مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 5341|ئىنكاس: 53

ھەقىقى يۇلتۇز -ئابدۇللا ئابدۇرېھىم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مىسرانىمنىڭ تەر

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1683
يازما سانى: 31
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 10413
تۆھپە نۇمۇرى: 384
توردا: 1602 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2012-10-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-1 06:52:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


ئاپتۇر ئىلاۋىسى : مەزكۇر ئەسەر  ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پەخىرلىك ئوغلى ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ  سەنئەت ھاياتىغا نىسبەتەن بىر خىل سېلىشتۇرۇش ۋە پاكىتنى ئاساس قىلىش،شۇنداقلا ئىزدىنىش ۋە مۇھاكىمە قىلىش شەكلى قوللىنلغان ،ھەجىمى نىسبەتەن چوڭ ۋە قىسمەن تەنقىدى بايانلار  سىڭدۈرۈلگەن ھالەتتە يېزىلدى.ھەم بۈگۈن ئوغلانىمىزنىڭ  43 ياشقا كىرگەن كۈنى ئىكەن  ،شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇ كىشىنىڭ ئىشىلىرىنىڭ تېخىمۇ رۇناق تىپىشىغا ۋە ئۆمرىگە بەرىكەت تىلەيمەن  ،ئەمدى بىشىدا دەيدىغىنىم ، بۇ ئەسەرنى مەن خېلى بۇرۇن يازغان ، شۇڭلاشقا  تەنقىد قىلغانلار قانداقتۇر مەن قەستەن قىلغانلاردىن  ياكى ئۆچ كۆرگەنلەردىن ئەمەس ، ھەم پاكىت ئاساسسىنى كۆرسەتتىم شۇڭا بۇنى توغرا چۈشىنىش كىرەك ۋە ماقالىنى كۆپ بولسىمۇ بىر قاراپلا باھا بەرمەي ئاستا-ئاستا تۇلۇق ئۇقۇپ چىققاندا ئاندىن بىر قەدەر ئورتاقلاشماقچى بولغان مەزمۇنلارئايدىڭلىشالايدۇ. شۇڭا مۇمكىن بولسا دوسلارنىڭ  تۇلۇق كۈرۈپ چىقىپ باھار بىرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.


ھەقىقى چاقنىغان يۇلتۇز -ئابدۇللا ئابدۇرېھىم

پەرھات مۇھەممەتئىمىن

(ئەل سۆيگەن ، ئەلنى سۆيگەن سەنئەتكار –ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ  سەنئەت ھاياتى ۋە  نەتىجىسى ھەققىدە ئىزدىنىش )

ئەلمىساقتىن شەكىللەنگەن مەنىۋىيەت  چۈشەنچىسى -ئىنسانىيەت مەدىنيەت قاتلىمىدا ،ئۆزىگە خاس گۈلتاجى بىلەن نۇرلىنىپ، بىر خىل ئىتنىك تۈركۈمدىكى كىشىلەر تۇپىنىڭ، ئۈزى ھەققىدىكى ئابىدە خارەكتىرىگە ئىگە ئادىمى چۈشەنچىسىنى ۋە ئىستىتىك تۇيغۇسىنى مۇئەييەن تىپ بىلەن ئىپادىلەشكە ،زۈرۈر بولغان تاينىش ئاساسى يارىتىشقا ئىمكان يارىتىۋاتىدۇ.

دەل مۇشۇ خىل مەنىۋىيەت ئۇقۇمىنىڭ دائىرىسىمۇ، ئىنسانىيەتنىڭ  قۇرۇق ھالەتتىكى ياشاش ھەلەكچىلىكىگە سىڭىپ كەتكەن ،قاتمال ئىددىيىسىنى سىقىپ چىقىرىپ ، ئادىمىيەتنىڭ ھەر خىل شەكىل بىلەن، ئەقىل توپلىشى ۋە شۇ ئىدىراك ياردىمىدە قايتىدىن ئۆزىنى مۇكەممەلەشتۈرۈش تاللىشىغا   مەنىۋى مۇھىت يارىتىپ بەردى.

شۇنداقلا بۇ خىلدىكى مەنىۋىيەت دۇنياسىنىڭ كەڭرىلىكىمۇ- دەل ئادەملەر نەزىرىدىكى نۇرغۇنلىغان نەزىرىيىۋى ئىنىقلىمىلارنىڭ، ئۆز خۇرۇچلىرىنى تاكامۇللاشتۇرۇشىغا ئاكتىپ تەسىر كۆرسىتىدىغان، مەنىۋى مەيداننى كىڭەيىتمەكتە.

ئادەتتە تەكىتلىنىۋاتقان ئىنسانىيەت تۈركۈمىگە مۇناسىۋەتلىك، بىر پۈتۈنلۈك، ئىزچىللىق ، سىجىللىق، مۇكەممەللىك،  گەرچە نۇرغۇنلىغان تەخىرسىز تىمىدىكى ، ئارتۇقچىلىقنى جارى قىلدۇرۇش بىلەن بىرگە ماس ھالدىكى كەمچىللىكنى تۇلۇقلاشقا مۇھتاج بولسىمۇ ، ھەر بىر ئىنسان تاللىغان يەككە غايە، يۇقۇردا قەيىت قىلىنغان مۇقەددەس ئۇقۇملارنى مۇكەممەل  نامايەن قىلىشقا تۇلۇق پۇرسەت يارىتىپ بىرەلمىدى.

  بۇنداق ئەمىلى رىئاللىق، ئىنسانلار دۇنياسىدىكى ، ئىنسانىيەتچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ھەر خىل قوۋىملاردا ئوخشاش بولمىغان ، تۈرلۈك –تۈمەن ،رەڭگارەڭ تۈستىكى تۇرمۇش قارىشىنى شەكىللەندۈرۈپ ، ھازىرقى  رەڭگارەڭ مەدىنيەتلەر بىلەن بىزەلگەن ، كەڭ دائىردىكى  دۇنياۋى مەدىنيەت تۈركۈمنى شەكىللەندۈرمەكتە.

شۇ سەۋەبتىن بۇ چوڭ  دائىردىكى  ، ئوخشاش بولمىغان قوۋىملارنىڭ ئۆزىدە يىتىلدۈرگەن خاسلىق بىلەن ئايرىملىق، ئالاھىدىلىك بىلەن كەمچىللىك، ئىلغارلىق بىلەن قالاقلىق بىرگە مەۋجۇد بۇلۇپ ،شۇ قۇۋىم مەدىنىيلىكىنىڭ ھەقىقى  ئىپادىسىنى، ئۆز ئەسلى بىلەن ئەكىس ئەتتۈرگەن ئۇمۇمى دائىردىكى رىئاللىقنى نامەيەن قىلماقتا.

ئەمدى مۇشۇنداق كونكىرىت ئۇمۇملۇقتا، ھەر خىل قوۋىملار ،ھەر خىل مۇئامىلە قىلىدىغان ،« سەنئەت» تىن ئىبارەت ،مەنىۋىيەتنىڭ يىگانە بىر بابى بۇلۇپ، بۇ ھەقتە قانداق پىكىر قىلىش ئۇسۇلى بىلەن ، ئۇقۇرمەنلىرىمىزگە  مەقسىدىمىزنى تۇلۇق چۈشەندۈرۈش شەكلىنى تاللاش، ئاققا قەلەم تەۋرەتكەن ، ھەر قانداق شەخسىنىڭ  قۇلىدىن كىلىرۋىرىدىغان ، ئاددىي ئىش ئەمەس.

شۇنداقتىمۇ يەنە بىر خىل چوڭ مەنىۋى دەستەك بۇلۇپ ، پىكىر قىلىش ئارقىلىق ،ئۆز ھىس قىلغان ئەمىليەتنى ،چىنلىقى بىلەن ئىپادىلەش ئۇسۇلىنى نامايەن قىلغاندا - مەلۇم جەھەتتىن ھەر قانداق چوڭ تۇسالغۇنى يىمىرىپ تاشلاش ئىمكانىيتى تۇغۇلىدۇ.  گەرچە مۇنداق ئىسىل سۈپەت بىلەن بىر ئىشنى تاماملاش ئاسان بولمىسىمۇ ، مۇشۇ ھەقتە ئازدۇر -كۆپتۇر  قىلىنغان ئەمگەك ، مەلۇم مەۋقەنى نامايەن قىلالىسا ئۆز قىممىتىنى نامايەن قىلالايدۇ.

شۇ سەۋەبتىن «تاپقىنى گۈل كەلتۈرەر، تاپالمىغىنى بىر باش پىياز» دىگەن خەلقىمىزنىڭ ئەڭ مۇكەممەل تەۋەرۈكى بىلەن ،ئاققا قەلەم تەۋرىتىش پۇرسىتى نىسىب بولدى. مەن بۇنى ھىس قىلغانلىقىم ئۈچۈن ئەمەس ، مۇشۇنداق مەسئۇلىيەتنىڭ تەخىرسىزلىكى بىلەن، مەزكۇر تىمىدا كەڭ ئۇقۇرمەنلىرىمىز بىلەن ئۇرتاقلىشىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم.

تاللىغان مەزكۇر تىمىغا قارايدىغان بولساق ، تىمىمىز قارىماققا، ئارىمىزىدىكى بىر قىسىم ئۈزىنى ئەڭ مۇكەممەل سانايدىغان ، ئىلغار پىكىرلىك ئالى قاتلامدىكى قىسمەن  تەپەككۇر ئۇستىلىرىنىڭ،  نەزىرىدىن تازا ئۈتۈپ كىتەلمىسىمۇ ، كۆپ قىسىم مۇشۇ تىمىغا كۈڭۈل بۆلگەن ئىشتىراكچىلىرىمىزنىڭ دىققىتىگە سازەۋەردۇر.

چۈنكى بۇ تىممىزدا (ئەلگە تۇنۇشلۇق ، ئەل سۆيگەن، ئەلمۇ سۆيگەن ، دولان دىيارىنىڭ پەخىرى ) قەلبىدىكى بىر ئوت بىلەن ئەل بىلەن سىرداشقان ، ئۇيغۇر جەمىيتىنىڭ ئاممىباب مىلودىيسى بىلەن قەلىپ رىتىمىنى ، بۇلاق سۈيىدەك يېقىملىق ئاۋازى بىلەن ياشارتىپ كىلىۋاتقان ، ئەخلاق-پەزىلەتلىك ، تىرىشچان ھەم ئۆز كەسپىدە مۇئەييەن نەتىجە ياراتقان ، ياش خەلق سەنئەتكارى- ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ  سەنئەت ھاياتى ۋە سەنئەت ھاياتىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنىڭ  ئەھۋالى  ئۈستىدە ، ئوخشىمىغان نوقتىدىن پىكىر قىلىپ، خەلقكە يۈزلەنگەن يارقىن ئوبرازى توغىرىسىدىكى، نوقتىلىق ئىزدىنىشىمىز ئاساس قىلىنغان.

ھەر قېتىم مۇنداق بىر ئۇمۇميۈزلۈك  «دوگما تۇنۇش»، ئادەمنى دائىم سەنئەت ئۈستىدە پىكىر قلىشقا توغرا كەلگەندە ئويلاندۇرۇپ قۇيىۋاتىدۇ.

يەنى ئۇيغۇر جەمىيىتىدىكى  قىسمەن زىيالىيلار ، جەمىئەت تەرەققىياتى، پەن-تېخنىكا، ئىلىم-پەن ، بىر پۈتۈن خەلىقنىڭ ئونۋېرسال كۈچى قاتارلىق تەخىرسىز تىمىلار ئۈستىدە ئىزدەنگەندە، ئىزدىنىشتە زور خاتالىققا يول ئېچىۋاتىدۇ.

بىرىنجى بۇلۇپ ھەل قىلىنىدىغان زۈرۈريەتنىڭ، ئەسلىدە   ئىزدىنىش ئۇسۇلى بىلەن ئىزدىنىش مۇددىئاسىنى ئىكەنلىكىنى چۆرۈپ تاشلاپ ، ئاڭسىز ھالەتتىكى قاۋاش بىلەن شالىسىنى چاچىرىتىش، ئۈزى خالىسا ياخشى ، خالىمىسا بىر پۈتۈن قارا بۇلىدىغان ھېسىىسى ئىزدىنىش تۇيغۇسىنى بەكرەك گەۋدىلەندۈرۈپ كىلىۋاتىدۇ.

بۇلۇپمۇ ئۇيغۇر سەنئىتىدىكى ناخشا –مۇزىكابىلەن تىياتېر توغىرىسىدا پىكىر

قىلىنسا ، شۇ پىكىر قىلغۇچى، ئەڭ ئاۋۋال خاتا پىكىر قىلغان ھىسابلىنىپ ، تەرەققىياتنى توسقان ، جىنايەت گۇماندارىغا ئايلىنىپ قلىۋاتىدۇ.

ئادەمنى ئەڭ  ئويغا سالىدىغىنى «بىز مۇقامچىلىقتا دۇنيانىڭ ئالدىغا ئۆتتۇق، ناخشا –مۇزىكىمىز بەك تەرەققى قىلىپ كەتتى، ھەدىسىلا ناخشا ئېيتىپلا يۈرەمدۇق؟

ناخشا ئېيتىپ جان باقمىسا تىلەمچىلىك قىلىدۇ. ئۇندا ناخشىچىنى ، مۇندا ناخشىچىنى ، بىزگە مىڭ دانە ناخشچىدىن، بىر ئىشچى كىرەك، ناخشىچىلار بىرسىمۇ قالمىسا، ناھايتى ياخشى تەرەققى قىلاتتۇق»«سىگانلارمۇ خاس ناخشا مۇزىكا بىلەن شۇغۇللانغاچقا ئاخىرى يۇقىلىپ قۇل بولدى» دىگەندەك ئەڭ قاملاشمىغان ، خەتەرلىك ئېغۋالار بىلەن ، بىزنىڭ «ئۇيغۇر » دىن ئىبارەت بىر پۈتۈن ئىتنىك  مىللەت نامىنى، «  ناخشا –مۇزىكا» دەپ سۈپەتلەۋاتقان ، تەلۋە شۇئارچىلىرىمىزنىڭ ، ياڭىراق شۇئارى بۇلۇپ، بۇ خۇددى «تۆت كىشىلىك گوروھ» نىڭ ، گۇناھسىز ئادەمنى قەستەن قارىلاپ مەدىنيەت ئاقارتىش ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللانغانلىقىغا  ئوخشىشىپ كىتىدۇ.

ئەمدى مەن جاۋاب بىرەيكى : بىز تېخى ھېچقاچان مۇقامچىلىقتا دۇنيانىڭ ئالدىغا ئۆتكەن ئىش يوق. ناخشا مۇزىكىلىرىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئاددىيسى قوشنا دۆلەتلەردىكى سەۋىيەگىمۇ يەتمەيدۇ. ئۇنىڭ ئۆستىگە بىز ھەدىسىلا ناخشا –مۇزىكا بىلەن مەشغۇل بولغان ئىشنى مەن ئۇچىراتمىدىم. ناخشا ئېيتىپ جان باقىدىغان ئەھۋال بىزنىڭ ئۇيغۇر جەمىيتىدە قىسقىسى مەۋجۇد ئەمەس.( بۇ يەردە ناچار ناخشا ئېيىتقان، ناخشا سەنئىتىنى بۇزىۋاتقان ، بۇزغۇنچى ناخشا ئېيتىشقا مەجبۇرى كىرىۋالغان ئادەملەر كۆزدە تۇتۇلمىغان ) بىزنىڭ ناخشا كەسپى بىلەن شۇغۇللىىۋاتقان ، ئىتىراپ قىلىنغان ناخشچىلار قانداقتۇر باشقا مىللەتلەرنىڭ ناخشچىلىرىدەك مەخسۇس ناخشا ئېيتىپ پۇل تاپقان ئەمەس.

ئۇنىڭ ئۈستىگە سىگان خەلقىنىڭ قۇل قىلىنىشى ،پەقەت ناخشا –مۇزىكا ۋاستىسى بىلەنلا بولماستىن ،بەلكى  مىللەت مەۋجۇد بۇلۇپ تۇرىدىغان ئاساسلىق ئىتىقاد قارىشىنىڭ  يۇقالغانلىقىدىن بولغان. شۇڭا بۇ يەردە قارىغۇلارچە قاۋاش ھالىتى يىتىلسە ، ھېچقانداق توغرا بولغان بىرخىل يول تېپىش مۇمكىن ئەمەس.

قىسقىسى بىزنىڭ پەن-تېىنىكىمىز، مىللى ئىگىلىكمىز، مائارىپ-مەدىنيەت تەرققىياتىمىز، سانائەت، ئىقتىساد-سودا، سىياسىي-قانۇنچىلىق،  پەلسەپە، ئەدىبى-سەنئەت، گۈزەل- سەنئەت،ئۆزىنى قوغداش، توغرا- ئاڭ، ئەخلاق،مىللى –مەدىنيەت ، سەنئەت  .. قاتارلىق ھەممە تەخىرسىز تىمىلار ئورتاق تەرەققى قىلپ، ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىش ۋە ماسلىىشىش ئەمىليىتى شەكىللەنگەندىلا  ئۇنىڭدىن كىيىن بىر پۈتۈن خەلقىمىزنىڭ گۈزەل ئەتىسىنى كۈرۈش ئىمكانىيتى تۇغۇلىدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ تىمىدا ،مەن مەلۇم شەخسى مەنپەتنى ئاساس قىلىپ، قارىغۇلارچە ماختاش ۋە مەدىھيلەش ياكى بولمىسا ئۈلۈك ھالەتتە مۇئەييەنلەشتۈرۈش ، ئۇسۇلىنى قوللىنىشتىن ساقلىنىشقا تىرىشتىم.

ئۇنىڭ ئورنىغا مۇلاھىزە قىلىش، ئادىمىيلىك نوقتىسىدىن كۈزىتىش، ئەھمىيەتلىك تەرىپىنى گەۋدىلىك ئىزاھلاش، پايدىلىق تەرىپىنى قېزىپ چىقىرىش، كەسىپ نوقتىسدىن بولسۇن ياكى ئۆز-ئارا  مۇناسىۋەتلىك مۇھىم تەرەپلەردىن بولسۇن، باشقىلارچۇقۇم پايدىلىنالايدىغان، قىممىتى يۇقىرى بولغان ئەمىليەتنى روياپقا چىقىرىشقا ، شۇ ئارقىلىق بىر ئەل چولپىنى بىلەن ئەل مۇناسىۋىتىنىڭ ھەقىقى تۈستىكى كارتىنىسىنى سىزىپ چىقىشقا ئىنتىلدىم. ئەلۋەتتە نىيەت بىلەن ئەمەلنىڭ توپتوغرا بىر يەردىن چىقىشى ئاسانغا چۈشمەيدىغان قىيىنچىلىق .

بۇ جەھەتتە ئادەمنىڭ  سەۋەنلىكتىن خالى ئەمەسلىكى رۇشەن  دەلىل . شۇنىڭ ئۈچۈن تىمىغا كىرىشتىكى جەريانلار بىلەن ئەمىليەتنىڭ بىردەكلىشىىگە يەنە كەڭ ئىلىم ئەھلىنىڭ ياردىمى ئەڭ مۇھىم.

1- ئابدۇللا ئابدۇرېھىم  ۋە ناخشا سەنئىتى

سەنئەت ئۇقۇمىنى چوڭ بىر باغقا ئوخشاتساق ، سەنئەت تۈرلىرىنى بۇ باغدىكى مىۋىگە ئوخشىتىشىمىز مۇمكىن ،باغ ئىچىدىكى مىۋىنىڭ تۈرلىرىنىڭ  ئوخشىمىغىنىغا ئوخشاش ، سەنئەت بېغىدا ھەرخىل سەنئەت تۈسلىرى شەكىللىنىپ بىر-بىرىدىن  پەرىقلەنگەن، يەنى  بۆلۈنگەن ھالەتتىكى ھەرخىل سەنئەت ژانىرلىرىغا ئايرىلغان بۇلىدۇ، گەرچە ئۇمۇمى تەۋەلىكى سەنئەت بولسىمۇ ، دائىرسى ئوخشمىغان ھالەتتە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان بۇلۇپ، بۇ خىل تۈس بولسا، سەنئەت ژانىرىنى شەكىللەندۈرۈشكە ئاساس ياراتقان ھىسابلىنىدۇ ،ئۇ تەۋەلىكى جەھەتتىن تەسۋېرى سەنئەت، بەدىئى سەنئەت، تىل سەنئىتى ، ئىلىم سەنئىتى، ئەدىبى- سەنئەت قاتارلىق تۈرلەر بىلەن ئىپادىلەنگەن. ئەمدى سەنئەت بىلەن شۇغۇللانغۇچى سەنئەتكار بولسا ، شۇ سەنئەتتىن ئىبارەت چوڭ باغ  ئىچىدىكى ، ئۈزىگە مۇناسىپ مەلۇم تۈرنىڭ مىۋىسىنى يىغىدىغان، ياشارتىدىغان پەرۋىشكار باغۋەنگە ئوخشايدۇ.

باغۋەننىڭ تىنىمىسىز قىلغان ھالال ئەجىرى ، پەرۋىشلەنگەن سەنئەت كۈچىتىدە ئۆسكەن  مىۋىنىڭ سۈپىتىنى بەلگىلەيدۇ.

شۇ ۋەجىدىن سەنئەت، سەنئەتكار، سەنئەت نەتىجىسىدىن ئىبارەت، بۇ ئۈچ خىل مۇناسىۋەتلىك ئۇقۇملار ،ھېچقاچان بىر-بىرىدىن ئايرىلغان ھالدا يىگانە مەۋجۇد بۇلۇپ تۇرالمايدۇ.

بىشىدا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك ، سەنئەت شەكلى ئۆز تەۋەلىكى جەھەتتىن يەنە نۇرغۇنلىغان تىپلارغا ئايرىلغان بۇلغاچقا. سەنئەتنىڭ كۆپ تەرەپلىمە ،رەڭگارەڭ تۈرلىرىنىڭ ھەممىسىنى بۇ تىمىدا تۇلۇق تەسۋىرلەپ بۇلالمايمىز.

