بايرام مەزگىلىدە مەملىكەت ئىچىدىكى بارلىق پاي بازىرى ، قەرەللىك مال ،تور سودا سىسىتمىسى 8 كۈنلۈك ئارام ئالىدۇ .
لىكىن خەلقئارا بازار يەنىلا نۇرمال ھەركەت ئىلىپ بارىدۇ .
ئالتۇن باھاسى ئالدىنقى ھەپتە 1780---1785----1790 دوللارغا چىقىپ يەنە بۈگۈن 1764دوللاردا ھەركەتلىنىۋاتىدۇ .
ئالتۇن يىقىنقى بىر ئاي ئىچىدە ئۆزلۈكسىز ئىشىپ 200 نوقتىدىن كۆپرەك ئىشىپ كەتتى .
يىقىنقى بىر ئايدىن بىرى دوللار قىممىتىنىڭ چۈشۈپ كىتىشى بىلەن پۇل پاخاللىق ئەھۋالى رۇشەنلىشىپ ئالتۇن باھاسىنىڭ ئىشىپ كىتىشىگە سەۋەپچى بولدى .
بۇ 8 كۈنلۈك بايرام مەزگىلدە ئالتۇن باھاسى 1800 دوللاردىن ئاشالارمۇ ؟؟ ياكى چۈشۈپ كىتەمۇ ؟؟
مىنىڭ قارىشىمچە بۇ ھەپتە دوللار قىممىتى بەك ئاشالمايدۇ . بۇ ھال چوقۇملا ئالتۇن باھاسىنى 1800 دوللاردىن ئاشۇرۋىتىشى مۆمكىن . ياكى 1800دوللار ئەتراپىغا كىلىشى مۆمكىن .
بولۇپمۇ مۇشۇ ھەپتە 5-ئۆكتەبىر جۈمە كۈنى غەيرى-يىزا ئىگىلىك قىممىتى ئىلان قىلىنىدۇ . شۇ ۋاقىتتا بازار يەنە بىر قىتىم ئاستىن-ئۇستۇن بولىشى مۇمكىن . شۇڭا ئالتۇنغا مەبلەغ سالىدىغانلار بۇ كۈنگە ئالاھىدە دىققەت قىلىش كىرەك .
1-ئۆكتەبىر چۈشتىن بۇرۇن بىر مىسقال تورىغا يوللاندى .
مەنبە " بىر مىسقال تورى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا huxqiray تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-10-2 02:08 PM