئومۇمنىڭ غايىسى ئۈچۈن بولغان تىرىشچانلىق ۋە پىداكارلىقنىڭ ئۆزى ئەمەلىيەتتە ئەقىدىنى ھاسىل قىلىدۇ. ھەرقانداق بىر نورمال ئادەمدە ۋەتەن ۋە خەلق سۆيگۈسى بولىدۇ. ۋەتەن، خەلق ئۈچۈن ئۆزىنى پىدا قىلىش روھى بولىدۇ. مانا بۇمۇ ئەقىدىنىڭ كۈچ - قۇدرىتى. ئاددىيسى، دوستلۇق، مۇھەببەتمۇ ئەقىدىسىز مۇستەھكەم ئاساسقا ئىگە بولالمايدۇ. ئەقىدە - ئېتىقاد ئۈستىگە قۇرۇلمىغان دوستلۇق ۋە مۇھەببەت ساختىلىقتۇر.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @- G3 |( M3 M' iقەدىمكى ئىپتىدائىي ئەقىدە بولسۇن، ھازىرقى زامانىۋى ئېتىقاد بولسۇن، ئۇنىڭ ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇشىغا كۆرسەتكەن تەسىرىنى ھەرگىزمۇ تۆۋەن مۆلچەرلەشكە بولمايدۇ. ھازىرغىچە ھەرقانداق بىر نەزەرىيە، ھەرقانداق بىر قانۇن - تۈزۈم، ھەرقانداق پەلسەپىۋى تەلىماتلارمۇ ئىنسانلارنىڭ ئەخلاق تۇرمۇشىدا ئەقىدە - ئېتىقادنىڭ ئورنىنى ئالالىغان ئەمەس. چۈنكى، ئەقىدە - ئېتىقادنىڭ ئارقىسىدا كىشىلەرنى ياخشىلىققا دەۋەت قىلىدىغان، يامانلىقتىن توسايدىغان؛ رەھىمدىللىققا، كۆيۈنۈشكە چاقىرىدىغان، رەھىمسىزلىك ۋە ياۋۇزلۇقتىن چەكلەيدىغان؛ ئالىيجانابلىققا، پىداكارلىققا ئۈندەيدىغان، رەزىللىك ۋە نەپسانىيەتچىلىككە جەڭ ئېلان قىلىدىغان؛ مەخپىي ۋە ئاشكارا ئىشلاردا ھايا قىلىشقا، نومۇسقا ئىلھاملاندۇرۇپ، ھاياسىزلىق، نومۇسسىزلىقتىن كېلىپ چىقىدىغان ھەرقانداق بىر خىيانەتكارلىقنىڭ سادىر بولۇشىغا تىزگىن بولۇپ تۇرىدىغان غايىب كۈچ بار. ئۇ كۈچ كىشىلەرنى ئاڭلىقلىققا، تەشەببۇسكارلىققا، ئاكتىپلىققا دەۋەت قىلىپ تۇرىدۇ. بۇنداق ئاڭلىقلىقنى ئويغىتىشتا ئەقىدىنىڭ ئالدىغا ئۆتەلەيدىغان بىرەر تۈزۈلمىنىڭ بارلىققا كەلمىگەنلىكىنى ھەممە ئېتىراپ قىلىدۇ. مەسىلەن، ھازىر ئېلىمىزدە كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئىلغارلىقىنى ساقلاش تەربىيە پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلغان بولۇپ، ئۇ جۇڭگودا چىرىكلىشىش دولقۇنىنى توسۇشتا ئېلىپ بېرىلغان بىر قېتىملىق ئىلغار تەدبىر ھېسابلىنىدۇ. ئۇنداق بولسا، چىرىكلىشىش ھادىسىسىنى پەيدا قىلغان تۈپ سەۋەب نېمە؟ بىرى، بىر قىسىم پارتىيە ئەزالىرىنىڭ پارتىيىگە بولغان ئەقىدە - ئېتىقادى سۇسلاپ كەتكەن، ساداقەت ئورنىنى خىيانەت ئىگىلىگەن؛ يەنە بىرى، نەپسانىيەتچىلىك بولۇپ، بۇ ئۇلارنىڭ پارتىيە بايرىقى ئالدىدا تۇرۇپ بەرگەن قەسىمىدىن غالىب كەلگەن. بۇ مەنىدىن قارىغاندا، ئەقىدە - ئېتىقادنىڭ يىلتىزى ياخشى پەرۋىش قىلىنمىسا، ئىلغارلىقنى ساقلاش تەربىيىسىنىڭ ئۈنۈمىمۇ ياخشى بولمايدۇ. بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @& D. u* \' r5 _! ]' D6 K' g& A
دوكتور مۇھەممەت ئابدۇللا دەراز ئەقىدىنىڭ رولىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېگەن: «جەمئىيەت ئەزالىرى ئارىسىدا ھەمكارلىشىش بولمىسا، جەمئىيەتنىڭ بېجىرىملىكى بولمايدۇ، بۇنداق ھەمكارلىشىش ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەرنى رەتكە سالغۇچى قانۇن بىلەن مۇكەممەللىشىدۇ. بۇ قانۇننىڭ ھۆكۈمەت باش ئاپپاراتلىرى بولۇشى، ئۇ ئاپپاراتلارنىڭ كۆڭۈللىرىدە ئۆزىدىن ۋە قانۇندىن قورقۇش، قانۇندىن چىقىشنى چەكلەش تۇيغۇسىنى يېتىلدۈرۈش ناھايىتى زۆرۈر. زېمىن يۈزىدە قانۇننىڭ ھۆرمىتىنى قوغداش، جەمئىيەتنىڭ ئىناق بولۇشى، تۈزۈمنىڭ ئىزچىللىشىشى ھەمدە جەمئىيەت ئارا خاتىرجەملىك ۋە ئەقلىيلىك ئامىللىرىنىڭ ئىزچىللىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش جەھەتتە ئەقىدە - ئېتىقادقا يېتەلىگۈدەك بىرەر كۈچنىڭ يوقلۇقىغا بىز ئىقرار. بۇنىڭ سىرى شۇ يەردىكى، ئىنسان، ئۆزىنىڭ ئىختىيارىي ھەرىكەتلىرى ۋە ئىش ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىغا كۆرگىلى، تۇتقىلى بولمايدىغان، ئىنسان قېنىدا، موسكۇللىرىدا يۈرمەيدىغان، ئىدىيە ۋە ئاڭدىن ئىبارەت پەقەت ئىنسانغىلا خاس بولغان روھىي چۈشەنچىنىڭ قوماندانلىق قىلىدىغانلىقى بىلەن ھايۋانلاردىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. ھالبۇكى، بىر تۈركۈم كىشىلەر بۇ خىل ھەقىقەتنى ئاستىن - ئۈستۈن قىلىۋەتتى. ئۇلار ئىنسان ئېڭى ۋە ئىدىيىنى جەمئىيەتنىڭ ماددىي ۋە ئىقتىسادىي تۇرمۇشىغا تەسىر كۆرسەتكۈچى ئەمەس، بەلكى ئۇلاردىن تەسىر ئالغۇچى نەرسىلەر دەپ قارىدى».