بىز بۇ يەردە ناخىشا سەنئىتى بىلەن تېياتېر سەنئىتىنى ئاساس قىلىپ ، بۇ سەنئەت بىغىدىكى تىنىمسىز ئەجىر قىلغۇچى باغۋەن -خەلق سەنئەتكارى ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ۋە ئۇ پەرۋىشلىگەن كۈچەت : ناخشا ، تىياتېر سەنئىتىى ئۆستىدە مەخسۇس توختىلىمىز، مەزكۇر سەنئەتكارنىڭ مەنىۋى ھاياتىنى، بۇ جەھەتتىكى نەتىجىلىرىنى مۇلاھىزە قىلىش، چۈشەندۈرۈش ئۇسۇلى بىلەن ئىزاھلاپ ،ئۇقۇرمەنلەر بىلەن ئورتاقلىشىپ چىقىشنى ئالى مەقسەت قىلماقچىمىز.

ئابدۇللا ئابدۇرېھىم 1995يىلدىن بۇيان ، ئۇيغۇر جەمىيتىدە ئۆزىنىڭ بۇلاق سۈيىدەك يېقىملىق ئاۋازى بىلەن ئۆزگىچە ئۇرۇنلاش تالانىتىنى نامەيەن قىلىپ كىلىۋاتقان ، بۇ ئارقىلىق خەلقىمىز قەلبىدىن چوڭقۇر ئۇرۇن ئالغان ، خەلقىمىزنىڭ قەلبىنى يېقىملىق كۈيلىرى بىلەن ياشارىتقان، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۈزىگە خاس بولغان مەنىۋى كاپالىتىنى ئاساسى مەقسەت قىلىپ، سەنئەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان ئەلگە تۇنۇشلۇق ، ئەل سۆيگەن ۋە ئەلمۇ سۆيگەن ياراملىق ياش سەنئەتكار ھىسابلىنىدۇ.

ماھىيەتتە ئابدۇللا ئابدۇرېھىم پەقەت بىر ناخشا كەسپىدە كۆزگە كۈرۈنگەن چولپان بۇلۇپلا قالماستىن بەلكى ئۆز كەسپى تېياتېر ساھەسىدىمۇ، بەلگىلىك تەسىرىگە ئىگە. بۇ سەنئەتكارىمىزنىڭ قىلىۋاتقان ئەمىلى ئىشلىرىنىڭ ئۈنۈمىمۇ خەلقىمىز تەرىپىدىن ھەقىقەتەن مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن. شۇنداقكەن بىز بۇ جەھەتتە  ئورتاق تۇنۇشقا ئىگىمىز. تۈۋەندە بىز بۇ دىگەنلىرىمىزنى بىر قانچە نوقتىدىن ، سەنئەتكارنىڭ ۋە ئۇ شۇغۇللىنىۋاتقان سەنئەتنىڭ جەمىيتىمىزدىكى تۇتقان ئورنى ۋە جەمىئەتتىكى تۈرلۈك تەسىرى ، ئۇنىڭ سەۋەبى ھەققىدە نوقتىلىق توختىلىمىز.

1) ئۇيغۇر جەمىيتىدىكى ناخشا ئۇقۇمى ۋە  ئۇنىڭ تەسىرى .

جەمىيتىمىزدە ،«ناخشا ئۇقۇمى» ۋە ئۇنىڭ تەسىرىنى  تىلغا ئېلىش راستىن ئېيىتقاندا، ئىددىيە جەھەتتىن بىر خىل زىددىيەتلىك (پارادوكىس) چۈشەنچىدە ئىستىمال قىلىنىدۇ.يەنى خەلقىمىز ئىچىدىكى بىر قىسىم ئۇقۇمۇشلۇق كىشىلەر ۋە ھەتتا قىسمەن  مۇنەۋۋەر زىيالىيلار مەزكۇر ناخشا سەنئىتنى ، تەرەققىياتنى تۇسىۋاتقان ئامىل دەپ قاراپ ، خېلى ئىنكارى سۈپەتتە تىلغا ئالىدىيۇ، ئەمما خەلقىمىز بۇ تۈردىن ئۆزىنى تەلتۈكۈس تارتالمايدۇ. شۇنداقكەن  بۇ تىمىدا«بۇ تۈردە  ئاشكارە ھالدا تەھلىل ياكى ئىزدىنىش قىلىمەن دىيىش »بىزنىڭ جەمىيتىمىزدىكى ئەڭ قارشى ئېلىنمايدىغان ، سۇغۇق مۇئامىلىگە ئۇچىرايدىغان ، جىنايەت كەبى ئەمگەك ھىسابلىنىدۇ.  بۇنداق دىيىشىمىزنىڭ كونكىرىتنى ۋە ئابىستىراكىتنى سەۋەبى بار.

بۇ خىل چۈشەنچىگە سەۋەب بۇلىۋاتقان ھەر قايسى ئامىللارنى، مەن بۇ يەردە تەپسىلى تىلغا ئېلىپ ، باھا بىرىپ ئولتۇرمايمەن. ئەمدى بۈگۈن مۇشۇنداق بىرخىل سۇغۇق ، جىنايەت كەبى ئەمگەكنى تەپتارىتماي باشلىغانئىكەنمەن، مەن ئۈچۈن، ئەلۋەتتە  شۇ خىل  ئەمىليەتنىڭ ئىنكاسىغا  بەرداشلىق بىرەلىگۈدەك ،مەنىۋى ئىنىرگىيە ھازىرلانغانلىقىنى يۇشۇرالمايمەن. دىمەكچىمەنكى- مەن بۈگۈن ئەڭ يۇقىرى تىرىشچانلىق بىلەن زادى نىمىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ھەققىدە،  ئۆز بىلىشلىرىمنى ، كۈزىتىشلىرىمنى دادىل ئوتتۇرغا قۇيۇپ ، قانچىلىك ھالەتتە پايدىلىق ياكى زىيانلىق  ، پايدىلىق بولسا قايسى تەرىپى ، زىيانلىق بولسا قايسى تەرىپى ئىكەنلىكىنى ،    ۋە  مۇشۇ نىشاننى  بويلاپ ، بىزنىڭ ئىدىئولوگىيە ۋە ئاڭ سېستىمىزدا ئەكىس ئەتكەن ، مەنىۋى مۇۋازىنەتنىڭ ئىجابى ياكى سەلبى خارەكتىرىنى يۇرۇتۇپ بىرىشكە تىرىشىمەن. بۇ ئارقىلىق مەزكۇر شەخىس ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئەمگىكىنىڭ ، قانداق ئۈنۈم بىلەن خۇلاسىلىنىشى ۋە قانداق ئۇرۇنغا مۇۋاپىق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرغا قۇيۇپ ئۆتمەكچىمەن.

شۇنداق بولغانئىكەن، ئاۋۋال «ناخشا» ئۇقۇمىنى ئايدىڭلاشتۇرماي تۇرۇپ ، ھەمدە  ئۇنىڭ  فونكىسىيىلىك ئاقىۋەتلىرىنى تەھلىلدىن يىراقلاشتۇرۇپ  ، بۇ جەھەتتە ئەمگەك قىلىۋاتقان ھەر قانداق كىشىنىڭ نەتىجىسىگە ،چىش كېرىپ بىر نەرسە دىيىش مۇمكىن  بولمايدۇ.

   ناخشا سۆز مەنىسى جەھەتتىن ، بەلكىم بىزنىڭ ھازىرقى ئىستىمال تىلىدا ، كۈي، قۇشاق، نەغمە، ناۋا قاتارلىق مەنىۋى جەھەتتىكى ئېيتىملارنىڭ خۇرۇچى سۈپىتى بىلەن ھەممەيلەنگە تۇنۇشلۇق .

ئەمما ناخشىنىڭ، زادى  قانداق بىر شارائىتتا تۇنجى ئېيتىلىپ، ھازىرقى دەۋىرىگىچە كەلگەنلىكى نامەلۇم. ئۇ پەقەت ئىنسانىيەت ئۇقۇمى بىلەن زىچ باغلانغان ، باشقىچە تىلدىكى بىر سەنئەت ھىسابلىنىدۇ. قىياسلارغا  قارايدىغان بولساق، ناخشىنىڭ ئەسلى مەنبەسى ، يەنىلا ئىتىقاد بۇلۇپ، شۇ خىل يۈكسەك ئادىمى پەزىلەت ، سەنئەتنىڭ ، يەنى كىلىپ ناخشىنىڭ شەكىللىنىشىگە ئاساس ياراتقان.

دۇنيادىكى  ئىنسانىيەت تۈركۈمىنىڭ ھەممە تاراملىرىدىكى ، ھەممە ئىقلىمىدىكى . ھەر قانداق  خەلق ، مىللەت، قوۋىملارنىڭ ئۆزىگە خاس ناخشىلىرى ۋە ناخشا ئېڭى مەۋجۇت. ئىنسانىيەت دۇنياسىدىكى ئەقلى نۇرمال 98 پىرسەنىت ئادەمنىڭ ھەممىسى، ئۆمىرىدە بىرەر تال ناخشا ئاڭلاپ باققان ۋە ئېيتىپ باققان. شۇنداقكەن بۇ تىما قانداقتۇر مەۋھۇم ناتۇنۇش سەنئەت دىئالىكتىكىسى بولماستىن، كىشىلەرگە يىقىندىن تۇنۇشلۇق بولغان بىر ژانىر.

بۇ جەھەتتە بىز ناخشىنىڭ پۈتۈن ئىنسانىيەت تۈركۈمىگە، دۇنياۋى جەمىئەتكە  كۆرسەتكەن تەسىرىنى تۇلۇق ئايدىڭلاشتۇرىمىز دەپ ئېسىلساق ،سەل ئارتۇقچە ،  شۇ  سەۋەبتىن، دىققىتىمىزنى ئۆز  مىللىتىمىزنىڭ  ناخشىسغا ۋە تەسىرىنى ، جەمىيتىمىزنىڭ ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ تەھلىل قىلىپ چىقىشقا مەجبۇرمىز.

2) ناخشا زادى پايدىلىقمۇ ياكى زىيانلىقمۇ؟ ناخشىچى ئابدۇللا ئابدۇرىھىم پايدىلىق ئىش قىلدىمۇ ياكى زىيانىلىق؟

مۇشۇ كىچىككىنە مۇلاھىزىنى ، ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ھەققىدىكى مەزكۇر تىما بىلەن باغلاش، باشقىلارغا نىسبەتەن قانداق چۈشەنچە بىرىشى، ماڭا تازا ئىنىق ئەمەس . ئەمما مىنىڭ ئەينى مۇددىئايىم بولسا ،بۇ نوقتىنەزەرنى ئوتتۇرغا قۇيۇش ئارقىلىق ، ناخشا بىلەن ئاڭلىغۇچىلار ، ئەل  بىلەن ئەل  ناخشىچىسى ئارىسىدىكى، قىسمەن زۈرۈر باغلىنىشلىق مەسىلىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ، ھەمدە مەزكۇر ئوغلاننىڭ قىلىۋاتقان ئىشىدىكى، نەتىجىنىڭ خارەكتىرىنى بىكىتىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتۇر.  

بۇ جەھەتتە ناخشىنىڭ پايدىلىق ياكى زىيانلىق تەرىپىنى سۈرەتلەشتىن بۇرۇن. ئاۋۋال ناخشىنىڭ تەسىرى  ۋە شەكلى توغىرىسىدا قىسقىچە ئۇچۇر بىرىشىمىز لازىم.

ناخشنىڭ بىر جەمىئەتتە قانداق رول ئوينىشى ۋە قانداق شەكىلىدە ئۆز ئىپادىسىنى تېپىشى ،شۇ جەمىئەت خەلىقىنىڭ ئۈزىدىن يەككە ئايرىلغان ھالەتتىكى يىگانىلىقى بىلەن ئەمەس، بەلكى شۇ جەمىئەتكە سىڭىپ كىرىدىغان ئاڭنىڭ  مەنىۋى جەھەتتىكى  ئۇمۇمىيلىقى بىلەن روياپقا چىقىدۇ.

ئەلمىساقتىن بۇيان، ناخشا ھامان بىر شەخىسنىڭ ئىجادىيتى بىلەن شۇ شەخىس كۈيلەۋاتقان ئۇبىكىتنىڭ ھەممە تەرىپىنى تۇلۇق ئەكىس ئەتتۈرەلمىسىمۇ ،شۇ تىمىغا مۇناسىۋەتلىك،  قىسمەن چۈشەنچىلەرنى ئىپادىلەپ بىرەلەيدۇ.

بىشىدا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك ناخشا ئادەتتە ،ئەدىبى –سەنئەتتىن ئىبارەت چوڭ سەنئەت  ئائىلىسىدىكى بىر تۈردۈر. ھەقىقى بىر ناخشىدا - ئەدىبىيات ئىچىدىكى  – شىئىرىيەت (يەنى  روبائىيات، غەزەل، قۇشاق ،شىئىر، داستان تىلى) بىلەن  ئىپادىلەنمەكچى بولغان مەزمۇن  روياپقا چىقسا،  شۇنىڭغا ماس ھالەتتە بىرلەشتۈرلگەن مىلودىيە( يەنى مۇزىكا، كۈي، ئاھاڭ، رېتىم، تۈس ، ئۇسلۇپ، شەكلى) بىلەن ئادەملەرگە تېخىمۇ بەدىئى زوق ئاتا قىلىدىغان، مۇزىكىلىق ئىپادىلەش ئۇسۇلى سىڭدۈرۈلۈپ ،ئۇبىڭ بىر پۈتۈن جەلىبكارلىقى ئاشۇرۇلىدۇ.  شىئىرى تىل ۋە مۇزىكا تىلىنى ئۆزىگە سىڭدۈرۈپ  شەكىللەنگەن بۇ سەنئەتنى ، كۈيلىگۈچى يەنى ناخشىچى  ئۆز ئەمگىكى ئارقىلىق ، ئاڭلىغۇچىلار بىلەن يۈز كۈرۈشتۈرىدۇ.

دىمەك بۇ يەردە قانداقتۇر ئۇدۇل كىلىپلا بىر ناخشا ئېيتىش ياكى  ناخشا ئىجاد قىلىش ،ھەممە ئادەمگە ئۇنداق ئاسان نىسىپ بولمايدۇ. دەل مۇشۇ خىل ئەجىر ھەقىقەتەن سىڭگەن، سۈزىى  (تىكىستى ) مەزمۇنلۇق ، تېتىملىق ، ئادەملەرنى ئويغا سالالايدىغان ، تەسىرلەندۈرۈش خارەكتىرى كۈچلۈك، تەربىيە ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان، بەدىئىيلىكى يۇقىرى ، ھەر قانداق ئادەمنىڭ قەلبىدە چۇقۇم بىرەر تۇنۇش شەكىللىنىشىگە ئاساس سالالايدىغان ھالەتتە ، مىلودىيسى(مۇزىكىسى ) بولسا يىقىملىق، ساپ ،ئۆزگىچە، خەلق ئاھاڭىنى ئۆز مەنبەسى قىلغان، زامانغا لايىق، ئاڭلىغۇچىنىڭ ھىسىسى تارىنى چىكەلەيدىغان ھالەتتە، بۇنى ئۇرۇنلىغۇچىنىڭ ئاۋازى سۈزۈك،تىرىك ، ئۆزگىچە  يۈرىكىدىن كۈيلىگەن، شۇ ناخشا ئىپادىلىمەكچى بولغان مەزمۇن بىلەن ھىسياتقا تۇلۇق سىڭىپ كىتەلەيدىغان ھالەتتە ، روياپقا چىققان ناخشىلار بولسا ھەقىقى بىر ناخشا ھىسابلىنىدۇ . بۇنداق ھەقىقى ناخشىغا نىسبەتەن ھېچ قانداق ئادەم ئىنكار قىلىش مەيدانىنى تۇتمايدۇ. ئەمدى ئۇيغۇر جەمىيتىدىمۇ بۇ خىل ناخشىلار مەۋجۇد.

ئەكسىنچە  يۇقارقىدەك بىرقاتار مۇھىم بولغان  زۈرۈر  ئەجىرلەردىن ئەسەرمۇ يوق، زورىغا ئېيتىلغان ، مەجبۇرى رەۋىشتە روياپقا چىقىرىلغان ناخشىلارچۇ؟ئۇنىڭ نامى ناخشا يەنى ناچار ناخشا بۇلۇپ بۇ خىلدىكى ناخشىىمۇ ئارىمىزدا ھەم بار.

بۇنىڭدا ئاساسلىق سەۋەب، مۇشۇنداق بىمەنلىكنى روياپقا چىقىرىۋاتقانلار قانداقتۇر ناخشىچى ئەمەس بەلكى ناخشىنى ، ئۆزىنى ، بۇ كەسىپنى پۈتۈنلەي چۈشەنمەيدىغان ، پەقەت مۇشۇ كۆپلىگەن زۈرۈرىيەتلەر ئىچىدىكى ئىنتايىن ئاز بىرقىسىمىنىلا ئازىراق بىلگەن كىشىلەر بۇلۇپ ، ئۇلار ناخشىنى بۇزىۋاتقان ، ھەقىقى سەنئەت تۈسىنى بۇرمىلىۋاتقان كىشىلەر ھىسابلىنىدۇ.

ئەلمىساقتىن بۇيان بىزنىڭ خەلقىمىز ، ناخشا سەنئىتىگە، زىل مۇئامىلە تۇتۇپ كەلدى. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھەر قايسى دەۋىرلەردىكى  كۆپ خىل ئەگرى تۇقاي تارىخى ، كەچۈرمىشلىرى نۇرغۇنلىغان خەلق ناخشىلىرىنىڭ روياپقا چىقىشىغا ، نۇرغۇنلىغان خەلق ئېغىزى ئەدىبىياتىدا يۈكسەك ئۇرۇن تۇتقان ، قۇشاقلىرىنىڭ ،ئۆز ھىسىسى دۇنياسىدىكى مۇڭى ۋە كۈيى بىلەن بىردەكلەشتۈرۈپ ، قېلىپلاشقان، ئۆلچەملەشكەن چوڭ تىپتىكى ناخشىلارنى ، مۇقاملارنى ، سەنئەت ئەسەرلىرىنى مەيدانغا كەلتۈرۈشگە سەۋەب بولغىنىنى ھەممىزگە ئايان . بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ كۆزگە كۈرۈنگەن ۋەكىل خارەكتىرىگە ئىگە بولغىنى - ئۇيغۇر 12 مۇقامى بىلەن خەلق ناخشىلىرى ۋە سەنىمىنىڭ رەڭلىك جۇلالىرى بۇلۇپ، مىللى خاسلىققا ۋە كەڭ  تارقىلىشچانلىققا ئىگە.

بىز بۇ خىل تۈردىن تارىخىمىزنى، مەدىنيىتىمىزنى، مەنىۋىيتىمىزنى چۈشىنەلەيمىز. بۇ ھەقتە ئارتۇق سۆزلىمىسەكمۇ  پاكىت بۇنىڭغا ھەقىقى ئىسپات بۇلالايدۇ.

ئەمدى يەنى بىرجەھەتتىن تەھلىل قىلىپ كۈرىدىغان بولساق، يۇقاردا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك ، پاكىزە سەنئەت نەتىجىلىلىرىگە ماس ھالەتتە داۋاملىشىپ كەلگەن، مەزمۇنى پېچەك، مىلودىيسى ئەبجەش، سەنئەت قائىدىسىدىن چەتنىگەن ،تېتىقسىز ناخشىلارنىڭ مەيدانغا كىلىپ سەلبى ئاقىۋەت پەيدا قىلغىنىمۇ ھەم پاكىت .

شۇنداق بولغاچقا ، بۇ خىل ئىجابى تەسىر بىلەن سەلبى تەسىر بىرلا ۋاقىتتا تەڭ تارقالغان  ناخشىلارغا نىسبەتەن ،كەڭ ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ئىددىيىسىدە، رۇشەن  سۈيۈنۈش بىلەن نەپىرەتلىنىش، قايىل بۇلۇش بىلەن بىرگە غەزەپلىنىش، مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن ئىنكار قىلىش، ئىنىق بىر پۇزىتسىيە بىلەن يۈزلىنەلمەيدىغان تەمىتىرەشتىن ئىبارەت ئۇمۇميۈزلۈك جەمىئەتلەشكەن پۇزىتسىيە شەكىللىنىدۇ.  

ئەمدى بىز بۇ خىل ئۇمۇمى پۇزىتسىيە ئەمىليىتىنى كۆزدە تۇتۇپ «ناخشا پايدىلىقمۇ ياكى زىيانلىقمۇ ؟» دىگەن سۇئالغا جاۋاب ئىزدەپ كۈرىدىغان بولساق ، ناخشىنى تۇلۇق پايدىلىق دىيىشكە ، ياكى زىيانلىق دىيىشكە ھەقلىق ئەمەسمىز. يەنى بۇ سۇئالغا ھەر قانداق ناخشا كەلتۈرۈپ چىقارغان نەتىجە بىۋاستە جاۋاب بىرىدۇ.

ئەگەر بىر ناخشىدا ئۆز خەلقىنىڭ ، يۈرەك تىۋىشى، سۈزى، مۇڭى، كۈيى، ئارزۇسى، غايىسى، ئەخلاق -پەزىلىتى، مەدىنيىتى ، ۋەتىنى،  مۇھەببەت –نەپىرىتى ، جەڭگىۋارلىقى ،ئۆرىپ-ئادىتى، ئىتىقادى،  سەمىمىيىتى ،ئىللەتلىرى ، كەمچىلىكى، ئارتۇقچىلىقى ، ئىنسانپەرۋەرلىكى ، تارىخى، ئىلىم سەنئىتى ،  مەنىۋى مۇھىتى قاتارلىق كەڭ ئامىللارغا مۇناسىۋەتلىك ۋارىيانىتلار شەكىللىنىپ ، ئاۋامغا ئاكتىپ تەسىر كۆرسەتسە  مەزمۇنى ، چىن مەنىدىن يىقىشلىق ، تېتىملىق ھالەتتە روياپقا چىقسا ، بۇ خىل ناخشىنى ھەر قانداق بىر شەخىسىنىڭ زىيانلىق دەپ قارىشىغا ھەققى يوق.

