|
|
|
|
شۇ قەدەر رومانتىك بۇ تىمتاس كېچە
تۈندىكى ھىجراننى تۇرىدۇ سۆزلەپ .
ھىلال ئاي ساڭگىلاپ تاغنىڭ باغرىدا،
شولىسى دەريادا كۆرۈنەر لەيلەپ .
شوخ شامال شۇنچە ئەركىن شۇنچە شات ،
يىنىككىنە سۆيۈپ ئۆتەر يۈزلەرنى .
يۇلتۇزلارمۇ شۇنچە يارقىن نۇر چېچىپ ،
جەلىپ قىلار جۈپ-جۈپ ئويناق كۆزلەرنى.
تاغدىن چۈشكەن زۇمرەت كەبى سۇلارمۇ ،
گۈللەر يالاپ ئايلىنىپتۇ ئېقىنغا .
ھىلال ئايمۇ نۇرلىرىنى ئايىماي ،
سېخىلارچە تۆكۈۋەتتى زىمىنغا .
كۆك يۈزىگە چېچىلغان زەر تەڭگىلەر ،
جىمىرلىشىپ بىر -بىرىگە قىلدى ناز .
ئاشىق قەلب ھىجرانىدا مەشۇقنىڭ ،
ناخشا ئېيتار يۈرىگىدە چېلىپ ساز .
پىنھان كېچە چاڭقاق دىللار ئۇچرىشىپ ،
باغاش ئېتەر مۇھەببەتلىك قەلىبلەر .
مەھكۇم بولغاچ تەنھالىقنىڭ ئازاۋى ،
ئويناپ كېتەر ۋىسال تاپقان يۈرەكلەر .
مەن بۇ شىئېرنى پىنھان كېچىلەردە سۆيگۈ سىرلىرىنى ئىزھار قىلۋاتقان ئوت يۈرەك ئاشىق -مەشۇقلارغا سوۋغا قىلىمەن.
مەنبە ؛ ئۆزۈم بۇ يازمىنى ئاخىرىدا katran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-10-2 12:33 PM
|
|
|
|
|
|