خوش قال ئەمدى
(ئۇچقۇنى)
مانا بۈگۈن يولغا چىقتىم،
قىيالماستىن ئەجەپ تەستە.
قالدى ئەل-يۇرت ئاتا-ئانام،
تۆكۈپ كۆز ياش دىلى خەستە.
شۇ تاپ بىردىن ئەسلىمىلەر،
كۆز ئالدىمدىن ئۆتتى ئاستا.
ھەر قەدەمدە كەينىمگە بىر،
قاراپ ماڭدىم قايتا-قايتا.
تالاي ئارزۇ-ئارمان بىلەن،
يىراقلارغا قىلدىم سەپەر.
يەنە قايتىپ كىلىمەن تىز،
ئامان بولسام قۇچۇپ زەپەر.
خوش قال ئەمدى باغرىم ئانا،
خوش قال ئەمدى جېنىم دادا.
خوش قال بولدى گۈزەل جانان،
مەن تۇغۇلغان يىشىل ۋادا.
بويتاق ھىكايىسى
(ئۇچقۇنى)
يىگىت بويتاق لايىق تاپالماي،
ئۆزىگە چىن ئاشىق تاپالماي.
خىيالىدا قىزنىڭ تەسۋىرى،
دەرد ھەسرەتكە تالىق، تاپالماي.
بولسا ئورتاق غايە نىشانى،
بولسا غورۇر ۋىجدان ئىمانى.
تاشلىسا تەڭ ئەل-يۇرتقا سايە،
شۇدۇر كۈتكەن ئارزۇ-ئارمانى.
بولسا يەنە ئوتلۇق ناۋاسى،
تېپىلغۇسىز شەرمى-ھاياسى.
ھۆسنى جامال نە كىرەك ئاڭا،
شۇلا ئىدى يۈرەك داۋاسى.
قايسى يۇرتتىن بولمىسۇن مەيلى،
ياقسىلا شۇ دىلغا خۇي-پەيلى.
تاماسى يوق مال-دۇنياسىدىن،
بولسام دەيتتى مەجنۇن ئۇ لەيلى.
ئىزدەيتتى شۇ ئارمانغا دەرمان،
تاپالماستىن ئۆزىمۇ ھەيران.
ئۈمىد بىلەن كۈتەر يىگانە،
يار ۋەسلىگە يىتەركىن قاچان.
لالە-لالە
(ئۇچقۇنى)
يۈرەك قىلار نالە-نالە،
دائىما دەپ لالە-لالە.
مىنى بۇنچە قىينىغۇچە،
جاننى ئالساڭ ئالە-ئالە.
بىر سەۋدا بار باشتا-باشتا،
كۆيدۈرىدۇ قايتا-قايتا.
ئالامدىكىن بۇ جىنىمنى،
ياكى قىيناپ ئاستا-ئاستا.
يار دەردى بەك يامان-يامان،
قالدى بۇ جان ئاران-ئاران.
شۇ سەۋدادا نەچچە ئەۋلاد،
كۈيەر يەنە زامان-زامان.
ياشاپ كەلدىم تەستە-تەستە،
بىۋاپا يار قەستە -قەستە.
مەۋجۇتلۇغۇم گاھ ئۇنتۇلۇپ،
باغرىم بولدى لەختە-لەختە.
شۇنداق بىر كۈنلەرمۇ كەلسە
(ئۇچقۇنى)
تىك تۇتۇپ تاغلار قەددىنى،
يەر-جاھان قاقاقلاپ كۈلسە.
دەريالار ئويناپ ئېقىپ،
شۇنداق بىر كۈنلەرمۇ كەلسە.
ئۇچار قۇش پەرۋاز قىپ كۆكتە،
باغلارمۇ جانلىنىپ كەتسە.
ئازاپدىن قۇتۇلۇپ يۈرەك،
شۇنداق بىر كۈنلەرمۇ كەلسە.
ھىجرانغا بىرىپ خاتىمە،
سەرسان روھ مەيدىنى كەرسە،
كۆزلەردە مەۋجۇتلۇق نۇرى،
شۇنداق بىر كۈنلەرمۇ كەلسە.