ئەكسىنچە بۇنداق تەرەپلەردىن ئەسەرمۇ يوق، بىر خىل ھەزىللەشكەن،ۋەزنى يوق، مەزمۇنسىز، شەھۋەتلەشكەن، زىيادە ئىشقى مۇھەببەتنى تىما قىلىۋالغان، ئەبجەش، زورىغا ئېيتىلغان، ئۆز خەلقىنىڭ مەنپەتىگە پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىدىغان، ئەخلاقتىن چەتنىگەن، ناچار مەدىنيەتلەر تەسىرىگە كۆپ ئۇچىرىغان، تېتىقىسىز، يىقىمسىز ناخشىلارنى ، ھەر قانداق بىر شەخىسنىڭ پايدىلىق دىيىشىگە ھەم ھەققى يوق.

شۇ سەۋەبتىن ناخشىنىڭ پايدىلىق ياكى زىيانلىق بۇلىشى شۇ ناخشا كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئەمىليەت بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك .

خوش ئۇنداق بولسا ، تىمىمىزدىكى بۇ خىل چۈشەنچىدىن ، مەزكۇر سەنئەتكار ئابدۇللا ئابدۇرېھىمغا نەزىرىمىزنى ئاغدۇرساق، بۇ شەخىسنىڭ نەتىجىلىرى توغىرىسىدىكى مۇھىم سۇئال « پايدىلقمۇ ياكى زىيانلىقمۇ ؟ » دىگەن  چۈشەنچىگە جاۋاب تاپالايمىز.

مىنىڭچە بولغاندا ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ ، 1995-يىلدىن تاكى ھازىرغىچە 15 يىللىق ناخشىچىلىق تارىخىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى ئەسلىسەك   يۇقارقى سۇئالغا جاۋاب  تاپالايمىز.

بۇ جەھەتتىن بىز ئاۋۋال ئابدۇللانىڭ ئابدۇرېھىمنىڭ ئىجادى نەتىجىلىرىدىن

« تەكلىماكان»« كىچەلمەيمەن سىنىڭدىن ۋەتەن»« مۇئەللىم » «ئۇزاق يول»

« يەتتە قىزلىرىم» «يول بەرگىن »«توغراق»«نەچچە رەت»قاتارلىق نەمۇنىلىك ناخشىلىرىنى مىسالغا ئېلىشىمىز مۇمكىن.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىك  سەنئەت ھاياتىدا ، جەمىئەت تەقەززاسىنى كۆزدە تۇتۇپ ، يولغا قويغان، سەلبى تەسىر پەيدا قىلغان  قىسمەن سەۋەنلىكىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلماسلىقىمىز لازىم. يەنى بۇ جەھەتتە، تۈرىك، ئۆزبىك، رۇس، ھىندى ناخشىلىرىنىڭ مىلودىيسىنى ئۆز پېتى ئىشلەتكەن ناخشلىرى ھەم بار بۇلۇپ ، بۇنىڭغا «رەنجىمە»«تۇغۇلغان كۈن» «ئەي سابا»«سۆيگەن قىزدىن چىرايلىقتۇر سۈيۈلمىگەن قىز » قاتارلىق ناخشىلىرى مىسال بۇلالايدۇ.

ئەمما بۇ خىل سەۋەنلىك پەقەت ، ئۇ سەنئەتكە كىرىشكەن 95 يىلدىن 2001 يىلغىچە داۋام ئەتتى. ئۇنىڭدىن كىيىن بۇ ئوغلانىمىز بۇ خىل سەۋەنلىكنى تۇلۇق ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىپ، باشقىلارنىڭ ناخشىلىرىنى كۈيلەشتىن ئۆز خەلقىنىڭ ناخشىلىرىنى ، نادىر ئىجادىيەتلىرىنى كۈيلەشكە يۈزلەندى. يەنى بۇنىڭغا، «ئىشچان يىگىت»«كەپتىرىم» «بىزنىڭ ناخشىمىز» «تۈگىمەس ناخشا» «ئوت كۈيىدۇ باشىمدا »«شاخ،شاخ چىنار» قاتارلىق ناخشلارنى دەسسىتىپ ، ئۈزى باشلامچى بۇلۇپ ئۈلگىلىك رول ئوينىدى.

قىسقىسى مەزكۇر ئوغلانىمىز نەتىجىلىرىگە باھا بەرگىنىمىزدە ، قىسمەن سەۋەنلىكنى ھىساب ئالمىغاندا ، نەتىجىسى گەۋدىلىك  بۇلۇپ، پايدىلىق ئىشلارنى كۆپلەپ قىلدى دەپ ئېيتالايمىز. بۇ سۆزىمىزنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە ماقالىمىزنىڭ كىيىنكى بۈلىكىدە تەپسىلى توختىلىمىز.

3) ناخشا-مۇزىكا بىلەن تەبىئى -پەن بىلىملىرى ئۆز-ئارا قارىمۇ قارىشىمۇ؟ ئۇيغۇر خەلىقىنىڭ يىقىنقى زامان قاششاقلىقىنىڭ تۈپ سەۋەبى راستىنلا «ئاتالمىش ناخشا –قۇشاق ، داپ دۇمباقتىمۇ؟»

ناخشا –مۇزىكا بىلەن تەبىئى –پەن بىلىملىرىنىڭ  مۇناسىۋىتىنى توغرا چۈشەندۈرۈش ئەلۋەتتە ئاسان ئەمەس. بۇلۇپمۇ ئۇلارنىڭ بىر-بىرىگە قانداق ھالەتتە تەسىر كۆرسىتىدىغىنى، جەمىيتىمىزدە مۈجمەللىشىپ كەتتى. ھازىرقى جەمىيتىمىزدە نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ،ناخشا-مۇزىكا بىلەن تەبىئى-پەن ئىلمىنى ئۆز نەزىرىدە ئۆز-ئارا مۇناسىۋەتسىز ،قارىمۇ قارىشى ئۇقۇمدەك ھىس قىلىشىدۇ . ئەمما مەن بۇ مەسىلىگە ئۇنداق قارىمايمەن . چۈنكى   كۆپ جەريانلا بىلەن پاكىت توپلاپ جاۋاب بىرىشتىن كۈرە ئۇچۇقلا ئۆز تۇنۇشۇمنى ئوتتۇرغا قويسام ، مىنىڭچە ناخشا-مۇزىكا بىلەن تەبىئى پەن ئىلمى تۈپتىن قارىمۇ قارىشى دىيىش توغرا ئەمەس.گەرچە ئۇلارنىڭ تەتقىق قىلىش دائىرىسى ئوخشاش بولمىسىمۇ  ئەمما ماھىيەت جەھەتتىن ئۆز-ئارا سىغىشالمايدىغان، زىددىيەتلىك ئەھۋال مەۋجۇد ئەمەس. يەنى بۇنىڭغا  تۈۋەندىكى ئىككى مىسال ئارقىلىق جاۋاب بىرىمەن.

بىرىنجىسى –بۇنىڭدىن 1100يىل بۇرۇن ياشاپ ئۆتكەن،  پۈتۈن دۇنياغا غايەت زور تەسىر كۆرسەتكەن ، ئۇيغۇر خەلىقىنىڭ مەشھۇر ئىنىسكىلوپىدىك (قامۇسى) ئالىمى، لوگىكا، پەلسەپە، ماتىماتىكا، تىبابەت،ئالەمشۇناسلىق ، ئىلاھىيەت، دىن ، مۇزىكا قاتارلىق بىر قانچىلىغان  غوللۇق تۈرلەردە تەڭ ئالىم بۇلۇپ يىتىشكەن ، تا ھازىرغىچە پۈتۈن دۇنيا ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ يۈكسەك دىققىتىنى تارىتقان، شەرىقنىڭ ئارىستوتىلى، ئىككىنجى ئۇستاز دەپ ھۆرمەتلەنگەن ، يىگانە تالانىت ئىگىسى ،ئۇلۇغ بوۋىمىز  ئەبۇ ناسىر فارابى(870-950)نى ،مەن تەپسىلى تۇنۇشتۇرمىساممۇ ، ھەممىگە ناھايتى تۇنۇشلۇق . ئۇنىڭ  مۇزىكا ساھەسىدىكى ۋە تەبىئى پەن ساھەسىدىكى نەتىجىسى پۈتۈن دۇنياغا تۇنۇشلۇق زور پاكىت .   بىز بۇ پاكىتقا ئاساسەن ئەتەي ھېچنىمىنى ئويلىماي ،يىڭىدىن شەكىللەندۈرۋالغان دوگما چۈشەنچىمىزگە ئاساسەن،  بۇ يىگانە دۇنياۋى  ئالىم بوۋىمىزنىڭ ،مۇزىكا ساھەسى بىلەن تەبىئى پەن بىلىملىرىنى تەڭ بىرلا ۋاقىتتا  گۈللەندۈرگىنىنى توغرا چۈشەندۈرۈلەمدۇق؟!  ،

خوش نەزىرىمىزنى نەزىرىمىزنى بۇنىڭدىن بۇراپ ،يىقىنقى زامان مەشھۇر  ئالىمى ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن(1932-1995)نىڭ ، ئىنىسكېلوپىدىك ئالىم فارابى ھەققىدە يازغان «فارابى ۋە ئۇنىڭ پەلسەپە سېستىمىسى»دىگەن كىتاۋىدىكى تۈۋەندىكى پارچىغا قارىتىپ باقايلى.

«فارابىنىڭ مۇزىكىغا مۇنچە بىرىلىشى ئۇنىڭ پەلسەپىۋى تەتىقات ئىشلىرىمۇ زور تۈرىتكە ۋە ئىلھام بولغانلىقى شۆبىھىسىز . مەلۇمكى ، ئەينى زاماندا مۇزىكا تەبىئەت ئىلمىنىڭ ، بۇلۇپمۇ ماتىماتىكىنىڭ بىر قىسمى دەپ قارالغان بولغاچقا ، ئالىم ۋە  پەيلاسوپ (ھېكىم ) بۇلۇش ئۈچۈن مۇزىكا تەتىقاتى ئېلىپ بېرىش شەرىت ھىسابلىناتتى. فارابى كىيىنچە مۇزىكىنىڭ ئۆزىنىڭ بىلىش نەزىريىسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى چۈشەندى . فارابىنىڭ نەزىرىدە مۇزىكا ئىلمى ئالەم گارمۇنىيسىنىڭ بىر قىسمى بۇلۇپ ، ئۇنىڭ تەبىئەت پەلسەپىسى كۆز قاراشلىرى ، بىلىش نەزىريىسى ، ئېستىتىكىلىق كۆز قاراشلىرى ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ئىدىئولوگىيسى بىلەن ئورگانىك ئالاقىدار ئىدى»[1]

دىمەك بۇ پارچىدا مۇزىكا بىلەن ماتىماتىكىنى ، مۇزىكا بىلەن پەلسەپىنى ، مۇزىكا بىلەن تەبىئى پەن ئالىمىنى قانداق مۇناسىسۋەتتە تەسۋىرلىگىنىنى چۈشىنىشىمىز مۇمكىن؟

ناخشا –مۇزىكا بىلەن شۇغۇللانغان ئالىم بوۋىمىز، ئەجىبا بىز چۈشەنگۈدەك تەبىئى پەن بىلىملىرى بىلەن  مۇزىكىنى قارشى دەپ چۈشەنگەن بولسا . پەلسەپە ، ماتىماتىكا پەنلىرى ۋە مۇزىكا ساھەسىدە تەڭلا  غايەت زور نەتىجە قازىنارمىدى؟

ئىككىنجى، 20-ئەسىردىكى پۈتۈن دۇنيادىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر تەبىئى پەن ئالىمى كىم دىيىلسە ، ھەر قانداق ئادەم ئالبېرىت ئېينىشتىيىن (1879-1955) دەپ جاۋاب بىرىشى تاسادىپى ئەمەس، چۈنكى كىشىلەر نەزىرىدىكى ئېينىشتىيىن «نىسبىيلىك نەزىريىسى » بىلەن دۇنياغا تۇنۇلۇلغان فىزىكا ئالىمى بۇلۇپلا قالماي  بەلكى ئۆز نۆۋىتىدە ئاتاقلىق ماتىماتىكا ئالىمى ھىسابلىنىدۇ  ، ئۇنىڭ شۆھرىتى پۈتۈن دۇنيانى لەرزىگە سالغان . قىسقىسى ھەر قانداق ئادەم تىلغا ئالسا ، ھەيرانلىق ۋە تەئەججۈپ ئىچىدە بۇ ئالىمنىڭ ئۇلۇغ ئىستىداتىغا قايىل بولماي تۇرالمايدۇ.

ئەمدى مەن بۇ يەردە تۈۋەندىكى پارچە يەنى  ئىلىمىزنىڭ پەننى ئۇمۇملاشتۇرۇش يازغۇچىسى ، سابىق پىشقەدەم رەھبەر چېن گۇەنگىن ئەپەندىنىڭ « ئېينىشتىيىن » ناملىق كىتاۋىدىكى ، مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلاردىن .  ئۇلۇغ ئالىم ئېينىشتىيىننىڭ  مۇزىكا تىمىسىغا ،قانداق پۇزىتسىيە تۇتىدىغانلىقىنى ئوتتۇرغا قۇيۇپ ئۆتمەكچىمەن.

«ئالبىرىت ئىسكىروپكا چېلىشنى 6يېشىدىن تارتىپ ئۈگىنىشكە باشلىدى .كۈن ، ئايلارنىڭ  ھەرىكىتى ۋە 4 پەسىلنىڭ ئالمىشىپ تۇرىدىغانلىقىنى كۆرگەندە ھىس قىلىنىدىغان كۆركەم ماسلىققا ئوخشاش ، ئۇنىڭ روھى دۇنياسى ئىسكىرىپكىنىڭ يېقىملىق مۇڭىدا گۈزەل ، ئىناق دۇنياغا كېتەتتى ، ئىسكىرېپكا ئۈگىنىشنىڭ ئەنئەنىلىك ئۇسۇلى بۇيىنچە ، ئېسكىرىپكا روھى ھالاۋەت ئەمەس، قول ئەمگىكى ئىدى . ئۇدا بىر نەچچە سائەتلىك مېخانىڭ ھالدا تەكرار كامالچە تارتىش ۋە پەدە بېسىش مەشىقى ئۇنى زىرىكتۈرىۋىتەتتى . ئارىدىن 7 يىل ئۆتكەندىن كىيىن ئاكورت بىلەن كۈينىڭ ماتىماتىكىلىق تۈزۈلۈشىنى چۈشەنگەن ، مۇزارىتنىڭ(1756-1791) ئىجادىيەتلىرىنى ئۇرۇنلىغاندا لەززەتلەنگەن . ئېسكىرىپكا تارىسى بىلەن يۈرەك تارىسى قۇشۇلۇپ مۇڭ بەرگۈدەك بولغاندىلا ئاندىن ئۇنىڭ ئېسكىرىپكا ئۈگىنىشكە بولغان ھەۋىسى ئاشقان . ئالبېرىت مۇزارىتنىڭ سوناتىسىسىنى چېلىش ئارقىلىق ماھارەتنى ئۈگەندى . بۇ مۇنتىزىم ئۈگىنىش ئۇسۇلى ئەمەس ئىدى ، ئەلۋەتتە ،لېكىن قىزغىن سۈيۈشنىڭ ئۆزى ئەڭ ياخشى ئۇستاز ئىدى. ئالبېرىت مۇزارىتنى سۆيگەنلىكى ئۈچۈن ئېسكىرىپكىنى ياخشى ئۈگىنىۋالدى ، ئېسكىرىپكا ئۇنىڭ ئۆمۈرلۈك ھەمىراھى ، روھى دۇنياسىنىڭ جەننىتى بۇلۇپ قالدى . ئۇ بۇ دۇنيادىكى ۋاڭ-چۇڭلاردىن خالى ئىدى . ئۇنىڭدا پەقەت ماسلىق ۋە گۈزەللىكلا بار ئىدى »[2]

بۇ مەسىلىنى داڭلىق ئىدىئولەگىيە تەتىقاتچىسى دالى كارنىگ ئەپەندىنىڭ ئۇلۇغ ئەربابلار دىگەن كىتاۋىدىكى « نىسبىيلىك نەزىريىسىنىڭ ئاساسچىسى ئېينىشتىيىن » نامىلىق تىمىسىىدىكى مۇنۇ ئابىزاستىنمۇ كۈرىۋالغىلى بۇلىدۇ.

«ئېينىشتىييىننىڭ ئىسكىروپكىسى ئۇنىڭ ھاياتىدا مۇھىم ئۇرۇننى ئىگىلىگەن بۇلۇپ ،ھەر قانداق ئىش ئۇنى ئىسكېروپكىسىدەك قىزىقتۇرمايىتتى »[3]

دىمەك ، بۇ يەردە مۇزىكا بىلەن تەبىئى پەن ئىلمى  قارىمۇ-قارىشى بولسا ، ئىينىشتىيىن مۆجىزىسىنى ۋە ئۇنىڭ ئېسكىروپكا يەنى مۇزىكىغا بولغان قىزىقىشىنى چۈشەندۈرۈش ۋە بايان قىلىش قەتئى مۇمكىن بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن كەسكىن ھالەتتە شۇنداق دىيىشكە ھەقلىقمىزكى ، تەبىئى-پەن بىلەن ناخشا مۇزىكا قەتئى قارشى ئەمەس. بەلكى مۇئەييەن باغلىنىشلىق.   

خوش نەزىرىمىزنى ئىككىنجى سۇئالىمىز ئۇيغۇر خەلىقىنىڭ يىقىنقى زامان قاششاقلىقىنىڭ تۈپ سەۋەبى راستىنلا «ئاتالمىش ناخشا –قۇشاق ، داپ دۇمباقتىمۇ؟» دىگەن نوقتىنەزەرگە قارىتىپ باقايلى.

بىر جەمىيەتتە ،مەيدانغا كەلگەن ئەمىليەت ، چۇقۇم شۇ جەمىئەتنىڭ ئەڭ مۇنەۋەر زىيالىيلىرى ۋە ئاددى ئەزالىرىغىچە،قىسقىسى شۇ جەمىئەتكە تەۋە ھەر قانداق بىر ئادەمگىچە ئاكتىپ تەسىر كۆرسىتىدۇ.

بىز ئۆز جەمىيتىمىزنىڭ  يىقىنىقى زاماندىكى ئەمىلى ئەھۋالىغا،كۈزىمىزنى يۇغان ئېچىپ نەزەر سالىدىغان بولساق ، ۋىجدان كۈزىمىز بىزگە ،بىر پۈتۈن ئىتنىك  توپ نامىمىز بىلەن ، دۇنيا تەرەققىيات سەھنىسىدە قىلچە ئورنىمىزنىڭ يوقلۇقىنى چىن مەنىدىن ئىسپاتلاپ بىرىدۇ، شۇ سەۋەبتىن بۇ رىئالنى ئەمىليىتىمىز بىلەن، باشقا تەرەققى قىلغان ، مۇنەۋۋەر مىللەتلەرنىڭ  مۇستەقىل  ياراتقان دۇنياۋى  نەتىجىلىرى ئالدىدا،  تىلغا ئالغۇدەك ھېچقانداق نەتىجىمىزنىڭ يوقلۇقى ، نۇپۇز جەھەتتىن ھېچقانداق ئىتىۋارغا ئېلىنماسلىقىمىز ئەمىليەت،  قىسقىسى  جاھان ئەھلىدىن كۆپ كىيىن قالغانلىقىمىزنى ھەر قانداق باھانە بىلەن ئىنكار قىلالمايمىز. بۇنىڭغا ھەم  ھەر قانداق كىشى  كۆز يۇمالمايدۇ.

شۇنداقكەن جەمىيتىمىزدە بۇ خىل رىئالنى ئەمىليەتنى چۈشەنگەن، ھەر قانداق زىيالىينىڭ، چۇقۇم بۇ خىل پاسسىپ ئەمىليەتكە نىسبەتەن چوڭقۇر ئېچىنىشى ۋە بۇ مەسىلىلەرنىڭ نىگىزىنى قېزىپ ئىزدىنىشى، ناھايتى تەبىئى ھالەتتىكى  ھەقلىق  بولغان ۋىجدانى مەسىلىدۇر.

شۇ ۋەجىدىن بۇ جەھەتتە قىلىنغان ھەر قانداق ئەمگەكتىن سۈيىنىشىمىز، قوللىشىمىز ، مەدەت بىرىشىمىز ،ھەم مەزكۇر  ئەمگەك بىلەن شۇغۇللانغان، ھەر قانداق بىر كىشىنىڭ  ،بىر پۈتۈن جەمىيتىمىزدىكى ئىناۋىتىنى تېخىمۇ زىيادە قىلىشىمىز ھەقلىق.

ئەمما بىزنى بەكرەك ئويغا سالىدىغىنى ،ئۆزىمىزنىڭ پاسسىپ ھالەتتىكى ،ھەقىقى سەۋەبنى« قانداق قېزىپ، نىمىلەرگە تەققاسلايمىز؟» دىگەن ،ئەڭ مۇھىم تەخىرسىزمەسلىنى ، ئىزدىنىش ئۇسۇلىمىزدىن تاشلىۋەتسەك ياكى يىراقلاشتۈرۋەتسەك تېخىمۇ بولمايدۇ.

