يۈرەكتىن يۈرەككە مۇھەببەت ئاقار
ھەممەيلەن بۇلبۇلنى دىدىلەر ئاشىق،
ۋەلىكىن كۆرمىدى ھىچكىم بۇلبۇلنى.
ئەگەردە بۇلبۇلدىن قالسا ئايرىلىپ،
غىرىپلىق باسمامدۇ مەشۇقى گۈلنى.
ئاشىقلار مەشۇقنىڭ ۋەسلىگە يەتسۇن،
كۈيلىسۇن بارچە ئەل نازۇك كۆڭۈلنى.
كۆللەرنىڭ بويىدا ئاھ بىر جۈپ سايە،
تۇتاش قول-يۈرەكلەر ئوخشاش بىر غايە.
باغچىلار لىققىدە تولغان گۈللەرگە...
چىمەننىڭ چەيلىنىپ كەتكىنى نىمە؟
ۋاپانى ۋىجداننى بىلگەنگە ئۇلۇغ،
ۋاپاسىز ناكەسكە ئۇلار ھىچنىمە.
ساداقەت بەھرىدىن تۆكۈلەر داستان،
كىلەچەك بەخىتكە سالغۇسى كىمە.
ئۇنىڭدا ئولتۇرار ئاشىق مەشۇقلار،
يىنىدا زوقلىنىپ قارايدۇ دۇتار.
يامغۇرلۇق كوچىدا جىمجىت كىچىدە ،
كۈنلۈكسىز يىراقتىن كىلىۋاتقان كىم؟
رومانتىك شۇ قەدەر چاقماقتەك يوللار،
كۈتىدۇ يىراقتىم غەمكىن ئاشىقىم.
ئۇخلىماي يوللاردا قالدۇرۇپ ئىزلار،
قالىدۇ يۈرەكتە ئىللىق بىر سىزىم.
ئويلىماس ھىچكىممۇ ئاتسا دەپ تاڭنى،
توختاتماي قىلىدۇ شىرىن پاراڭنى.
ئۆتىدۇ ھەر كۈنلەر ساقلاشتا يارنى،
ۋە بەلكىم بەختىنى تاپقانلار تولا.
مۇھەببەت سۆيگۈنى بىلسەڭ مۇقەددەس،
پاكلىقىڭ بەخىتكە چاچىدۇ زىيا.
ئاللاھتىن بەختىنى تىلىسۇن ھەركىم؟
چاچقۇسى ئارزۇسى بىر كۈنلەر جۇلا.
بەخىتلىك كۈنلەرنىڭ ھەرپەسلى باھار،
كۆڭۈلدىن كۆڭۈلگە مۇھەببەت ئاقار.
ئالىمجان توختىمەت جانبەر