يىقىندا مەن مىسرانىم مۇنبىرىدە بىر دوستىمىزنىڭ << ئوخشاپ قاپسەن خىنىم مىجەزگە >> دىگەن شىئىرىنى كۆرۈپ بۇ شىئىردا ئەكىس ئەتكەن خىنىم مىجەز كىشلەرنىڭ جەمىيتىمىزدە ئاۋۇپ قىلىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلدىم .
شىئىرنىڭ مەزمۇنى
ئوخشاپ قاپسەن خېنىم مىجەزگە
پۈكتۈڭ سەن قەلبىڭگە نىملەرنى ئوغلان.
بولدۇڭمۇ ۋە ياكى ۋىجداندىن قوغلان؟
نى ھەۋەس قىپ كەپسەن بولۇشقا چولپان،
خەلقىڭنىڭ دورىسى نىمىكىن ئويلان.
ئايلىناي قىپ يۈرگەن پەردازلىرىڭدىن،
ئارقىڭدىن پەرىقسىز جىنسىڭ قىز-ئوغۇل؟
ئايلىناي بوپ يۈرگەن سەردارلىقىڭدىن،
سىنىڭدىن نى نۇمۇس خەلقىڭگە ئۇيۇل.
سەپكىنىڭ بەك سېسىق نەنىڭ ئەترىسى؟
بويلىرىڭ "كىلىشكەن "كىمنىڭ نەۋرىسى؟
ئۈزۈلمەس بۇ كىمنىڭ كەچلىك بەزمىسى؟
غەزەپتە سىلكىنەر ئەجداد قەبرىسى.
كىيىمىڭ باھاسى ئالىدۇ جاننى،
قىزلاردەك ياسىنىپ يۈرىسەن ئەجەپ.
چەكلىسە نىمىنى قىلىسەن شۇنى،
بولدىلا سۆز ئاچماي سەندىكى ئەدەپ.
ئايلىناي سەن كىيگەن شۇ ئاياغلاردىن،
بەش غېرىچ چەمىلىك پاناق ئېغىر كەش.
ھەتتاكى پايپىقىڭ داڭلىق ماركىلىق،
كۆزۈمدىن بالدۇرراق يۈتكىنە"ئادەش".
زامانغا ماسلاشتىم دەيسەن بۇلارنى،
ئويلاشماي قىپ قويۇپ نۇرغۇن ئۇياتنى،
يوقالسۇن مەنىسىز بۇنداق زامانەڭ،
قايتۇرۋال ئەجدادىڭ مىراس"سۇبات"نى.
ئۆتمىسە ھىچ ئىنسان يېنىڭدىن سوقۇپ،
ئويلىما ھۆرمىتىم ئابرۇيىمكەن دەپ.
سېنىڭدىن يىرگىنش،سەسكىنىش ئەسلى،
بۇ مەسلە تۈپىدىن ۋىجداندىكى گەپ.
بولدى قىل تالاشما مېنىڭدىن سۇئال،
سۆزۈمنىڭ ئاخىرى تېخىمۇ قوپال.
سۆزلىسەم يەنىمۇ بوپ قالما ئوسال،
ئەمدى سەن ئابرويغا ئېيتىپ قوي "يوقال"!
بىلمىدىم قەلبىڭگە نىملەرنى ئويغان؟
خىيالىڭ قۇشلىرى نەلەرگە قونغان؟
كۆزۈڭ ئاچ تاڭ ئاتتى ئەمدى تىز ئويغان،
ئېزدىمە شۆھرەتنى قەيەردە قويغان.
گىپىمنى ئىلىك ئال ياكى ئالمىغىن،
ئىختىيار سېنىڭدىن يېزىش مېنىڭدىن.
يوللۇرىڭ ھىلىھەم راۋانە شانلىق،
ماڭامسەن،ماڭمامسەن تاللاش سېنىڭدىن.