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @. ~ t9 s q5 ?بىز يۇقىرىدا كۆرسىتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، ئىلىم - پەن ۋە ئېتىقادتىن خالىي مەدەنىيەتلەرنى كۆپلەپ تارقاتقاندا، ئەقىدە- ئېتىقادقا تايانمايمۇ جەمئىيەتتە ئىنتايىن ياخشى ئەخلاقىي كەيپىياتنى بارلىققا كەلتۈرۈش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ، دەپ ئويلاش توغرا يەكۈن بولماي قالدى. ھازىرقى رېئال ئەھۋال بىزگە شۇنى ئۇقتۇردىكى، يالغۇزلا ئىلىم - پەننىڭ كۈچىگە تايىنىپلا ياخشى، ئاڭلىق ئەخلاق ئورنىتىش مۇمكىن ئەمەسكەن. ۋەھالەنكى، ئىلىم - پەن ئىككى بىسلىق قورالغا ئوخشاش بولۇپ، ئۇنى قۇرۇش، گۈللەندۈرۈشكە ئىشلەتكىلى بولغىنىدەك، ۋەيران قىلىش ئۈچۈنمۇ ئىشلەتكىلى بولىدۇ. ئىلىم - پەننىڭ ئىنسانىيەتنىڭ ئەخلاق ساپاسىغا بولغان رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، ئەخلاقتىن ئىبارەت نازارەتچىنىڭ رولىغا سەل قارىماسلىق كېرەك. بىراق، ئەخلاق ئەقىدە - ئېتىقادتىن ئايرىلىپ قالىدىكەن، ئۆزىنىڭ كۆركەملىكىنى يوقىتىپ قويىدۇ، ھاياتىي كۈچىمۇ بولمايدۇ، شۇنداقلا قورال - ياراغسىز ئەسكەردەك نازارەتچىلىكنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدۇ. شۇڭا، گېرمانىيە پەيلاسوپى پىكتا: «ئەقىدە - ئېتىقادتىن ئايرىلغان ئەخلاقنىڭ رولى بولمايدۇ» دېگەن. ھىندىستان داھىيسى گەندىمۇ: «ئېتىقاد بىلەن ئەخلاق بىر - بىرىدىن ئايرىلالمايدۇ، بۇ ئىككىسى ئايرىلماس بىر پۈتۈنلۈك، ئېتىقاد ئەخلاقنىڭ روھى، ئەخلاق ئېتىقادنىڭ ھاۋاسى، يەنە بىر ئىبارە بىلەن ئېيتقاندا، ئېتىقاد ئەخلاقنى ئوزۇقلاندۇرۇپ تۇرىدۇ. خۇددى سۇ زىرائەتنى ئۆستۈرگەندەك» دېگەن. ھەقىقىتىنى ئېيتقاندا، ئەقىدە - ئېتىقادنىڭ مۇستەھكەم بولۇشى يالغۇزلا ئەخلاقنى يۈكسەلدۈرۈشكە چاقىرىش بىلەنلا قالماي، بەلكى ئۇ ئەخلاقىي پرىنسىپلارنى چىڭىتىدۇ، يوللارنى بەلگىلەپ بېرىدۇ، ئەخلاقىي ئۆلچەملەرنى مۇستەھكەملەيدۇ؛ يۈرۈش - تۇرۇش، گەپ - سۆز، ھەتتا ئوي - خىياللارغىچە قوماندانلىق قىلىپ، توغرا، ھالال، پاك ئادەم بولۇشقا ئىشتىراك قىلىدۇ.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @& g: [( ?! O4 p1 w0 d& y, ]ئەقىدە - ئېتىقادتىن ئايرىلغان ئادەمدە پەقەت كىشىلەردىن، قانۇندىن قورقۇش - ئەيمىنىش بولغان بىلەن، ئاڭلىق ھالدا ئۆزىنى ئۆزى تىزگىنلەش، ئۆزىنى ئۆزى كونترول قىلىش، ئۆزىگە ھەقىقىي ئادىمىيلىك ئۆلچەمدە تەلەپ قويۇش كۈچى ئاجىز بولىدۇ. چۈنكى، ئەقىدە - ئېتىقاد ئۈستىگە قۇرۇلغان ياشاش مەقسىتى بىلەن، ئەقىدىسىز ئادەمنىڭ ياشاش مەقسىتىدە ماھىيەتلىك پەرق بولىدۇ. ھەقىقىي ئەقىدىلىك ئادەم ماختىنىش، مۇكاپاتلىنىش، ئۆزىنى كۆرسىتىۋېلىش ئۈچۈن ياخشىلىق قىلمايدۇ، بەلكى ئۇ ئۇنى ئۆزىنىڭ قەتئىي قىلىشقا تېگىشلىك ئادىمىيلىك بۇرچى، دەپ تونۇپ قىلىدۇ. ئەقىدىسىز ئادەمنىڭ غايىسى پەقەت نام - ئاتاق، ئۈستۈنلۈك قازىنىش، باشقىلارنى بېسىپ چۈشۈش، بۇ يولدا ۋاسىتە تاللىماي ھەرقانداق رەزىللىكلەرنى قىلىشتىن باش تارتماسلىقتىن ئىبارەت. بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @% m9 n ?+ p% \4 \6 W f( i
