مەمتىلى ئەپەندى بىلەن ئابدۇقادىر داموللامنى ئەسلەپ تۇرىمەن. كونىلار تاپقىنى گۈل كەلتۈرەر تاپالمىغىنى بىر باش پىياز دەپتىكەن، تۆەندىكىسى مەمتىلى تەۋپىق ئەپەندىنىڭ شېئىرى
ئۆزۈم كىچىك
ئۆزۈم كىچىك، سۆزۈم كىچىك،
مەن بىر ئېچىلغان نازۇك چېچەك.
ئوقۇمغانلار پۈچەك-پۈچەك،
ئۇنىڭ ئوتى دائىم ئۆچەك.
مەن بىر كىچىك ئۇيغۇر ئوغلىمەن،
بەك توغرا مەن، بەك توغرا مەن.
مەكتەپلىكىم يۈزۈم پارلاق،
ئەخلاقسىزلىق مەندىن يىراق.
سەن كىمنىڭ ئوغلىسەن، ئويلىساڭچۇ؟
سەن كىمنىڭ ئوغلىسەن، ئويلىساڭچۇ،
ئىززىتىڭ، ھۆرمىتىڭ كەم بولۇرمۇ؟
كۆكرىكىڭدە يېنىپ تۇرمىسا ئوتلىرىڭ،
ئەللىرىڭ، يۇرتلىرىڭ نۇر بولارمۇ؟
سەن كىمنىڭ ئوغلىسەن؟ ئويلىساڭچۇ،
ئىززىتىڭ، ھۆرمىتىڭ كەم بولۇرمۇ؟
تىغ ئېلىپ، ئاتلىنىپ جەڭ قىلمىساڭ،
يۇرتلىرىڭ، خەلقلىرىڭ ھۆر بولارمۇ؟
1933-يىلى، قەشقەر
كەلدۇق سالامەت ئايلىنىپ
(1935-يىلى تەۋپىق ئاتۇشتا يولغا قويغان يېڭى مائارىپنىڭ نەتىجىللىرىنى تەشۋىق قىلىش ۋە ئۇنىڭ تەسىرىنى باشقا جايلارغا كېڭەيتىش مەقسىتىدە 40 نەپەر ئوقۇغۇچىنى تەشكىللەپ، ئۇلارنى پەيزىۋات، توققۇزاق، ئوپال، تاشمىلىق، يېڭىسار، قەشقەر قاتارلىق جايلارغا پىيادە ساياھەتكە ئېلىپ بېرىپ، ئاقارتىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. ئۇلار ساياھەتتىن قايتقىندا ئاتۇش كوچىللىرىدىن مۇشۇ ناخشىنى ئېيتىپ ئۆتەتتى.)
سەپەر قىلدۇق، تاغلار ئاشتۇق،
يېڭىلىقتىن نۇرلار ساچتۇق.
خەلىقىمىزگە قۇچاق ئاچتۇق،
كەلدۇق سالامەت ئايلىنىپ.
بىھۇدە يولنى ماڭمىدۇق،
بىز يولدا ھەرگىز ھارمىدۇق،
ئىشىمىز ھەم بىكار قالمىدۇق،
كەلدۇق سالامەت ئايلىنىپ.
پىيادە چۆللەردىن ئۆتۈپ،
ھەر يەردە ئەلنى ئويغىتىپ،
كونىلىقنى قورقىتىپ،
كەلدۇق سالامەت ئايلىنىپ.1935-يىلى
ئەسلى تېمام:https://uyghur-archive.com/misranim/thread-39883-1-1.html
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Davan_Axkuqi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-10-2 06:24 PM