جەمىيتىمىزدە يىقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان قولغا كەلگەن ، مەزكۇر تىمىدا ئوتتۇرغا قۇيۇلغان ، ئۇيغۇر خەلىقىنىڭ تەرەققىياتىنى چۈشەپ تۇرىۋاتقان ئامىللار ھەققىدە ئېلىپ بېرىلغان ئىزدىنىشلەردە ، ئادەمنى راستىنلا خۇشال قىلدىغان ،كۆپلىگەن ئىجادى ئەمگەكلەر مەيدانغا كەلدى،ئىجابى پىكىرلەر ئوتتۇرغا قۇيۇلدى. ھەتتا بەزى ئەمگەكلەردە ،تارىخى پاكىتلار بىلەن  ئىجتىمائى پاكىتلار تۇلۇق قېزىپ چىقىرىلىپ ، پۈتۈن زىيالىيلارنى ۋە خەلق ئاممىسىنى چوڭقۇر ئويغا سالالايدىغان  كۈرىنەرلىك  نەتىجىلەر بارلىققا كەلدى.

ئىزدىنىش نەتىجىسىدىن چىققان ئاساسلىق خۇلاسىلەرگە قارايدىغان بولساق ، خەلقىمىزنىڭ بۈگۈنكى دەۋىرىدىكى ھالىتىگە سەۋەب بۇلىۋاتقان ئامىل   «ئاساسلىقى تەبىئى مۇھىتنىڭ بىكىنمىلىكى، مەرىپەتسىزلىك، بۆلگۈنچىلىك، قاششاقلىق، تەپرىقچىلىق، چېچىلاڭغۇلۇق»تىن ئىبارەت، تارىخ ئاسارىتىدە شەكىللەنگەن ئىللەتلەرگە تەققاسلانسا ، يىڭى دەۋىرىدىكى مەسىلىنىڭ  ئىجتىمائى ئاساسلىرىنى، ئىلىم -پەن بىلىملىرىگە بولغان سۇسلۇق ، تەبىئى- پەن بىلىملىرىگە بولغان قىزىقماسلىق  دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى.

مۇشۇنىڭغا ئاساسەن ، قىسمەن زىيالىيلىرىمىزقاششاقلىق ماھىيتىنى بىكىتكەندە ۋە ئىلىم پەن بىلىملىرىگە بولغان قىزىقماسلىق  سەۋەبىنى چۈشەندۈرگەندە ، يىڭىچە بىر خىل سېلىشتۇرۇش ئۇسۇلىنى بەكرەك قوللاندى.

يەنى بۇ ئۇسۇل تەبىئى پەن بىلىملىرى  بىلەن ناخشا مۇزىكىنى نوقتىلىق سېلىشتۇرۇش ئاساس قىلىنغان ئۇسۇل بۇلۇپ   ،  بۇنىڭدا ئەكىس ئەتكىنى  تېخنىكا قەھەتچىلىكىنى ،ئۇدۇل ئەكىلىپ ناخشا- ئۇسۇل بىلەن سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق ، ناخشا –مۇزىكا تەرەققىيات ئامىلىنى چۈشەۋاتقان ئاساسلىق مەسىلە سۈپىتىدە تىلغا ئېلىندى.

ئەلۋەتتە بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ يىتەرلىك ئاساسى ۋە ئۈزىگە چۇشلۇق دەلىلى بار. ئەمما  بۇ جەھەتتە، مەزكۇر تىمىدا ،  نوقتىلىق ئىزدىنىۋاتقان  زىيالىيلىرىمىزنىڭ ،ئورتاق كەتكۈزۈپ قۇيىۋاتقان ئىزدىنىش ئۇسۇلدا خاتا ھالدىكى  يول قويغان ۋە قوللانغان سەۋەنلىكى بار.

ئۇ بولسىمۇ تەرەققىياتقا كاشىلا قىلىۋاتقان سەۋەبكە ، ئىكىلەنمەستىن، گەپ سۆزسىز  تۇلۇق جىنايەتكار سۈپىتىدە  ،ئەڭ ئاۋۋال ناخشا-مۇزىكىنى ، قۇربانلىققا  تۇتۇپ بىرىشتىن ئىبارەت ،  نەتىجە چىقىرىش مەسىلىسىدۇر.

بۇ مەسىلىنىڭ  ئاساسلىق ئىپادىسى شۇكى  ، تەبىئى پەن بىلەن ناخشا –مۇزىكا سەنئىتىنى ، ئۆز-ئارا قارىمۇ -قارشى مەنىلىك ئىككى خىل ئۇقۇم دەپ قاراپ،  تەبىئى پەن بىلەن ناخشا –مۇزىكا ئۆز-ئارا چىقىشالمايدىغان ئىككى قۇتۇپتا بايان قىلىنغان.

نەتىجىدە بۇ چۈشەنچە بارلىق زىيالىيلار ۋە خەلق ئاممىسىنى،   ئەگەر ناخشا مۇزىكا كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش تۈۋەنلىسە ياكى بىزنىڭ ناخشا –مۇزىكىمىز پۈتۈنلەي يوق قىلىنسا ،ئاندىن تەبىئى پەن بىلىمىلىرىنى ئۈگىنىش قىزغىنلىقى يۇقىرى كۈتۈرلۈپ  ، يىڭىچە  تېخنىكا يارىتىش ئىمكانىيتى تۇغۇلىدۇ دىگەن چۈشەنچىگە، مەقسەتسىز كەلتۈرۈپ قويماقتا.

مەزكۇر ئەمىليەت  بەزىدە ھەتتا،ناھايتى  ئىنىق، ئوبرازلىق ھالەتتە ئۆز ئورنىنى تاپتى. يەنى بۇ جەھەتتە كۆزگە كۈرىنىۋاتقان ياش زىيالىيمىز غەيرەت ئوسمان(بىلىكيار) ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەشھۇر ئالىمى ، تەبىئى پەن باشلامچىسى ، تالانىتلىق ئىلىم -پەن پائالىيەتچىسى، ھاياتلىق قۇرۇلۇش ئالىمى ، پەننى ئۇمۇلاشتۇرۇش يازغۇچىسى مەرھۇم ئابباس بورھان ئەپەندىنىڭ ۋاپاتىغا ئاتاپ يازغان، «شىنجاڭ ئىجتىمائى پەنلەر مۇنبىرى » ژورنىلىنىڭ 2010-يىللىق 4 –سانىدا ئىلان قىلغان «مەدىنيەت چۈشەنچىمىزنى جىددى يىڭىلاش ، سەنئەتخۇمارلىقتىن ئىلىمخۇمارلىققا كۈچۈش ۋە تەبىئى پەنگە يۈرۈش قىلىشنىڭ تەخىرسىزلىكى توغىرىسىدا » ناملىق  ماۋزۇسىدىكى ماقالىسدا تۇلۇق روياپقا چىقاردى.

بۇ تەرەپلەرنى بىز بۇ ماقالىدىكى تۈۋەندىكى تەرەپلەردىن  ئىنىق ھىس قىلالايمىز.

«بىلىشىمىز لازىمكى ، ناخشا –ئۇسۇل بىزنىڭ بايلىقىمىز بولسىمۇ ، ھەرگىز بارلىقىمىز ئەمەس. چۈنكى، شىئىر –قۇشاق ،ناخشا ئۇسۇللىرىمىز بىلەن ئاسايىشلىق ، بەختىيار تۇرمۇشنى ، تەرەققىياتنى تەسۋىرلىگىلى ، مەدھلىيلىگىلى بولسىمۇ ، ھەرگىز ئۇنىڭغا ئىرىشكىلى بولمايدۇ.دىمەك ناخشا –ئۇسۇل بىلەن قۇرساق تويمايدۇ ، تەرەققىياتقىمۇ ئېرىشكىلى بولمايدۇ . ئۇنىڭغا ئىرىشىشىنىڭ بىردىنبىر يولى قانداق ياشاشنى ، ئىجاد ، ئىختىرا قىلىشنى بىلىدىغان ، مەسئۇلىيەتچان ، ئەقلى پاك ، دىلى ھۆر ، زاماندار ئادەملەرگە تاينىش ، ئۇلار ئارقىلىق تەرەققىياتقا ئىرىشىشتۇر . بىز پەقەت شۇندىلا يىڭى تەرەققىياتلارغا ئىرىشەلەيمىز ۋە ئىلغار مىللەتلەر قاتارىدىن ئۇرۇن ئالالايمىز »[4]

بىز بۇ ئابىزاستىن نىمىنى چۈشىنىشىمىز مۇمكىن؟

ئەسلىدە زىيالى بىلىكيار روياپقا چىقارغان، بۇ تىما  ماھىيەتتىن بىزنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەنپەتىگە بىۋاستە تاقىلىدىغان، مەزمۇنى ياخشى تاللانغان تىما بولسىمۇ ، بۇنىڭدا قوللانغان سېلىشتۇرۇش ئۇسۇلىدىن بىز تەرەققىياتقا ئىرىشەلمەيۋاتقانلىقىمىزنىڭ سەۋەبىنى تۇلۇق ،دەخلىسىز ھالدا  ناخشا- مۇزىكىدىن كۆرۈشىمىز تەس ئەمەس .

ھەم ناخشا- ئۇسۇل بىلەن شۇغۇللانغۇچى سەنئەتكاردا  « مەسئۇلىيەتچان ، ئەقلى پاك ، دىلى ھۆر ،زاماندار » لىقتىن ئىبارەت  ئۈزى تىلغا ئالغان خۇسۇسيەتلەرنىڭ مەۋجۇد بۇلمايدىغانلىقىنى چۈشىنىشىمىز مۇمكىن.

بىلىكيارنىڭ بۇتىمىسغا يەنىمۇ ئىچكىرلەپ نەزەر سالىدىغان بولساق ، ناخشا بىلەن تەبىئى پەن ئۇقۇمىنىڭ قارمۇ-قارشى مەنا بىرىدىغان ئۇقۇم ئىكەنلىكىنى چۈشىنىشىمىزگە ئاساس تېپىلىدۇ.

«خەلقىمىزنىڭ يىقىنقى زاماندا تەبىئى پەنلەردە ئاق توچكا ، تۆھپىسىز بۇلۇشىنى بىزنىڭ مەدىنيەت چۈشەنچىمىزنىڭ ئاشۇنداق بۇلۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ ، ئىلىم -پەن ،تارىخىغا نەزەر سالغىنىمىزدا بۇنىڭ سەۋەبىنىڭ بىرى ، بىزنىڭ مەدىنيەت چۈشەنچىمىز ئىتىنگۇرافىيلىك (ئىپتىدائى) ھالەتتە تۇرۇپ قالغان ، يەنى، مەدىنيەت چۈشەنچىمىزدە پەن-تېخنىكا ئېڭى تۇلىمۇ تۈۋەن بۇلۇپ ، بۇ ھال زىيالىيلىرىمىز (بىلىمدارلىرىمىز ) نىڭ پەننى ئۇمۇملاشتۇرۇش ئېڭى ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىدا سۇسلۇق پەيدا قىلغان بۇلۇپ، بۇنداق سۇسلۇق خەلق ئىچىدە يىلتىزلاپ مەدىنيەت دىسىلا «ناخشا ، ئۇسۇل» دەيدىغان مۈجمەللىكنى كەلتۈرۈپ چىقارغان . شۇڭا بۇنى ئاۋامدىن كۈرۈشكە ھەققىمىز يوق .»[5]

بۇيەردە مەدىنيەت چۈشەنچىلىرىمىز بىلەن مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنىڭ سۇسلۇقى ،ئىپتىدائىيلىقى ، تەبىئى پەن بىلىمىلىرىمىزدە ئاق توچكىلىقىمىز ، مەدىنيەت چۈشەنچىمىز تۈۋەنلىكىدىن دەپ خۇلاسىلەنگەن بۇلۇپ ، مۇشۇ خىل تۈۋەنلىك پەيدا بولغاندىلا ،مەدىنيەت دىسە ناخشا –مۇزىكا ئۇقۇمى شەكىللىنىدىغانلىقىنى  قەيىت قىلىپ ئۈتىدۇ. دىمەك بۇ يەردە  پەننى بىلىم ئۈچۈن يۇقىرى مەدىنيەت تۇنۇشى ، ناخشا –مۇزىكا ئۈچۈن تۈۋەن مەدىنيەت تۇنۇشى كىرەك بۇلىدۇ دىگەن نوقتىنەزەر دەسسىتىلگەن.

نەزىرىمىزنى يەنىمۇ ئاغدۇرۇپ كۈرىدىغان بولساق ، بىلىكيارنىڭ بۇ ماقالىسىدە ، خەلقىمىزنىڭ يىڭى ئەسىردىكى   ئىلىم –پەن بىلىملىرىگە ، تەبىئەت پەلسەپىسى ۋە بايلىق ياراتقۇچى تېخنىكىلىق بىلىملىرىگە بولغان قىزىقىشىغا ۋە بۇ جەھەتتىكى تۆھپىكار ئالىملارنىڭ ئىززىتىنى قىلىش ئورنىغا  خىرىس قىلىۋاتقىنىمۇ  ،ئاپتۇر نەزىرىدە دەل ناخشا مۇزىكا ئىكەنلىكىنى چۈشەنگىلى بۇلىدۇ.

« 21-ئەسىرىدە بولسا ھاياتلىق ئىلمى سەركىلىكىدىكى يەنە يىڭى بىر نۆۋەتلىك ئىلىم –پەن ئىنقىلابى ئۈنسىز داۋام ئەتمەكتە .ئۇنىڭ ئالدىنقى فىرونتى ۋە پاراۋۇزى دەل ھاياتلىق ئىلمى ساھەسى بۇلۇپ، ئۇنىڭغا كومپېيوتېر ئۇچۇر تېخنىكىسى ، يىڭى ماتىرياللار تېخنىكىسى ، نانومېتىر تېخنىكىسى ، دىڭىز –ئوكيان تېخنىكىسى ، ئېكولوگىيە ۋە مۇھىت ، بوشلۇق پەن –تېخنىكىلىرى جۈر بۇلۇپ، بىر پۈتۈن يۇقىرى يىڭى تېخنىكا تۇپى ۋە يىڭى كەسىپ زەنجىېرىنى شەكىللەندۈرمەكتە. ئىلىم –پەننىىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى كىشى قەلبىنى ھاياجانلاندۇرىدۇ . ئەمما ، بىز يەنىلا ئاتالمىش ناخشا قۇشاقلىرىمىز ۋە داپ –دۇمباقلىرىمىز بىلەن مەسىتخۇش بۇلۇپ يىڭى ئېراغا تۆھپىسىزلا كىرىپ كەلدۇق ھەم غەپلەتتە ياتماقتىمىز . بۇ ھالەت شۇنداق ھالەتتۇركى ، خەلقىمىز ناخشا –ئۇسسۇلغا شۇنچىۋالا ھىرىسمەنلىكىدىن ، ناۋادا شارۇلخان ، يۇلتۇز ئوسمانوۋا ۋە ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش كىشىلەر خەلق سارىيىدا ناخشا ، سۆز ئۇيۇنى قۇيىدىكەن دېسە ، يۈز سومغا بىلەت ئېلىپ ، يەنە يۈز سومغا گۈل ئېلىپ بىر ھەپتە بۇرۇن ئىشتەي ساقلايدىغان ئۇيغۇرنىڭ ئېينىشتىيىن ياكى ياڭ جىننىڭ كىلىپ ھەقسىز ئىلمى دوكىلات بىرىدىكەن دىسە ، بىكار تۇرۇپمۇ بارغىلى خوشياقمايدىغان ھالىتىدۇر»[6]

قارايدىغان بولساق بۇ مەزمۇنلارنى كۆرگەن، ھەر قانداق بىر ئەقلى نۇرمال كىشى ، ئۇيغۇرلارنىڭ  تەرەققىياتىغا كاشىلا بۇلىۋاتقان، مەنىۋى سەۋەبنىڭ باش سەۋەبى ، ۋە ئىلىم –پەن قىزغىنلىقىمىزغا  سۇغۇق  سۇ سېپىۋاتقان  ئاساسلىق مەنبەنىڭ  ھەممىسى، دەل بىزنىڭ ئاتالمىش ناخشا- قۇشاق ، داپ –دۇمباقلىرىمىز ئىكەنلىكىنى ناھايتى ئۇچۇق ھالەتتە ئوتتۇرغا قويغان.

ئەمدى بۇ يەردە مەن  غەيرەت ئوسمان بىلىكيارنىڭ، بۇ قاراشلىرىنى رەت قىلىپ دەككە بەرمەكچى ئەمەسمەن. ئەمما بۇ قاراشلارنىڭ راستىنلا سەمىمى ھالەتتىكى گۈدەكلەرچە قاقشاش ئىكەنلىكىنى ئەسكەرىتمەكچىمەن. ھەم ئازىراق تۇلۇقلىما بەرمەكچىمەن.

ئەلۋەتتە، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ناخشا –مۇزىكا سەنئىتىگە ھىرىسمەنلىكى، بۇنداق پائالىيەتلەر  ئۈچۈن ناھايتى قىزغىن كەيپىياتتا ئاكتىپ ئىشتىراك ئىتىدىغىنى ، نەدە ئانام كۆرمىگەن، دادام كۆرمىگەن چولپان دىسە ، ھاياجېنىنى باسالماي قارشى ئېلىپ گۈل تۇتىدىغىنى ، ئىلىم پەن دوكىلاتى، ئالىملار سۆھبىتى دىگەندىن ئانچە خەۋەردار ئەمەسلىكى ئەمىليەت . بۇنى مەن ئىنكار قىلماقچى ئەمەسمەن. ئەمما مىنىڭ ئىدىيەمنى راستىنلا بىئارام قىلىدىغىنى ، ئاپتۇرنىڭ  « ئەمما ، بىز يەنىلا ئاتالمىش ناخشا قۇشاقلىرىمىز ۋە داپ –دۇمباقلىرىمىز بىلەن مەسىتخۇش بۇلۇپ يىڭى ئېراغا تۆھپىسىزلا كىرىپ كەلدۇق ھەم غەپلەتتە ياتماقتىمىز»  دىگەن ۋەزنى ئېغىر ، تېرمىن بۇلۇپ، بۇ يەردە مەن چۈشەنمەسلىك ئىچىدە بۇ قاراشنى سەل بىتەرەپلىمىلىك دەپ قارايمەن . ھەمدە  تۈۋەندىكى سۇئاللارنى سۇرالماي تۇرالمايمەن

.يەنى بۇ جەھەتتە بىز چۇقۇم ھەممىنى « ئاتالمىش ناخشا قۇشاق »لىرىمىز دەپ ئاتامدۇق ياكى ئارىمىزدىكى «ناچار ناخشا –قۇشاقلار»دەپمۇ؟ بىر پۈتۈن تۆھپىسىزلىككە «ئاتالمىش ناخشا قۇشاق » سەۋەب بۇلىدىغان بولسا ، بۇ ئىشتىن تۇلۇق ۋاز كېچىپ ،ناخشا مۇزىكىنى تەلتۈكۈس يۇقاتساق(ئەمىليەتتىغۇ مۇمكىن بولمايدۇ) ، يىڭى ئەسىرىگە ئەڭ يۇقىرى ئىقتىدار بىلەن كىرىش ئىمكانىيتىمىز تۇغۇلامدۇ؟بۇ يەردە بىزنىڭ مۇشۇنداق غەپلەتتە يىتىشىمىزغا سەۋەب بۇلىۋاتقان ئەڭ ئاساسلىق تۈپكى ئامىل زادى نىمە؟  ئونۋېرسال تەرەققىيات ، ئىلغارلىق ، سەركىلىك دىگەن دىگەن مۇقەددەس ئىلغارلىقىنى راستىنلا ناخشا –قۇشاق ، داپ دۇمباق ئۆزگەرتەلەمدۇ؟ توغرا بۇ يەردە ھىرىسمەنلىك تىلغا ئېلىنىۋاتىدۇ، ئۇنداقتا  پەن ھىرىسمەنلىكى بىلەن ناخشا –قۇشاق  ھىرىسمەنلىكى قاچانلاردا بىر-بىرىنى تۇلۇقلايدىغان ۋە بىر-بىرىنى يوق قىلالايدىغان مۇۋازىنەتكە ئىگە بۇلۇپ قالدى؟

دىمەك لازىمكى ، بىزنىڭ ھازىرقى ھالەتتىكى ، پەنسىز، قۇرالسىز ، بىخۇت، غەپلەتتە ياتقان ھالىتىمىزگە ، پەقەتلا زىيالى  بىلىكيارنىڭ قارشى كەبى « ئاتالمىش ناخشا –قۇشاق، داپ دۇمباق » دىيىلسە ،  بۇ يەردە نەزەر دائىرىمىزنىڭ ئىنتايىن تارئىكەنلىكىنى ، مەسىلىنى تۇلۇق ئەتىراپلىق كۆزەتمەيدىغان ھالتىمىزنى ۋە ئۆزىمىزنىڭ يەڭگىلتەكلىكىمىزنى مەقسەتسىز ئاشكارىلاپ قويغان بۇلىمىز.

مۇنداق دىسەم مەندىن دەرھال ئۇنداقتا بۇنىڭغا سەۋەب نىمە ؟ دەپ سۇرىلىشى  ئىنىق. بۇ سۇئالنىڭ  تۇلۇق جاۋابىنى مەن يىقىندىن بىرى  ئىزدىنىۋاتقان « ئۇيغۇر جەمىيتىدە ئىلىم –پەن تەرەققىياتى  نىمە ئۈچۈن تۈۋەن؟ » ناملىق ماقەلەمدە تەپسىلى توختىلىمەن .  ئەمما مەن بۇ يەردە تىمىنىڭ ئېھتىياجى سەۋەبىدىن  ، تەرەققىياتنى تۇسىۋاتقان ئامىلنىڭ  تۈپ ئاساسى  «ئاتالمىش ناخشا قۇشاق ، داپ دۇمباق » دىگەن قاراشنى  قوللىمايمەن ، ئۇنىڭ ئورنىغا بۇ جەھەتتىكى مەسىلىدە سەۋەبچى بۇلىدىغىنى  « ناچار ناخشا قۇشاق » دەپ تۈزەتمەكچىمەن.