ئىنسان ئەخلاقىنىڭ بېجىرىم بولۇشىغا ئەڭ چوڭ تەھدىت بولىدىغان، كىشىلەرنى ئۆزىگە، ۋىجدانىغا خىلاپلىق قىلىشقا، نومۇسنى قايرىپ قويۇپ ئۆزى ئۈچۈنلا خاتىرە مۇنارى تىكلەشكە ۋەسۋەسە قىلىپ تۇرىدىغان يەنە بىر نەرسە بار، ئۇ بولسىمۇ دۇنيا مەنپەئەتلىرى ۋە ئۇنىڭ ئېزىتقۇ ھەۋەسلىرىدىن ئىبارەت. كىشىلىك ھايات ئۈچۈن مال - دۇنيا بولمىسىمۇ بولمايدۇ، بىراق مال - دۇنياغا ھەددىدىن ئارتۇق قۇل بولۇشمۇ ئادەمنى بارلىق گۇناھلىق، نومۇسسىز ئىشلارغا سۆرەپ كىرىدىغان يامان ئېزىتقۇ بولىدۇ. ئۇ ئاخىرىدا بارلىق ئاپەت ۋە رەزىللىكلەرنىڭ يىلتىزى بولۇپ قالىدۇ. كىشىلەر مال - دۇنيانى، نەپسىنى دەپ نومۇسنى ئۇنتۇپ قېرىندىشىغا خىيانەت قىلىشتىن ھايا قىلمايدۇ، كىشىلەرنىڭ ئامانىتىگە خىيانەت قىلىدۇ، ۋەدىسىگە ئەمەل قىلمايدۇ، توختامغا خىلاپلىق قىلىدۇ، كىشىلەرنىڭ ھەققىنى يەۋېلىشتىن نومۇس قىلمايدۇ. ئەر ئايالىغا، ئايالى ئېرىگە خىيانەت قىلىشتىن ھايا قىلمايدۇ. ئۆكتەملىك، مۇتتەھەملىك، زالىملىق، رەھىمسىزلىك قىلىشنى جان بېقىشنىڭ ۋاسىتىسى قىلىۋالىدۇ، مال - دۇنيا ۋە شەخسىي مەنپەئەتنىڭ قىزىقتۇرۇشى بىلەن ھەقنى سۆزلەيدىغان تىللىرى بوغۇلىدۇ، ناھەقچىلىككە يان بېسىشتىن نومۇس قىلمايدۇ. ئىنسانىيەت تارىخىدا يۈز بەرگەن نۇرغۇن - نۇرغۇن پاجىئەلەرنىڭ، قىرغىنچىلىقلارنىڭ، ئالدامچىلىقلارنىڭ تېگىنى سۈرۈشتۈرگەندە، ئۇلارغا مال - دۇنيا ھەۋىسى، كېڭەيمىچىلىك تەقەززاسى سەۋەب بولماي، يەنە نېمە سەۋەب بولماقچىتى؟ چۈنكى، مال - دۇنيا ھەۋىسى ۋە ئەقىدىسىزلىك بالاسى ئادەملەرنىڭ ئىنساپىغا قۇرت چۈشۈرىدۇ. باشقىلارنىڭ مەنپەئەتى ئۇلارنىڭ نومۇسسىزلىقى ئالدىدا ھېچنېمىگە ئەرزىمەيدۇ. بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @/ J6 D2 E+ l3 t) r0 d' E
قەدىمكى گىرېتسىيىنىڭ ئۇلۇغ مۇتەپەككۇرى سوقرات ئادەم ئادەمنىڭ ئۆز خوجايىنى بولۇشى كېرەكلىكى ھەققىدىكى تەلىماتىدا، ئادەم نەپسىنىڭ قۇلى بولۇپ قالماسلىقىنى، ئۆزىنى نەپسىنىڭ بويۇنتۇرۇقىدىن قۇتۇلدۇرۇشنى تەكىتلىگەن. كرىستولوبوس بىلەن بولغان بايلىقنىڭ نېمە ئىكەنلىكى ھەققىدىكى بىر قېتىملىق مۇنازىرىسىدە كرىستولوبوس سوقراتتىن: «بەزى بىلىم نوپۇزلىرى - زىيالىيلاردا بىلىم بار، بىراق ئۇلار ئۇنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى خالىمايدۇ، ئۇلارنىڭ بىلىمىنى بايلىق دەپ قاراشقا بولامدۇ؟» دەپ سورىغاندا، سوقرات مۇنداق جاۋاب بېرىدۇ: «ئۇنداقتا ئۇنى ھەرگىزمۇ بايلىق ھېسابلىغىلى بولمايدۇ. بايلىق دېگەن چوقۇم ئۆزىگە ۋە