ئەر دىگەن ئائىلنىڭ تۈۋرۈگى ، ھاياتلىقنىڭ جان تونۇرى . مۇنداق ۋىجدان غۇرۇرى قالمىغان ،ئەرلىك تەبىئەتتىن مەھرۇم بولغان ئائىلە ۋە جەمىيەتتىن بەخىت -سائادەت تۆت پۇتلاپ قاچىدۇ .
شىنجاڭ مەدىنىيىتىنىڭ مەلۇم سانىدا << يولۋاس ئۆلتۈرگەن ئەزىمەت ، كىر يۇيۇۋاتقان ئەر >> دەپ بىر تىمىنى ئوقۇغانلىقىم ئىسىمدە . بەلكىم بۇ تىمىنى دوسىتلارمۇ ئوقىغاندۇ . بۇ تىمىدا ھازىر ياشاۋاتقان بىر يىگىتنىڭ بوۋىسىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا بەكلا باتۇر ، جەسۇرلۇقى بايان قىلىنىپ ،ئۇنىڭ يۇرت -مەھەللە بىشىغا ھەرقانداق خەۋىپ-خەتەر يەتسە شۇئانلا كۆكرەك كىرىپ چىقىدىغانلىقى ھەتتا شۇ يۇرتقا خەۋىپ ئىلىپ كەلگەن يولۋاسنىمۇ ئۆز -ھاياتىنىڭ خەتەرگە ئۇچرىشىغا قارىماي يوقاتقانلىقى تەسۋىرلىنىپ ئەرلىك مەسئۇلىيەتنىڭ ئىغىرلىقى ئىچىپ بىرىلگەن .
شۇ بوۋاينىڭ نەۋرىسى بولمىش ھازىرقى شارائىتتا ياشاۋاتقان جۈرئەتنىڭ ئايالى قاتار چايغا كەتسە ئۆيدە كىر يۇيۇپ ، بالا بىقىپ ئولتۇرغانلىقىدەك رىئاللىق ئىچىپ بىرىلىپ ئەرلىكنىڭ تەدىرجى پۈچەكلىشىپ مىڭىۋاتقانلىقىنى ئىچىپ بەرگەن .
روزى ھىيىتتا مەن مەلۇم بىر دوستىمىزنىڭ ئۆيىگە پەتىگە باردىم . مەن ئۇنىڭ بىلەن سالاملىشىپ بولغاندىن كىيىن ئۇ ماڭا --ئاداش كۆرۈشمىگىلى ئۇزۇن بوپتۇ . شۇڭا ئالدىرىما . سەي قورۇپ ، تاماق يەپ پاراڭلىشىپ ھال-مۇڭ بولايلى . دىدى . مەن ئۇنىڭغا ؛--ماقۇل ئەمسە بىر ئاز ئولتۇرايلى دىدىم .
ئۇ چاينى قۇيۇپ بولغاندىن كىيىن ؛--سەن تارتىنماي داستىخانغا بىقىۋەر ، مەن ھازىرلا كىرىمەن دەپ چىقىپ كەتتى . ئۇ خىل ئۇزۇندىن كىيىن بىر تەخسە سەينى كۆتۈرۈپ كىردى . ؛-ئاداش قانداقراق قۇرۇپتىمەن تىتىپ باقە ؟؟دىدى. مەن ھەيران قىلىپ ؛-ئۆزۈڭ قورىدۇڭما ؟؟ دىدىم ھەيران بولۇپ .
ئۇ ؛--ھەئە . ئايالىم ئىشلەۋاتىدۇ . بىر ئۆيدە ھەر ئىككىمىز ئىشلەۋەتقاندىكىن تاماققىمۇ ئۇستا بوپ كىتىدىكىن .دىدى ھىجىيىپ .