بۇ مەسىلىنى كونكېرىتراق چۈشەندۈرگەندە ، تىلغا ئېلىۋاتقان ، تەرەققىياتنى توسقۇچى ئامىل ناخشا –قۇشاقنىڭ  ھەممىسى بولماستىن بەلكى ناخشا –قۇشاق سەنئىتىدىكى ، ئارىمىزدا روياپقا چىققان ناچار –ناخشا قۇشاقلار دەپ ئېيىتساق بۇلىدۇ. بۇنىڭغا مىسال ئالسام، ئۇيغۇر جەمىيتىدىكى ئەنۋەر تۈرەك، ئەخمەت ئېلى، شەھىرزاد ئانسامبىلى، ھاجى ئەكبەر، باجالار، ناۋا پېروگىراممىسىنىڭ كىيىنكى باسقۇچىدا بارلىققا كەلگەن كۆپىنچە ناخشىلار،  مەمەتجان ئەبەي ، شاكىر رەھىم ، ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان بىر قىسىم ياش ۋە ئوتتۇرا ياش ناخشچىلار روياپقا چىقارغان ناچار ناخشىلار ، ھەمدە مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى روياپقا چىققان  ئەبجەش ناخشىلار دەپ ئېيىتساق بىر قەدەر توغرا بۇلىدۇ. بۇ  قارىشىمىزغا تۈۋەندىكى بىر ناخشىنىڭ تەپسىلى ئەھۋالى بىلەن تۇنۇشۇش ئارقىلىق ئىنىق چۈشەنچە بەرمەكچىمىز.  

يەنى  مەن يېقىندىلا  كۆرگەن ،ھەر قايسى تەرەپلىرىدىن  ناچارلىققا ۋەكىل بۇلىدىغان بىر ناخشا بۇلۇپ، بۇ ناخشا تېخى يىقىندىلا ئەركىن سىتودىيىسى تەرىپىدىن ئىشلىنىپ، دىل كۈيى ئۈن سىن مەركىزى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان، «دىل كۈيى سەنئەت كىچىلىكى»دە  فىردۇس تۇرغۇن ئىسىملىك قىزچاقنىڭ ئۇرۇنلىغان «كۆيدۈرەلەمسەن » دىگەن ناخشىسىدۇر.

قېنى بۇ ناخشىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ باقايلى.

«كۆيدۈرەلەمسەن

سۈزى ، مۇزىكىسى – ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ

ئۇرۇنلىغۇچى –فىردۇس تۇرغۇن

كۆيدۈرەلەمسەن ھەي سۆيدۈرەلەمسەن.

مەپتۇن قىلىپ مىنى قايتا يۈردۈرەلەمسەن.

مىنى سۆيمە گۈزەلىم ، شىرىن شىكەر ھەسەلىم.

ئەمدى ساڭا يۇلۇم يوقتۇر ، ئېيتارغا يوق سۆزلەرىم.

مەندىن ھەرگىز قاقشىما ، نەسەۋەب دەپ سورىما.

مەيلىڭ بولسا مىنى كۆيدۈر ، قايتىپ كىلىدۇ دەپ ئويلىما.

سەن مىنى يارىم دەپ بىلىپ،يۈرىسەنمۇ يالغان گەپ قىلىپ.

ئەمدى قالدىڭ يالغۇز يىگانە ،ئايرىلىپ مەندىن ھەسىرەت چىكىپ،

قىلغانلىرىڭغا پۇشايمان قىلىپ.

كۆيدۈرەلەمسەن ھەي سۆيدۈرەلەمسەن.

مەپتۇن قىلىپ مىنى قايتا يۈردۈرەلەمسەن.

سىنى شۇنچە سۈيەتتىم ،ئىشقىم بىلەن كۈيەتتىم

قەدىرلەپ شۇسۆيگۈنى بارلىقىم دەپ بىلەتتىم.

سەن مىنى سەبى كۈرۈپ، كۆڭلۈمگە ئازار بىرىپ.

زىدە قىلدىڭ بۇ كۆڭلۈمنى ، مىنى دائىم ئالداپ يۈرۈپ.

سەن مىنى يارىم دەپ بىلىپ،يۈرىسەنمۇ يالغان گەپ قىلىپ.

ئەمدى قالدىڭ يالغۇز يىگانە ،ئايرىلىپ مەندىن ھەسىرەت چىكىپ،

قىلغانلىرىڭغا پۇشايمان قىلىپ.

كۆيدۈرەلەمسەن ھەي سۆيدۈرەلەمسەن.

مەپتۇن قىلىپ مىنى قايتا يۈردۈرەلەمسەن.»[7]

خوش بۇ ناخشىنىڭ ئەسلى تىكىستى يۇقارقى بۇلۇپ، بۇنى ھازىر قانداق بىر تىلدا چۈشەندۈرۈش مەن ئۈچۈن ناھايتى قىيىن ۋە ئازابلىق ،  قارايدىغان بولساق بۇزادى نىمە؟ ئۇچۇق ئاشكارە ھالەتتە ، كۆپ ئادەم يىغىلىپ كۈرىدىغان،سورۇندا ،نىمە ئۈچۈن زادى  مۇشۇنداق قاملاشمىغان ، شىئىر دىيىش ئەسلا مۇمكىن بولمىغان، زورىغا يىغىۋىلىنغان گەپلەرنى مەجبۇرى ھالەتتە ئاللىقانداق ئاھاڭلارغا سېلىپ ، سەھنىلەشتۈرىمىز؟ ئادەمنىڭ ئەڭ نۇمۇسىنى كەلتۈردىغىنى بۇ ناخشىدا يەنە قاملاشمىغان تىكىست، قاملاشمىغان مىلودىيە، قاملاشمىغان ئۇسۇل تەڭ مەۋجۇد. بۇنى ناخشا دىيىشكە ئادەمنىڭ راستىنلا كۆڭلى ئىلىشىدۇ، مەزمۇنىنى كۈرۈپ باقىدىغان بولساق ، سۆزلەۋاتقان ناخشدىكى باش پېرسۇناژىنى  كۇچىغا چىقىپ قالغان بىرەر قىز دەۋاتقان تېتىقسىز گەپ دەپ چۈشىنەمدۇق ياكى تىكىستە دىيىلگىنى بۇيىنچە سەبى قىز دەپ ئاتامدۇق؟ئۇنىڭ ئۈستگە بۇ ناخشىغا تەڭ ماسلاشتۇرۇپ ئىشلىنىپ بەرگەن لاۋزا ئۇسۇل ، ئۇسۇلچى قىزلارنىڭ كىيىمى  قىزچاقلارنىڭ  كىيىۋالغان كىيىمىنىڭ، چاچ پۇسۇنىنىڭ ناھايتى بىمەنىلىكى  ، بىر پۈتۈن ناخشنىڭ ئۇمۇمى ئەھۋالىدىن چىقىپ تۇرىدىغان  شەھۋەتپەرەسلىك، ئىشقىۋازلىق، ئەخلاقسىزلىق ئادەمنى ھەقىقەتەن سەسكىندۈرىدۇ. دىمەك مۇشۇنداق تۈركۈمدىكى «ناچار –ناخشا قۇشاقلار »، بىلىكيار دىگەندەك ئىلىم تەرەققىياتىنى ۋە  مىنىڭ نەزىرىمدىكى بارچە تەرەققىياتنى تۇسىدۇۋە  خۇنۇكلەشتۈرىدۇ،يۇقىتىدۇ، سەلبى تەسىر كۆرسىتىدۇ. دىمەك  بۇتەرىپىنى ھەر قانداق ئادەم تەخىرسىز ھالەتتە چۈشىنىشى لازىم.

ئەمدى يۇقارقى تەنقىدى خارەكتىرىدىكى ئىنىق پۇزىتسيەنى ۋە تەنقىدنى مەن قەستەن ئېغىۋا سۈپىتىدە دەۋاتامدىم ياكى مەن كۆرسەتكەن دەلىل پاكىتتا ئازىراق بولسىمۇ، ھەقىقى مەن دىگەندەك ئامىللار بارمۇ دىگەننى ئويلىشىمىز كىرەك .

يەنى بۇ ناخشىنىڭ ئىجادىيەتچىسى ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپمۇ بۇنى قانداقتۇر، ماڭا قىلىنغان ھاقارەت ياكى ئىغىۋا دەپ چۈشىنىپ قالسا بولمايدۇ ، ئەگەر روھى ساپاسى ياخشىراق ئانالىز قىلماي شۇنداق خاتا چۈشىنىلدى دېسىمۇ بۇنىڭغا قەتئى ئامال يوق . چۈنكى ئۇ مۇشۇ ئەسەرنى ئىجاد قىلغان ، فىردۇس تۇرغۇن بۇنى شۇ 4 نەپەر ئۇسۇلچى بىلەن سەھنىدە پەيدا قىلغان ، بۇ شۇنچىلىك ئاددى . ئەمما نۆۋىتى كەلگەندە دەپ قۇيايكى ئابلاجان ھەممىنى مۇشۇنداق قىلدى دىمەكچى ئەمەسمەن، ئۇنىڭمۇ ئادەمنى ھەقىقەتەن خۇشاللاندۇرىدىغان ئەمگەكلىرى بار، بۇنى ئىتىراپ قىلىمىز، ئەمما ئاشۇنداق بىرقىسىم ئىجادىيەتلىرى ۋە ئەركەككە خاس بولمىغان ، كورىيە ۋە رودىمىنىتلاشقان سەنئەت خارەكتىرىدىن ئىلھام ئىزدەپ  پەيدا قىلىۋاتقان ئادەت ھەرىكەتلىرى ۋە سەھنە قىلىقلىرى ئىنتايىن ناچار تەسىر پەيدا قىلىدۇ ،بۇلۇپمۇ  سەنئەتكە زىيادە مەپتۇن بۇلۇپ كەتكەن ، سەنئەت ئاشقۇنىلىقتا يۇقىرى چەككە چىقىپ ، روھى ساپاسى  ئىنتايىن ئاجىزلاپ كەتكەن  ۋە بىچارىلەرچە ئىنجىقلاپ سەكراتتا تۇرىۋاتقان  ،ئاشقۇن كەيپىياتقا بەنىت بۇپلە كەتكەن ، ئادەمنىڭ نۇمۇسىنى قاتتىق كەلتۈرۈپ ، بىر پۈتۈن ھەقىقەتتىن بىراقلا  تىنىۋىلىش ۋە ئۇنى ئىنكار قىلىش  گىردابىغا يەتكەن ئۇيغۇر  سەنئەتكە ئاشقۇن ئادەملىرى  ۋە   90يىلدىن كىيىن پەيدا بولغان بىر قىسىم شۇنداق  ئەۋلاتلىرىمىز ھازىر ھېچنىمىنى بىلمەيدىغان ھالىغا ۋە ھېچنىمىنى چۈشەنمىگەن ساپاسىغا كاللىسىنى تىقىۋىلىپلا مەزمۇن نىمە ، گەپ نىمە دىمەي ساراڭلارچە، ئازغۇنلارچە مۇشۇنداق غەيرى سەنئەت ئىلمىنىتلىرىغا تازىم قىلماقتا ۋە دۇم چۈشمەكتە ، دەل مۇشۇ خىل ئاجىزلىق چۇقۇم ئىدىيە ھالاكىتىنى شەكىللەندۈرمەي قالمايدۇ . بۇنىڭغا ھازىر مىنى قوللىدى ۋە مىنىڭ مەستانەم بولدى دەپ كۈلۈپ بىخارامان يۈرگەن بىلەن ئىغىر ئاقىۋەت كىلىپ چىقسا شۇلار جاۋاپ بىرەلەمدۇ ؟ ھەم مۇشۇنداقراق ئويلارمۇ بارمۇ ؟ بىز ئەجىبا بالىلىرىمىز ياقتۇردى ، ئۇلار خوش دەپلا دۈم چۈشۈپ، ئۇنىڭغا ھېچنىمە دىمەسلىكىمىز كىرەكمۇ ؟ ئابلاجانمۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ  بىر پەرزەنتى ، شۇڭا ئۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پەرزەنتى بۇلۇش سۈپىتى بىلەن خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋى ئادەتلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ھۆرمەت قىلىش ، ئۇيغۇر ئەركەكلىرىدەك يۈرۈپ تۇرۇش مەسئۇلىيتى بار، بۇ ھەر قانداق بىر ئەرنىڭ مەسئۇلىيتى ، شۇڭا مۇشۇنداق تەسىرى ناچار ئىشلىرى بار  پەرزەنتىنى تەربىيلەش ۋە خاتا قىلغىنىنى بولمىدى دىيىش ھېچكىمنىڭ مەسئۇلىيتى ئەمەسمۇ ؟ ئەجىبا بىلمەيدىغانلارغۇ شۇنداق دەيلى بىر نەرسىدىن خەۋىرى بارلارمۇ كۈزىمىزنى يۇمۇپ جىم تۇرىۋالساق بۇلامدۇ ؟ دەل شۇ سەۋەبتىن بىلىكيار ئەپەندىمۇ سەنئەتنى ئىنكار قىلىدۇ ، دىمەك بۇ جەھەتتە مۇشۇنداق  ناچار ئىجادىيەتلەرنى ۋە ناخشا مۇزىكىلارنى ئىجفد قىلىۋاتقانلار ئۈزىنى سورىشى ۋە تەنقىدتىن چۈچىمەي توغرا يولغا مىڭىشى تۇلىمۇ زۈرۈر،   

شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە بىر نوقتىنى چۈشىنىشىمىز لازىمكى ،بۇنىڭ ئەكىسىچە ئاتاقلىق خەلق سەنئەتكارلىرىمىزدىن ،ئابدۇرېھىم ھېيىت،  داۋۇتجان ناسىرى ،ئابلىز شاكىرى، ئۆمەرجان نۇرۇز، ئەبەيدۇللام توختى، پاشا ئىشان،رابىيە مۇھەممەت،  كۆزگە كۈرنىۋاتقان ياش سەنئەتكارلىرىمىزدىن ئابدۇللا ئابدۇرېھىم، مەھمۇت سۇلايمان، تاش مۇھەممەت باتۇر، سەنەۋەر تۇرسۇن، قاتارلىقلارنىڭ ئۇرۇنلىغان ناخشىلىرى ھەرگىزمۇ زىيانلىق مەسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقارغىنى يوق.

يەنى بۇنىڭغا مىسالەن «بىلىمدەك گۈزەل يار يوق»«ئىلى خەلق ناخشىلىرى»«سەن يوق»«مۇئەللىم»«كىچەلمەيمەن سىنىڭدىن ۋەتەن»«يول بەرگىن»«شۈكرى دىدىم»«ياز دوستۇم»«ئازاد زامان»«رىۋايەت»«ياخشىلىق قىل قۇلۇڭدىن كەلسە»«ئەخلاق»«ئانا » قاتارلىق ناخشىلار مەنىۋىيتىمىزگە ، مەلۇم جەھەتتىن تۇنۇش شەكىللەندۈرۈشكە ئاساس يارىتىدۇ.

قىسقىسى،  جەزىملەشتۈرۈش مۇمكىنكى ، ئۇيغۇر جەمىيتىدە تەبىئى پەن تەرەققىياتىنىڭ  ئالغا ئىلگىرلىشىگە تۇسالغۇ بولغان تۈپ بىرلەمچى سەۋەب ھەرگىزمۇ«ئاتالمىش. ناخشا-قۇشاق، داپ دۇمباق» ئەمەس . بۇ يەردە « ناچار ناخشا مۇزىكىلارلا قىسمەن ئىككىلەمچى سەۋەب ھىسابلىنىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن بارلىق مۇشۇ ھەقتە چۈشەنچىسى ئىنىق بۇلالمىغان ۋە بۇ چۈشەنچىنىڭ تىگىگە تازا يىتىپ كىتەلمىگەن، كەڭ ئۇقۇرمەن ۋە  زىيالىيلارغا شۇنى تەكىتلىمەكچىمىزكى ئونۋېرسال تەرەققىيات كۈچى ۋە تەبىئى پەن تەرەققىياتىغا ،ئىلىمخۇمارلىققا تۈپتىن سەلبى تەسىر كۆرسىتىدىغىنى ۋە چۈشەپ چەكلەپ تۇرىدىغىنى دىگىنىمىزدەك تۇلۇق ناخشا ئۇسۇل ۋە ئۇنىڭغا بولغان ھىرىسمەنلىك ئەمەس.

4)ئۇيغۇر سەنئىتىدە  ،ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ ئورنى

بىر مىللەتنىڭ چۇقۇم ئۆز  ئىتنىك نامىغا  ماس ھالدىكى، مەدىنيەت- سەنئەت نەتىجىلىرى بۇلىدۇ. ھەم بۇ نەتىجە چۇقۇم شۇ مىللەتنىڭ ياشاش جەريانىدا شەكىللەندۈرگەن ، ئەخلاق-پەزىلىتى، نۇمۇس تۇيغۇسى، شان شەرىپى، ئالەمشۇمۇل نەتىجىلىرى، شۇنىڭدەك بىر پۈتۈن مىللەتنىڭ ئىجتىمائى ئېڭى بىلەن  سىياسى –ئىقتىسادى تۆھپىلىرى قاتارلىق، ناھايتى مۇھىم بولغان ئۇقۇملارغا زىچ مۇناسىۋەتلىك بۇلىدۇ.

ئەگەربىز بىر خىل جەمىيەتتە، ھەر قانداق بىر ئىشىمىزنى تەرەققى قىلدۇرىمىز دەيدىكەنمىز ، چۇقۇم  يۇقۇردا تىلغا ئېلىنغان مۇھىم ئامىللارنىڭ تەسىرىنى ئويلاشماي ئىش كۈرىدىغان بولساق، چۇقۇم ئاخىرغىچە ئۆز نىيەت ئىستىقبالىمىزغا يىتىمەن دىيىش ئۇمۇمەن مۇمكىن بولمايدۇ.

دىمەكچىمىزكى ، ئۆز خەلقى ۋە جامائىتى ئالدىدا تۇنۇلدى ياكى تۇنۇلىمەن دىيىش  ئۇنچىلىك ئاسان ئەمەس، بۇنىڭ ئۈچۈن  شەخس  چۇقۇم،  ئۆز ئەمگىكە غايەت زور ئەجىر سىڭدۈرۈشنى ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن  غايەت زور بەدەل تۈلەشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئارىمىزدا شانلىق نەتىجە ياراتقان ۋە تۇنىلىۋاتقان ھەر ساھەدىكى ، ھەر خىل كەسىپتىكى مۇنەۋۋەر ئوغلانلارمۇ، چۇقۇم ئۆز ھاياتىدا  ئادەم تەسەۋۇر قىلغۇسىز زور ئەجىرلەرنى سىڭدۈرگەن ۋە ھەسسىلەپ بەدەل تۈلىگەن .

شۇ سەۋەبتىن بىز تىلىمىزغا چوڭ ئېلىپ بېشىمىزدا كۈتۈرۋاتقانلارنى،   ماھىيەت جەھەتتىن بىكارغىلا  كۈتۈرمەيمىز، پەقەت بىزنىڭ قەلبىمىزدە ، مەزكۇر شەخىس ئۆزى قىلىۋاتقان ئەمگىكى ئارقىلىق ئۇنتۇلغۇسىز تەسىرقالدۇرغان ۋە ئەھمىيەتلىك ئەمگىكى ئارقىلىق بىزنى قايىل قىلغان.

قىسقىسى شۇ شەخىس ئاۋۋال ئۆزى قىلىۋاتقان ئەمگەكنى ئەڭ يۇقىرى چەكتە سۆيگەن ۋە شۇ ئەمگىكى ئارقىلىق چۇقۇم ياخشى نەتىجىلەرنى يارىتىپ ، ئۆز ئەتىراپىدىكى خەلق ، ۋەتەن ، مىللەت ئۈچۈن پايدىلىق ئىشلارنى قىلىمەن دىگەن نىيەت ئىقبالىنى تىرىشىش ئارقىلىق رىئاللىققا ئايلاندۇرغان.

ئويلاپ كۈرىدىغان بولساق ،بىزنىڭ ئۇيغۇر جەمىيتىدىمۇ نۇرغۇنلىغان  ئوغلانلرىمىز ھەرقايسى دەۋىرلەردە - خەلقىمىز ، ۋەتىنىمىز ۋە  مىللىتىمىز ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان شانلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى . بۇ جەھەتتىكى تۆھپىلەرنى ئەسلەيدىغان بولساق ، بىز كەڭ سەھىپە ئاجىرىتىپ كۈيلىسەكمۇ ، مەدىھيەلىسەكمۇ ئۆز نىشانىمىزغا يىتىشىمىز ئاسان ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ يەردە بىز تاللىۋالغان تىمىمىزغا قايتىپ كىلىپ ، سەنئەت بىغىدا جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرىۋاتقان ، تىرىشچان يىگىت ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ ، ئۇيغۇر سەنئىتىدە تۇتقان ئورنى توغىرىىسدا قىسقىچە تەھلىل يۈرگۈزمەكچىمىز.

ھەممىزگە ئايان ،ھەر قانداق ئادەم  ئۆز تەقدىر ئىستىقبالىنى ئۆزى يارىتىدۇ. ئۆز نەتىجىلرىنى ئۆزىى روياپقا چىقىرىدۇ. ئەمدى شۇ شەخىس قولغا كەلتۈرگەن نەتىجە بەزىدە يەككە ھالەتتە ئۈزى ئۈچۈن خىزمەت قىلسىمۇ، ئەمما ئۇ قىلىۋاتقان ئەمگەكنىڭ نەتىجىسى ئالاھىدە ياخشى بولغاندا ، چۇقۇم ئۆزىنىڭ ئەتىراپىدىكىلىرى ئۈچۈنمۇ خىزمەت قىلالايدۇ.