باشقىلارغا مەنپەئەتى يېتىدىغان نەرسە بولۇشى كېرەك، پايدىسىز نەرسىنى بايلىق ھېسابلىغىلى بولمايدۇ». سوقرات مۇنازىرە جەريانىدا يەنە ئادەمنىڭ خوجايىنلىق ھوقۇقى بىلەن نەپسانىيىتى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ئۈستىدە توختىلىپ: «ئادەم ئۆزىنىڭ نەپسانىيىتى تەرىپىدىن كونترول قىلىنسا، ئۇ خوجايىن ئەمەس، بەلكى قۇلدۇر. بەزى ئادەملەر يېمەك - ئىچمەكنىڭ قۇلى، بەزى ئادەملەر ياسىنىشنىڭ قۇلى، بەزى ئادەملەر پۇلنىڭ قۇلى، بەزى ئادەملەر رەزىل قارا نىيەتنىڭ ئەسىرى بولىدۇ. بۇنداق نەپسانىيەتچى قارا نىيەت بىلەن ھەمكارلاشقۇچى ئۇلارنىڭ ئالىقىنىدىكى ئادەمدۇر» دەپ تەكىتلىگەن. پەقەت ئادەم ئۆزى ئۆزىنىڭ خوجايىنى بولغاندىلا، ئاندىن نەپسانىيەتنىڭ كونتروللۇقىدىن قۇتۇلۇپ، ھەقىقىي بىلىم ۋە پاراسەتكە ئىگە بولالايدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇمۇ ئادەمنىڭ ئۇلۇغ ئەقىدە- ئېتىقادىنىڭ غەلىبىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى، ئادەمدە ھەقىقىي ئۆزىنى قەدىرلەش ئېڭى بولۇش ئۈچۈن، ئۇنىڭدا ئۆزىگە قارىتا كۈچلۈك ئەقىدە - ھۆرمىتى بولۇشى كېرەك. شۇندىلا، ئۇ ئىنسانلىق شان - شەرەپنى قوغدايدىغان قۇدرەتلىك بىر مەنىۋى قورالغا ئىگە بولالايدۇ. بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @8 J9 U9 h. d* \9 T* p
قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە ئىنسانىيەت ئىزچىل ھالدا ئۆزىنى بىلىشكە زور تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىشتى. ئەسلىدىن ئالغاندا، ئىنسان ئۇلۇغ ۋە پاك مەۋجۇدات. ھەرقانداق بىر شەيئى ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى بىلەن قىممەتلىك، ئۇلارنىڭ مەۋجۇتلۇق ئاساسىمۇ ئۇ شەيئىنىڭ ئۆزى بولغانلىقىدا. ئادەممۇ ئادەم بولغانلىقى بىلەنلا ئۇلۇغ ۋە قىممەتلىك. ئەگەر ئادەم ئادىمىيلىك سۈپىتىنى يوقىتىدىكەن، ئۇنىڭ بۇ دۇنيادا ھېچقانداق قىممىتى ۋە ئەتىۋارى بولمايدۇ. ئادەم شۇڭا ئۆزىنىڭ قەدىر - قىممىتىنى ساقلاش ئۈچۈن ئادەمدەك ياشىشى، بۈيۈك ئەقىدە بىلەن ياشىشى كېرەك. ئادەم ئادىمىيلىك تەبىئىتىنى ساقلاش ئۈچۈن، ئۇنىڭدا ئادىمىيلىك تەبىئىتىگە ھۆرمەت، ساداقەت ۋە چوڭقۇر ئەقىدە بولۇشى كېرەك. ئەگەر ئادىمىيلىك تەبىئىتىگە خىلاپلىق قىلىنسا، ئۇ ئادەم ئەمەس، ھايۋانغا ئايلىنىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئۆز تەبىئىتىگە ئاسىيلىق قىلىپ، نەپسىنىڭ قۇلىغا ئايلانغان ئادەم ئىنسانىيەتكە ئاپەت بولىدۇ. يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئىنسان تەبىئىتىنىڭ ئۈچ ئاساسىي تۈۋرۈكىنى مۇنداق شەرھلەپ بەرگەنىدى:
ياراتتى ۋە يۈكسەلتتى تاللاپ ئادەم،
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @) {3 {' t" v, S9 Q- Hبېرىپ ھوش - ئەقىل، پەزىل، ئىلىمنى ھەم.
