ئۈلۈپ كەتسەم
ئۈلۈپ كەتسەم....
جىمجتلا قالدۇرماي نىشان،
پاك سۆيگۈمنى ئېلىپ بىلىلا،
خوشمۇ دىمەي كەتسەم ناۋادا.
شۇ چاغلارمۇ كىلدۇ ھامان،
ئىزدەپ كەلسەڭ ئەگەر بىر كۈنى.
پۇشايماندا قالارسەن جېنىم،
چۈنكى كەتكەن بۇلارمەن شۇ چاغ،
مەڭگۈ كەلمەس يىراق بىر جايغا.
ئۈلۈپ كەتسەم.....
قالدۇرمسام ساڭا ھېچ نەرسە،
ئىزدەرسەنمۇ منى قېنى دەپ،
قويارسەنمۇ منى ھەم ئەسلەپ،
بارارسەنمۇ تۇپراق بېشمغا.
"سۆيگەن ئىدىم "دەپ ئاخىرقى بىر رەت
يالغان بولسمۇ، يازارسەنمۇ قەبرەم تېشغا.
ئۈلۈپ كەتسەم.....
نەپرەت ئۇقۇپ يۇرۇق دۇنياغا ،
قانالماي ھەم يار ۋسالڭىغا.
قۇچاقلامسەن سوغوق قەبرەمنى؟
دۇئا قىلىپ ئۇزاقتىن ئۇزاق،
تاپشۇرامسەن منى ئاللاھقا.
ئۈلۈپ كەتسەم......
ئارمانللىرىم قالسا يېنڭدا،
قالسا ھەم داغ كۆڭۈل بېغمدا.
يۇمۇلمسا ئاراماندا كۈزۈم.
شۇ ئەلەملىك ھەسرەتلىك سۆيگۈ،
قېتىپ قالسا قارچۇقلۇرۇمىدا .
ئۈلۈپ كەتسەم.....
يېتەلمسەم يار ۋىسالڭغا ،
قانمسا يا يۈرەك دىدارغا .
قۇيارسەنمۇ قەبرەمنى يوقلاپ.
بارارسەنمۇ تۇپراق بېشمغا؟
خەيىر بولدى بارمايلا قويغىن
قالمسۇن ھىجران سنىڭ دىلڭدا .
لىكن ئارمان قىلاتىم جىنىم،
بېرىپ تۇرساڭ قەبرەم بېشغا ،
روھىم كۆرسە خوشال بۇلاتىتىم.
ماڭا باققان ئاشۇ كۈزۈڭنى
ئەپسۇس،نىسىپ بولمايدۇ ماڭا،
ياشۋېلىش ئارمانلىرڭدا .
كەل ،تاشلاپ كەتمە قەبرەمنى
پات-پات كەلگىن تۇپراق بېشمغا!
مەنبە: ئۆز قەلىمىم
بىرنچى ئۆكتەبىر يېزلىدى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-10-1 09:38 PM