مۇشۇنداق پەۋقۇلئاددە ياخشى نەتىجە ياراتقان شەخىسلەر ھەممىنىڭ ئېغىزىغا ئېلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئورنى تىكلىنىدۇ  ۋە ئەتىراپىدىكىلەر ئۇنىڭ قانداق يۇسۇندىكى ئۇرۇنغا مەنسۇپ بۇلىشىنى بەلگىلەيدۇ. بەلكىم بەزىلەر «ئۆز ئورنىنى چۇقۇم ئۆزى يارىتىدۇ ، ئەتىراپىدىكىلەر بەك مۇھىم ئەمەس»دەپ قارىشى ئىنىق. بۇنداق قارالسا توغرا ئەمەس .چۈنكى  ، ئۈزى قىلىۋاتقان ئەمگەكنىڭ ئىنكاسى، بەزىدە شۇ ئىش قىلىۋاتقان شەخىسنىڭ نىشان تۇنۇشلىرى بىلەن ماس كەلمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇنىڭغا پەقەت شۇ شەخىسنىلا كۆزدە تۇتماستىن ، شۇ شەخىس تەۋە بولغان ئەتىراپىدىكىلەر يەنى  خەلق تۈركۈمىنى بىرلەشتۈرۈش كىرەك.شۇ ئارقىلىق ئۇنىڭ ئورنىنى بىكىتىش كىرەك.

ئۇنداقتا بىز قارىشىمىزنىڭ  نىگىزى بولغان « ئەل چولپىنىمىز ئابدۇللا ئابدۇرېھىم مۇشۇ جەھەتتە زادى قانداق ئۇرۇنغا مۇناسىپ ؟ بىز ئۇنىڭ نەتىجىلىرىگە قانداق مۇئامىلە قىلىمىز؟ »دىگەن پىكىر يۈنلىشى بۇيىنچە، تەھلىل قىلىغان ۋاقتىمىزدا يەتمەكچى بولغان نىشانىمىز- مەزكۇر چولپاننىڭ ئۇيغۇر سەنئىتىدىكى ئورنىنى بايقىشىمىزغا  شەرىت –شارائىت  تۇغۇلىدۇ.

  ئەسلەيدىغان بولساق، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يىقىنقى زامان ئاممىباب مودا ناخشچىلىقىدىكى ياراملىق ناخشىچى ، تېياتېر  سەنئىتىمىزدىكى بەلگىلىك تەسىرىگە ئىگە تالانىتلىق ئاكتىيور ، ياشلارنىڭ ئەخلاق –پەزىلەت ئۈلگىسىنى تىكلەشتە ئەڭ ئاۋۋال ئۈزىگە قاتتىق تەلەپ قويغان ، ئادىمىيلىك پەزىلەت يارىتىشقا ھەمدە ئادمدەك ياشاشتىن ئىبارەت چىن مەنىدىكى ئىنسانى قېلىق ۋە ئىنسانى خارەكتىر يىتىشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بەرگەن ، ئەلگە چولپانلىق ۋە نۇپۇزلۇق ئالاھىدىلىكىنى پەش قىلىش بىلەن ئەمەس، ئەلنىڭ بىر پەرزەنتى  سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلغان ، ئەلنى چوڭ بىلگەن  تۈھپىكار سەنئەتكار ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ، قىسقىغىنە 15 يىللىق  سەنئەت ھاياتىدا، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەنىۋىيتىگە ،ئۈزىنىڭ بۇلاق سۈيىدەك يىقىملىق ئاۋازى، ئۆزگىچە ئۇسلۇبتىكى سەنئەت تالانتى ، ئەخلاق پەزىلەتتىكى نەمۇنىسى ئارقىلىق سىڭىپ كىردى. سەنئەت ساھەسىدە نەتىجە قازىنىپ خەلىقىمىزنىڭ قەلبىدە ئۈزىنىڭ بەلگىلىك تەسىرىنى تىكلىدى. بۇنداق دىيىلسە كۆپ سانلىق خەلقىمىز  بۇنداق سۈپەتلەشنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ، مۇبالىغە قىلىنمىغانلىقىنى تەستىقلايدۇ، لىكىن  قىسمەن ئادەملىرىمىز بۇنىڭدىن چۈچۈشى ياكى ئەتەي نارازى بۇلىشى  تۇرغانلا گەپ. مەيلى نىمە بۇلىشىدىن قەتئىينەزەر، بىز ئۈزىمىزنىڭ شەخسى ھىسياتىغا ئەمەس ، كۆپ سانلىق خەلقىمىزنىڭ كۈڭۈل ئارزۇسىغا قاراپ ، باشقىلارغا باھا بىرىمىز. شۇڭا بۇ يەردە بۇنداق ئادەملەرنىڭ قارىشىغا چۈشەنچە بىرىش ئۇنچە مۇھىم ئەمەس.

پەقەت ئۇلارغا ، بۇنداق دىيىشنىڭ ئاساسى بۇ ئوغلانىمىزنىڭ ،مەزكۇر شەرەپكە نائىل بۇلىشنىڭ كونكىرىت سەۋەبى - ئۇ روياپقا چىقارغان،چىن مەنىدىكى ئەمگەك نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى ، بۇنى مەن ياكى قىسمەن شەخسلەر ئۆز خىيالى بۇيىنچە  ياساپ چىقمىغانلىقىنى يەتكۈزۈپ قۇيىمىز.

ئۇيغۇر جەمىيتىنىڭ يىقىنىقى نەچچە ئون يىللىق ناخشا-مۇزىكا ئاڭلاش تارىخدا ، نۇرغۇنلىغان ناخشىلار مەيدانغا كىلىپ خەلقىمىزنىڭ ياقتۇرۇپ ئاڭلىشىغا سازەۋەر بولدى. 90-يىلنىڭ ئالدىدا ھازىرقىدەك تەرەققىياتتىن سۆز ئىچىش مۇمكىن بولمىغان ، پەقەت رادىئو ياكى بەزى سەھنىلەردە بىۋاستە ئامما بىلەن كۈرۈشىدىغان ،شەرىت- شارائىتتا ، زادى قانداق يۇسۇندا ناخشلارنىڭ ئېيتىلىپ ، كەڭ خەلق ئارىسىدا ئۇمۇلاشقانلىقىنى مەن تۇلۇق بىلىپ كەتمەيمەن، لىكىن بىلىدىغىنىم ،ئۇ دەۋىرلەردە خەلق بىلەن يۈز كۈرىشىدىغان ناخشا –مۇزىكىلار قاتتىق نازارەتتىن ۋە نەشىرياتنىڭ بىۋاستە باشقۇرۇشىدىن ئۈتۈپ چىقاتتى ، ئاز ھەم بىر قەدەر سۈپەتلىك ئەسەرلەر بارلىققا كەلگەنئىدى.يەنى  80 يىللار ياكى 70 يىللار مەزگىلىدە بىرقىسىم مۇنەۋۋەر ناخشىلارنىڭ مەيدانغا كىلىپ ، ئۆز قىممىتىنى تا ھازىرغىچە يۇقاتماي كەلگىنىنى ھەممىگە ئايان .

ئۇ دەۋىرلەردىكى نادىر ناخشلاردىن مىسال ئالدىغان بولساق ، «شۇ چاغلار»

« سىنى دەيمۇ»«قول ياغلىق»«قاراقاشلىرىڭ»«ئۇيغۇر قىزى » قاتارلىق ناخشىلار بۇلۇپ ، بۇ ناخشىلارنى  ئېزىز مامۇت ۋە رەشىدە داۋۇت قاتارلىق ناخشىچىلار ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئۇرۇنلاش بىلەن ھازىرقى ئوتتۇرا ياشلىق ۋە قىرانلىق مەزگىلىدە تۇرىۋاتقان خەلقىمىزنىڭ ياشلىق دەۋىرىنى ،ئۆزگىچە مەنىگە بىزىگەنئىدى.

ئەمما 90-يىلنىڭ كىيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ تا ھازىرغىچە بولغان دەۋىرىدە، يىڭىچە ناخشىلارنىڭ  مەيدانغا كىلىشى بىلەن بىرگە جەمىئەتنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىشى تەڭ يۈز بەردى.

نەتىجىدە ئىلگىرىكىدەك ناچار شەرىت شارائىت تۈپتىن ئۆزگەردى . يەنى يىڭى دەۋىرىدە  تېلىۋىزىيە ، ئاۋاز، كۆپ ۋاستىلىق تەسۋىرى سەنئەت تېخنىكىسى، ئىلىكتېرنلوق مىڭىدە  ئاۋاز ۋە سۈرەتنى بىتەرەپ قىلىش تېىنكىسى، رەقەملىك تېلىۋىزور، رەقەملىك ئاۋاز خاتىرلەش قاتارلىق تېخنىكىلارنىڭ تەرققى قىلىشى بىلەن بىرگە ئۇچۇرلىشىىش دەۋىردىكى تور دۇنياسىنىڭ ئۇمۇملىشى ناخشا سەنئىتىنىمۇ ، ئىلغار مۇھىت تەمىن ئەتتى.

     ھەم شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىلغار بولغان شەرىت-شارائىت كېينىدىكى بەزى يىڭىچە مەسىلىلەرنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقارماقتا.

شۇنداق شارائىتتا قىسقىغىنە 10نەچچە يىللىق دەۋىردىكى ئۇيغۇر جەمىيتىنىڭ ناخشا-مۇزىكا ئىشلىرىدا  ناخشىنىڭ ئىجاد قىلنىشى  بىلەن ئاڭلاش جەھەتتىكى مۇۋازىنەتنىڭ ئۆلچىمى ۋە شەكلىمۇ ئۆزگەردى.ئۇنىڭ ئۈستىگە بازارنىڭ ئېچىۋىتىلىشى ، ئۈن –سىن بازىرىنىڭ قايتىدىن تەشكىللىنىپ كەڭ تىجارەت شەكلى بىلەن جەمىئەتكە يۈزلىنىشى ، بۇ كەسىپنىڭ تەرەققىياتىنى بىر جەھەتتىن جۇشقۇن ھاياتى كۈچكە ئىگە قىلىپ ،  تەرەققىيات پۇرسىتى بىلەن تەمىن ئەتكەن بولسا يەنى بىرجەھەتتىىن ، ناچار ، سۈپەتسىز بولغان سەنئەت مۇھىتىنى بۇزدىغان ، ئەخلەت نەتىجىلەرنىڭ كۆپلەپ پەيدا بۇلۇشىغىمۇ يول ئېچىپ بەردى، نەتىجىدە ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ئىددىيىسدە ئوخشاش بولمىغان تۇنۇش ۋە قاراش شەكىللىنىپ ئۆز خالىغاننى ئاڭلايدىغان ۋە خالىغىنىنى چوڭ بىلىدىغان ، بىر خىل ئەركىن تاللاش شارائىتى  شەكىللەندى.

ئەمما مۇشۇنداق ھالەتتىمۇ كۆپلىگەن كىشىلەر، يەنىلا ئۆزىنىڭ  ئىتىقادىنى ، ياخشى-ياماننى پەرىق ئىتىش ئىقتىدارىنى، ھەق –ناھەقنى ئايرىش مەيدانىنى  ، ئۆز خەلقىنىڭ ئىسىل دۇردانىسى قەدىرلەش ھىسياتى  بىلەن شاللاقلىققا بولغان نەپىرىتنى  ، ئەخلاق-پەزىلەت ۋە نۇمۇس تۇيغۇسنى ، ۋىجدانى بۇرىچىنى ، ۋەتەن سۆيگۈسىنى، مىللەت ئالدىدىكى مەسئۇلىيتىنى  تۇلۇق تەرىك ئىتىدىغان خاھىشتىن ساقلاندى. يەنى مۇشۇنداق مۇھىم تەخىرسىز تىمىلارغا مۇناسىۋەتلىك سەلبى تەسىر پەيدا قىلغان ھەر قانداق بىر نەتىجىگە ، مەيلى ئۇ ھەر قانداق ژانىردىكى ئەسەر ياكى ئەمەل ئوقەت بولسۇن ، تېخنىكا بولسۇن قەتئى قارشى تۇردى.

شۇ سەۋەبتىن ناخشا –مۇزىكا بازىردىمۇ،  بارلىققا كەلگەن ناچار ئەخلەتلەرنى، ۋاقتىدا يۇقاتتى، ئۇنىڭدىن نەپىرەتلەندى ، ۋە كۈچلۈك جەمىئەت غولغۇلىسى بىلەن بۇنداق بىمەنىلىككە ئوت ئاچتى.

مەسىلەن بۇنىڭغا ،چەتئەل چولپانلىرىغا زىيادە چۇقۇنۇش كەبى ئىنتىلىشتىن كېلىپ چىققان  ئۇيغۇر جەمىيتىدىكى بىر مەھەل تەسىر  پەيدا قىلغان ھادىسە « شارۇلخان» چۈشەنچىسىنىڭ ، جەمىئەتتە كۈچلۈك تەنقىدلىنىشى ۋە ئۇنىڭغا بولغان ئەكىس سادالارنىڭ كۆپ بۇلىشى ، ئۆزبىك چولپانلارنىڭ ئۇيغۇر جەمىيتىگە زىيادە سىڭىپ كىرىپ ، پەيدا قىلغان سەلبى تەرەپلىرىنىڭ، كۈچلۈك جەمىئەت پىكىرى پەيدا قىلىشى ، يەنى ئۆزبىك چولپىنى «  شەھىرزاد، باجالار،ھاجى ئەكبەر  » قاتارلىق ئۇبىكىتلارنىڭ ئەينى پەيتىدە، قىسمەن  سەنئەتكە زىيادە مەپتۇنكار بىر قىسىم ياشلىرىمىزنىڭ ئالقىشىغا ئىرىشىپ, بازىرى چىقىپ ۋاقىتلىق كۆكلىگىنى بىلەن ،تىزلا پۈتۈن جەمىئەتنىڭ ئۇمۇمى ئاۋازىدا ئىنكار قىلنىشى ، ئۇيغۇر ناخشىچىلىرىدىن بىشىدا دەپ ئۆتكەن، ئەنۋەر تۈرەك، ئەخمەت ئىلى ، ۋە نۇرغۇن ئۈن-تىنسىز بىر ئىككى ناخشىنى مەجبۇرى توۋلاپلا يۇقاپ كەتكەن ، ناچار ناخشىچىلارنىڭ بىردەك ئىنكارقىلىنىشى ، دىمەكچى بولغىنىمىزنى ئازىراق بولسىمۇ ئىسپاتلاپ بىرەلەيدۇ.

ئەمما بىزنىڭ خەلقىمىز كۆككە كۈتۈرۈپ چوڭ بىلىۋاتقان ياش ناخشچىلاردىن  ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ، سەنەۋەر تۇرسۇن، تاش مۇھەممەت باتۇر، مەھمۇت سۇلايمان ، قاتارلىق ناخشچىلىرىمىزنىڭ ئۇرۇنلىغان ئۆلمەس ناخشلىرى تا ھازىرغىچە چوڭدىن –كىچىككىچە ھەممىسى بىردەك ياقتۇرۇپ ئاڭلايدىغان ، ھەر خىل مۇھىتتا ئۆز قىممىتىنى يۇقاتمىغان ھالەتتە ئەتىۋارلاندى، قىسقىسى بۇلارنى خەلق تۇلۇق مۇئەييەنلەشتۈردى،

بۇلۇپمۇ مەزكۇرئوغلان،  ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ نەتىجىسى، تېخىمۇ گەۋدىلىك ۋە كۈرىنەرلىك بولدى. شۇنداق كونكىرىت سەۋەبتىن پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتى ئارىسىدا، ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ ناخشلىرىنى ياقتۇرۇپ ئاڭلايدىغان ۋە ئۇنى قەدىرلەيدىغان رىئالنى ئەمىليەت شەكىللەندى.

دىمەك مۇشۇنداق ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن ئوغلانىمىز ئەلۋەتتە خەلقى نەزىرىدە يەنى سەنئەت ساھەسىدە قانداق ئۇرۇنغا مۇۋاپىق؟

پاكىتنى كۆزدە تۇتۇپ بۇ مەسىلىگە جاۋاب بەرگىنىمىزدە ، بۇ ئوغلانىمىزنىڭ سەنئەت ساھەسىدىكى ئورنى ھەقىقەتەن كۈرىنەرلىك ۋە يۇقىرى ئۇرۇندا دەپ ئېيتىساق خاتالاشمايمىز.

خوش يۇقۇردا بۇ ئوغلانىمىزنىڭ ئورنىنىڭ يۇقىرى بۇلۇشىنى پەقەت ، ئىجتىمائى تەسىر دائىرىسىدىن كۈزىتىپ ئىزاھلاپ مۇئەييەنلەشتۈرۈپ  ئۆتتۇق. ئەمدى «زادى نىمە ئۈچۈن شۇنداق يۇقىرى شەرەپكە نائىل بۇلالىدى؟» دىگەن پىكىر يۈنلىشى بۇيىنچە ، بۇ ئوغلانىمىزنىڭ سەنئەت ھاياتىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى ۋە ئۇنىڭ سەۋەبىنى  تۈۋەندىكى بۈلەكتە نوقتىلىق ئىزاھلاپ ئۆتمەكچىمىز.

2.ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ سەنئەت ھاياتىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ھەققىدە

بىر ئادەمنىڭ ئادەتتىكى ئادەم بۇلىشى ياكى نۇپۇزلۇق ئادەم بۇلىشى، ماھىيەتتە ئادەملەر ئارىسىدىكى نۇرغۇنلىغان تەخىرسىزكۆپلىگەن  ئامىللارغا مۇناسىۋەتلىك بولغان ،ئالاھىدە  مۇرەككەپ مەسىلە بولماستىن بەلكى بىردىنبىر ئۆلمەس يىگانە پاكىت «ئەمىلى ئەمگەك ۋە ئۇنىڭ نەتىجىسى، پەزىلىتى ، ئادىمىيلىكى  » بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.   

شۇ سەۋەبتىن بىز ئەل سۈيگەن ۋە ئەلمۇ سۆيگەن ياراملىق سەنئەتكار ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ نۇپۇزىنى تىكلىگەن سەۋەپ- ئۇنىڭ ئەمگەك ئەجىرى ھەققىدە تۈۋەندىكى بىر قانچە تارماق تىمىلاردا تەھلىل يۈرگۈزمەكچىمىز.

1) ئابدۇللا ئابدۇرېھىم قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەر.

مەزكۇر ئوغلانىمىز سەنئەت ھاياتىغا قەدەم تاشلىغان 15 يىللىق مەزگىلىدە ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاممىباب ، مودا ناخشىچىلىقى ۋە تېياتېر سەنئىتى ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان ئۆلمەس نەتىجىلەرنى ياراتتى.بۇلۇپمۇ ئۇنىڭ نەتىجىلىرىنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك بولغىنى ئۇيغۇر تىلدا ناخشا ئېيتىش ۋە ئۇرۇنلاش جەھەتتە بولدى، يەنى باشقىلار شۇنى بىلىشى كىرەككى ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئېيىتقان كۆپ قىسىم ناخشىلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ئىجادىيتى ياكى ئۇ ئىشلىگەن بولماستىن بەلكى ئۇرۇنلىغۇچىسى ۋە ئەڭ ئاخىرقى قىتىم روياپقا چىقارغۇچى كەسپى ناخشا ئېيتىشتىكى نەمۇنىلىكىدە ئىپادىلىنىدۇ ، شۇڭا تۈۋەندىمۇ ئۇ ئۇرۇنلىغان ناخشىلار ياكى ئېيىتقان ناخشىلار دەپ ئەسكەرتىلىدى، شۇڭا بۇنى ئۇقۇرمەنلەرنىڭ ئايرىۋىلىشى ئىنتايىن زۈرۈر،

ئۇ ئۈزىدە يىتىشتۈرگەن تەبىئى سەنئەت تالانىتى ، بۇلاق سۈيىدەك يىقىملىق ئاۋازى ، سەنئەتكە بولغان ئوتتەك يۈرىكى بىلەن ھۇزۇرىمىزغا سۇنغان ، ئىسىل ناخشىلىرى ۋە تېياتېر سەنئىتىدىكى يارقىن ئوبىرازلىرى ھەقىقەتەن ئادەمنى قايىل قىلارلىق دەرىجىدە سۈپەتلىك ،  مەزمۇنىنىڭ پەلسەپىۋى قىممىتى يۇقىرى  ، بەدىئى قۇرۇلمىسى ئىنتايىن ئۆزگىچە، ئادەمنىڭ ئىستىتىك زوقىنى ھەقىقەتەن قوزغايدىغان نەمۇنىلىك ئەمگەك ھىسابلىنىدۇ. ھەمدە ئۇ ياراتقان نامەيەندە خاراكتىرلىك ئەمگەكلەرنىڭ مەزمۇنى، كەڭ دائىرىگە چېتىلغان بۇلۇپ، جۈملىدىن خەلقىمىزنىڭ ئەڭ تۈپكى مەنپەتىگە ۋەكىللىك قىلالىغان نادىر سەنئەت ئەسەرلىرى ھىسابلىنىدۇ. ئۇنىڭدا ، ۋەتەن سۆيگۈسى ، ئەخلاق پەزىلەت تۇنۇشى، ئاتا-ئانىنىڭ مىھىر مۇھەببىتى ، ئەل ئارزۇسى ،ئائىلە ۋە جەمىئەت، مىللىتىمىزنىڭ ئىسىل مەدىنيىتى، چىن  ئاشىقلىق ، ئىستىتىك گۈزەللىك ھەممىسى ئەكىس ئەتكەن . ھەم ئۇنىڭ كۈيلىگەن ئەسەرلىرىنىڭ مەزمۇنى قاتمال ھالەتتىكى بىر قانچە تىمىلارغا نوقتىلىق بەنىت بۇلۇپ قالمىغان، ھەممە ساھەگە تۇلۇق سىڭىپ كىرگەن. بىز بۇنى ئۇ ئۇرۇنلىغان تۈۋەندىكى ناخشا ئەسەرلىرىدىن ئۇچىرىتالايمىز. يەنى ئۇ سەنئەتكە كىرىپ كەلگەندىن بۇيان  ئەل ھۇزۇرىغا سۇنغان ھازىرغىچە خەلق قەلبىدىن چوڭقۇر ئۇرۇن ئالغان«ئۇزاق يول»«سىرلق –تۇمان»«كىچەلمەيمەن سېنىڭدىن ۋەتەن»«مۇئەللىم» «يەتتە قىز»«يول بەرگىن»«ھەيرانمەن»«تەكلىماكان»«شۈكرى دېدىم»«دادام»«بەرىبىر سەن مىھىربان ئايالىم»«توغراق»«ئوغلۇم»«ئانام ئامان بولسۇن»«نەچچە –رەت» «ئانامغا مەكتۈپ» «مىھىربان ئانام»«مەشىرەپ»«كۆلكىگە يۇشۇرۇنغان يىغا»«بىزلەر»«بالىلىقىم»«ئەردىمە»«دولان يىگىتى»«راسىت» قاتارلىق ناخشىلىرىنى مىسالغا ئالغىنىمىزدا دىمەكچى بولغىنىمىزنىڭ پاكىت ئىكەنلىكىنى ئىتىراپ قىلماي تۇرالمايمىز.