تىلىنى چىقارىپ، ئاڭا بەردى دىل،
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @- A1 p; @6 m# O0 a- F3 p% B3 Nئۇيات بەردى يەنە گۈزەل، خۇش پېئىل.
بىلىم بەردى، ئىنسان زورايدى بۇ كۈن،بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @( s/ U8 O3 A1 V, r' h
ئەقىل بەردى، شۇڭا يېشىلدى تۈگۈن. بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @ y# Y5 Z R' ~4 x' X
ئىنساننىڭ يۇقىرىقى ئۇلۇغلۇق تەبىئىتىنى تەشكىل قىلغان ماھىيەتلىك ئۈچ ئاساسىي ئامىل __ ئۇيات، ئىلىم - مەرىپەت، ئەقىل - پاراسەت __ ئىنسان تەبىئىتىنى نۇرلاندۇرىدىغان، بۇ دۇنياغا ھۆكۈمرانلىق قىلىش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان، ئىنسانلىق ئوبرازىنى يۈكسەلدۈرىدىغان مەركىزىي ئۈچ تۈۋرۈكتۇر. يۇقىرىقى تۈۋرۈكتىن بىرى غۇلاپ چۈشىدىكەن، قالغانلىرىنىڭ پۇت تىرەپ تۇرالىشى مۇمكىن بولماي قالىدۇ، ھەتتا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭمۇ ھاجىتى قالمايدۇ. بۇ يەردىكى ئەڭ نازۇك تۈۋرۈك ئەقىل - پاراسەت ۋە ئىلىم - مەرىپەتتىنمۇ كۆرە پەزىلەت - نومۇس تۈۋرۈكىدۇر. يۈسۈپ خاس ھاجىپ تىلغا ئالغان پەزىلەت - نومۇس تۈۋرۈكى ناھايىتى مۇقەددەس بولۇپ، ئۇ ئەقىدە - ئېتىقاد بىلەن ناھايىتى مۇستەھكەم يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن بولىدۇ. چۈنكى، ئەقىدە، ئېتىقادسىز ھەقىقىي نومۇسنىڭ بولۇشىمۇ مۇمكىن ئەمەس.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @4 v8 T2 j" {8 x1 Jئىچىپ مەس ياتقان ئەردەك، ئويغانغىنىمدا __بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @' V4 F0 H1 ` H @" y, O4 @. ?8 I- }
سېزىپ ئازغىنىمنى، خۇدادىن ئۇياتتىم.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @" T3 Z; q6 `, H- P$ Zمانا بۇ ئەقىدە - ئېتىقادنىڭ كۈچى. ئىنساننىڭ ئۆز روھىنى پاكلاشتا ۋە تەرتىپ بېرىشتە ئەقىدە - ئېتىقادنىڭ كۈچىگە يېتىدىغان باشقا ھېچقانداق قۇدرەتلىك كۈچ يوق.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @, d/ C! q5 \8 [6 Oئەقىدە - ئېتىقاد بىر تەرەپتىن، ھەرگىزمۇ ماددىي مەئىشەت ئارزۇسىنى چەتكە قاقمايدۇ. ھاياتنى، تۇرمۇشنى ياخشى كۆرۈشمۇ ئىنسان تەبىئىتىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى. يەنە بىر تەرەپتىن، ھاياتنى سۆيۈش بىز تىلغا ئېلىۋاتقان ئەقىدە- ئېتىقادنىڭ يەنە بىر مۇھىم مەزمۇنلىرىدىن بىرى، ئەگەر