مۇسۇلمان ئەرنىڭ ئايالىغا ئۆتەشكە تىگىشلىك مەجبۇرىيىتى
مەنبەسى: دىن ۋە ھايات
سۇئال : ئەر كىشىنىڭ ئايالىغا ئۆتەشكە تىگىشلىك بۇرچى قايسىلار؟
جاۋاپ : ئەر كىشىنىڭ ئايالىغا ئۆتەشكە تىگىشلىك بۇرچى تۆۋەندىكىچە بولىدۇ :
(1) ئەرنىڭ ئايالىغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشى ، ئۇنىڭغا ئازار بەرمەسلىكى ، ئۇنى ئاسرىشى ، پۈتۈن مۇھەببىتى ۋە سۆيگۈسىنى ئۇنىڭغا بىغىشلىغان ھالدا ، ئۇنىڭغا ھەر ئىشتا مىھرىبانلىق كۆرسىتىشى .
(2) ئايالىنىڭ بەزى خاتالىقلىرىغا بولۇپمۇ ئايالىنىڭ مىجەزى ئۆزگىرىپ قالغان چاغلاردىكى بەزى يىقىمسىز مۇئامىلىسىگە سەۋرچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشى ، خاتالىقلىرىنى ئەپۇ قىلىشى ، دەردىنى ئاڭلاپ ھالىغا يېتىشى .
(3) ئايالىنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشى ، ئايالىغا بولغان سۆيگۈسىنى ھەر ۋاقىت ئىزھار قىلىپ تۇرۇشى .
(4) ئايالىنى باشقىلارنىڭ يامان نىيەتلىك كۆزلىرىدىن ۋە تەمەلىرىدىن مۇھاپىزەت قىلىشتا غورورلۇق بولىشى . ئايالىنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىپ ، ئۇنى قەدىرلىشى ، ئائىلىنىڭ بۇزۇلىشىغا سەۋەب بولىدىغان ئىشلارنىڭ يۈز بىرىشىدىن غەپلەتتە قالماسلىقى . لىكىن ئايالىنى كۈللىدىم دەپ ، ئۇنىڭ ئاقىدىن جاسۇسلۇق قىلماسلىقى ، بەدنىيەتلىك بىلەن ئايالىنى ئاساسسىز قارىلىماسلىقى لازىم . چۈنكى ئاللا تائالا قۇرئان كەرىمدە كىشىلەرنى يامان گۇمان قىلىشتىن مەنئىي قىلغان .
(5) ئايالىنى ئىمكان قەدەر ئاتا - ئانىلاردىن ئايرىم ئۆيدە تۇرغۇزىشى ، ئۆينىڭ پۈتۈن ئىھتىياجلىق نەرسىلىرىنى ھازىرلاپ بېرىشى ، ئايالىغا قېيىن ئاتا - قېيىن ئانىسىنىڭ پۈتۈن يۈكلىرىنى يۈكلىۋالماسلىقى .
(6) ئايالىنىڭ بىرىشكە تىگىشلىك مەھرىنى ۋە باشقا ھەقلىرىنىمۇ تولۇق ئادا قىلىشى.
(7)ئايالىغا دىننىڭ ئەھكاملىرىنى ئۆگىتىشى _ ناماز ، روزا ، زىكىر، دۇئاۋە قۇرئان ئوقۇش قاتارلىق پۈتۈن ئىبادەتلەرنى ئۆگىتىشى ھەم ۋاقتىدا ئورۇنلىشىغا ئۈندىشى ئۈچۈن ياردەم بېرىشى .
(8) ئايالى ئۇنىڭغا يامانلىق قىلغان تەقدىردىمۇ ، ئۇنى ئۇرماستىن نەسىھەت قىلىپ يولغا كىرگۈزىشى ، ئىمكان قەدەر ئايلىنى ئۇرماسلىقى . پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام(س ئە ۋ ) :" سىلەرنىڭ ياخشىلىرىڭلار ئاياللىرىنى ئۇرمايدىغانلاردۇر."(ئىبنى ماجە رىۋايىتى) دەپ كۆرسەتكەن. ئايال ئۈچۈن ئەڭ ئاخىرقى چارە ۋە قاتتىق جازا ۋاقىتلىق ئۇنىڭغا يىقىنچىلىق قىلماسلىقتۇر .
(9) ئايالى ناۋادا تۇغۇشنى ئارزۇ قىلسا ياكى يامان غەرەز بىلەن ئەمەس بەلكى يوللۇق ئۆزرىسى تۈپەيلى تۇغماسلىقنى تاللىسا ، ئۇنى تۇغۇشقا زورلىماستىن ، ئۆز ئارا كىڭىشىش بىلەن ئىش كۆرۈشى.
(10) ئايالىنى ياكى ئۇنىڭ ئاتا - ئانىسىنى ياكى ئۇرۇق تۇققانلىرىنى تۆۋەن كۆرمەسلىكى ، ھاقارەتلىمەسلىكى ، مەسخىرە قىلماسلىقى .
(11) ئايالىغا بالىلارنى بېقىش ، تاماق ئېتىش ، كىر يۇيۇش قاتارلىق ئۆي ئىشلىرىدا ياردەملىشىشى . چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ ئاياللىرىغا ئۆي ئىشلىرىدا ياردەملىشەتتى .
(12) بىردىن ئارتۇق ئايالى بولسا ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا پۈتۈن ئىشلاردا ئادالەتلىك ئىش كۆرۈشى .
(13) ئايالى بىلەن ئاجرىشىشقا توغرا كەلسە، ئۇنىڭغا زىيان يەتكۈزمەستىن، ئازار بەرمەستىن ، ئەيىبىنى ئاچماستىن چىرايلىقچە ئاجرىشىشى ، ئىلگىرى بەرگەنلىرىنى ۋە تويلۇقىنى قايتۇرۇپ ئېلىشنى تەلەپ قىلماسلىقى .
يۇقىرىقىلار ئەر كىشىنىڭ ئۈستىدىكى ئايالىغا ئۆتەشكە تىگىشلىك بولغان ھەقلەرنىڭ ھەممىسى ئەمەس ، بەلكى مۇھىملىرىدىن بىر قىسمىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋىدالىشىش ھەججىدە نۇتۇق سۆزلىگەن خۇتبىسىدا مۇسۇلمان ئەرلەرگە ئاياللارنى ئاسراش توغۇرلۇق ناھايىتى مۇھىم ۋە تەسىرلىك ۋەسىيەتلەنى قىلغان .
مەنبەسى : دىن ۋە ھايات