مەن سەينى تىتىپ كۆرگەندىن كىيىن ؛--راسىتلا ئوخشاپتۇ . ئاشپەز بوپ كىتىپسەن دىدىم ئۇنىڭغا بىر -ئاز تەنە قىلىپ . ئۇ ؛--قانداق تاماق يىگۈڭ بار ؟ مەن غاچچىدە .... مەن ئۇنىڭ ئاخىرقى گىپىنى كۈتمەيلا ؛--ئاداش . مەن بۇ يەرگە ئاچ قىلىپ كەلمىدىم . ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەر كىشىنىڭ قازان بىشىدا تاماق ئىتىپ يۈرۈشىنى مەن قوبۇل قىلالمايمەن . ئەر دىگەن ئەرگە خاس ئىشلارنى قىلمامدۇ دەيمەن ؟ ئايالىڭ سىرىتتا ئىشلەپ سەن مۇشۇنداق قازان بىشىدا تاماق ئىتىپ يۈرسەڭ قانداق بولا ؟ سىنىڭ داداڭ ، بوۋاڭ مۇشۇنداق ياشىغانما ؟ئوغلۇڭمۇ چوڭ بولۇپ قاپتۇ . سەن ئائىلدە ئەردەك ياشاپ ئۇنىڭغا ئۆلگە بولمىساڭ ئۇمۇ چوڭ بولغاندا ئايلىغا تاماق ئىتىپ ،يۈرمەسما ؟؟ دىۋىدىم ئۇ خاپا بولغاندەك قىلىپ ؛--گەپنى بەك ئاشۇرۋەتتىمۇ قانداق ؟؟ ئايالىغا كۆيۈنسە بۇنىڭ خاتاسى بارمۇ ؟؟ بىزنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمىز ياشىغان زامان ھازىرقىغا ئوخشامتى ؟ ئۇلار سىرىتتا پۇل تىپىپ ئائىلنى قامدايتى .ئايىلى ئۆيدە بالىلارنى بىقىپ تاماق ئىتىپ ئۆي ئىشىنى قىلاتتى . ھازىرچۇ ؟ كۆپلىگەن ئائىللەردە ئەر -ئايال ئىشلەيدۇ . ئۆينىڭ يۈكىنى ھەر ئىككى تەرەپ زىممىسىگە ئالغان . بۇنداق ئەھۋالدا ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىپ ئۆي تۇتمىساق قانداق بولىدۇ ؟ چۈنكى مەن تاپقان شۇ پۇلنى خوتۇنۇممۇ تاپىدىغان تۇرسا .
مەن ئۇنىڭ بۇ گىپىدىن غەلىتىلىك ھىس قىلىپ ؛--ئاداش ، بولدى ئۆزۈڭنى ئاقلىما ! مىنىڭچە ئەر دىگەن يەنىلا ئەردەك بولغىنى تۈزۈك . يەنىلا ئاياللار قىلىدىغان ئىشنى ئاياللار قىلغىنى ،ئەرگە يۈكلەنگەن ئىشلارنى ئەرنىڭ قىلغىنى تۈزۈك . ئۆزىگە خاس ، ئەرلىككە ماس ئىشلارنى قىلماي خوتۇن كىشىدىن ئىش تالىشىپ يۈرگەن ئەرنىڭ ھىچقانداق يەردە ھەتتا ئايىلى ئالدىدىمۇ ئەرلىك ئورنى بولمايدۇ . گەپ قىلسام بەك قايناپ قالىمەن ئاداش ،خوش . مەن ماڭاي دەپلا ئۆيدىن چىقىپ كەتتىم .
ھازىر جەمىيەتتە خىزمەت قىلىدىغان ئەر -ئاياللارنىڭ كۆپىيشى بىلەن بۇ دوستىمىزدەك ئەرلەر كۈندىن -كۈنگە كۆپەيمەكتە . شۇ ئەرلەرنىڭ قازان بىشىغا بىلىپ -بىلمەي چىقىپ قىلىشىنىڭ ئۆزىلا ئىقتىسادى ئامىلنىڭ ئەرلىكنى پايخان قىلىۋالغانلىقىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ --ئەلۋەتتە ، چۈنكى شۇ ئائىلگە كىرەكلىك ئىقتىساتنى ھەر ئىككى تەرەپ تەڭ تاپقانلىغىدىن چوقۇملا ئەرنىڭ شۇ ئائىلدىكى ئورنى ئايىلىدىن كۆپ يۇقۇرى تۇرماسلىقى سەۋەپلىك ھىلقى دوستىمىزدەك كۈنگە قالغان ئەرلەر كۆپ بولسا كىرەك .