بۇ خىل ھاياتقا بولغان كۈچلۈك تەقەززالىق، ھاياتقا بولغان سۆيگۈ ئىنسان تەبىئىتىدە بولمىغاندا، بۇ زېمىن بۇنداق ئاۋات ھەم گۈزەل بولالمايتتى، تۇرمۇش دەرىخىمۇ ئۇنچە رەڭدار چېچەكلىمىگەن بولاتتى. كىشىلەرگە تۈرلۈك ئارزۇلارنىڭ، ياخشى كۆرۈشنىڭ نېمەت قىلىپ بېرىلگەنلىكى ھەرگىزمۇ ھېكمەتكە زىت ئەمەس. بىراق، نۇرغۇن ھالاكەتلىك ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشى كىشىلەرنىڭ مال - دۇنيا مۇھەببىتىگە ھەددىدىن ئارتۇق غەرق بولۇپ كەتكەنلىكىدە. كىشىلەردىكى ئەقىدە كۈچى تۇرمۇشنىڭ ھەربىر ھالقىلىرىدا ناھايىتى زور رول ئوينايدۇ. ئەقىدىدىن مەھرۇم بولغان كىشىلەردە چۈشكۈنلۈك، ئۈمىدسىزلىك، نەپسانىيەتچىلىك ئېغىرراق بولىدۇ. 1990 - يىللاردا ھورۇزىن دېگەن بىر ئاپتور: «جۇڭگولۇقلار ئەدەبىياتقا موھتاج» سەرلەۋھىلىك ماقالىسىدە، جۇڭگولۇقلارنىڭ ھەددىدىن ئارتۇق پۇلغا دۈم چۈشۈشى ۋە چىرىكلىشىشىنىڭ ئەۋج ئېلىپ كېتىشى ئەقىدە - ئېتىقادسىزلىقتىن يۈز بەردى. بىر مىللەتكە نىسبەتەن ئىلغار بولغان بىر ئەقىدە كۈچى بولمىسا بولمايدۇ. ھە دېگەندە ئىنساننىڭ ئۇلۇغلۇقىنى ئەمەس، بەلكى پۇلنىڭ كۈچ - قۇدرىتىنى مۇبالىغىلەشتۈرۈپ مەدھىيىلىگەندە نومۇسسىزلىق بولىدۇ ۋە ئۇ نومۇسسىزلىقنى پەيدا قىلىدۇ، دەپ قارىغان. ھەقىقەتەن ئەقىدىلىك كىشىلەرنىڭ مەدەنىيلىك دەرىجىسى گەرچە تۆۋەنرەك بولغان تەقدىردىمۇ، ئەقىدە ھەرقاچان ئۇلارنىڭ پەزىلىتىگە تەسىر كۆرسىتىپ تۇرىدۇ. ئۇلار پاكلىقنى، ئادەمگەرچىلىكنى، نومۇسنى ھەممىدىن ئۈستۈن بىلىدۇ. بۇ مەنىدىن قارىغاندا، ئەقىدە - ئېتىقادسىز بىلىملىك مەخلۇقنىڭ پەزىلىتىدىن، ئەقىدىلىك ساۋاتسىزنىڭ پەزىلىتى ئۈستۈن بولىدۇ. بۇ نۇقتىدا مۇنداق بىر مىسالنى كۆرسىتىش مۇمكىن.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @0 r! j2 |* u6 ~8 x% j nپەزىلەتلىك، ئەقىدىلىك بىر ئادەم يەنە بىر ئەقىدىلىك، پەزىلەتلىك ئادەمدىن قورۇ - جاي سېتىۋالغانىكەن. قورۇ - جاينى سېتىۋالغۇچى بۇ قورۇ - جايدىن بىر كوزا ئالتۇن تېپىۋاپتۇ. ئۇ ئالتۇننى ئېلىپ قورۇ - جاينى ساتقۇچىغا قايتۇرۇپ بەرمەكچى بولۇپ كەپتۇ ۋە:
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @) p# m0 I9 J- `6 z. @3 @__ مەن سەندىن زېمىن سېتىۋالغانىدىم، بۇ بىر كوزا ئالتۇن چىقىپ قالدى، ئالتۇنۇڭنى قايتۇرۇۋالغىن، __ دەپتۇ. بۇ چاغدا ساتقۇچى ئادەم سېتىۋالغۇچىغا:
