يالغانچى
قارىساڭ ئىشەنچلىك كۆزۈڭنى تىكىپ،
ئېغىزىڭ بېسىقماي گەپنى چوڭ قىلىپ.
ھاياجان ئىچىدە ئويلارغا كېتىپ،
ئېيىتقان سۆزۈڭنى راستكەن دەپتىمەن.
يۈزۈڭدە كۈلكىدىن زىناقلار چىقىپ،
قۇۋلارچە مېنىڭدىن "سىناق"لار ئېلىپ.
قالغاندا يىگانە بىراۋلار كېتىپ،
ئېيىتقان سۆزۈڭنى راستكەن دەپتىمەن.
ئېشلاردا مەن بىلەن "مەسلىھەت"سېلىپ،
ۋە ياكى بەزىدە"نەسىھەت"قىلىپ.
ئۆزۈڭگەئۇيالماي پەزىلەت سىزىپ،
ئېيىتقان سۆزۈڭنى راستكەن دەپتىمەن.
جاۋابلار بەرگەندە مەيدەڭگە چېكىپ،
ۋە ياكى تۈگىمەس قەسەملەر ئىچىپ.
كۆرۈنۈپ كىشىگە ئەلەملەر چىكىپ،
ئېيىتقان سۆزۈڭنى راستكەن دەپتىمەن.
نەچچە رەت ئالدىمدا سەتلىشىپ قىلىپ،
سۆزۈمگە"يۈرەك"تىن قۇلاقلار سېلىپ.
"ھەقىقى"سۆز بىلەن كۆڭلۈمنى ئېلىپ،
ئېيىتقان سۆزۈڭنى راستكەن دەپتىمەن.
ئىشەنمەي،كۆڭلۈمگە گۇمانلار چۇشۇپ،
قەلبىمدە دوستلىقنىڭ يالقۇنى ئۆچۈپ.
ياش بىلەن يېزىلغان خېتىڭنى كۆرۈپ،
ئېيىتقان سۆزۈڭنى راستكەن دەپتىمەن.
قايتىدىن يانغاندا ئۈمىد ئۇچقۇنى،
سەن دېدىڭ:"كۆر،مانا بەخىت كۈلگىنى
ۋاپاسىز ھاياتتىن ياخشى ئۆلگىنى."
ئەجەپ بۇ سۆزۈڭنى راستكەن دەپتىمەن.
چاندۇرماي يالغاننى راستقا ئوخشىتىپ،
ئالدىمدا مەككاردەك مايمۇن ئوينىتىپ.
بەزىدە بىر گەپكە ھارماي ئويلىتىپ،
ئېيىتقان سۆزۈڭنى راستكەن دەپتىمەن.
ئالدىمدا دوست كەبى مۇلايىم كۈلۈپ،
ۋە لىكىن كۆڭلۈمگە پەرۋاسىز يۈرۈپ.
يالغاندىن مېنى بىر قەدىناس بىلىپ،
ئېيىتقان سۆزۈڭنى راستكەن دەپتىمەن.
ئېيىتقىن،سېنى مەن سۈپەتلەي قانداق؟
بولمىغىن ئۇنچىلىك يالغانغا ئامراق.
ئويلاپ كۆر جاھاندا تەستۇر ياشىماق،
ئېيىتقان سۆزۈڭنى راست بولسا دەيمەن.
بىلىپ قوي يوق بىرەر يېشىلمەس تۈگۈن،
يالغىنىڭ پاش بولۇر ئەتە يە بۈگۈن.
كېلىدۇ ۋىجدانغا ئازابلىق بىر كۈن،
ئېيىتقان سۆزۈڭنى راست بولسا دەيمەن.
مەيلى سەن يۈرگەن بول قانداق،قەيەردە؟
ئۇچرىسا پاك قەلىب ساڭا ئەگەردە،
ئاتا قىل سەن ئاڭا ھەقىقى ئەتە،
ئېيىتقان سۆزۈڭنى راست بولسۇن دەيمەن.
(يالغانچىلىق بولسا مۇناپىقنىڭ بىر سۈپىتىدۇر.ئاللاھ ھەممىمىزنى ئۇنداق يامان سۈپەتلەردىن يىراق قىلسۇن!)
مەنبە:قەلىمىم