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۇ ئۇرۇنلىغان، ئىشقى -مۇھەببەت تىمىسىدىكى ناخشىلاردىن «مەجنۇنتال»«ئۆزەڭدۇرسەن»«نىگارغاسۆز»«ئەركەم»«ۋاپادارىم»«سىز»«مۇھەببەت»«سىزنى ئەسلىدىم» «ئۇۋالىم » «شۇ چاغلار»«جانان ئۇيقۇدا »«قىيىن ئىكەن» قاتارلىق ناخشىلىرى ياشلارنىڭ بىردەك ياقتۇرۇپ ئاڭلىشىغا مۇيەسسەر بولماقتا.

بۇلۇپمۇ ئەڭ مۇھىم مەسىلە ، ئەڭ بېشىدا ئەسكەرىتكىنىمىزدەك  بۇ ئوغلانىمىزنىڭ ئۇيغۇر خەلىق ناخشىلىرىنىمۇ ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئېيتىدىغان ، ئۇرۇنلاش جەھەتتىكى ئالاھىدە تالانىتى،يەنى مەيلى ئاممىباب ناخشىلىرى بولسۇن ياكى زامنىۋى ئۇسلۇبىتىكى ۋە ياكى مىللى ئۇسلۇپتىكى ناخشىلار بولسۇن ، ئۇنى ئەڭ ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئېيتىدىغان تالانتى   كەڭ خەلقىمزىنىڭ زور ئالقىشىغا ئېرىشتى . يەنى ئۇ ئۇرۇنلىغان «شاخ-شاخ چىنار»«سىنى دېدىم»«تۈگىمەس ناخشا»«كەپتىرىم»«نەزەر سالسام»«ئىشچان يىگىت»«بىزنىڭ ناخشىمىز»«يار ھەققىدە قۇشاق» «كۈزۈڭدىن پەردىنى ئالغىن جانانىم » قاتارلىق ناخشلارنىڭ ئېيتىلىشى جەھەتتىكى بىر قەدەر پاكىزە ، زامانىۋى ئۇسلۇبقا يىقىنلاشتۇرۇلغان، خەلق ناخشىلىرىنىڭ سىھرى كۈچىنى ھەقىقى نامايەن قىلغان ھالىتى مىسال بۇلالايدۇ.

ھەممىزگە ئايان ئابدۇللا ئابدۇرېھىم پەقەت ناخشا ساھەسىدىلا پائالىيەت قىلىش بىلەن چەكلەنمەستىن ، ئۆز كەسپى ئۇيغۇر تېياتېرى ۋە ئىتوت ساھەسدىمۇ بەلگىلىك ئۇرۇنغا ئىگە .

يەنى ئۇ رول ئالغان ئۇيغۇر دېراممىلىرىدىن «غېرىب-سەنەم» «مۇزتاغقا كەلگەن مىھمان » قاتارلىق چوڭ كۆلەمدىكى نادىر تېياتېرلىرلار ۋە «جۈرە ئىزدەش»«مىھمان»«تۇنجى قار»«چوڭ ئەيسانىڭ ئۈيىدە مەشرەپ» قاتارلىق ئۆزى ئاز ئەمما مەزمۇنى چوڭقۇر، سەھنە ئەسەرلەردىكى، ئامىر ، داۋۇت پالتا ، قادىر كىتابلارنىڭ رولىنى چىن مەنىدىن لاياقىتىدە، ئادەمنى قايىل قىلغۇدەك دەرىجىدە  ئوبىرازلاشتۇرۇپ سەھنىگە ئېلىپ چىقىشى ئادەمنى تېخىمۇ سۈيۈندۈرىدۇ. بۇ ئوغلانىمىز يۇقۇرقىدەك نەتىجىلىرى بىلەن خەلق ئاممىسىنىڭ ھۆرمىتىگە ۋە ئەلنىڭ چوڭقۇر سۆيگۈسىگە ئىرىشىپلا قالماي ، كۆپ قېتىم  خەلقئارالىق ، دۆلەتلىك ، رايۇنلۇق چوڭ سەھنىلەردە ، فىستىۋاللاردا ، كىچىلىكلەردە  ئۆزىنىڭ تالانىتىنى تۇلۇق نامايەن قىلىپ ، نۇرغۇن شان- شەرەپلەرنى قولغا كەلتۈردى. بىر رايۇنىمىز ئېچىدىلا تەسىر پەيدا قىلماستىن،قېرىنداش مىللەتلەر ئارىسىدا ۋە مەملىكىتىمىزنىڭ ھەر مىللەت خەلقى ئارىسىدا  غەربى شىمالدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر ناخشا ئۇرۇنلىغۇچى، تالانىتلىق سەنئەتكار  قاتارىدا تىلغا ئېلىندى.

بۇ ئوغلانىمز سەنئەتكە كىرىپ كەلگەن ھازىرغىچە ھاياتىدا ،ھەر خىل چوڭ-كىچىك سەھنىلەردە  ئۇرۇنلىغان ناخشىلرى ئىنتايىن كۆپ ۋە سۈپەتلىك ئىشلەنگەن  بۇلۇپ، ئاساسلىق سەنئەت ئالبوملىرىدىن «خىيالىدىكى سۆيگۈ»«سىرلىق –تۇمان»«ۋاپادارىم»«شىرىن چۈش» «تەكلىماكان » قاتارلىق شىنجاڭ ئۈن-سىن نەشىرياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان(1990يىلدىن 2000يىلغىچە) قاپلىق ئۆنئالغۇ لىنتىسى ، «تۇنجى سۆيگۈ»ئىككى قىسىم .«يىگىت ئىشىقى» «2001-يىىلىق ئابدۇللا ئابدۇرېھىم سەنئەت كىچىلىكى » ئىككى قىسىم ، «تەنھا سۆيگۈ» ئۈچ قىسىم ، «2008-يىللىق چوڭ تىپتىكى ناخشا كىچىلىكى» ئىككى قىسىم ، vcdپىلاستىنكىسى ناۋا ئۈن-سىن مەركىزى تەرپىدىن نەشىر قىلىندى.  

بۇ ئەمگەكلىرىنىڭ ھەممىسى نەشىر قىلىنغاندىن كىيىن  چوڭقۇر تەسىر قوزغاپ، خەلقىمىزنىڭ ياقتۇرۇپ ئاڭلىشىغا مۇيەسسەر بولدى ھەم  ئەل ئارىسىدا ئەتىۋارلىنىپ ساقلانماقتا.

2) كەسىپكە تۇتقان پۇزىتسىيەسى جەھەتتە:

كەسىپ ھەر قانداق بىر ئادەمنىڭ ئىنسانى خىسلىتىنى بەلگىلەيدىغان، ئەڭ مۇھىم ئامىل، دۇنيادىكى نۇرغۇنلىغان ساھەگە چېتىلغان تۈرلۈك كەسىپلەرگە ، شۇ كەسىپنىڭ ئەھلى بۇلىمىش ئەمىلى ئىشلىگۈچى ئەجىر سىڭدۈرىدۇ، بۇ جەرياندا ھەممە ئادەمنىڭ سىڭدۈرگەن ئەجىرى ۋە ھالال تەرىى ئوخشاش بولمايدۇ، بەزىلەر ئاز ئەجىر سىڭدۈرىدۇ، بەزىلەر كۆپ ئەجىر سىڭدۈرىدۇ . نەتىجىدە شۇ سىڭدۈرگەن ئەجىرىگە چۇشلۇق دارامەتكە ئىرىشىدۇ . گەرچە كەسىپ ئوخشاش بولمىسىمۇ لىكىن ئۇنىڭدىكى ئەجىر مىھنەتنىڭ ئۆلچىمى كۆپ پەرىق ئەتمەيدۇ. شۇنداقكەن، ھەر قانداق ئىش ئۈچۈن نەتىجە قازىنىشتا ئادەتتىكى ئەجىردىن ھەسسىلەپ ئەجىر سىڭدۈرۈشكە توغرا كىلىدۇ.

ئەمدى بىز  بۇ پاكىتقا ئاساسەن ، مەزكۇر ئوغلاننىڭ كەسىپكە تۇتقان پۇزىتسىيەسىگە نەزىرىمىزنى ئاغدۇرۇپ كۆرگىنىمىزدە ، بۇ كىشىنىڭ كەسىپكە قانداق پۇزىتسىيە تۇتىدىغىنىنى چۈشىنىمىز.

كۈزىتىپ باقىدىغان بولساق ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئاۋۋال كەسىپىگە ئىنتايىن چوڭقۇر مىھىر بەرگەن سەنئەتكار . ئۇ ئۆزى قىلىۋاتقان ئىشنى چۇقۇم چوڭ بىر ئوتلۇق رىشتە بىلەن پۈتتۈرۈشكە كىرىشىپ ، نەتىجىلىك تاماملايدۇ. ئۇ ناخشا ئېيىتقاندا قانداقتۇر ۋەزىپىگە ياكى بىرەر سەۋەبكە ئاساسەن ئېيىتمايدۇ . ئۇ پەقەت ناخشىنى ئۇرۇنلاش دىگەن تۇيغۇنى ئاۋۋال مۇشۇ خىل كەسىپنىڭ ھەقىقى نىشانى ئورنىغا دەسسىىتىپ ، يۈرىكىدىن، قەلبىدىن ھەقىقى مەنىدىن ئۇرۇنلاپ ، ئاڭلىغۇچىنىڭ يۈرەك تارىنى چىكىدۇ.

ئادەتتە بىز ئەقىل كۆزىمىز بىلەن ئويلاپ كۈرىدىغان بولساق ، بىزنىڭ شۇنداق ياقتۇرۇپ ئاڭلايدىغان ئىسىل سۈپەتلىك كۈيلەرنىڭ ئىجادچىىسى ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ، ئەڭ ئاۋۋال ھەل قىلغىنى دەل ئۇنىڭ كەسپىنى سۈيۈش پەزىلىتى بۇلۇپ، ئۇ ئەڭ ئاۋۋال ئۆز كەسپىنى قىزغىن سۈيۈپ، شۇ كەسىپنىڭ ئەڭ نازۇك قېتىغىچە چوڭقۇر چۈكەلىگەن، شۇ سەۋەبتىن بىز بۇ ئوغلاننىڭ نەتىجىلرىنى تىز قۇبۇل قىلالايمىز. قىسقىسى بۇ ئوغلانىمىز يەنە بىرجەھەتتىن ياشلارغا ،ئەتىراپىدىكىلەرگە كەسىپكە تۇتقان چىن پۇزىتسىيەسى بىلەن ئۈلگىلىك رول ئوينىيالايدۇ.

3)كەسىپداشلار بىلەن بولغان ھەمكارلىقى جەھەتتە .

بۇ يەردە بىز،ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ كەسىپداشلىرى ۋە سەنئەت مۇتەخەسسىلىرى ، سەنئەت ئىجادىيەتچىلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىشمىز كىرەك .

بۇنداق دىيىشمىزدە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەڭ نەمۇنىلىك بىر تەۋەرۈك ماقال –تەمسىلى  بار ، ئۇ بولسىمۇ «يالغۇز ئاتنىڭ دېڭى چىقماس، دېڭى چىقسىمۇ چېڭى چىقماس»  دىگەندىن ئىبارەت ،  بۇ ماقال –تەمسىل بىزگە ئۆز-ئارا ھەمكارلىقنىڭ ئىنتايىن مۇھىم بولغان قەدەم ئىكەنلىكى  ، مۇۋەپىقىيەت قازىنىمەن دىگەن كىشىنىڭ چۇقۇم بېسىپ ئۆتمىسە بولمايدىغان مۇساپىسى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ. «ھەمكارلىق»تىن ئىبارەت مۇھىم چۈشەنچىنىڭ ھەقىقەتەن تەخىرسىزلىكى ھەم ئەمىليەتتىن ئۆتكەن پاكىت .

شۇنداقكەن بىز بۇ جەھەتتە مەزكۇر ئوغلاننىڭ ئەمىليىتىنى ئىزاھلاپ ئۆتمىسەك بولمايدۇ. بىزگە سەنئەت جەھەتتە ، ھۇسۇللۇق مىۋىىنى تەقدىم ئىتىپ كىلىۋاتقان مەزكۇر ئوغلانىمىز، ئۇيغۇر جەمىيتىدىكى ئەدىبى-سەنئەت مۇتەخەسىسلىرى ، ئىجادىيەت ئۇستازلىرى، كومپوزىتورلار، ئاتاقلىق رېژىسور ۋە سەنئەت خادىملىرى بىلەن ھەقىقى يۇسۇندا ھەمكارلاشقان ،ئۇستاز تۇتقان ،  بۇنىڭ بىلەنلا قالماي چوڭقۇر دوسلۇق مىھىرى مۇھەببەت ئورناتقان، مەسىلەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاتاقلىق كومپېزىتور، ئۇستاز ناخشىچىلىرىدىن ، ئابدۇرېھىم ھىيىت ھاجى ئاتا، ياسىن مۇخپۇل، ئىمىنجان يۈسۈپ،  مەرھۇم كومپوزىتورى ھېكىم ھەسەن ، ئابلىز شاكىرى ، مەرھۇم  ئەبەيدۇللام توختى ،  قاتارلىق داڭلىق ئۇستازلارنى ئۇستاز تۇتقان ۋە ھەمكارلاشقان، ئەمدى ئەدىبلىرىمىزدىن مۇھەممەدئەلى زۇنۇن، مەرھۇم روزى سايىت، ھاجى مۇختەر بۇغرا، قاتارلىقلارنىڭ ئەسىرىنى كۈيلىگەن ، يەنە بىرجەھەتتىن ئۇ ئۆزى بىلەن قۇرداشلىرى يەنى يىقىن دوسىتلىرى ھىسابلانغان ھەمكەسىپلىرىدىن (ئۇلارمۇ نۆۋىتىدە كۆزگە كۈرۈنگەن ،ئاتاقلىق سەنئەتكارلار) خالمۇرات ئۆمەر، ئادىل مىجىت، مەھمۇت سۇلايمان، ئابلاجان ئاۋۇت ، يۈكسەك شىجائەتخان، ئابدۇكېرىم ئابلىز ، ئۆمەرجان ئالىم ،غالىب رەھىم، غېنى سەلەي ،  سەنەۋەر تۇرسۇن، ئەركىن ئابدۇللا ، تاش مۇھەممەت باتۇر قاتارلىق تالانىتلىق سەنئەتكارلار بىلەن ھەمكارلىشىش ۋە ئىتىپاقلىشىپ ئۇيغۇر سەنئىتى ئۈچۈن نەتىجە يارىتىش جەھەتتە باش بۇلۇپ ئۆلگىلىك نەمۇنەيارىتىپ،  سەنئەت مۇھىتىنى ئىتىپاقلىققا تولغان ، ئىللىق ئائىلىگە ئايلاندۇرۇشقا ھەسسە قوشتى.

نەزىرىمىزنى تېخىمۇ  ئىچكىرلەپ ئاغدۇرغىنىمىزدا ،ئۇ ئۆز قېرىنداشلىرىدىن تالانىتلىق ياش كومپوزىتور ئابلەت ئابلىكىم ۋە تالانىتلىق ناخشىچى مۆمىنجان ئابلىكىملەرنى ياخشىى يىتەكلەپ ۋە ئۇلارغا تاينىپ ئەڭ يۇقىرى چەكتە ھەمكارلىشىپ  دولان دىيارىدىن ، پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقىمىز پەخىرلەنگۈدەك بىر ئەۋلات سەنئەتكارلارنى يىتشتۈرۈپ چىقتى،

بىز يەنە شۇنىڭغىمۇ دىققەت قىلىشىمىز كىرەككى، بۇ ئوغلان يەنە  بىر ئەۋلات يىڭى  تالانىتلىق مۇزىكا ئىجادىيەتچىلىرىدىن ۋە ناخشىچىلىرىدىن ، شىرئەلى ئەلتىكىن ،ئابدۇغىنى ئابلىكىم ،پۇلات تۇرسۇن،  ئالىم ئابدىسۇبۈر،دىلشات ئەنۋەر ئاۋامسىلىم ، كېرىمجان ئابدۇۋەلى، ئەركىن ئابلاق قاتارلىق ياشلار بىلەن ھەمكارلىشىپ ، ئۇلارنىڭمۇ ئۆزىگە خاس بولغان ئۇسلۇبىنى يىتىشتۈرىشىگە مەدەت بەردى ۋە ھەر ۋاقىت قوللاپ كەلدى. ئۇنىڭ ئۆستىگە ئۇ تۇنىلىۋاتقان ياكى نامى چىقمىغان سەنئەت ئىجادى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان  بالىلارنىڭ، نامى بىلەن ھىسابلاشماستىن ياخشى ئىجاد قىلغان ئەسەرلىرىنى ئۈزى بىۋاستە ئۇرۇنلاپ ، ئۆز پەزىلىتىنى نامايەن قىلدى. قىسقىسى ئۇيغۇر جەمىيتىدە ناخشا ئېيتىدىغان ھەر قانداق بىر ناخشىچى چۇقۇم بۇ پەرزەنتىمىزنى ھۆرمەت بىلەن ئەسىلىمەي قالمايدۇ.     

بۇ يەردە بىز ماتىرىيالىمىزنىڭ تۇلۇق يىتەرلىك بولماسلىقى سەۋەبىدىن، بۇ نوقتىنى تۇلۇق ئىزاھلاشقا ، قادىر ئەمەسىمىز. بىراق شۇنى ئىنىق بىلىمىزكى ئابدۇللا ئۆز نۆۋىتىدە ئەڭ ياخشى ھەمكارلاشقۇچى ۋە ئەڭ ياخشى  چىن  دوسىت بۇلۇپ ئۈتۈشكە ئەرزىيدىغان ،ئادىمى خىسلىتى پاكىزە  سەمىمى ئىنساندۇر.

4) ئەخلاق –پەزىلەت جەھەتتە.

« ئەخلاق ئادەمنىڭ زىننىتى» ناھايتى توغرا ئېيتىلغان سۆز ، بىر ئادەمنىڭ ئەخلاق پەزىلىتى چۇقۇم شۇ ئادەمنىڭ سۈپىتى ۋە ئەڭ قىممەتلىك بايلىقى . بىر ئادەمدە ئەڭ يۇقىرى« قابىليەت ۋە ئىقتىدار »بۇلۇپ ، ئەڭ ئەقەللى ئەخلاق پەزىلەت شەكىللەنمىگەن بولسا، ئۇنىڭ قابىليىتى ۋە نەتىجسى چۇقۇم زىيانلىق ، ئەھمىيەتسىزدۇر.

چۈنكى ئادەمنىڭ ئىقتىدارى بىر قۇرال ، ئەگەر بۇ قۇرال ئادىمىيلىكتىن سۆز ئېچىش قىيىن بولغان ، بەتبەشرە ئىنسان قۇلىدا بولسا، چۇقۇم توغرا يەرلەرگە ئىشلىتىلمەيدۇ. شۇ سەۋەبتىن بىزگە ھەم قابىليەتلىك ھەم ئەخلاقلىق ، ھەم ئىقتىدارى يۇقىرى يىتىشكەن  ھەم پەزىلىتى ئېسىل نەمۇنىلەر كۆپرەك لازىم بۇلىدۇ .

ئۇنداقتا« ئابدۇللا ئابدۇرېھىم بۇجەھەتتە راستىنلا شۇنداقمۇ ياكى ئەمەسمۇ؟ »

دىگەن پىكىر يۈنلىشىنى بويلىغىنىمىزدا بىز قانائەتلىنەرلىك جاۋاپ تاپالايمىز.

ماڭا نىسبەتەن بۇ نوقتىنى يۇرىتىش ئاسان ئەمەس ،چۈنكى  مەن پەقەت بۇ چولپىنىمىز بىلەن پەقەت ئىككى نۆۋەت ناھىيمىزگە ئۇيۇن قويغىلى كەلگەندە يۈز-تۇرانە كۈرۈشكەن. كۈرۈشكەن دىيىشىمدە ئاتايەن تۇنۇشلىقىمىزدىن ۋاقىت ئاجىرىتىپ كۈرۈشكەن بولماستىن بەلكى مەن  پەقەت بىر ھەۋەسكارى بۇلۇش سۈپىتىم بىلەن ، خاتىرە بۇلۇپ قالار دەپ كۈرۈشكىنىمنى كۆرسىتىدۇ.

مەن مۇشۇ قىسقىغىنە كۈرۈشۈشۈمدە بۇ ئوغلانىمىزنىڭ ، باشقىلار بىلەن قانداق يۇسۇندا ئالاقە قىلىدىغىنىنى بىۋاستە كۈزەتتىم. ھەم ئۈزۈم قىزىقىدىغان مەزكۇر چولپاننىڭ  پەزىلىتىنى ئۆز كۈزۈم بىلەن كۈرۈش ئىمكانىيتىگە ئېرىشتىم . ھەممىزگە ئايانكى  ئادەملەرنىڭ خارەكتىرىنى، تۇنجى نۆۋەت كۈرۈشكەن ۋاقىتتىكى ئەمىلى ئەھۋالى ئىسپاتلاپ بىرەلەيدۇ.