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 f) g* K$ W/ w( I* Y% Y__ مەن ساڭا زېمىننى ساتتىم، ئۇنىڭدىن چىققان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ساڭا مەنسۇپ، __ دەپتۇ. بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @0 s# M! U8 R& S2 u" S5 t
بۇ ئىككىيلەن ئالتۇننى بىر - بىرىگە ئىتتىرىشىپ ئاخىرى بىر ئادىل كىشىنىڭ قېشىغا بېرىپ، بۇ ئىشقا ھۆكۈم قىلىپ بېرىشنى ئۆتۈنۈپتۇ. ئادىل كىشى ئۇلاردىن:
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @$ _0 J6 V. {2 A1 ~__ بالىلىرىڭلار بارمۇ؟ __ دەپ سوراپتۇ.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @4 G6 S$ @ Z5 V2 ~6 w__ بىر ئوغلۇم بار، __ دەپتۇ بىرەيلەن. بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @+ B8 C5 `/ ~3 S8 X
__ مېنىڭ بىر قىزىم بار، __ دەپتۇ يەنە بىرەيلەن. ئادىل كىشى ئۇلارغا: بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @! Z: b2 v' Z& W) j. z
__ ئوغۇل بىلەن قىزنى قوشۇپ قويۇڭلار، سىلەرمۇ بايلىقنى يوللۇق ئىشلىتىڭلار ھەم ياخشىلىق يوللىرىغا ئىشلىتىڭلار، __ دەپتۇ.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @9 R3 w4 r0 v, c% tمانا بۇ، ئىنساپ ۋە ئەقىدە - ئېتىقادتىن چاقنىغان پەزىلەتنىڭ نۇرى ئەمەسمۇ؟
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @+ A) [2 h* r/ I4 W( H0 h7 Oدېمەك، ئەقىدە - ئېتىقاد بىلەن نومۇس قوشكېزەك، ئېتىقاد نومۇسنىڭ ئەڭ ياخشى ياردەمچىسى ۋە نىشان بەلگىلىگۈچىسى، نومۇس ئېتىقاد قاراۋۇلىنىڭ رېلىسى ۋە تىزگىنى. ئېتىقاد بولمىسا نومۇس بولمايدۇ ۋە بولۇشىنىڭمۇ قىممىتى قالمايدۇ، نومۇس بولمىسا ئېتىقادمۇ بولمايدۇ ھەم يىلتىزسىز دەرەختەك ئوڭايلا قۇرۇپ قاقشال بولىدۇ. ئەقىدىسىزلىك ۋە نومۇسسىزلىق بارلىق كۈلپەتلەرنىڭ مەنبەسى. ئادەم نېمىگە ۋە كىمگە ئېتىقاد قىلسۇن، ئەقىدە - ئېتىقاد دېگەن يېڭىلمەس كۈچ - قۇدرەتنىڭ مەنبەسىدۇر، ئۇنىڭسىز ھاياتنىڭ مەنىسى بولمايدۇ. شۇڭا، ئادەم ئەقىدىلىك، ئېتىقادلىق ئىنسانلاردىن بولۇش ئۈچۈن تىرىشىشى، ئەقىدە - ئېتىقادتىن ھەرگىزمۇ يانماسلىقى كېرەك، ئەگەر ئادەم يۇمۇلاق تاۋۇز بولسا، ئۇ نومۇسسىزلىقتۇر. مۇستەھكەم ئەقىدە - ئېتىقاد تۇرغۇزۇلغان ۋە نومۇس بىلەن ئۇنى غۇبارسىز ساقلىيالىغان جەمئىيەت ئەڭ گۈزەل، ئىستىقباللىق جەمئىيەت بولىدۇ.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# b# ^; _0 x1 ?* R
مەنبە سەلتەنەت تورى