مىنىڭچە يەنىلا ئەر دىگەن ئەردەك ياشىغىنى ئەۋزەل .
ھازىر جەمىيتىمىزدە شىئىردا ئىپادىلەنگەندەك خىنىم مىجەز ياشلار ئاۋۇپ قىلىۋاتىدۇ . بەزىسى بوينىغا زەنجىر يەنە بەزىسى قۇلقىغا ھالقا سىلىۋالغانلارنىمۇ ئۇچرۇتۇپ قالدۇق . بۇلار ئۆزىنىڭ ئەر بوپ قالغىنىدىن پۇشمان قىلىپ قالغانلارمۇ بۇنى ئۇقمۇدۇم . لىكىن شۇلار بىلسە ئەرلىك ئاللانىڭ شۇ ئىنسانغا بەرگەن ئەڭ چوڭ بۆيۈك سوۋغىسى .
زىمىنغا تۇنجى ئاپىرىدە قىلىنغان ئىنسان --ئادەم ئاتا يەنى ئەر بولدى . ياراتقۇچىنىڭ ئۇنى زاتى ئىنساننىڭ بىردىنبىر ئاتا يىلتىزى قىلىپ يارتىشىدا ۋەھەتتا پەرىشتىلەرنىمۇ ئۇنىڭغا سەجدە قىلدۇرشىدا بەلكىم كارامەت ھىكمەتلەر يۇشۇرۇنغان بولۇشى مۇمكىن .
ياراتقۇچىنىڭ زىمىنغا بولغان مەسئۇلىيەت ، ھوقۇق،يەنى يۈكسەك ئەقىل -پاراسەت ،ئائىلە جەمىيەت تۈزۈشتىكى يادىرولۇق ئامىل بولمىش ئايال ۋە قەلبلەرنى بىر -بىرىگە چەمبەرچەس باغلاپ تۇرغۇچى مۇھەببەت ئۇرۇقلىرىنى ئەرنىڭ قولىغا تاپشۇرۇشتا ئەرگە بولغان ئىشەنىچنىڭ قانچىلىك بۆيۈكلىگى چىقىپ تۇرىدۇ .
دىمىسىمۇ ئەر ، ئايالنىڭ باشپاناھى .ئائلنىڭ تۈۋرۈگى .جەمىيەتنىڭ ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچى .ئەرلەر جۇشقۇن جەمىيەتتىن شاتلىق سادالىرى ئۈزۈلمەيدۇ .
زەيپانە ، لايغەزەل ئەرلەر قاپلىغان جەمىيەت مەنىۋى ئەخلاقى ئىقتىسادى كىرزىسىنىڭ پاتقىقىدا قالىدۇ .
ئەرلەر لايغەزەللەشكەن ،پەرۋاسىز .شەخسىيەتچى بولۇۋالغان جەمىيەتتىن سائادەت تۆت پۇتلاپ قاچىدۇ .
شۇڭا ئەرلەر ئائىلدىكى جەمىيەتتىكى مەسئۇلىيتنى تولۇق تونۇپ ھەقىقى ئەردەك يەنى بىزنى تاپقان دادىمىزدەك ، بوۋىمىزدەك ياشايلى . باللىرىمىزغا ئۈلگە بولغىدەك ، باللىرىمىز پەخىرلەنگۈدەك ياشايلى !!!!
مەنبە . ئۆزۈم .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا كەپتەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-10-2 07:36 PM