شۇ سەۋەبتىن مەن شۇ ۋاقىتتا شۇنى ھىس قىلدىمكى ، ئابدۇللانىڭ باشقىلارغا بىرىدىغان تۇنجى تەسىرى ناھايتى ئىللىق ، ئۆز بۇلۇپ، ئۇنىڭ يىتىشتۈرگەن ئەخلاق پەزىلىتىدىن ئادەم راستىنلا رازى بۇلىدۇ، ئۇ باشقىلارغا يۈزلەنگەندە  قانداقتۇر ئۈزىنى بىر مىللەتنىڭ چولپىنى سۈپىتىدە قۇيۇپ ، يۇقىرى ئۇرۇندىن تۈۋەنگە قارايدىغان ، مەنسىتمەسىلىك پۇزىتسىيسى بىلەن ئۈزىنى كۆز-كۆز قىلىدىغان، نادان قىلمىشتىن ساقلانغان، باشقىلارغا چۇقۇم ھۆرمەت نەزىرى بىلەن يۈزلىنىپ ھۆرمەت تاپقان ، باشقىلارنى ھۆرمەتلەشنى ئۆزىنى ھۆرمەت قىلىش دەپ چۈشەنگەن  سەنئەتكاردۇر.

ھەم بىز بۇ كىشىنىڭ ئادىمىيلىك ئەخلاقى پەزىلىتىنى كۆپرەك تەكىتلىشىدىن ، (يەنى بۇنى ئىلگىركى شەبنەم مۇنبىرىدە قۇبۇل قىلغان زىيارىتىدىكى ، سىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولغان ياشاش پىرىنسىپى قايسى ؟ دەپ سۇرالغان سۇئالىغا بەرگەن «ئادىمىيلىك » دىگەن جاۋابىدىن بىلەلەيمىز) بىز مەزكۇر شەخىسنىڭ ، سۆزسىزلا ئەخلاق پەزىلەت بابىدىكى ناھايتى ياخشى يىتىشكەن  شەخىس ئىكەنلىكىنى چۈشىنىۋالالايمىز.

5)ئەل بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى :

ئەل دىمەك ۋەتەن دىمەك،  خەلق دىمەك، ئاۋام دىمەك، ئۈزى تۇغۇلغان ۋە ياشىغان تۇپىراقتىكى دوسىت ياران ، ئەڭ يىقىن سۈيۈملۈك كىشىلىرى دىمەك. ئەل دىمەك ياشاشتىكى مۇقەددەس ئىجتىمائى كۈچ دىمەك. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ جەھەتتە  بۇ نازۇك تىمىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىشىمىز كىرەك.

ئەل ئىچىدە يۈكسەك ھۆرمەت تاپقان مەزكۇر ئوغلانىمىز ئابدۇللا ، ئەڭ ئاۋۋال ئەل خەلقنى سۈيگەن بولغاچقا بۇ نەتىجىلەرگە ئىرىشتى. يەنى بىز بۇنى ئۇ ئېيىتقان ، مۆمىنجان سەنئەت كىچىلىكىدىكى « مىنىڭمۇ پەخىرلىنىدىغان يەرلىرىم بار ، ئۇ بولسىمۇ ، مىنى ئۆستۈرگەن، مىنى يىتىشتۈرگەن ئەزىز خەلقىم » [8] دىگەن سۈزىدىن ئىنىق  ھىس قىلالايمىز. شۇنداقكەن بىز چولپىنىمزنىڭ ئەل ئۈچۈن قىلىۋاتقان كىچىككىنە مۇۋەپىقىيەتلىرىدىن ، ئەلگە پۇخۇرلۇق قىلمايدىغان ، ئەلدىن ھەر ۋاقىت پەخىرلىنىدىغان ۋىجدانىنى چۈشىنىشىمىز تەس ئەمەس.

ئوغلانىمىزنىڭ مۇشۇنداق يۈكسەك  سەممىيتى ئۇنىڭ نامىنىڭ بېشىغا ، «ئەل سۆيگەن ۋە ئەلمۇ سۆيگەن » دىگەن ئەڭ چىرايلىق نامنى بەخشەندە قىلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر قانداق بىر كىشى ئەڭ ئاۋۋال ئەل غىمىنى ئۆز غىمى دەپ بىلىشى ۋە ئەلگە چۇڭقۇر چۈكۈپ ، كىرەك بولغاندا جىنىدىنمۇ كىچەلەيدىغان مەردانە خىسلەتنى يىتىلدۈرىشى لازىم. بىزمۇ بۇنىڭدىن چۇقۇم ئۈگىنىشىمىز ، ۋە ئۈلگە ئېلىشىمىز لازىم.

6) باشقا جەھەتتە :

بىز بۇ يەردە بۇ ئوغلانىمىزنىڭ يۇقۇردا تىلغا ئېلىنمىغان ،ئۇقۇرمەنلىرىمىز بىلەن ئورتاقلىشىش مۇھىم بولغان، نەتىجىلرى  توغىرىسدا  پىكىر قىلىپ چىقىمىز. ئابدۇللا ئۆز نۆۋىتىدە سادىق ئۇقۇرمەن ، ناتىق ۋە رىياسەتچى ھەم ئىجتىمائى پائالىيەتچى . بۇنداق دىيىشىمىزنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى شۇكى ، ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنى بىز پەقەت سەھنىدىكى ناخشا ئۇقۇغان ، ناخشىچى ھالىتىدىلا  كۈزىتىپ، ئۇنىڭ بىز ئۈگىنىش كىرەك بولغان سەھنە ئارقىسىدىكى نەتىجىلرىنى كۆزدىن ساقىت قىلساق  تازا مۇكەممەل بولماي قالىدۇ.

دەپ ئۆتكىنىمزدەك ، ئابدۇللا  يىتىشتۈرگەن يەنى بىر ياخشى خىسلەت  كىتابقا بولغان ھىرىسمەنلىك بۇلۇپ، بىز ئۇنىڭ توختىماي تىرىشىپ ئۈگىنىدىغان ، مەدىنيەت بىلىملىرىگە ھەۋەس قىلىدىغان تەرىپىنى  ھىس قىلالايمىز.

بىز بۇ سۈزىمىزنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە ئابدۇللانىڭ 2008-يىللىق سەنئەت كىچىلىكىدە كۆرگەن ، ئەڭ يىقىن ئۇرۇق تۇغقانلىرىنىڭ ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ قىزىقىدىغان سوۋغىسى «كىتاب» نى سوۋغا قىلغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ قىسقىچە

« كىتابنى ئېغىر ئەمەس دەۋاتېىتتى»دىگەن كچىككىنە جۈملىسىنى مىسال قىلىمىز. ھەمدە بۇ ئوغلانىمىز ئۆزى يېزىپ، ئۆزى سەھنىلەشتۈرۈپ، داڭلىق ئاكتىيور ھەم جان-جىگەر دوستى خالمۇرات ئۆمەر بىلەن ئۇرۇنلاپ چىققان «تۇنجى قار » ئىتوتىدىكى قادى كىتاب ئوبىرازىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئۇرۇنلاش بىلەن ، جەمىيتىمىزدە كىتابقا تۇتۇلغان پۇزىتسىيەنى كۈچلۈك سىلكىشىدىن ،تېخىمۇ ئىنىق ھىس قىلالايمىز.

دىمەك لازىمكى، بىزنىڭ ياشلىرىمىزدا ئەڭ سۇسلۇق ھىسابلانغان پەنگە قىزىقماسلىقنى دەل كىتابقا بولغان بىھۆرمەتسىزلىك دىسەك خاتا ئەمەس.

ئەمما بىز بۇ ئوغلاننىڭ  يۇقاردا تىلغا ئالغان  پەزىلىتىنى سۈيۈنۈش ئىچىدە بۇ ئەھۋال بىلەن سېلىشتۇرما قىلماقچىمىز.

ئەمدى نەزىرىمىزنى ئۇنىڭ ناتىقلىقى ۋە رىياسەتچىلىكتە يىتىشتۈرگەن ئۆزىگە خاس قابىليىتىگە قاراتساق ، بىزنىڭ بۇ تالانىتلىق ئاكتىيورىمىز بۇ جەھەتتىمۇ ناھايتى ئۆزگىچە، ئادەتتە ئىكىرانلاردا بەك كۆپ رىياسەتچىلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالمىغىنى بىلەن تۈۋەنگە چۈشۈپ ، ئۇيۇن قۇيۇپ خەلقكە بىۋاستە يۈزلىنىدىغان ۋاقىتتا ،ئۇ قاتناشقان كىچىلىكنىڭ ھەممىسىگە ئۈزى رىياسەتچىلىك قىلىپ چىقىدۇ. رىياسەتچىلىك قىلغاندا ناھايتى يىنىك، يىقىشىلىق ، ئۆز سۆزلىرى بىلەن تاماشىبىنلارنىڭ ئالقىشىغا سازاۋەر بۇلىدۇ. بىز بۇ جەھەتتە كۆپ توختالمىساقمۇ خەلق بۇ ئوغلانىمىزنىڭ ناھايتى تۇنۇش رىياسەتچى ئىكەنلىگە گۇۋاھلىق بىرىدۇ. ئەمدى بىز يەنە ئۇ قاتنىشىۋاتقان ھەر ساھە پائالىيەتلەر ۋە ھەر قانداق مىھىرى شەپقەت يەتكۈزۈشتىمۇ ، قاراپ تۇرمايدىغان ، مىللىتىمىزنىڭ ھەر ساھەدىكى تالانىتلىق، كۆزگە كۈرۈنگەن كىشىلىرى بىلەن ھەرۋاقىت نۇرمال مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ ، ئەل خەلق مەنپەتىگە پايدىلىق ئىشلارغا ئاكتىپ ئىشتىراك ئىتىدىغان خارەكتىرىنى ئۇقۇرمەنلىرىمىزگە يەتكۈزمەكچىمىز.

قىسقىسى ئۇيغۇر جەمىيتىمىزنىڭ ، سەنئەت ئىشلىرىدا ئۆزىگە خاس بولغان مۇشۇنداق تالانىتى ۋە نەتىجىلىرى بىلەن پائالىيەت ئېلىپ بىرىۋاتقان ، بۇ ياش چولپىنىمىزنىڭ ئەمىليىتىگە قاراپ ، ئىختىيارسىز ھالدا سەنئەت ئاسمىنىدا چاقنىغان ھەقىقى بىر يۇرۇق يۇلتۇزنىڭ سىماسىنى سۈيىنىش ئىچىدە  كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرۈشىمىز ھەقىقەتەن تەبىئى.

بىر ئىنساننىڭ نەتىجىلىرى بىلەن ئۇنىڭ تۆھپىسى ھامان شۇ ئىنسان ياشىغان خەلقكىمۇ تەۋە. شۇڭا بىز بۇ جەھەتتە بۇ چولپىنىمىزنىڭ بۇ نەتىجىلىرى بىلەن مەغرۇرلانماستىن ، بۇنىڭدىن كىيىنمۇ تېخىمۇ تىرىشىپ ،ئۆزىنى ئۆستۈرگەن،ئۈزىنى تەربىيلىگەن خەلقىگە ، ۋەتىنىگە، مىللىتىگە تېخىمۇ زور شان –شەرەپلەرنى كەلتۈرۈشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈرىمىز  ھەمدە تىنىنىڭ سالامەت ، ئائىلىسىنىڭ بەخىتلىك بۇلۇشىنى تىلەپ مەزكۇر  تىمىمىزنى ئاخىرلاشتۇرماقچىمىز.

سىتاتا مەنبەلىرى:

1-فارابى ۋە ئۇنىڭ پەلسەپە سېستىمىسى

ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن

شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى. 2004-يىلى 3-ئاي 1-نەشىرى . -بېسىلىشى

475-بەتكە قارالسۇن.

2- ئېينىشتىيىن

چېن گۇەنگىن

شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى.1998 –يىلى ، 1-نەشىرى 2-بېسىلىشى .

10-11-بەتكە قارالسۇن.

3-ئۇلۇغ ئەربابلار .

دالى كارنىگ (ئامىرىكا )

شىنجاڭ ياش ئۆسمۈرلەر نەشىرىياتى .2000-يىلى 8-ئاي 1-نەشىرى ،

2-بېسىلىشى ، 89 –بەتكە قارالسۇن.

4-5-6- شىنجاڭ ئىجتىمائى پەنلەر مۇنبىرى ژورنىلى .

مەدىنيەت چۈشەنچىمىزنى جىددى يىڭىلاش ، سەنئەتخۇمارلىقتىن ئىلىمخۇمارلىققا كۈچۈش ۋە تەبىئى پەنگە يۈرۈش قىلىشنىڭ تەخىرسىزلىكى توغىرىسىدا

غەيرەت ئوسمان( بىلىكيار)

2010-يىللىق 4-سان ،97-98-99-بەتلەر.

7- «2010دىل كۈيى سەنئەت كىچىلىكى » vcd پىلاستىنكىسى.

فىردۇس تۇرغۇن ئۇرۇنلىغان ، كۆيدۈرلەمسەن ناملىق ناخشا.

8) مۆمىنجان ئابلىكىم 2009-يىللىق سەنئەت كىچىلىكى . vcdپىلاستىنكىسى

ئابدۇللاسۆزلىگەن قىستۇرما سۆز..

2010يىلى8-ئاينىڭ 10-كۈنى يېزىشقا باشلىنىپ  11-ئاينىڭ 6-كۈنى تاماملاندى. قاراقاش كاۋاك يېزا.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kilaqak تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-10-1 08:50 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
uzumtal + 200 دەلىللەر يېتەرلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 200   باھا خاتىرىسى

دۇنيادىن نام-نىشانسىز كېتىشنى خالىمايمەن !

مىسرانىمنىڭ تەر

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1683
يازما سانى: 31
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 10413
تۆھپە نۇمۇرى: 384
توردا: 1602 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2012-10-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-1 08:14:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خەت نۇسخىسىنىمۇ بىر تەڭشەپ قويغان بولسىڭىز

دۇنيادىن نام-نىشانسىز كېتىشنى خالىمايمەن !

يەزر=ئۇيۇش=ئۇيغۇر!

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36940
يازما سانى: 553
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3830
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 718 سائەت
تىزىم: 2011-4-8
ئاخىرقى: 2012-11-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-1 08:35:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باشقۇرغۇچىلار   خەت  نۇسقىسىنى بى تەڭشىۋىتىڭلا  .....

مەنمۇ يۇقۇردىكى  ئىنكاسىمنى بىر  تەھرىرلىۋىتەي ......

قارىسام يامان  باشقىچە  تۇرۇپتىكەن ، ئوڭشاپ يوللاپ قويغان ....

كۆكلەي دىسەڭ ئۇيغۇرۇم ،سۇ بۇلايمۇ يىلتىزىڭ ؟!

مەن ئاجىزلارنى ياقتۇرمايمەن!

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20827
يازما سانى: 238
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6856
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 1283 سائەت
تىزىم: 2010-12-5
ئاخىرقى: 2012-11-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-1 11:45:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاڭلىسام ئابدۇللا ئاكىمىزنى ھاجىم بوپ كەلدى دەۋاتقان ئىشەنچىلىكمىدۇ ؟

مەن ئاجىزلارنى ياقتۇرمايمەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80886
يازما سانى: 69
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3294
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 166 سائەت
تىزىم: 2012-5-31
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-2 12:00:06 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
、ئابدۇللا ئابدىرىھىم كۆپ قىرلىق سەنئەتچى قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىگە كۆز يۇمغىلى بولمايدۇ .
مەخسۇس ناخشا ساھەسىگە كەلسەك تاشمۇھەممەت باتۇرغا يىتىدىغان يەنە بىر  ناخشىچى يۇقمىكىن بولۇپمۇ ئۆزگىچە ناخشا ئورۇنداش ئۇسلۇبى  ، ناخشا تىكسىت تاللاش ، ناخشىنى بارلىق ۋۇجۇدى بىلەن ئىيتشى ، قاتارلىق جەھەتلەردە خىلى ناخشىچلار ئۆگىنشكە تىگشىلىك .

نىمشقىمۇ سىنى شۇنچىلىك ياخشى كۆرۈپ قالغاندىمەن ، بۇ ھاياتىمىدا چىن يۈرىكىمدىن سۆيگەن تۇنجى قىز ئىدىڭغۇ ؟؟؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28592
يازما سانى: 153
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 10495
تۆھپە نۇمۇرى: 890
توردا: 105 سائەت
تىزىم: 2011-1-31
ئاخىرقى: 2012-11-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-2 01:13:38 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناخشا ساھەسىدە ئابدۇللا ئاكامنىڭكىدەك ئاۋازدىن يەنە بىرى تىپىلمايدۇ . بىراق ئۆزى يىىزىپ ئۆزىلا ئىيتىۋەتكەن بولسا ھە مەن مانا مۇشۇنداقلارغا ھەۋەس قىلىمەن ھەممىنى ئۆزى قىلىدۇ . مەن كۆپرەك زاھىر بورھان،ئەسقەر مۇختەر نىڭ ناخشىلىرىغا ئامراق چۈنكى ئۇلار ئۆزى يىزپ مۇزىكىسىنى ئۆزى ئىشلەپ ئۆزى ئوقۇيدۇ . مان ابۇ كۆپ قىرلىقتۇر

ئالىمجان توختىمەت (جانبەر)

ئۆتكەن ھەر بىردە

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 154
يازما سانى: 2306
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 4730
تۆھپە نۇمۇرى: 2936
توردا: 10551 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-11-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-2 01:37:37 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئابدۇللا ئابدىرھىم خەلىق سۆيگەن ناخشىچى،ئاۋازىنىڭ مۇڭلۇق ،ياڭراقلىقى بىلەن،ھەر بىر ناخشىسنى ئاڭلىغانسىرى ئاڭلىغۇسى كىلىدۇ.

ھاياتتىكى ئەگرى تۇقايلىقلاردىن قورقۇپ قالماي قەيسەرلىك بىلەن ياشايمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85580
يازما سانى: 116
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 419
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 38 سائەت
تىزىم: 2012-9-30
ئاخىرقى: 2012-10-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-2 01:40:45 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ؟؟؟
           گەپ كەتمەيدۇ !!!!!!!!!!!!

سۆيۈپ ياشىغۇچە سۆيۈلۈپ ياشا !

كۆزۈڭنى ئاچ ،ئۆز

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19684
يازما سانى: 477
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8323
تۆھپە نۇمۇرى: 613
توردا: 6874 سائەت
تىزىم: 2010-11-30
ئاخىرقى: 2012-11-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-2 03:07:14 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئاكىمىزنڭ شۇنداقلا سەنئەت ساھەسىدە بىز ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئىسىل ئىجادىيەتلەر ۋە ناخشىلارنى سوۋغا قىلىۋاتقان سەنئەتكەرلىرىمىزغا ئاللاھ ئۇزۇن ئۆمۈر بەرسۇن!
بۇ تەھلىلىڭىز ناھايىتى ئورۇنلۇق. بەزى ئاقماس ناخشىلارنى 90-يىللاردىن كىيىن تۇغۇلغان ياشلىرىمىز تىزلا قۇبۇل قىلۋاتىدۇ.مەسلەن: تۇركچە،ئۇزبىكچە،ھىلىقىدەك ئۇسۇل دىسە ئۇسۇل ئەمەس ناخشا دىسە ناخشا ئەمەس جاپى ،ھىندىستانچە ،ھەرخىل دىسكو تېكتونىس دىگەندەكلەرنى تىزلا قۇبۇل قىلدۇ. ھازىرقى چوڭ بولغان ياشلارنىڭ رېستۇران دىبالاردا ئوينىغان ئۇسۇلىنى ئۇسۇل دىگىلى بولمايدۇ. ئىشقىلىپ بۇندىن كىيىن چوڭ بولىۋاتقان ۋە يىتىلىۋاتقان ياشلارنى خەلىق ناخشلىرىمىزغا مايىل قىلىش بۇ چولپانلىرىمىزنىڭ قولدا.
مەن بىر ناخشىچى مۇزىكانت بۇلۇش سۇپىتىم بىلەن ھازىرقى ياشلارغا دەيدىغىنىم مىللي روھىمىزنى مىلىىي ئۇسلۇبىمىزنى ئۇنتۇپ قالماڭلار بىز دىگەن ئۇيغۇر ئەۋلادلىرى

دۇست كۇلدۇرۇپ ئېيتار.دۈشمەن يىغلىتىپ ئېيتار .

كۆزۈڭنى ئاچ ،ئۆز

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19684
يازما سانى: 477
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8323
تۆھپە نۇمۇرى: 613
توردا: 6874 سائەت
تىزىم: 2010-11-30
ئاخىرقى: 2012-11-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-2 03:18:47 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھە راست ئاۋۇ فېدردوس دىگەن قايسى چەتئەللىك ئۇ ؟  ئۇيغۇرمۇ يا ؟ ئۇنىڭ ناخشىسىنى ئاڭلىغۇدەك قۇلاق بىكار ئەمەس.
ئىسىم قۇيۇشتا ئۇيغۇر بۇلسا ئۇيغۇرچە ئىسىم قۇيۇش كېرەك .ھازىرقى ئىسىم قۇيۇش بەك مودىلىشىپ كەتكەندەك قىلدۇ.بۇرۇنقىدەك قىزلارغا ئايشەمگۇل ،مىزانگۇل،رەيھانگۇل ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نۇرغۇن چىرايلىق ئىسىملار نەگە كەتتى؟ ئۇغۇللارغىمۇ ئەمەت ،سەمەت داۋۇت ،ساۋۇت ،مۇھەممەد ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئىسىل ئىسىملار قويماس بۇلۇپ كەتتى.
جەميەت مودا قوغلاشماقتا ،شۇنىڭغا ماس كىشلەرمۇ ھەممە ئىشتا مودا ،يېڭى ئېقىم،يات مەدەنىيەت قۇبۇل قىلماقتا. ھەي بۇ ئىشلار مەڭگۇ تۈزەلمەيدىغاندەكلا.....ھەي .....ھەي........ياراتقۇچى ئاللاھ ئۆزەڭ ھەممىگە قادىرسەن..بەندەڭنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ بەرگىن !

دۇست كۇلدۇرۇپ ئېيتار.دۈشمەن يىغلىتىپ ئېيتار .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش